قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1689|ئىنكاس: 32

ئەركىم: قارادۆۋىدىن بالقىغان مېھىر قۇياشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   61.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1733
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 6567
تۆھپە : 6305
توردىكى ۋاقتى: 1525
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 21:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 23:21  

قارادۆۋىدىن بالقىغان مېھىر قۇياشى

01.jpg

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم


    2015-يىلى2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرى ئاقتۇر كەنتىدىكى 14 ياشلىق ئابدۇغېنى ئۆزىدىن كىچىك 11 ياشلىق نۇرمۇھەممەت بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. ئۇلار بىردەم يېرىمدەم مۇڭداشقاندىن كېيىن، قارادۆۋە بازىرىنىڭ 30 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى يىراق يېقىنغا داڭقى بار ساياھەت مەنزىلگاھى ئەسكىشارغا كىرىپ ئويناپ چىقىشنى مەسلىھەتلىشىپ، چوڭلارغا ئوقتۇرۇپ قويمايلا موتوسىكىلىتقا مىنگىشىپ چۆل ساياھىتىگە ئاتلاندى. بۇ چوڭ كىچىك بۇرادەرلەر ئاسمىنى كەڭ زىمىندا موتوسىكىلىتنى بولىشىغا چاپتۇرۇپ ھېلى ئۇ يارداڭدا، ھېلى بۇ يارداڭدا ئويناپ يۈرۈپ، قۇياش چۈشتىن قايرىلغان بىر چاغدا، باش توغراق دەيدىغان يەرگە بارماقچى بولۇپ، نورنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. بىر چاغدا ئابدۇغېنى كۆز ئالدىدىلا بىر توشقاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. بالىلارچە ساددىلىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئابدۇغېنى كەينىدە مىنگىشىپ ئولتۇرغان 11 ياشلىق نۇرمۇھەممەتنى يەرگە چۈشۈرۈپ قويۇپ:- سەن بۇ يەردە جىممىدە تۇرۇپ تۇر، مەن ئاۋۇ توشقاننى تۇتۇپ كېلەي، دەپلا موتوسىكىلىتىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ، يارداڭنىڭ ئىچىدىن مانام قاينىتىپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى. گۆدەك نۇرمۇھەممەت ئىنسان ئايىقى باسمىغان بۇ چۆل جەزىرىدە تىكەندەك يالغۇز قالدى. ئارىدىن خىېلى ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ ئابدۇغېنىنىڭ بارانى كۆرۈنمەيتتى. ۋاقىت ئۆتكەنچە نۇرمۇھەممەت ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئەتىراپىنى قاراڭغۇلۇق باسقانچە سارغۇچ، قىزىل رەڭلەرگە ئۆزگىرەۋاتقان چۆچەكلەردىكىدەك سىرلىق يارداڭ كۆرۈنىشلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە باشقىچىلا كۆرۈنىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ كىچىكىدىن بۇ ئەسكىشار ھەققىدىكى ئاجايىپ-غارايىپ چۆچەك، رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، شۇ تاپتا كۆز ئالدىغا ئاللىقانداقتۇر مەخلوقاتلارنىڭ بەتبەشرە سىياقى كېلىۋالسا تۇرۇپلا نەلەردىندۇر قىز-ئايال، بوۋاقلارنىڭ يىغلىغان، دەھشەتلىك چىقىرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلانغاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەمدى بۇ ئورۇندا ساقلاپ تۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، موتوسىكىلىتنىڭ ئىزىنى بويلاپ يۈگۈردى، يۈگۈرگەنچە يۈرىكىگە كىرىۋالغان قورقۇنۇچ تېخىمۇ كۈچىيىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈردى. ئىگىز-پەس، ئويمان-چۇقۇرلار ئۇنىڭ ئايىقىغا ئىلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئەپسۇس، ئۇ شۇنچە يۈگۈرەپمۇ ئابدۇغېنىنىڭ بارانىنى كۆرەلمىدى. بۇ چاغدا نەچچە مىڭ يىللىق سۈكىناتلارنى ئۆز جىسمىغا سىڭدۈرىۋەتكەن ئەسكىشار يارداڭلىقى زۇلمەتلىك سوغوق كېچىنى ئۆز قوينىغا چىللاپ بولغانتى. مۇدىھىش قاراڭغۇلۇق، تەسۋىرلىگۈسىز قورقۇنۇچ، ئامالسىزلىق، ئاچلىق ۋە شىۋىرغانلىق سوغوق كىچىككىنە نۇرمۇھەممەتنى رەھىمسىز چاڭگىلىدا سىقىشقا باشلىدى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئابدۇغېنى! ئابدۇغېنى!...بوۋا!، ئاتا ! دەپ ئاۋازلىرى پۈتكىچە ۋارقىراپ باقتى، بىراق، ئاۋازى چەكسىز كەتكەن چۆل ۋە سىرلىق ئالۋاستى ئورىدىسىدەك يارداڭلاردىن قايتقان ئەكىس سادالارغا قوشۇلۇپ قاياقلارغىدۇ سىڭىپ كېتەتتى. بۇ چاغدا نۇرمۇھەممەتنىڭ ياشلانغان كۆزى يىراقتىكى بىر ئىگىز چوقىغا چۈشتى. ئۇ ۋىجىككىنە تېنىدە قالغان ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ئاشۇ چوقىغا قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ چوققىنىڭ ئەڭ بېشىغا چىققاندا پايانسىز يارداڭلىق ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار جىمىرلاشقا باشلىغان ئىدى.
    ھېلىقى توشقان ئوۋلاپ كەتكەن شاكىچىك ئوۋچى ئابدۇغېنى ئوۋ غەنىمەتىدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەندە نۇرمۇھەممەت كۆرۈنمىدى، ئۇ بىردەم ساقلاپ بېقىپ، كەچ كىرىپ قالاي دېگەچكە موتوسىكىلىتىنى غارقىرتىپ چېپىپ ئۆي تامان يۈرۈپ كەتتى. ئۈرۈمچى ۋاقتى 5 دىن سەل ئاشقان ۋاقىتلاردا ئابدۇغېنىنىڭ دادىسى ئابدۇللا ئۆڭى-سۆلى ئۆچكەن ھالدا كېلىپ، نۇرمۇھەممەتنىڭ بوۋىسىغا ئەسكىشاردىكى ۋەقەنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدى. يېشى 60 قا ئۇلاشقا ئابدۇغوپۇر ئاكا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئارقىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى. ئۇ بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرمۇھەممەتنىڭ دادسىغا تېلېفۇن ئۇردى.
    دەل ئۇشبۇ دەقىقىلەردىن باشلاپ پۈتكۈل قارادۆۋە بازىرى تەۋەپ كەتتى. كوچا-دوقمۇشلاردا كىشىلەر ھەريان يۈگۈرۈشۈپ ۋاقىرايتتى: خالايىق! ئاقتۇردىكى بىر بالا ئەسكىشاردا يۈتۈپ كېتىپتۇ، تېز بېرىپ ئىزلەيلى! ئۆي-ئۆيلەردىكى تېلېفۇنلار، يانفۇنلار بەس-بەستە سايراپ : ۋەي! ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېيىمنىڭ نەۋرىسى ئەسكىشاردا تېنەپ قاپتۇ! ۋەي! ۋەي! دوستۇم ئاڭلىدىڭمۇ؟- ئالىم ئابدۇغوپۇرنىڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت ئەسكىشاردا يوقاپ كېتىپتۇ! بۇ خەۋەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا، قۇلاقتىن- قۇلاققا كۆچۈپ پۈتكۈل قارادۆۋىگە بىردەمنىڭ ئىچىدە پۇر كەتتى. قومۇلغا كېتىپ قالغان كىشىلەرمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بالىنى ئىزلەش ئۈچۈن بىرەر سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ قاردۆۋىگە قايتتى. بۇ كېلىشمەسلىكنى ئاڭلىغانلىكى قارادۆۋە خەلقى خۇددى ئۆز يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كەبى ئالدىغا قانداق قاتناش قورالى ئۇچىرىسا شۇنىڭ بىلەن چۆل تامان سەلدەك ئاقماقتا ئىدى. قارادۆۋە بازىرىنىڭ بازار باشلىقى يۈسۈپ ئىساق، چېنىقىشقا چۈشكەن مۇئاۋىن بازار باشلىقى يۈسۈپ مۇھەممەت، ئاقتۇر كەنتىنىڭ سېكىرتارى ھەسەن ئەمەت، قوراللىق بۆلۈم مەسئولى مۇختەر قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ تېزلىكتە ئادەم ئىزلەشكە ئاتلاندى. سېكىرتار ھەسەن ئەمەت ئۆيىدىن يۈگۈرگىنىچە بازار مەركىزىدىن ماشىنا ئىزلىگىلى چىقىپ بىرمۇ ماشىنىنى تاپالمىدى. چۈنكى، موتوسىكىلىت ۋە ماشىنىسى بارلىكى قارادۆۋە خەلقى بۇ چاغدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەسكىشارغا ئاتلىنىپ بولغانتى.
    قارادۆۋە تارىخى ئۇزۇن قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتنىڭ ھاۋاسى ئالاھىدە قۇرغاق، پايانسىز چۆللەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك شارائىتى سەۋەبىدىن قارادۆۋە خەلقى قولنى- قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى- مۈرىگە تېرەپ، ئۇزۇن يىللار ناچار تەبىئىي شارائىت بىلەن كۆرەش قىلىش نەتىجىسىدە چۆللەرنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇدى. بۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرى مەرد-مەردانە، قوقۇمسىز، قارام، تەۋەككۈلچى ۋە جاپا-مۇشاقەتكە چىدايدىغان،  ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئەمگەك مېۋىسىنى يەيدىغان، ھورۇن ۋە تەييارتاپلىقنى ئۆچ كۆرىدىغان تېپىلغۇسىز بىر خارەكتىنى يېتىلدۈرگەن ئىدى. بۇ يۇرتتىن نۇرغۇن چېلىشچى باھادىر پالۋانلار يېتىشىپ چىققان. ھەر يىلى ھېيىت-بايرام، نەۋرۇز، توي-تۆكۈنلەردە چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. تېخى بىر قانچە  نۆۋەتلىك خەلىقئارا، مەلىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك موتوسىكىلىت مۇسابىقىلىرىدە، قارادۆۋە ئەزىمەتلىرىنىڭ يارقىن سىماسىنى كۆرەلەيمىز. ئەنە ئاشۇنداق ئەمگەكچان، باتۇر خەلقى بار زىمىندىن شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگوغا، جۈملىدىن دۇنياغا داڭقى پۇر كەتكەن قومۇل چىلىنى ۋە قارادۆۋە ئۈزۈمى يېتىشىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى ئىتتىپاقلىقنىڭ كۆزنى قاماشتۇرغىدەك مېھىر زىياسى بۇ زىمىندا يامرىغان.
ئاشۇ سوغوق جاندىن ئۆتىدىغان قارا كېچىدە، قارادۆۋە بازىرىدىكى ماي پونكىتى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ماي قاچىلىغان كۈننى كۈتىۋالدى. ئومۇمى نوپۇسى بىر تۈمەندىن سەللا ئاشىدىغان قارادۆۋىدە نۇرمۇھەممەتنى ئىزلەش ئۈچۈن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ماشىنا، موتوسىكىلىتلارغا قويۇلغان ماي 3 تۈمەن يۈەنگە بېرىپ قالدى. نەچچە مىڭ يىللىق سۈكۈتكە چۈمكەلگەن ئەسكىشار يارداڭلىقى ئادەم، ماشىنا، موتوسىكىلىت دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ قانداقتۇر يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان ئادەم ئىزلەش ھەركىتى ئەمەس. كۆز ئالدىدىكى بۇ تەسىرلىك كۆرۈنىشنى كۆرگەن، قارادۆۋىگە خىزمەتكە چۈشكىلى نەچچە ئاي بولغان بازار باشلىقى يۈسۈپ ئىساقنىڭ كۆزلىرى ھاياجاندىن ياشلاندى. ئۇ، بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ بازارلىق ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچى، ساقچىلىرىغا تېلېفۇن ئۇرغىنىدا، ئۇلار ئاللىمۇقاچان ئادەم ئىزلەش سېپىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاتلىنىپ بولغان ئىدى. شۇ كۈنى يىغلىغان ئادەم ئاز ئەمەس. بالىسىنىڭ يۈتكەنلىكىنى ئاڭلىغان بوۋاي، موماي، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ۋە بالىنى ئىزلەشكە قاتناشقانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرۈنمەس توغرا بالا-قازا ئىلكىدە ياشلانسا، قارادۆۋىدە ئىشلەۋاتقان يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆزلىرى ئەتىراپىدىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك كۆرۈنىشلەر تەسىرىدە ياشلاندى. بازار باشلىقى يۈسۈپ ئىساق، مۇئاۋىن بازار باشلىقى يۈسۈپ مۇھەممەت قاتارلىقلار تاڭ ئاتقۇچە بالىنى ئىزلەش داۋامىدا: بۇرۇن قارادۆۋە خەلقنى ئىنتايىن ئىناق-ئىتتىپاق ياشايدۇ، مەسلەن: بىرەرسى توي قىلىش ئۈچۈن ئۆي سالماقچى بولسا تەڭتۇشلار، يۇرتداشلار ئۆزلىكىدىن توپلىنىپ نەچچە كۈندىلا ئۆينى پۈتتۈرۈپ بولىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغانتۇق. بۈگۈن بۇ زىمىندا ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق مىلودىيىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۈق. بۇ سۆيۈملۈك خەلىقنىڭ ئۆملۈكىگە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز، دېيىشىپ ھاياجاندىن بىر نەچچە قېتىم قارچۇقلىرى نەملەندى.
    شۇ كۈنى چۆلگە كىرىپ بالىنى ئىزلەشكە قاتناشقان چوڭ-كىچىك ماشىنىنىڭ سانى 300دىن، موتوسىكىلىتىنىڭ سانى 200 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بالىنى ئىزلەشكە قاتناشقان ئادەم سانى 1000دىن ئاشىدىكەن. بالىنى ئىزلەش جەريانىدا يېرىم يولدا ماي تۈگەپ قالغان ماشىنا ۋە موتوسىكىلىتلارمۇ چۆلنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىدە ئۇچىراپ تۇرغان، بەزى ماشىنىلار شۇ كېچىسى 400-500 كىلومېتىر يول ماڭغان، ماشىنىنىڭ مېيى تۈگەپ قالسا، بازارغا قايتىپ ماي قۇيدۇرۇپ يەنە ئىزلەشكە ئاتالانغان. كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئوزۇق-تۈلۈك ئالغاندىن سىرت، قارادۆۋە بازىرىدىكى ناۋايلارمۇ ھەركەتكە كېلىپ، يېرىم كېچىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ نان يېقىپ بالىنى ئىزلەشكە قاتناشقانلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۆيدە قالغان ئانىلار، ئاياللار بولسا يېرىم كېچىدە تاماقلىرىنى پىشۇرۇپ، نۇرمۇھەممەت ۋە ئۆيىدىكىلەرنىڭ غەلبە بىلەن قايتىشىنى ساقلاپ كىرپىك قاقماي ئولتۇرغان. يېشى چوڭلاپ قالغان پىشقەدەم ئىزچىلاردىن ئاقسوم يۈسۈپ، مەخموت ئىبراھىم، ئاقتۇر كەنت سېكىرتارى ھەسەن ئەمەتلەر چىدىغۇسىز شىۋىرغانلىق، سوغوق چۆلدە گاھ پىيادە، گاھ ماشىنىلىق يول يۈرۈپ بالىنىڭ ماڭغان ئىزىنى ئىزلەپ تاپقان. بىراق، ھەممىنى ئۈمىدلەندۈرگەن بۇ ئىز كېچە سائەت 3 تىن ئاشقاندا  يۈتۈپ كەتكەن. بۇنى ئاڭلغان ئابدۇغوپۇر بوۋا، ئوغلى ئالىم ئەمدى بالىنى تاپالمايدىغان بولدۇق، دەپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. لېكىن، ئەتىراپىدىكى بالىسىنى ئىزلەشكە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئۇلارغا ئاخىرغىچە ئىزلەش ئىرادىسىنى تىكلەپ بەرگەن. خوشنا كەنت لاپچۇقلۇق ئادىل مۇھەممەت بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ يېڭىلا ئالغان، باھاسى 30 تۈمەندىن ئاشىدىغان دالا ماشىنىسىنى ھەيدەپ نۇرمۇھەممەتنى ئىزلەشكە كەلگەن ۋە ئۆزىمۇ تونۇمايدىغان بىر قارادۆۋىلىك بالىغا لاپچۇقتىكى ئۆيىدىن يېپيېڭى مۇسابىقە موتوسىكىلىتىنى ئېلىپ كېلىپ، بالا ئىزدەشكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان. قارادۆۋە بازارلىق قۇراللىق بۆلۈم باشلىقى مۇختەر قومۇلدا چاغانلىق دەم ئېلىشتا بولسىمۇ، خەۋەرنى ئاڭلاپلا قارادۆۋىگە كېلىپ بالىنى ئىزلەش سېپىگە قوشۇلغان. قارادۆۋە بازارلىق ساقچىخانا باشلىقى ئەركىننىڭ يوليورۇقى بىلەن مەخسوس ئۈچ ماشىنا ئاجىرىتىلغان بولۇپ، بىر ماشىنا يارداڭلىقتىكى بالا يۈتۈپ كەتتى، دەپ پەرەز قىلىنغان ئورۇندىكى ئەڭ ئىگىز چوقىغا چىقىپ، بالىنى كۆرسۇن، ئاڭلىسۇن دەپ 7-8 سائەت ئۇدا ساقچى گۈدۈكى ۋە چىرىقىنى ياندۇرۇپ تۇرغان. تېخى شۇ كۈنى تۈگمەن بويى كەنتىدە بىر يىگىتنىڭ تويى بولغان بولۇپ، توي ئەھلى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەممىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نۇرمۇھەممەتنى ئىزلەش سېپىگە قاتناشقان. بەزى ماشىنىلارنىڭ ئىگىلىرى قاراڭغۇدا ئېزىپ قالغان نۇرمۇھەممەتنى كۆرسۇن دەپ ئوتۇن ئالغانلىرى ئوت ياققان، ئوتۇن ئالمىغانلىرى ماشىنىسىدىكى يېپيېڭى زاپاس چاقلارنى ئىگىز چوقىلارنىڭ بېشىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرگەن. شۇ كۈنى ئەسكىشار، ئۈكەرداۋان، باشتوغراق، زارەت چوققىلارنىڭ زۇلمەتلىك ئاسمىنى مېھىر-مۇھەببەت تەپتىدىن يېقىلغان مەشئەللەر بىلەن كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن. بەزى ئاتىلار ئۆز ئوغۇللىرىنى بالا ئىزلەشكە كەلدىمۇ-كەلمىدىمۇ دەپ سۈرۈشتۈرۈپ تىلېفۇن ئۇرۇپ كايىغان...بەرھەق، ئەل غېمىنى يىمىگەن، ئەر ئەمەس، ئەتىسى قارادۆۋىدىكى بەزى كىشىلەر شۇ كۈندىكى بالا ئىزلەشكە قاتنىشالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ ئازاپلانغان.
    2015 -يىلى2-ئاينىڭ22-كۈنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەنى قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھەت ئىبراھىمدىن ئاڭلاپ مەخسوس ۋاقىت ئاجىرىتىپ قارادۆۋىگە قاراپ ئاتلاندىم. چۈنكى، قارادۆۋىدىن بالقىغان بۇ مېھىر قۇياشىنىڭ نۇرىنى قەلەمگە ئېلىپ باشقىلارنىڭ دىلىنىمۇ ئىللىتقۇم كەلدى. مېنىڭ بۇ نىيتىمدىن خەۋەر تاپقان مۇئاۋىن بازار باشلىقى يۈسۈپ مۇھەممەت زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىدا: مەن بۇرۇنمۇ قارادۆۋە خەلقنىڭ ئۆم، ئىناقلىقىنى تولا ئاڭلىغان. ئەمما، مۇشۇ يېشىمغىچە، ھېچقانداق بىر يۇرتتا بۇ قەدەر ھەيۋەتلىك ھەم تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى ئۇچىرىتىپ باقماپتىمەن. قارادۆۋە خەلقىگە بولغان قايىللىقىم، ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى، دېدى.
    زىيارەت داۋامىدا نۇرمۇھەممەتنىڭ بوۋىسى ئابدۇغوپۇر ئابدۇقادىر، دادىسى ئالىم ئابدۇغوپۇر، ئاقتۇر كەنت سېكىرتارى ھەسەن ئەمەت، ئابدۇرېشىت ئابلېز، ئەمەت كېرەم، گايىت خىزىر قاتارلىق كىشىلەردىن ئاڭلىغان تەسىرلىك ئىش ئىزلارنىڭ ھەممىسنى بۇ يەردە بىرمۇ بىر يېزىپ ئولتۇرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. يۇقىرىدىكى بايانلاردا تەسۋىلەنگىنىدەك قارادۆۋە خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئاتلىنىشى بىلەن، ئەسكىشاردا يۈتۈپ كەتكەن نۇر مۇھەممەت، تاڭ سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 7 لەر ئەتىراپىدا، چوڭ بۇرادىرى ئابدۇغېنىنىڭ دادىسى تەرپىدىن ئەسكىشارنىڭ كۈنچىقىش تەرپىدىكى بىر يارداڭلىقنىڭ چوقىسىدىن تېپىۋېلىنغان. نۇرمۇھەممەت تېپىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن خاتىرجەم بولۇشۇپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتكەن. شۇ كۈنى جاڭگالدا پېتىپ قالغان ۋە مېيى تۈگەپ تاشلىۋېتىلگەن موتوسىكىلىتلارنى مەن كەلگەن كۈنىگىچە چۆلىدىن ئېلىپ چىقىۋاتقانلار باركەن.
    22 -چىسلا ئابدۇغوپۇر ئابدۇقادىر ئاكىنىڭ ئۆيىدە يازمىمىزدىكى باش قەھرىمان، شاكىچىك نۇر مۇھەممەت بىلەن ئۇچىراشتىم. پاكىزە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا مەشتىكى ئوت يېلىنجاپ كۆيىۋاتاتتى. مەن كاڭنىڭ بىر بۇرجىكىدە يوتقانغا ئورۇنۇپ ياتقان نۇرمۇھەممەتكە قارغىنىمچە باشقا زىيارەت ئوبىكىتلىرى بىلەن پاراڭلاشتىم. كاللامنىڭ بىر قىسمىدا بولسا، ئەگەر مەن نۇرمۇھەممەتنىڭ ئورنىدا قاپقاراڭغۇ پايانسىز سوغوق چۆلدە تىنەپ قالغان بولسام، قورقۇنۇچتىن نە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمنى تەسەۋۇر قىلىپ باقتىم. شۇ كۈنى نۇرمۇھەممەتنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە: ئۇ چوققىغا چىقىپ، بەك قورقۇپ ھەم توڭلاپ كەتكەنلىكتىن بىر كامارغا تىقىلىپ يېتىۋالغان. بىر چاغلاردا ئەتىراپتىن ئالا-يېشىل چىراقلارنى ياندۇرۇپ ماشىنا، موتوسىكىلىتلارنىڭ غۇيۇلداپ ئۆتكىنىنى كۆرگەندە خىيالىغا، بۇ ئادىمىزاتسىز چۆلدە، بۇنچە كەچتە نەدىمۇ بۇنداق جىق ئادەملەر بولسۇن؟ ئۇلار چوقۇم چوڭلار دەپ بەرگەن رىۋايەتلەردىكى ۋە مەن كۆرگەن ئامرىكا كىنولىرىدىكىدەك جىن-ئالۋاستىلار بولىشى مۇمكىن، دېگەن خىياللار كاللىسىغا كېلىۋېلىپ، قورۇقۇپ ئۆزىنى ئاشكارلىمىغان ئىكەن. شۇ قورقۇنۇچ سەۋەبىدىن ئۆزىنى سۆيۈملۈك قارادۆۋە خەلقنىڭ كېچىچە ئىزلەيدىغىنىنىمۇ ئويلىيالماپتۇ.
شۇ كۈنىدىكى، تۈن قاراڭغۇسىدا ئەزۋەيلىگەن سوغوق شىۋىرغان، زۇلمەتلىك كېچىنى يورۇتۇش ئۈچۈن توختاۋسىز پىلىلداۋاتقان بىساناق يۇلتۇزلار، ئەسكىشار تۇپرىقىدىكى بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشكە شاھىد بولدى.  شۇ كۈنىدىكى، ئىزلەشكە قاتناشقان مىڭلىغان قارادۆۋە خەلقى بۇ تەسىرلىك ھېكايىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بايان قىلىدۇ. شۇ كۈنىدىكى، قارادۆۋىدە ياڭرىغان مېھىر-مۇھەببەت ناخشىسى، ئىتتىپاقلىق مىلودىيىسى، يۇرتداشلىق، قېرىنداشلىق خۇرۇشلىرىدىن پۈتكەن چىن سۆيگۈ داستانى قارادۆۋە زىمىنىدا ئەبەدىل ئەبەت داۋاملاشقۇسى.
    مەن ئابدۇغوپۇر ئابدۇقادىر ئاكىنىڭ ئۆيىدىكى زىيارەتنى تاماملاپ قايتىشقا تەييارلانغاندا، ئابدۇغوپۇر ئاكامنىڭ قىلغان گەپلىرىنى بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنىڭ خاتىمىسى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن:-ئىنسان بالىسىنىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىدىغان بىر تەرپى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. بۇ قېتىم پۈتۈن قارادۆۋە خەلقى نەۋرەم نۇرمۇھەممەتنى ئىزلەش جەريانىدا بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەس مېھرى-مۇھەببىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بىرلىك بولماي، بۈيۈكلۈك بولماس، قارادۆۋە خەلقىنىڭ جىسمى ۋە روھىدىكى مۇشۇنداق ئۆملۈك، بىرلىك ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىق بولمىغان بولسا نەۋرەم نۇرمۇھەممەتنى تاپالمىغان بولاتتۇق. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ جاۋابنى خەلقىمىزگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قايتۇرۇشقا تىرىشىمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قارادۆۋە خەلقىگە ۋە قارادۆۋە بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.  
    بەرھەق، ئۇلۇغ ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەل ئامان، شەھرىڭ ئامان، دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئىكەن. ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر، ئەلۋەتتە. خەلق ئىتتىپاقلاشسا، ئەل ئىچىدە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇلى كۈچەيسە، بىزنى ھەر قانداق بىر كۈچ يېڭەلمەيدۇ. رەھبەرلىرى ئەل ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلالىغان يۇرتنى شادلىق كۈيلىرى بىلەن بەخت، ئامەت نۇرلىرى قاپلىغۇسى. قارادۆۋىدە بالقىغان بۇ مېھىر قۇياشى دەل ئۇشبۇ نۇقتىنى ئىپادىلىدى.

2015-يىلى2-ئاينىڭ25-كۈنى قومۇل


15

تېما

9

دوست

4399

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 1290
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 23:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى ،لىكىن ياخشى ئىش مەخپىي قالمىسۇن !!!
ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى قۇرۇلۇپتۇ ،بەك ئىسىل !!!
http://www.uykitap.cn/
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7592

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1241
توردىكى ۋاقتى: 1306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 04:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن ئۇزۇن يېزىلغان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا، ساختا پىدائىيلار روھىغا، دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىغا كېرەك يوق ئەسلى. ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈچۈن سۆيگۈگە ۋە پىداكارلىققا تولغان بىر قەلب بولسا يېتەرلىك.

ئادەمگەرچىلىك، مەرتلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنىڭ ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ گۈزەل ئۆرنىكىدۇر مېنىڭ يۇرتۇم.

ئەركىم، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

4

تېما

0

دوست

6219

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1479
توردىكى ۋاقتى: 425
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە  ئۇلۇق ئىگەم  ،مۇشۇ  قارادوۋە  خەلقىگە  ئاتا قىلغان  ئىناقلىق  -ئىتپاقلىق  ئوملۇك  ئاتا قىلسۇن  .مۇشۇ قېرىنداشلىرمىزنىڭ  تېخىمۇ  ئىناق ئوتۇشىنى  تىللەيمەن .دىمىسىمۇ  مۇشۇ قاردوۋە خەلقى  پەخىرلەنگۇدەك  خەلىق  ، كوز تەگمىسىۇن  .پۇتۇن قۇمۇل  دىيارىدا  قاردوۋە  خەلقىدەك  ئوم -ئىناق  باشقا بىر خەلىق  يوق .

0

تېما

0

دوست

1634

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 517
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ «اللە» خالسا ئۇيغۇرغا ئۆملۈكتە ئىتپاقلىقتا  مىھىربان قېرىنداشلىقتا ئۈلگە بولغان
قارا دۆۋە خەلقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ كىلمەن،

4

تېما

3

دوست

6681

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 1237
توردىكى ۋاقتى: 1043
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ غارايىپ تەسىرلىك ۋەقەكەن بۇ.
جاڭگالغا چىققاندا ئالدىمىزغا  توكور توشقان ئۇچرىسىمۇ ھەرگىز ھەرگىز قوغلىماسلىقىمىز كىرەك  ☺☺

4

تېما

3

دوست

6681

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 1237
توردىكى ۋاقتى: 1043
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

标题

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xatmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 11:22  

ئىنكاس قايتىلىنىپ كىتىپتۇ.  تەھرىرلەندى

39

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2147
توردىكى ۋاقتى: 602
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن!قارادوۋە خەلىقىنىڭ ئىتپاقلىق رھىغا!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )