ئامېرىكا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكىغا تۇغۇت ساياھىتىگە بېرىش مۇلازىمىتىنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 4-مارت خەۋىرى (مىرىيام جوردان): ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش خادىمى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى جەنۇبىي كالفورنىيەدىكى نەچچە سورۇندا ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ سورۇنلار كۆلىمى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق «تۇغۇت ساياھىتى» كارخانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ كارخانىلار نەچچە مىڭلىغان جۇڭگولۇق ئاياللارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغۇشى، ئاندىن ئامېرىكا پۇقراسى بولۇپ بولغان بوۋىقىنى كۆتۈرۈپ دۆلىتىگە قايتىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلدۈرۈشىچە، ئالاقىدار تەكشۈرۈش فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان «لەڭگەر بوۋاق» (anchor baby) كەسپىگە قارىتا ئەڭ چوڭ جىنايى ئىشلار شىكايىتى سۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاختۇرۇش پەرمانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەيىبلەشلەر ۋىزا ئالدامچىلىقى، باجدىن قېچىش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوندۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەكشۈرۈش خادىملىرى ئاختۇرغان سورۇنلار ساياھەت ۋىزىسى بار ھەمدە جۇڭگولۇق ئاياللار تۇرىدىغان داچىلارنى، بىر قىسىم ئامېرىكىدىكى شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىگىلىنىشچە، بۇ شەخسلەر لوس ئانگلېس، ئورانجى ۋە سان بېرناردىنودا ئۈچ مۇستەقىل «لەڭگەر بوۋاق» ئورنىنى يۈرۈشتۈرىدىكەن. «ۋول كوچىسى گېزىتى» كۆرگەن ئۈچ پارچە قەسەمنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك باج ئىدارىسى بۇ كىشىلەرگە قارىتا جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى قىلىۋېتىپتۇ.
مۇخبىر قەسەمنامىدە تىلغا ئېلىنغان كارخانىلارنىڭ بۇ ئىشقا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن دەرھال ئالاقە قىلالمىدى.
بۇلاردىكى بىر شىركەت لوس ئانگلېسنىڭ يۇلتۇز بوۋاق مەركىزى (Star Baby Care Center)گە جايلاشقان، مەزكۇر شىركەتنىڭ تور بېتى starbabycare.com دا دېيىشىچە، 1999-يىلدىن بۈگۈنگىچە 8000 دىن ئارتۇق ھامىلىدار ئايالنى كۈتۈۋالغان. يەنە بىر شىركەت ئامېرىكا خۇشال بوۋاق شىركىتى (USA Happy Baby Inc) تور بېتىدە ۋەدە بېرىپ، ئەگەر ھامىلىدار ئايال ئامېرىكا ئايروپورتىدا قايتۇرۇۋېتىلسە، شىركەت خىراجىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.
تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم شىركەتلەر خېرىدارلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەمىنلىگەن، قىسمەن بوۋاق مەركەزلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك داچا تەمىنلىگەن، ساياھەت مەنزىلگاھى شەكلىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەسى سەپلىگەن، خېرىدار يەنە ئالىي دەرىجىلىك رېستۇران، دىسنىي باغچىسى، داچا رايونىغا ھەتتا قارىغا ئېتىش مەيدانىغا بارسا بولىدۇ. پۈتۈن مۇساپىدە خەنزۇچە سۆزلەشنى بىلىدىغان بالا باققۇچى ھەمرا بولىدۇ.
چەتئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغۇش ئارزۇسى مەخسۇس باي چەتئەللىك زاتلارغا مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان كەسىپ زەنجىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ مېكسىكا كۆچمەنلىرىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم مېكسىكىلىقلار ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغۇشنى ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى قىلغان. ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى بولۇپ قالغان، ئادەتتىكى ئەھۋالدا داۋالاش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇق خېرىدارلار ۋاسىتىچىگە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىدە تۇغۇلغان بالا ئۆزلۈكىدىن ئامېرىكا پۇقراسى بولۇپ قالىدۇ. «لەڭگەر بوۋاق»نىڭ ئامېرىكا مائارىپى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە باشقا پاراۋانلىقلىرىدىن بەھرىمان بولۇش سالايىھىتى بولىدۇ. بالا 21 ياشقا توشقاندا پۈتكۈل ئائىلىسىنى قانۇنلۇق ھالدا ئامېرىكىغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
نۆۋەتتە قانچىلىك چەتئەللىك ھامىلىدار ئايالنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇمات يوق. ۋاشىنگتون تەشكىللىگەن كۆچمەنلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر يىلى ئامېرىكىغا تۇغۇت ساياھىتىگە بارىدىغانلار 40 مىڭغا يېتىدىكەن. مەزكۇر ئورگانا تۇغۇت ساياھىتىگە زەربە بېرىشنى قوللىدى.
تەرجىمىدە: ئوكيان
|