كىم چىرايلىق ؟كىم گۈزەل ؟
( 8-مارت خانىم ـقىزلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك )
چىرايلىق بولۇش ،گۈزەللىك ئىنسان ئۈچۈن ئورتاق تىما ،شۇڭا بۇ تىمىنى سۆيمەيدىغان ،ئۇنىڭغا ئىنتىلمەيدىغان،ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشمايدىغان ئادەملەر ئازبولۇشى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان خانىم-قىزلار بولماسلىقى مۈمكىن .چىرايلىق ،گۈزەل دىگەن بۇ سۆزلەر تىلغا ئىلىنسا،دەرھاللا خانىم –قىزلار كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ ،چۈنكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ،يوغان ئوماق كۆزلىرى ،قاپقارا قاشلىرى ،سۇمباتلىق قامىتى ،كىشنى لال قىلىدىغان لاتاپىتى بىلەن چىرايلىق سانالسا ،مىھرى –مۇھەببىتى ،سەمىمىيەت ۋە ساداقىتى ،قانائەتچانلىقى ،ئەدەپ ئەخلاقى ئىشچان پاكىز چىۋەرلىكى ،ئۆي ئىشغا ماھىرلىقى بىلەن گۈزەل سانىلىپ نۇرغۇنلغان يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياققان ،شىئر داستانلارغا يىزىلغان،ھەممىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن .
شۇڭا بىزدە مۇنداق ھىكمەتلەر بار ،‹بىر قىز تەربىلىگەنلىك بىر ئائىلىنى ،بىر مىللەتنى ،بىر دۆلەتنى تەربىلىگەنلىك ›‹ئايال –بۈيۈك سۆز ،ئۇنىڭغا قىزلىق پاكلىقى ،دوستقا خاس پىداكارلىقى ،ئانا جاسارىتى مۇجەسسەملەنگەن›‹مەدىنىيەتنىڭ زادى قايسى دەرجىدە ئىكەنلىكى ئاياللارغا بولغان مۇناسىۋەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ ›
بۈگۈنكىدەك رىقابەت ۋە تۇرمۇش رىتىمى تىزلىشۋاتقان بۇ دەۋىردە ،كۆپلىگەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىز ،يۇقارقىدەك گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن ،ئۆينىڭ ،جەمىيەتنىڭ ،خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن بىرگە ،پۈتۈن جەمىيەتكە ئانىلىق ،ئاياللىق مىھرىنى بىرىپ نۇرلاندۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ،ئاز بىر قىسىم ئاياللار ،تەرەققىيات ۋە يىڭىلىق ئالدىدا تىڭىرقاپ ،قارىغۇلارچە چىراي ۋە گۈزەللىك قوغلىشىپ ،ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ مەسئۇلىيىتىنى ،ئۆزلىكىنى يوقۇتۇپ قويماقتا.
چىرايلىق ،گۈزەل دىگەن بۇ ئىككى سۆز مەنا جەھەتتىن ئوخشاش سۈپەت سۆزى بولسىمۇ ،بۇ سۆزلەرنى خانىم –قىزلارغا ئىشلەتكەندە ،ئازراق ئوخشىمىغان مەنا چىقىدۇ دەپ قارايمەن .
چىرايلىق خانىم قىزلار پەقەت سىرىتقى قىياپىتى ،كىيىمى ،ياكى گىرىمى چىرايلىق قىزلارنى كۆرسىتىدۇ ،(سىرىتقى گۈزەللىك)گۈزەل خانىم قىزلار ھەم چىرايلىق ھەم ئەقىللىق ھەم بىلىملىك،ئەخلاقلىق يىقىشلىق قىزلارنى كۆرستىدۇ .(ئىچكى گۈزەللىك )كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمىز ‹ۋاي ھازىرقى زاماننىڭ قىزلار نىمانداق چىرايلىق؟› دىيىشدۇ كۆپ كىشىلەر .راست ھەقىقەت ئۇلار راستىنلا چىرايلىق ،ئۇلار قانداق مۇشۇندان چىرايلىق بولدى ؟ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى ،تىلىۋوزۇر ،تور ،تىلىفۇن قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىللىرىنىڭ تەسىرى ،باشقا مىللەت مەدىنىيتىنىڭ تەسىرى ،خانىم قىزلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى، ،قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر خانىم قىزلارنىڭ ئىديەسىگە زور تەسر كۆرسەتتى .نۇرغۇن خانىم –قىزلارغا ئەجدادلىرىمىزدىن ،ئانىللىرىمىزدىن ،مىللىتىمىزدىن قالغان گۈزەل ئەنئەنىۋى ،مەتۇ قالاق سەت كۆرۈندى .ھەم باتۇرلۇق بىلەن چۆرۈپ تاشلىدى.يەنە بىر تەرەپتىن ياشاۋاتقان مۇھىتىمىز چىرايلىق بولۇپ كەتتى ،يوللار،بىنالار ئۆيلەر ،ماشىنىلار چىرايلىق ئاياللارغا تىخىمۇ ھۆسۇن قوشتى .يىمەك ئىچمەك خىللاشتى
ئاندىن نۇرغۇن ئاياللار چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتتى .ئۇلار چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن ،نۇرغۇن ئىقتىساد، ۋاقىت ،بەدەل تۆلىدى .يالغان بولسا بازارلارغا قاراپ باقايلى .زادى ئاياللارنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ،مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلار قانچىلىك ؟قىممەت باھالىق كىيىملەر ،ئىمپورىت گىرىم بويوملار ،زىبۇ زىننەتلار ،گۈزەللىك سالونلىرى ،ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرى ،ئورۇقلىتىش مەركەزلىرى ،چىرايلىق ئاياللار بىلەن ئاۋاتلىشىپ تولدى .
تىلىۋوزۇردىكى ئىلانلارغا قاراڭ ،50 پىرسەنتى خانىم –قىزلارنى چىرايلىق قىلىدىغان ئىلانلار ،
كارخانىلارغا قاراڭ ،نۇرغۇن كارخانا خانىم ـقىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتسا ،
ئەمدى بىزنىڭ خانىم قىزلىرىمىز چىرايلىق بولماي ،كىم چىرايلىق بولىدۇ ؟
ئەلۋەتتە چىرايلىق بولۇش گۇناھ ئەمەس ،چىرايلىق بولسا ياخشى ،لىكىن ھەممە ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى ، كۆپلىگەن خانىم قىزلار يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ ،نۇرمال يول تۇتقان بولسىمۇ ،بەزى خانىم –قىزلار چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەۋاتىدۇ .ئائىلە بۇزىلىۋاتىدۇ ،بالىلار يىتىم بولۇۋاتىدۇ ،بىلىپ بىلمەي يامان يولغا كىرىپ قىلىۋاتىدۇ ،مۇشۇنچىلا بەدەللەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىرىشكىنى نىمە ؟
مانا خانىم قىزلار چىرايلىق بولۇپ كەتتى ،رەڭلىك بولۇپ كەتتى ،كاسسسنى چىقىرىپ تار ئىشتانلارنى كىيىشتى ،تار نىپىز ،قىسقا كىيىملەرنى كىيىشتى ،نۇمۇسلۇق يەرلىرىنى ئىچىپ يىرىم يالاڭاچ يۈرۈشتى چىرايلىق قىز دىگەن نامغا ،مودا قىز دىگەن نامغا ئىرىشتى خالاس ،ئويلاپ كۆرسەك بۇ خۇشال بولىدىغان ،پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس ،نۇمۇس قىلىدىغان ئىش ،
ئەمىسە چىرايلىق قىزلار گۈزەل قىزلارمۇ ؟ مىنىڭچە ئەمەس .
رەھمەتلىك ئانام دىھقان ،ساۋاتىسز قارا تۈرۈك ،ھىچنىمە بىلمەيدىغان ئايال بولسىمۇ ،ئۆيدىكى قىزلار تەربىيەسىدە بەك يىتىشكەن ئىدى.
ئاچا –سىڭىللىرىم ياغلىق چەگمىسە ،بەك خاپا بولاتتى ،ھەم ‹چاۋاش›دەپ تىللىپ قوياتتى
بىز بار يەردە ئەينەككە قاراپ چاچ تارىسا ،سىرىتقا چىقىرىۋىتەتتى ،كەچ ئۆيگە قايتىشقا قەتئى يول يوق ئىدى .تاماق قازان چۆگۈن تازلىقىدا مەسلە كۆرۈلسە ،ئاغرىق بولسىمۇ ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ كىتەتتى .پۇراقلىق گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتسە ‹مەينەتلەر›دەپ تىللايتتى .سەھەر تۇرۇپ ،ئىشىك ئالدىنى ھويلىنى سۈپۈرمىسە بەك ئەدەپلەيتتى .
ئۆزى بىغىمىزغا تىرىغان ئوسمانى قويۇۋالاتتى ،خىنە قوياتتى ،جىگدە ھىلىمى بىلەن 2تال ئۆرۈمە چىچىنى پاكىز تارايتتى (تا تۈگەپ كەتكۈچ)
مەھەللىدىكى چوڭ ئاياللارمۇ شۇنداق ئىدى .ئۇلار ھازىرقى زاماننىڭ چىرايلىق قىزلىرىدىن قاقشاپ قوياتتى ،ئۆتمۈشنى ئەسلىشەتتى ،‹بەك ئۇيايچان ئىدۇق ،ئەرلەر ،جامائەت ئالدىدىن بىشمىزنى تۆۋەن تۇتۇپ ئۆتەتتۇق ،توي قىلىپ 2ھەپتىگىچە تالاغا چىقالمىغان ئىدۇق ،توپا چىراي بولساقمۇ پاكىز ئىدۇق ،ھەر قانداق ئىشتىن ۋايسىمايتتۇق ،7بالىنى تۇغۇپ گۈلدەك چوڭ قىلغان ئىدۇق،ئەرلىرىمىز بىلەن قىيىن ئانىمىز بىلەن بىرەر قىتىممۇ سەن پەن دىيىشىپ قالغان ئەمەس ،ۋاي بۇ ھازىرقى زاماننىڭ قىزلىرى ،ئۆزى چىرايلىق بولغان بىلەن قىلىقى سەت›
بۇ مومايلارنىڭ چىرايىدىن ھازىرمۇ نۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى .مانا بۇ ئۇلۇغ ئانىللىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى چىرايلىق قىزلىرىمىزغا بەرگەن باھاسى .
دەپ قالىمىز ،ئۇ دىگەن كونىلىق ،قالاقىلىق دەپ ،توغرا ھازىرقى دەۋىرگە سىلشتۇرغاندا سەل قالاق كۆرۈنگەن بىلەن ،ئۇ دىگەن بىباھا بايلىقىمىز ،ئۇزۇن تارىخى يىللاردىن بۇيان ،بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن مەدىنىيتىمىز ،ئۆرۈپ –ئادىتىمىز .مۇشۇنداق .ئۇلۇغ بايلىقتىن مۇشۇنداقلا ۋاز كىچىشكە چىدىغان قانداق يۈرەك ئۇ ھە ؟مەڭگۈ كىچىشكە بولمايدۇ ،
ئەمدى كەلسەك ئۇيغۇرلاردا گۈزەل قىزلار يوقمۇ ؟بەك نۇرغۇن ،بۇ گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ئەمەس ،ئىچكى گۈزەللىك قەلىپ گۈزەللىكى ، ، ئۇلار جەلىپكار ،لاتاپەتلىك ۋە ئىسل خانىم قىزلار .ئالدى بىلەن بىلىمخۇمار ،ئىلىمخۇمار ،كىتاپخۇمار خانىم قىزلار ئەڭ چىرايلىق ۋە گۈزەل .مەھەللىمىزدە بىر قىز بار ئىدى .ئوتتورا تىخىنوكومنى پۈتۈرۈپ ،مۇئەللىم بولغان ئىدى .لىكىن ئۈگۈنۈشتىن پەقەت توختاپ قالمىدى ،خىزمەتتىن ۋاز كىچىپ ،ئۆرلەپ ئوقۇدى .توختىماي ئۈگەندى ،چەتئەلدە ئوقۇدى ،مانا ھازىر فولىكنورشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلىق ئۇنۋانى ئىلىپ ،دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنۋىرسىتتدا ئىشلەۋاتىدۇ ،نۇرغۇن خەلقارالىق تەتقىقاتلارنى ئىشىلەپ ،مىللەتكە كۈچ قوشۇۋاتىدۇ ،مىللىتىمىز ئارىسىدا بۇنداق خانىم –قىزلار تۈركۈملەپ يىتىشىۋاتىدۇ .بۇ بىر ياخشى كەيپىيات ،مانا ئۇلار ئەڭ گۈزەل ۋە چىرايلىق سەھنىلەردە ئۇسسۇل ئويناپ يۈرگەن ،مودا چىرايلىق قىزلاردىن ،قانائەتچان ئەدەپ ئەخلاقىلىق نۇمۇسچان دىھقان خانىم قىزلىرى گۈزەل ۋە چىرايلىق .گىرىمنى ۋەششى قىلىپ ماي بوياق رەسىملەردەك بولىۋالغان قىزلاردىن ،تەبىئى ،گىرىمىسز ،قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىق .
ئىسل مودا قىممەت كىيملەرنى كىيىپ .نۇمۇسلۇق يەرلىرىنى توسمىغان قىزلاردىن ،كونا ،ئاددى ،ئەرزان كىيملارنى كىيىپ ،پەدىشەپ نۇمۇس بىلەن يۈرگەن قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىق .
تانسىخانا ،رىستۇران ،بازار ئارلاپ خۇمار بولۇپ قالغان قىزلاردىن ،ئۆيدىكى ۋاپادار قىزلار ۋە خانىملار گۈزەل ۋە چىرايلىق .دىمەك گۈزەل خانىم قىزلىرىمىز بەك كۆپ ،نۆۋەتتىكى جىددى بىر مەسلە ،خانىم قىزلىرىمىز چىرايلىق بولۇش ۋە گۈزەل بولۇشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىغا توغرا قارىشدا،ۋە ئۆزگەرتىشىدە. ھە دىسىلا چىراي گۈزەللىكىگە ،كىيىمگە ،ئۆيگە ،گىرىمغا مەبلەغ سالماي ،ئىچكى گۈزەللىكىگە مەبلەغ سىلىشى كىرەك .سىرتى پال-پال ئىچى غال غال بولۇپ قالماسلىقى كىرەك.ئىلىم –بىلىم بىلەن ،ئەدەپ ئەخلاق بىلەن ،مىھرى ۋاپا بىلەن .ئىچىنى بىزىشى كىرەك .چۈنكى بىز كۆرگەن تاشقى گۈزەللىك بوراندا ئۇچۇپ كىتىدۇ ،يامغۇردا يۇيۇلۇپ كىتىدۇ ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقاپ كىتىدۇ ،قەلىپ گۈزللىكى چۇ ؟
يا ئوغرى ئالمايدۇ ،يا يۈتۈپ كەتمەيدۇ ،يا سىسىپ قالمايدۇ ،ئەكسچە مەڭگۈگە پارلاپ تۇرۇدۇ .
توپا ئاستىدا قالسىمۇ ئالتۇندەك يەنە بىر مەسلە .بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ مەسئۇليىتنى تونۇشى ،مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىقى كىرەك،ئەرلەر مۇ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە توغرا قارىشى،ئۇلار بىلەن راھەت ۋە جاپادا بىرگە بولىشى ،خانىم قىزلارنى ئاسرىشى ،قوغدىشى كىرەك ..چۈنكى خانىم –قىزلار –ئانا ،بىر بالىنىڭ ئەمەس دۇنيانىڭ ئانىسى .شۇنداق قىلساق .ئۇلارنىڭ چىرايى ۋە گۈزەللىكى تىخىمۇ پارلايدۇ ۋە پۈتۈن دۇنياغا مۇھەببەت نۇرىنى چاچىدۇ مانا 8-مارت خانىم قىزلار بايرىمى يىتىپ كەلدى .ھەممە خانىم قىزلار بۇ بايرام ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن .كۆرۈپ تۇرۇمىز دىيارىمىزدا بۇ بايرام يىلدىن يىلغا زورويۇپ بىرىۋاتىدۇ .ئەمما تەبرىكلەش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس ،كۆپلىگەن خانىم قىزلار پال پۇل ياسىنىپ ،رىستۇران ،دىبا ،تانسىخانا ،كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا بىرىپ ،يەپ ئىچىپ ،بىر بىرى بىلەن بەسلىشپ ،غەيۋەت شكايەت قىلىشىپ ،نوچىلىق تالىشىپ ،كىيىملىرىنى ،گىرىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ ئۆتكىزىۋاتىدۇ .
تەۋسىيەرىم .بۇ بايرامنىڭ پەيدا بولۇشى ،ۋە ئەھمىيتنى بىلىشىمىز كىرەك .ئەسىلى بۇ بايرام ،ئۆز مەنپەتىنى ،ئۆز ھوقوقۇنى،ئۆز ئەمگەك مىۋەسىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش،ئىنقىلاپ قىلغان ،ئاياللارنى خاتىرلەش ئۈچۈن،ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ،1911-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرىنچى قىتىىم خاتىرلەنگەندىن بىرى ئۇدا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بايرام ئىدى .ھەرگىز مۇ كىيىۋىلىش ئىچىۋىلىش ،يىيىۋىلىش بايرىمى ئەمەس .شۇڭا بۇ يىلقى خانىم قىزلار بايرىمىدا ،چىرايلىق گۈزەل خانىم قىزلىرىمىزنى ئىقتىسادچىل بولۇشى ،بايرامنى يىقىن ئادەملىرى بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ،كىتاپخانىلارغا بىرىشى ،خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشى ،sosبالىلار كەنىتى ،ياشانغانلار ساناتورىيەسى ،پاراۋانلىق مەكتەپلىرى ،دوختۇرخانىلارغا بىرىپ ئۇلارنى يوقلىشى ،ئانىللىرى بىلەن بىللە بولۇشى ،بۇ ئارقىلىق بايرامغا رەڭ ۋە مەنا قوشۇشى كىرەك .ئىشقىلىپ بۇ كۈننى مۇشۇنداق مەنىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزسە دەيمەن .
شۇنداق بولسا بۇ بايرام كۈنىمۇ ،چىرايلىق ،گۈزەل ،خۇشال ئۆتىدۇ ،خانىم قىزلىرىمىزمۇ تىخىمۇ گۈزەل چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ .ئەمدى دەپ باقايلى چۇ ؟ كىم چىرايلىق ؟ كىم گۈزەل ؟
ھەي ي ي ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى چىرايلىق ۋە گۈزەل . بىلىپ قىلىڭلاركى ئۇلار چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ئەمەس ، گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن چىرايلىق .؟؟؟؟
2015-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
\ ئاتاۋۇللا ئەداخون( سۈتچى ) ئۈستۈنئاتۇش
|