قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1326|ئىنكاس: 9

رادلوف ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

24

دوست

3487

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 235
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 18:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادلوف ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى
جاڭ تىشەن
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت قۇدرەت ھەمراھ
(جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى)

B.B رادلوف (Радлов, Василий Васильевич) روسىيەنىڭ داڭلىق شەرقشۇناسى، تۈركولوگى، مىللەتشۇناسى، ئارخىئولوگى. ئۇ بىر ئۆمۈر شەرقشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە ئۈچۈن كاتتا تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ھىلىھەم تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا مۇھىم ماتىرىيال بولۇپ كەلمەكتە.
رادلوف 1837- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى بىرلىندا تۇغۇلغان.1854- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىرلىن ئۇنۋېرسىتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كېرگەن ھەمدە ئىلاھىيەتكە قىزىقىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ تارىخى تىلشۇناسلىقنى ياقتۇرۇپ قېلىپ فىرانز بوپ ۋە ئاۋگۇست پوتلارنىڭ ھىندى ياۋرۇپاشۇناسلىق ۋە تارىخى فونىتىكاشۇناسلىق دەرىسىنى سىرتتىن ئاڭلايدۇ ھەمدە شەرقشۇناسلىققا قىزىقىپ جۇغراپىيەشۇناس ك. پىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ھىرمان ستېئىنخال ۋە ۋ. سىكوتلار ئۆتكەن شەرق تىللىرى دەرىسىنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. ۋ. سىكوتنىڭ تەسىرىدە رادلوفنىڭ قىزىقىشى بارغانسىرى ئۇرۇل- ئالتاي تىللىرىغا بۇرۇلۇپ رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ، روس تىلى ئۈگىنىشكە باشلايدۇ. 1858- يىلى 5- ئايدا رادلوف گىرمانىيە ژىنا ئۇنۋىرسىتىدا «دىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىگە بولغان تەسىرى» ناملىق دىسىرتاتسىيە ماقالىسىنى ئوڭۇشلۇق ياقىلاپ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشىدۇ.
1856- يىلى 6- ئايدا رادلوا ۋ. سىكوتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سانت پېتېربورگقا كېلىدۇ. ئۇ يەردە، ئۇ رۇسىيە دىپلوماتى كىنەز پ. مېيېندورف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئالتاينىڭ چىگرا رايونى بارنائۇلغا بېرىپ ئۇ يەردە گىرمان ۋە لاتىن تىللىرىدىن دەرىس بېرىدۇ. بۇ رادلوفنىڭ ئالتاي تىللىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىشقا ياخشى شەرت- شارائىت تەمىنلەپ بېرىدۇ.
ئالتاي رايونىدا رادلوف شۇ جايدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل، ئۆرىپ-ئادەت ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ. 1860- يىلى يازدا ئۇ تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ  بىسىكقا بېرىپ شۇ جاينىڭ تىل ماتىرىياللىرىنى توپلاشقا باشلايدۇ ھەمدە بىر يىلدا شۇ جاينىڭ تىلىنى ئىگەللەپ بولىدۇ. رادلوف بارنائۇلدا توي قىلىىدۇ ھەمدە بەش بالىلىق بولىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ رادلوف دائىم دىگۈدەك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولىدۇ ھەمدە ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان تىلنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. ئارلىقتا ئۇ ئالتاي رايونىدا ئالتايلار، تىلۋۇتلار (ئالتايلارنىڭ بىر تارمىقى)، شورلار، تۈركمەنلەر، تۇۋالار، قازاقلار، قىرغىزلار، خاكاسلار، غەرىبى سىبىرىيەدىكى تاتارلار ۋە خەنزۇلارنىڭ تىلى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ. 1864- يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە شۇ يىلى «تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار»نىڭ 1- تومى نەشر قىلىنىدۇ، مەزكۇر كىتابنىڭ 2-، 3- توملىرى 1868-، 1870- يىللىرى ئايرىم-ئايرىم نەشر قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ قالىدۇ ھەمدە رادلوفنى ناھايتى تىزلا ئىلىم دۇنياسىدا كاتتا شۆھرەتكە ئىگە قىلدۇرىدۇ. 1896- يىلى مەزكۇر كىتابنىڭ 4- تومى نەشر قىلىنىدۇ.
رادلوف تىل ۋە ئۆرپ-ئادەنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا يەنە ئالتاي، بارابا يايلىقى، قىرغىز دالاسى، مىنۇسىنسىكى ئويمانلىقى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن رايوندا ئارخىلوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1963~1869 –يىلغىچە ئۇ 150دىن ئاتۇق قەدىمى قەبرىنى كولاشقا قاتناشتى.
تۈركولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن رادلوف ئالتاي ۋە غەرىبى سىبىرىيە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل، دىيالىكىت، لۇغەت، تارىخى فونىتىكا، گرامماتىكا قاتارلىق ساھە ھەمدە ئارخىلوگىيە، ئۆرپ-ئادەت ۋە تارىخ قاتارلىق ھەممدە ساھەگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. 1871- يىلى رادلوف سانت پىتىربورگقا قايتىش يولىدا قازاندا ۋاقتىنچە توختاپ قازان تاتارلىرى، باشقىرتلار ۋە قىرغىز مۇسۇلمانلىرىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. رادلوفنى تەكلىپ قىلغىنى قازان ئۇنۋىرسىتىنىڭ تۈرك تىلى ۋە تاتار تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىلىمىنىسكىي ئىدى.
سانت پىتىربورگىقا كەلگەندىن كېيىن، رادلوف دۆلەت مائارىپ مىنىستىرى تولىستوي ۋە دۆلەت شۇراسىنىڭ رەئىسى شاھزادە كونىستانتىن نىكولايېۋىچنىڭ يارىدىمىدە قازاندا خىزمەت تاپىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ناھايتى ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
1872- يىلى رادلوف ۋولگا دەرياسى بويىدىكى تۈركلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىپ قازان ئۇنۋىرسىتىنىڭ تەبىئىي پەن ھەۋەسكارلىرى جەمىئىيى، ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى  ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىدۇ ھەمدە بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. قازان ئۇنۋېرسىتىتىدا رادلوف داڭلىق تىلشۇناس بودۇئەنوم. دى كۇرتىنە بىلەن تونۇشۇپ، ئۇ تەشكىللىگەن تىلشۇناسلىق گۇرۇپىسىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىنلار رادلوفنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق نەزىرىيە ئاساسلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
1884- يىلى رادلوف سانت پىتىربورگقا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنى تەتقىقى قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن شۇ يىلى 11- ئايدا ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمكلىقىغا سايلىنىدۇ ھەمدە ئاسىيا مۇزىيسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ تاكى 1890-يىلغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ.
سانت پىرىتبورگدا رادلوف داۋاملىق تۈردە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇردى، بىر يۈرۈش ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە قاتناشتى. 1896- يىلى ئۇ قىرىمغا كېلىپ شۇ يەرىدىكى تاتار تىلىنى تەكشۈردى.1887- يىلى لىتىۋا ۋە ۋولۇنغا كېلىپ قارايىملارنىڭ تىلىنى تەكشۈردى.
1891- يىلى رادلوف داڭلىق موڭغۇلىيە ئورخۇن دەرياسىنى ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە ئورخۇن يىنسەي يېزىقىدىكى ئابىدىلەرنى بايقىدى. رادلوف ئابىدىدىكى 10 نەچچە بەلگىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوقۇپ يەشتى، بىراق بۇ خىل يېزىقنى تۇنجى بولۇپ ئوقىغىنى دانىيەلىك تومسىن ئىدى. 1893- يىلى تومسىن بۇ يېزىقنى يەشكەنلىكنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رادلوف 1894- يىلى تومسىننىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا ئورخۇن ئابىدىلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئېلان قىلىش خخزمىتىنى تاماملىدى. بىر يىلدىن كېيىنكى 1895- يىلى رادلوف ئۆزى ئىگەللىگەن ماتىرىياللاردىن سىرىت يەنە فىنلاندىيە ئارخىلوگىيە ئەترىتىنىڭ نەتىجىلىرىدن پايدىلىنىپ 40 پارچە يىنسەي ئابدىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇ. 1992-يىلىدىن 1903- يىلغىچە رادلوف جەمئىي 15 قىسىملىق «ئورخۇننى تەكشۈرۈش ماقالىلەر توپلىمى»نى نەشر قىلدى.
1898- يىلى رادلوف كىلىمىنس باشچىلىقىدىكى تۇرپان ئارخىلوگىيە ئەترىتىنى تەشكىللىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم كىلىمىنىس بايقىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئېلان قىلىپ، روسىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كاتتا تۆھپىلەرنى قوشتى ھەمدە كېيىنچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە «ئالتۇن يارۇق»نىڭ ئوڭۇشلۇق نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 1899- يىلى رادلوف «تۇنيۇقۇق ئابىدىسى»نىڭ ئوقۇلغۇسى ۋە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلدى.
1903- يىلى 3- ئايدا رادلوف روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرۇشنى تەكىتلىدى ھەمدە 1918- يىلى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئالدىنقى بىر نۆچەتلىك رەئىسلىكىنى ئۆتىدى. مەزكۇر تەتقىقات جەمئىيىتى بىر يۈرۈش سىبىرىيەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ئانتروپولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزىينىڭ بويۇملىرىنى بېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رادلوف يەنە سىبىرىيەنى تەتقىق قىلىش ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، رۇسىيە ئىمپىرىيسى جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، رۇسىيە شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى، روسىيە ئىمپىرىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە پائال قاتناشتى.
رادلوف گەرچە ئۇنۋېرستىتنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتىتىدا دەرس ئۆتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۇرغۇن شەرقشۇناس ۋە تۇركىلوگلار بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. نۇرغۇن چەتئەل ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە ئۇنۋىرستىتلار ئۇنى تەتكلىپلىك تەتقىقاتچى، پروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى ئېلىشقا نائىل بولدى. 1912- يىلى ئۇ داغدۇغىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسىنى تەبرىكلىدى.
1894- يىلى ئانتروپولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزىينىڭ بىرىنچى قېتىملىق باشلىقى ئاكادىمىك شىرىنك ۋاپات بولغاندىن كېيىن رادلوف مەزكۇر مۇزىينىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن رادلوف ئاسىيا مۇزىيىنىڭ باشلىقلقىنى ئالتە يىل ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇزىي خىزمىتىنىڭ تەجىربىلىرىنى ئوبدان ئىگەللىگەن ئىدى. رادلوف ئانتروپولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزىينىڭ كېڭىيىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇ نۇرغۇن سىبىرىيە ۋە شەرق مىللەتشۇناسلىرىدىن ئادلىر، شىتەرىنبرىگ، شىروكودوروۋ قاتارلىقلارنى جەلىپ قىلىپ مۇزىي خىرمىتىگە قاتناشتۇردى.
1900- يىلى ئانتروپولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزىيى «ئانتروپولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزىيى ماقاىلەر توپلىمى» ژورنىلىنى نەشر قىلىشقا باشلايدۇ. 1910- يىلىغا كەلگەندە مۇزىيىنىڭ كۆرگەزمە ئورنى تۆت ھەسسە كېڭەيتىلىپ تېخىمۇ نۇرغۇن بويۇملارنى كۆرگە قىلىش ئىمكەنىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. تاكى ۋاپات بولغىچە رادلوف ئۇدا مۇشۇ مۇزىيىدا خىزمەت قىلىپ ، دۆلەت ئىگىلكىدىكى ئانتروپولوگىيە، مىللەتشۇناسلىق ۋە ئارخىلوگىيە مۇزىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۇرغۇزۇپ بەردى.
رادلوف 1918- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋاپات بولدى. خۇددى مەشھۇر ئانتروپولوگ، مىللەتشۇناس شىروكودوروۋ باھا بەرگەندەك رادلوفنىڭ ۋاپاتى «روسىيە ئىلىم-پەن ساھەسى بىر تالانتلىق شەخستىن ئايرىلىپ قالدى». 1918- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى ئانتروپولوگىيە ۋە  مىللەتشۇناسلىق مۇزىيى رادلوف ئۈچۈن داغدۇغىلىق تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە ھەر يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يەنى 1-ئاينىڭ 5- كۈنىدە «مۇزىيىنىڭ 1 يىللىق نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلاش ۋە كېيىنكى يىللىق تەتقىقات نەشر پىلان » يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىندىكى ماقالىلەرنى توپلاپ «مۇزىيى ماقالىلەر توپلىمى» نى نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق رادلوفنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلىرىنى خاتىرىلەش بىكىتىلگەن ئىدى، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ پىلان تارىخى سەۋەپ تۈپەيلىدىن ھچىقانچە ئۇزۇن داۋاملاشمايلا توختاپ قالدى.
2002- يىلى ئانتروپولوگىيە ۋە  مىللەتشۇناسلىق مۇزىيى ئۈچ كۈنلۈك «رادلوفشۇناسلىق» خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. نۇرغۇن ئانتروپولوگلار، مىللەتشۇناسلار، فولكلورشۇناسلار، مۇزىيى خىزمەتچىلىرى ھەمدە تۈركىي تىللار، سىبىرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە يىغىن ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى.
بۇ ئۇلۇغ ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بارنائۇل رايونى ۋە ئالماتا شەھرى ئىلگىرىكى «كالىلىن» كوچىسىنىڭ نامىنى ھازىرقى «رادلوف كوچىسى»غا ئۆزگەرتتى.
رادلوفنىڭ تۈركلوگىيە ساھەسىدىكى نەتىجىسى ئىنتايىن مول. مەملىكىتىمىز ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۈركلوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ كاتولوگىنى تونۇشتۇردۇق. تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئەسەر كاتالوگىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىمۇ بېرىلدى.
(1)  «ئالتايدىن كەلگەن خەت». 1~3 خەت، «روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىپى» 20- تومىغا كىرگۈزۈلگەن، 1861- يىلى، 556~597- بەتلەر؛ 4~5 خەت، «روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىپى» 21- تومىغا كىرگۈزۈلگەن، 1862- يىلى، 223~179- بەتلەر؛ 7~6 خەت، «روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىپى»  22- تومىغا كىرگۈزۈلگەن، 1863- يىلى، 46~1- بەتلەر.
(2) «1861- يىلى يازدا ئالتاينى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ، «سانت پىتىربورگ ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى» نىڭ 1863- يىللىق 4- تومىغا بېسىلغان، 333~338- بەتلەر.
(3) «1862- يىلى يازدىكى شەرقى قىرغىز يايىلىقىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»، «سانت پىتىربورگ ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»  نىڭ 1863- يىللىق 6- تومىغا بېسىلغان، 420~415- بەتلەر.
(4) «قىرغىزلارنى تەكشۈرۈش»، «ئاسىيا ئىلمىي ژورنىلى» 1863- يىلى 2- تومغا بېسىلغان، 309~328- بەتلەر.
(5) «1863- يىلى يازدا شەرقى ئالتاينى تەكشۈرۈش دوكلاتى»، «سانت پىتىربورگ ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى» نىڭ 1865- يىللىق 8- تومىغا بېسىلغان، 25~32- بەتلەر.
(6) «ئالتاي ساياھەت خاتىرىسى»، «روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىپى» 23-تومغا بېسىلغان، 1865- يىلى، 1~5، 218~316- بەتلەر.
(7) «ئالتاي تاتار تىلنىڭ شەكلى»، «مىللى پىسخىكا ۋە تىلشۇناسلىق ژورنىلى»نىڭ 1866- يىللىق 4- تومغا بىسىلغان، 85~114- بەتلەر.
(8)  «جەنۇبى سىبىرىيە ۋە جۇڭغار يايلىقىدا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەل ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلارــ مەتن ۋە گىرمانچە تەرجىمىسى»، سانت پىتىربورگ، 1886 ~1896- يىلى، جەمئىي 7 توم.
(9)  «رادلوفنىڭ تۈركىستان چىگرا رايونلىرىنى كەزگەندە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئيتىگە يازغان خېتى»، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيتى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1864-يىلى 4-توم، 2- قىسىم، 324~27-بەتلەر.
(10) «1869- يىلى يازدا يەتتە سۇ ۋە ئىسسىق كۆل ساياھىتىدىن دۆكلات»، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيتى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1870-يىلى 6-توم،  100~96-بەتلەر.
(11)  «روسىيە ۋە غەربى موڭغۇلىيەنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى»، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيتى ئىلمىي ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1871-يىلى 2-توم،  583~637-بەتلەر.
(12)   «سىبىرىيەنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى»، «كوخىن گىزىتى» گە بېسىلغان، 1872- يىلى 1- ئاينىڭ 18- ۋە 30- كۈنى.
(13)  «سىبىرىيەنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى»، «يېڭى دەۋىر گىزىتى» ، 1874- يىللىق 2- ۋە 8- سان.
(14)  «بۇلغار تىلىدىكى سانلار تەھلىلى»  ، A.كۇنىك، B.پورجىنلار تۈزگەن «بىكىر ۋە ئۇنىڭ ئاپتورلۇقىدىكى روس ۋە سىلاۋىيانلار توغرىسىدىكى دوكلات»، سانت پىتىربۇرگ، 1878- يىلى، 138~146- بەتلەر.
(15)  «زەرەپشاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا جىلغىسى»، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلمىي ژورنىلى. مىللەتلەر قىسمى»، 1880- يىلى 6- توم، 1~92- بەتلەر.
(16) «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە ئۇنىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى»، «بەشىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقشۇناسلار قۇرۇلتىيى ماقالىلەر توپلىمى»غا بېسىلغان، بىرلىن، 1882- يىلى، 54~70- بەتلەر.
(17)  «شىمالىي تۈرك تىلى سىلىشتۇرما گرامماتىكىسى»، 1- توم «فونىتىكا»، لىپزىگ، 1882~1883- يىلى.
(18)  «سىبىرىيە ۋە موڭغۇلىيە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ مىللەتشۇناسلىقىدىن ئومۇمى بايان»، لىپزىگ، 1883- يىلى.
(19)  «سىبىرىيەنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى»، لىپزىگ، 1884- يىلى (1989- يىلى روسچە نەشر قىلىنغان).
(20) «كۇمانلارنىڭ تىلى ھەققىدە»، سانت پىتىربۇرگ، 1884- يىلى.
(21) «كۇمانلارنىڭ تىلى ھەققىدە»، «خەلقئارا ئومۇمى تىلشۇناسلىق ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1884- يىلى.
(22)  «شامان دىنى ۋە ئۇنىڭ نەزر چىراغلىرى»، لىپزىگ، 1885- يىلى.
(23) «شىمالىي تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىلى»، سانت پىتىربۇرگ، 1885~1887- يىلى.
(24)  «كۇمان تىلىنىڭ لىكسىكا توپلىمى»، 1886~1888-يىلى.
(25)  «جەنۇبى سىبىرىيە ۋە جۇڭغار تۈرك قەبىلىلىىرنىڭ مىللەتشۇناسلىقتىن ئومۇمى بايان»، تومسىك، 1887- يىلى.
(26) «كۇمان تىلى لىكسىكىسىدىكى تۈركچە ماتىرىياللار»، سانت پىتىربۇرگ، 1887- يىلى.
(27)  «تۈرك دىئالىكتلىرى لۇغىتى »، سانت پىتىربۇرگ، 1888- يىلى، (2- رەسىم).
(28)  «سىبىرىيەدىكى قەدىمكى بويۇملار» ، «روسىيە ئىمپىرىيە ئارخىلوگىيە جەمئىيىتى ئارخىلوگىيە ماتىرىياللىرى»، سانت پىتىربۇرگ، 1888- يىلى.
(29)  «ئالتۇن اخانخانلىقىنىڭ خاقانى توختامىشنىڭ تېمۇر قۇتلۇققا قىلغان يارلىقى »، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتى ئىلمىي ژورنىلى»غا بېسىلغان ، 1889- يىلى 3- توم، 1~40- بەتلەر.
(30)  «‹ئالتاي ۋە ئالاتاغ تۈرك دىئالكتلىرى لۇغىتى›گە باھا»، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتى ئىلمىي ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1889- يىلى 3- توم، 1~40- بەتلەر.
(31)  «قەدىمكى تۈرك تىلى دىئالىكتلىرى ھەققىدە»، «سانت پىتىربۇرگ ئىمپرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1890- يىلى 1-توم، 291~351- بەتلەر.
(32)  «يەتتەسۇ رايونىدا بايقالغان سۈرىيە يېزىقىدىكى تۈركىچە ماتىرىياللار»، سانت پىتىربۇرگ، 1890- يىلى.
(33)  «‹قۇتادغۇ بىلىك›: ۋىنا ئىمپىرىيە ۋە پادشاھلىق كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىنىڭ فاكسىمىلى»، سانت پىتىربۇرگ، 1890- يىلى.
(34) «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسىرى مەتنىنىڭ تىرانسكىرپىسىسيسى»، سانت پىتىربۇرگ، 1891- يىلى.
(35)  «ئۇيغۇر قاغانلارنىڭ ئاتاقلىرى ۋە ناملىرى»، «روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتى ئىلمىي ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1891- يىلى 5- توم، 265~270- بەتلەر.
(36) « يېڭىدىن بايقالغان بىر پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت»، «سانت پىتىربۇرگ ئىمپرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1892- يىلى 10-توم، 387~389- بەتلەر.
(37) « ئىمپرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئورخۇن دەريا بويىدىكى جۇغراپىيەلىك تەكشۈرۈشىدىن قىسقىچە دوكلات»، سانت پىتىربۇرگ، 1892- يىلى.
(38) «موڭغۇل ئاسار ئەتىقىلىرى ئاتلىسى»، سانت پىتربۇرگ، 1892- يىلى.
(39)  «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە»، سانت پىتربۇرگ، 1893- يىلى، (3-رەسىم).
(40) «جۈيوۇگۈەن مەڭگۈ تېشىغا ئىزاھات»، «ئاسىيا ئىلمىي ژورنىلى»غا بېسىلغان.
(41)  «موڭغۇل قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى»، 1-،2- قىسىم، سانت پىتىربۇرگ، 1894- يىلى ۋە 1899-يىلى.
(42)  «قەدىمكى تۈرك خوشۇ – سايدام مەڭگۈ تېشى»، سانت پىتربۇرگ،1897- يىلى.
(43)  «يېڭىدىن بايقالغان بىر قەدىمكى تۈركچە مەڭگۈ تاش»، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»، 1898- يىلىلىق 4- سان، 71~76-بەتلەر.
(44)   «قۇتادغۇبىلىك»، «گىرمانىيە شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1898- يىللىق 52- سان، 152- بەت.
(45)  «قاھىرەدىن بايقالغان ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئىككى پارچە قوليازمىسى»، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»، 1898- يىلىلىق 5- سان، 309~319-بەتلەر.
(46)  «تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقە»، «سانت پىتىربۇرگ پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ 1898- يىلى تۇرپاننى تەكشۈرۈشىدىن دوكلات»قا بېسىلغان، سانت پىتىربۇرگ، 1899- يىلى.
(47)  «تۈركى تىللارنىڭ مورفولوگىيەسىگە كىرىش»، سانت پىتىربۇرگ، 1906- يىلى.
(48) «12- ئەسىرگە تەۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە بىر پارچە ھۆججەت» ، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1907- يىللىق 6- سان ، 377~394- بەتلەر.
(49)  «‹ياقۇت تىلى لۇغىتى»غا باھا»، «تىرىك قەدىمى بويۇملار»غا بېسىلغان، 1907- يىلى 16- توم، 63~65-بەتلەر.
(50)  «ياقۇت تىلىنىڭ تۈركىي تىللاردىكى ئورنى»، سانت پىتىربۇرگ، 1908- يىلى.
(51)  «تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋەسىقىلىرى ۋە ئۇنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى»، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1908- يىللىق 6- سان ، 34~35- بەتلەر.
(52)  «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسى»، «باۋارىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى. پەلىسەپە، تىل ۋە تارىخشۇناسلىق»، 1909- يىلى 24- توم، 181~196- بەتلەر.
(53)  «مانى دىنى مۇرتىنىڭ تۆۋەنامىسى»، سانت پىتىربۇرگ، 1909-يىل.
(54)  «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (1)» ، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1909- يىللىق 6- قىسىم ، 1213~1220- بەتلەر.
(55) «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (2)»، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى» غا بېسىلغان، 1910- يىللىق 6- قىسىم ، 217~228- بەتلەر.
(56)  «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (3)» ، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1910- يىللىق 6- قىسىم ، 1025~1036- بەتلەر.
(57)  «تىشاستۋاستىك: تۈركىيچە بىر پارچە بۇددا تىكىستى»، سانت پىتىربۇرگ، 1910- يىلى.
(58)  «شىنجاڭدا بايقالغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقە» ، «روسىيە ئارخىلوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1910- يىلى 19- توم، 19~20- بەتلەر.
(59)   «شەپقەتكار بۇدىساتۋا: بىر پارچە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان سادخارماپۇندارىكانىڭ تۈركىيچە تىكىستى»، سانت پىتىربۇرگ، 1911- يىلى.
(60)   «‹مانى دىنى تۆۋىنامىسى›نىڭ خاتىمىسى»، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1911- يىللىق 6- قىسىم ، 867~896- بەتلەر.
(61) «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (4)» ، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى» غا بېسىلغان، 1911- يىللىق 6- قىسىم ، 305~326- بەتلەر.
(62) «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (5)»، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1911- يىللىق 6- قىسىم ، 427~452- بەتلەر.
(63) «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (6)» ، «ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاخباراتى»غا بېسىلغان، 1912- يىللىق 6- قىسىم ، 747~778- بەتلەر.
(64)  «تۇرپان تىكىستلىرىنىڭ تىلشۇناسلىقتىكى ئورنى»، «روسىيە ئارخىلوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى شەرقشۇناسلىق شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى»غا بېسىلغان، 1913- يىلى 21- توم، 14~16- بەتلەر.
(65)  «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئالتۇن يارۇق»، سانتپىتىر بۇرگ، 1913~1917- يىللىرى.
(66)  «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر»، لىنىگىراد، 1928- يىلى.
(67) «سىبىرىيە ۋە موڭغۇلىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەتشۇناسلىق ئەھۋالىدىن ئومۇمى بايان»، ئىركۇتسكى، 1919- يىلى.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
① كونونۇف: «روس تۈركىي تىللار تەتقىقاتى تارىخى» ، موسكىۋا، ئىلىم-پەن نەشرىياتى، 1972- يىلى.
② سوۋىت ئىتتىپاقى شەرىقشۇناسلىق تەتتقىقات ئورنى تۈزگەن «روس شەرىقشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى» موسكىۋا، 1953- يىلى.
③ رەشىتوۋ: «شەرىقشۇناس، مۇزىيشۇناس ئاكادىمىك رادلوفنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت باسقۇچلىرى»، «رادلوفشۇناسلىق.2002»، سانت پىتىربۇرگ، 2002- يىلى 95~1-101- بەتلەر.
④ «تۈركىلوگىيە ماقالىلىرى توپلىمى، 1971، رادلوف خاتىرىسىگە بىغىشلانغان مەخسۇس سان»، موسكىۋا، 1972- يىلى.

مەنبە: ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بلوگى
http://otturaasiya.subat.cn/?p=152

0

تېما

0

دوست

1056

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 20:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم روس ئەمەسكەندە بىرلىندا تۇغۇلۇپ كىيىن روس تىلىنى ئۈگۈنۈپتۇ تىخى روسىيە تىلشۇناسىكەن،ئۇنداقتا ئۇ ئەسلى گىرمان ئوخشايدۇ،ھەراس مۇشۇ ئورخۇن خارابىيلىكى توغرىسىدا مەن كۆپ ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن ئۇنىڭ ئورنى قەيەردە قاچان قۇرۇلۇپ قاچان ۋەيران بولغان؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34568
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 21:06:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   omarjan189 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 21:13  

رەھمەت

ناداندىن زارلاي

0

تېما

1

دوست

1470

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 12:32:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،ھازىر يۇقۇرقى ئەسەرلەردىن پايدىلىنالايدىغانلاردىن ھەم قىزقىدىغانلاردىن قانچىمىز باردۇق؟

0

تېما

0

دوست

823

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32406
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 15:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karimuf يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 05:46
مۇشۇ پەرەڭلەرچىلىك كۈيۈنمەيمىز ئۆز تىلىمىزغا، لىكىن ئ ...




ماۋۇ ئوپىرانى بەك ياخشى ئىشلەپتۇ. يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگۈدەك........

0

تېما

4

دوست

1572

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 17:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karimuf يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 05:46
مۇشۇ پەرەڭلەرچىلىك كۈيۈنمەيمىز ئۆز تىلىمىزغا، لىكىن ئ ...

بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىمماڭ.

7

تېما

4

دوست

5276

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1485
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 00:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇشقا تېگشلىك ماقالىكەن،بۇ ئادەم نېمسلارنىڭ مەھمۇد قەشىقىرى ئوخشايدۇ.

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:58:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tughci2 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 15:03
ماۋۇ ئوپىرانى بەك ياخشى ئىشلەپتۇ. يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگ ...

قايسى كىنو ئۇ؟نىمانداق تۇلا ناخشا ئېيتىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )