- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2589
- نادىر
- 0
- يازما
- 144
ئۆسۈش
19.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 21:48
پۇل،مەنسەپ،بىلىمنىڭ بەس-مۇنازىرىسى
مەخەت ئابدۇرېھىم
باشلىنىپ قالدى بىر كۈن سۆھبەت بىلىم،پۇل، مەنسەپ ئارا،
بەكمۇ قىزىپ كەتتى پۇل كۆزىگە كۆرۈنمەي ئاق-قارا.
چۈشتى پۇلمۇ مەيدانغا سەكرەپ كەلدى ھەم بەك ئاچچىغى،
دىدى: گەپ قىلمىسام ھەي چوڭ سۆزلىشەمسىز ئىككىڭ تېخى.
باينى باي قىلغانمۇ مەن،بىلسەڭ يوقنى خار قىلغانمۇ مەن،
بىر بۇردا نانغا زار قىلىپ، جاھاننى تار قىلغانمۇ مەن.
يانچۇقتا بولسام تومپىيىپ دەل بولار ھەركىمنىڭ ئىشى،
ئەكىسچە مەن بولمىسام گەر خۇددى تاشتەك قاتار بېشى.
ئەمەستۇرمەن پەقەت قەغەز بىلەر بولساڭ مىنىڭ ئىسمىم،
جاھاندا ئەتىۋارلىق تاش گۆھەر ئالتۇن بولۇر جىسمىم.
ئاكاڭدەك پەھلىۋان بولغاچ يىتەر ھەممە تىلەكلەرگە،
مىنى جاندىن بىلىپ ئارتۇق تاڭار ئوتلۇق يۈرەكلەرگە.
ئاكاڭ قارغاي جاھاندا بىر، ئۆلەر مەن بولمىسام ھەر جان،
پۈتۈن ئالەم مىنىڭسىز ھەم تۇرالمايدۇ بولۇر خازان.
سۆزى پۇلنىڭ تۈگىمەستىن، كۈلۈپ سۆز باشلىدى مەنسەپ،
-ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇپ پۇلۋاي نىمە دەيسەن ساراڭ رەپ-رەپ.
قانچىلىك نىمىتتىڭ سەن قۇرۇق پونى تولا ئاتما،
جۆيلۈپ ئاغزىڭغا كەلگەننى قۇرۇق گەپنى تولا ساتما.
ئىرىشسە گەر ماڭا ئىنسان كۆرەر راھەت تاپار پايدا،
قىلار ھەممە ماڭا تازىم، بولارمەن شام ساڭا قايدا.
قەدەمدە ھەمىلا ئادەم مىنىڭ ئاغزىمغا قارايدۇ،
ئەگەر قىلسام بىرەر بۇيرۇق جىمى ئەل شۇنى بويلايدۇ.
بىلىڭلاركى ھالەك بولغان ئۇرۇشتا بولمىغاچ باشلىق،
ياكى باشلىققا بويسۇنماي قىلىشقاچ ھەممە بەڭۋاشلىق.
تەكەپپۇرلۇق بىلەن سۆزلەپ تۈگەتتى سۆزىنى مەنسەپ،
بولۇپ مەمنۇن ئۆزىچە ئۇ پۈتۈن مەيداننى بىر دەسسەپ.
چىدىماي مەنسەپ گىپىگە تارتتىمۇ پۇل ياكى ئىزا،
«ئىككى نوچى» باشلىدى ھەم ئۇرۇش-جىدەل غەۋغا قازا.
چۈشتى بىلىم مەيدانغا ھەم مەغرۇر سالماق قەدەم تاشلاپ،
ئۆزىنى توتۇپ تەمكىن دىدى ئاستا سۆزىنى باشلاپ.
-ئۇرۇشماڭلار ئەي بۇرادەرلەر ماڭا كەلدىغۇ نۆۋەت،
ماڭا ھەرگىز ئەس لازىم نامى ئاتاق قۇرۇق شۆھرەت.
ئەمەستۇر بۇ يولۇم تۈپ-تۇز ماڭالمايدۇ راۋان بىرخىل،
ئۇزۇن بەكمۇ يولۇم مۈشكۈل داۋانلار بار توساق ھەرخىل.
بىلىنى باغلىسا كىمكى ئىرادە قىپ ماڭا يەتمەك،
ئاڭا شەرتسىز قىلىپ غەيرەت، توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتمەك.
مىنىڭ ئىسمىم «بىلىم»ئەمما، ئۆزەم بىر ئىگىسىز تۇلپار،
كىمىكى مىنى كۆندۈرسە،مەنزىلگە بارىمەن زىنھار.
تەكەپبۇر ھەم قانائەتلەر بولۇر ئۇ ماڭا چوڭ دۈشمەن،
ئۇنىڭ كىم كەينىگە كىرسە قىلار ئاخىر يوغان پۇشايمان.
دەيدىكەن بەزىلەر شۇنداق-كىيىپ ھە ياخشى يەپ ئۆتسەم،
يۈرەكتە قالمىغاي ئارمان، ئاشۇ مەقسەتكە بىر يەتسەم.
داۋامەت قوغلىشار بۇلار ئاتاق-ئابروي پەقەت ئىززەت،
ياشسا ئايرىلىپ ئەلدىن پەقەت يوق زەررىچە لەززەت.
ھالالدىن تۆكمىسە ساپ تەر كىشىگە شۇ راھەت قايدا،
ئاشۇ تىككەن كۆچەت بەرسە بولۇر ئەلگە مىۋە پايدا.
-بىكار ئىككىڭنىڭ گىپى؛- دەپ يەنە ئارلاشتى پۇل سۆزگە،
- بىلىپ قوي ، يوق جاھاندا بىر ئاكاڭدىن نوچىسى ئۈزگە.
- ۋالاقلاشما تولا سەنلەر-دىدى ئاچچىق بىلەن مەنسەپ،
-نىمە دەيسەن؟- دىدى پۇلمۇ تۇرۇپ بوش كەلمىدى ئەپلەپ.
ئۇلار شۇنداق دىيىشتى-دە چوڭ باشلىنىپ قالدا جىدەل،
بىسىقتۇرالماي بۇنى بىلىم«ئۇرۇش» بولدى بىر مەھەل.
كىرىپ كەلدى ھەقىقەت شۇ چاغدىلا ئۇشبۇ مەيدانغا،
بولۇپ ھەيران بۇ ئىشلاردىن قارىدى ھەمدە ھەر يانغا.
بىلىم، ھەقىقەت ئاجرىتىپ مەنسەپ بىلەن پۇل توختىدى،
بولۇپ ۋاقىپ بۇ ئىشلاردىن ھەقىقەت دەل سۆز باشلىدى.
ھەممىڭلارنىڭ بار نام-ئاتاق باشقا-باشقا پۇت قولى،
شۇنداقلا بار ماڭىدىغان ئوخشىمايدىغان ئايرىم يولى.
مەنسەپنى ئالساق باشقۇرار دۆلىتىنى ھەم خەلىقنى،
سېلىپ ئىشقا بىلىمىنى ئۇ گۈللىتەر ئۆز ئىلىنى.
پادىشاھدا يوق بىلىم گەر، بولسىمۇ كۆپ ئالتۇن-گۆھەر،
تۈگەيدۇ ئالتۇنمۇ خوراپ تار-تار چوقۇم ئاخىرى زەر.
ھاجەت ئەمەس كۆپ گەپ قىلىش،بۇ ھەقتە چوڭ ئەربابىمىز،
«قۇتاتغۇ بىلىگ» قامۇسىدا سۆزلىگەن شائىرىمىز.
كۆتۈرۈپ يۈكسەك پەللىگە ھەممىدىن ئەڭ ئەلا بىلىپ،
مۇنداق دىگەنتى نىمشىھىت پەن ۋە بىلىمدىن شەھلا كۈلۈپ:
«جاھان رانالىرى ئىچىدە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتغان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق».
بولسىمۇ گەر پۇلنى تاپماق ياكى چوڭ ئەمەل بولسىمۇ،
پەقەت بولماس بىلىم ئالماي ھەم توققۇزى تەل بولسىمۇ.
ئىجىل-ئىناقلىق بولمىسا گەر تارتىدۇ ھەركىم زىيان،
ئالغا باسمايدۇ زامانمۇ ھەتتاكى ئەل قالماس ئامان.
بىلىم بولسا ئەگەر كىمدە مەنسەپ كىلەر دەل ئالدىغا،
پۇلمۇ كىتەلمەس ھىچقاچان ئېلىپ ئۆزىنى دالدىغا.
ھەقىقەت سۆزىدىن ھەممە بولۇپ قايىل خىجىل بولدى،
كۆرۈشتى قايتىدىن ئۇلار ئىناق دوسلار ئىجىل بولدى.
ئۆز ئەسلىگە كىلىپ ئىشلار يۈرۈشتى ھەممىسى نورمال،
پۇل،مەنسەپ ،بىلىم،ھەقىقەت بولوپ كەتتى ئوخشاش خوشال.
مەخەت ئابدۇرېھىم.
|
|