قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1444|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش مىساللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

139

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1135
تۆھپە : 3847
توردىكى ۋاقتى: 1473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تارىختىكى ۋە ھازىرقى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلارنىڭ مىساللىرى
(پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا ئائىت ماقالىلەرنىڭ ئىككىنچىسى)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى


پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش كۆڭۈل ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق قورال كۆرۈنۈش ياكى مەنزىرە بىلەن ئاۋازدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە بولىدۇ. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى قارشى تەرەپ بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىش، تېلېۋىزورغا ئوخشاش ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش، رادىيو ۋە چوڭ ئاۋازلىق كانايلارغا ئوخشاش ئاۋاز مېدىيەسىنى ئىشلىتىش، ھەمدە تەشۋىقات قەغىزى، گېزىت، كىتاب، ژۇرنال ۋە چوڭ تاختايلىق خەت ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىكى «قورال»، ئۇچۇرنى قانداق تارقىتىش ئەمەس، بەلكى تارقاتقان نەرسىلەرگە يوشۇرۇنغان ئۇچۇرلار ۋە ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ قارشى تەرەپكە قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.


پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، ئېلىپ بارماقچى بولغان تەشۋىقاتنى ناھايىتى ياخشى پىلانلاش. سىز دۈشمىنىڭىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىشىڭىز كېرەك، ھەمدە دۈشمىنىڭىزنىڭ ئەقىدىسى ياكى يېتەكچى ئىدىيەسىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭىز كېرەك.

مەن ئالدىنقى ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىم: تاكتىكىلىق پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار، ئىستراتېگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار، ۋە مۇستەھكەملەش پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرى [1]. مەيلى قايسى خىلدىكى پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلات ياكى ئۇرۇش بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىدۇ:

(1) دۈشمەننىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىش
(2) دۈشمەننىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى ئىچىدە كەڭ-كۆلەملىك ئىختىلاپ پەيدا قىلىش، ھەمدە دۈشمەن ئەسكەرلىرى ۋە دۈشمەننىڭ ئۆزىگە مايىل كادىرلىرىنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزى تەرەپكە ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش
(3) ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش ئەللەر قوشۇنلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە نەيرەڭۋازلىق ئىش-پائالىيەتلىرىگە ياردەم قىلىش
(4) ئۆز قوشۇنى، ئىتتىپاقداش ئەللەر قوشۇنلىرى ۋە دۈشمەننىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ياردەملىشىۋاتقان گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋە ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۆستۈرۈش

ھازىرغىچە بولغان تارىخنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم بىر شەكىلدىكى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش جەڭدە غەلىبە قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلدى. ئۇنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى جەڭلەردە ئىشقا سېلىنغان ئادەم كۈچى ۋە قورال كۈچىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئىقتىدارى ئۆزى چىقىم تارتماي تۇرۇپ ھەربىي كۈچنىڭ ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلدى. ئەمما، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بۇرۇن ئانچە سىستېمىلاشمىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا بىر ئۈنۈملۈك ھەربىي قورال سىستېمىسى شەكلىگە كىردى.

مەن ئالدىنقى ماقالەمدە پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بەردىم. مەزكۇر ماقالىدە تارىختا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھازىرمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىر قانچە مىساللىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدا تىزىلغان 4 ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلغان [2].


1. سۈنزى

سۈنزى تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەربىي تاكتىكىچى، دەپ قارىلىدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە سۈنزىگە ئائىت نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» (孫子兵法) دېگەن بىر كىتابنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، تارىختا «سۈنزى» ئىسىملىك بىر ئادەم ھەقىقەتەن ياشىغانمۇ-يوق، ئەگەر ياشىغان بولسا ئۇ قاچان تۇغۇلۇپ، قاچان ئۆلگەن، دېگەن مەسىلىدە تارىخشۇناسلار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن كۆز-قاراش تېخىچە مەۋجۇت ئەمەس [3]. يەنى، تۆۋەندىكى 3-مەنبەگە ئاساسلانغاندا، «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دېگەن كىتابنى بىر ئادەم ئەمەس، بىر گۇرۇپپا ئادەم سۈنزىنىڭ نامىدا يازغانلىق، ياكى ئۇنى سۈنزىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى يازغانلىق ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن. شۇنداقلا ئەگەر سۈنزى ھەقىقەتەن ياشاپ باققان ئادەم بولسا، ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىللىرى ياشىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

e01_suntzu.jpg
1-رەسىم: بەزى كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكى سۈنزى (سۈنزىنىڭ سىزىلغان رەسىملىرىنىڭ ھەر خىللىرى بار بولۇپ، مەن بۇ يەرگە شۇلارنىڭ بىرسىنى قىستۇرۇپ قويدۇم)

«سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:

«دۈشمەننىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئېلىش ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن ياخشى؛ بىر ھەربىي پولكنى پۈتۈن قولغا چۈشۈرۈش ئۇنى يوقاتقاندىن ياخشى. يۈز ئۇرۇشتا يۈز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش يۇقىرى ماھارەت ئەمەس. دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ھەممىدىن ئەۋزەل. شۇڭلاشقا ئۇرۇشتىكى ھەممىدىن مۇھىم نەرسە دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان مۇھىم ئىش دىپلوماتىيە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ بىرلىشىۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان مۇھىم ئىش دۈشمەن ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىش. ھەممىدىن ناچار تاكتىكا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش.»


2. ئىمپېراتور ئالېكساندېر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، Alexander the Great)

پىسخولوگىيە ئۇرۇشى ئىدىيەسىنى ئەڭ دەسلىپىدە ئىشلەتكەن كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلىدىن 323-يىلىغىچە ماكېدونىيە (Macedonia) دە ياشىغان ئىمپېراتور ئالېكساندېردۇر. ئالېكساندېر ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە دۇنيادىكى زېمىنلارنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇ ھەر بىر زېمىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى قالدۇرۇپ، ئاشۇ زېمىننى ئىدارە قىلىشقا قويدى. بۇنداق قىلىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالېكساندېرنىڭ ئەسكەرلىرى ھەممە يەرگە شالاڭ تارقىلىپ كەتتى. ئالېكساندېر شۇ چاغدا ئەسكەرلىرىنىڭ شالاڭلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بىر كۈچلۈك دۈشمەنگە يېڭىلىپ قېلىش خەۋپى تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن تەشكىللەشتىن باشقا يول قالمىدى. ئەمما ئۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئالېكساندېرنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ گۇمران قىلىۋېتەتتى.

e02_alexander.jpg
2-رەسىم: ئىمپېراتور ئالېكساندېر

ئالېكساندېر كۆڭلىدە، ئەگەر دۈشمەنلەرگە ھەيۋە قىلىپ ئۇلارنى قورقۇتسا، ئۇلار ئۆز ئەسكەرلىرىنى قوغلىمايدىغانلىقىنى پەملىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قورال-ياراق ياسايدىغان قوشۇنلىرىغا بۇيرۇق قىلىپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئىككى يېرىم مېتىرغىچە كېلىدىغان گىگانت ئادەملەرگىلا ماس كېلىدىغان ئۇرۇش قالپاقلىرى بىلەن ئەسكەرلەر چاپىنىنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالىدىغان دالدىلىغۇچلارنى ياساتتى. ھەمدە ئالېكساندېر ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېچىسى چېكىنگەندە، ئۇلار ھېلىقى يوغان قالپاق ۋە تۆمۈر كىيىملەرنى يولغا تاشلاپ ماڭدى. ئالېكساندېرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر ھېلىقى كىيىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى قوغلاپ ماڭغانلار گىگانت ئادەملەر ئىكەن، ئۇلارنى يېڭىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلىدى. يولۇچىلاردىن ئالېكساندېر قوشۇنلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنىمۇ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالېكساندېرنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشتىن ۋاز كەچتى.


3. موڭغۇللارنىڭ داھىيسى چىڭگىزخان

چىڭگىزخان ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇش قىلىدىغان ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن رۇسىيە ۋە ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ بېرىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ئۇ يېتەكلىگەن قوشۇن ھەقىقەتەنمۇ بارغانلا يېرىدە ياۋۇز ئادەملەردەك ئۇرۇش قىلىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشمۇ ياردەم قىلدى. يەنى، چىڭگىزخان نەيرەڭ ئىشلىتىش، ھەربىي ئىش-پائالىيەتلەرنى مەخپىي تۇتۇش، ھەمدە دۈشمىنىنىڭ قارار ئېلىش جەريانىنى نىشانلىق ھالدا ۋەيران قىلىش تاكتىكىلىرىنى قوللاندى. ئۇ ھۇجۇم قىلماقچى بولغان جايلارغا ئالدىنئالا بىر قىسىم «تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋەكىللەر» نى ئەۋەتىپ، ئۇ ۋەكىللەرنى بېسىۋالماقچى بولغان جايلاردىكى خەلقلەر بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارغا موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ نەقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. چىڭگىزخان يەنە دۈشمەننى ئالداش ۋاسىتىلىرىنىمۇ قوللاندى. يەنى ئۇ ئەسكەرلىرىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەپ، دۈشمەنلىرىگە ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ھەقىقىي ساندىن جىق كۆپتەك قىلىپ نامايان قىلدى. ئۇنىڭ «ئات ئۈستىدىكى ئوقياچىلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە قوشۇندىن تەركىب تاپقان بىر ئالاقە تورى بار بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ قول ئاستىدىكى قوماندانلىرى بىلەن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئالاقىلىشىپ تۇردى، ھەمدە دۈشمەنلەرنىڭ خەۋەرچىلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا يوقىتىپ، دۈشمەن قوماندانلىرىنى ئۆز-ئارا ئالاقە قىلالماس قىلىپ قويدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ پىسخولوگىيەسىدە بىر خىل ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىپ، موڭغۇللار نەگە بارسا شۇ يەردىكى يەرلىكلەر ئۇلاردىن قورقىدىغان بىر خىل ئەھۋالنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

e03_chingizxan.jpg
3-رەسىم: چىڭگىزخان (چىڭگىزخاننىڭمۇ ھەر خىل رەسىملىرى بار بولۇپ، مەن بۇ يەرگە ئۇنىڭ بىرسىنىلا قىستۇرۇپ قويدۇم)


4. ئادولف گىتلېر

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش 2-دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ناھايىتى كۆپ ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ پايدىسىنى ئەڭ كۆپ كۆرگەنلەرنىڭ بىرى گىتلېردۇر. ئۇ گېرمانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى سولچىل ۋە ئوڭچىل پارتىيەلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاشۇ پارتىيەلەرگە بولغان نارازىلىقىدىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلاندى. يەنى ئۇ ئاشۇ پارتىيەلەرنىڭ «ۋېرسال كېلىشىمى» (Treaty of Versailles) ئارقىلىق گېرمانىيەگە تېڭىلغان شەرتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇ پارتىيەلەرنى قاتتىق چۈشۈردى (ۋېرسال كېلىشىمى گېرمانىيە بىلەن بىرلەشمە قوشۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بولۇپ، ئۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان). ئۇ مىللىي سوتسىيالىستلار پارتىيەسى كونسېرۋاتىپ مىللەتچىلەر بىلەن خەلقئارا سوتسىيالىستلارنى، ۋە ھاللىق سىنىپلار بىلەن ئىشچىلار سىنىپىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەتكە سالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مىللىي ئىپتىخارلىق بىلەن مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچىنىڭ بارىچە تەكىتلەپ، گېرمانىيەنىڭ ھەممە مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى چەت ئەللەرگە دۆڭگىدى. ئۇنىڭ ناتىقلىق تېخنىكىلىرى بىلەن تەشۋىقاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارى پۈتۈن گېرمان خەلقىنى بىر خىل گىپنوزلۇق (hypnotic) تەرىقىدە ئۆزىگە قاراتتى. گىتلېر بىر دىكتاتور بولۇپ پۈتۈن ھوقۇقنى قولغا چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پۈتۈن گېرمانىيەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە ئۈنۈملۈك پايدىلاندى.

e04_hitler.jpg
4-رەسىم: گىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈشى


5. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئىجادكارلىق بىلەن پايدىلانغان مىساللارنىڭ بىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيەدە يۈز بەردى. گېرمانىيە ئەنگلىيەگە تاجاۋۇز قىلىشقا تەييار بولغان بىر ۋاقىتتا، يەنى 1940-يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئەنگلىيە ئاڭلىتىش شىركىتى (British Broadcasting Corporation, BBC) رادىيو ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىپ كېلىش ئالدىدىكى گېرمانلارغا بىر مۇقىم ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئىنگلىز تىلىدىن لېكسىيە ئاڭلاتتى. بۇ لېكسىيە گېرمان تىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تىل سەۋىيەسى گېرمانىيەدىكى رادىيولارنىڭ تىل سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يۇقىرى بولدى. ئەنگلىيە رادىيوسىنىڭ سۆزلىگۈچىسى بۇ لېكسىيەنى مۇنداق دەپ باشلىدى:

«بىزنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ قويسىڭىز سىزگە كۆپ پايدىسى بار. سىزگە ئۆتۈلىدىغان بىرىنچى دەرس ئۈچۈن بىز ‹ئەنگلىيە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈش› دېگەن تېمىنى تاللىدۇق. ئەمىسە ماڭا ئەگىشىپ سۆزلەڭ:
--كېمە چۆكۈپ كېتىۋاتىدۇ.
--كېمە چۆكۈپ كېتىۋاتىدۇ.
--سۇ بەك سوغۇقكەن.»

«ئەمدى مەن سىزگە يەنە بىر ناھايىتى ئەسقاتىدىغان سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي. ئەمىسە ماڭا ئەگىشىپ سۆزلەڭ:
--مەن ئوتتا كۆيۈپ كېتىۋاتىمەن.
--سەن ئوتتا كۆيۈۋاتىسەن.
--ئاۋۇ ئەسكەر ئوتتا كۆيۈۋاتىدۇ.
--بىز كۆيىمىز.
--سەن كۆيۈۋاتىسەن.
--ئۇلار كۆيۈۋاتىدۇ.»

بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى قوپال، ئەمما ئۇلار ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەردى. ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىققانلىقى، ئاشۇ قۇرۇلمىلارنى ئىشقا سېلىپ، گېرمانلار ئەنگلىيە دېڭىز بوغۇزى ۋە دېڭىز قىرغاقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندە، پۈتۈن يەرگە ئوت قويۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەرنى تارقىتىپ بولغان ئىدى. يۇقىرىدىكى رادىيو لېكسىيەسى ئاشۇ خىل ئەھۋالنى تېخىمۇ جەزملەشتۈرۈپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەردى. بۇ سۆز-چۆچەكلەر يالغان بولسىمۇ، ئۇ ناھايىتى پۇختا پىلانلانغان ھەمدە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تارقىتىلغان بولۇپ، نۇرغۇن گېرمانلار ئاشۇ سۆز-چۆچەكلەرگە بۈگۈنگىچە ئىشىنىپ كېلىۋاتىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بەزى ھۆججەتلەردە بايقىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىق مەركىزى ئەنگلىيەنىڭ ئەنگلىيە دېڭىز بوغۇزىغا ئوت قويۇۋېتىش ھەققىدە بىر ھەقىقىي پىلاننى تۈزۈپ چىققانلىقىغا ئىشەنگەن.

مەخپىي تۇتۇلغان ۋە قارشى تەرەپنى ئالدايدىغان ئىش-پائالىيەتلەر ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە چۈشىنىكسىز بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى، تېخنىكىلارنى ۋە ھەر خىل بايلىق مەنبەلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بولۇپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى ۋەقە يېقىنقى زاماندا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داغدۇغىلىق مەخپىي ۋە ئالدامچىلىق ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقەدە گېرمانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئەنگلىيەدىن فىرانسىيەدىكى «كالايىس رايونى» (Pas De Calais) غا ھۇجۇم قىلىپ، گېرمان ئارمىيەسىنى ئاشۇ يەردە بىتچىت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، گىتلېرنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇ. ئەمما بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى كالايىستىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نورماندى (Normandy) دېڭىز ياقىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى گېرمان ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. گىتلېر داۋاملىق تۈردە بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ نورماندىغا ھۇجۇم قىلىشى ئۇلارنىڭ كالايىسقا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى، دەپ ئويلاپ، ئۇ يەردىكى «15-پانزېر ئارمىيەسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنىنى نورماندىغا يۆتكىمەي، كالايىستا 7 ھەپتە قۇرۇق ساقلايدۇ.

e05_EnglishChannelMap.jpg
5-رەسىم: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىرلەشمە ئارمىيە گېرمانلارغا «كالايىسقا ھۇجۇم قىلىمىز»، دەپ سۆز-چۆچەك تارقىتىپ قويۇپ، نورماندىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى گېرمان ئارمىيەسىنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىدۇ.


6. ئىستالىن

بۇ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ 4-مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئائىت بىر مىسال. يەنى، بۇ ئۇرۇشتىن ئىتتىپاقداش گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئائىت بىر مىسال.

e06_Stalin_Image.jpg
6-رەسىم: ئىستالىن

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھايات قېلىشى ئىستالىننىڭ رۇسىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغىشى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1918-يىلى كوممۇنىست پارتىيە تەختكە چىققاندىن باشلاپ تاكى 1941-يىلىغا كەلگۈچە پۈتۈن خەلقنىڭ كاللىسى ئىدېئولوگىيەلىك ئابستراكت ئۇقۇملار ۋە كوممۇنىستىك قۇرۇق ئىدىيەلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئىستالىن مۇشۇنداق بىر روھىي ھالەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خەلققە تايىنىپ، گىتلېرنىڭ ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ھازىرغىچە بولغان تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. ئۇ ئۆز دۆلىتىنى «كوممۇنىستىك رۇسىيە» دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا «ئۇلۇغ رۇسىيە» ياكى «ئانا رۇسىيە» دېگەننى سىستېمىلىق ھالدا دەسسەتتى. شۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقى ۋە ئۇنىڭ سىمۋولىنى رۇسىيە خەلقىگە قايتىدىن ئەسلەتتى.

ئىستالىننىڭ تەشۋىقاتچىلىرى رۇسىيەدە قەدىمدىن تارتىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئارمىيە بىلەن چېركاۋلاردىن ئىبارەت ئىككى خىل ئورۇنلارغا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يېڭىدىن تەربىيە ئېلىپ باردى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تارىختىكى غەلىبىلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ماختىدى. چېركاۋلارنىڭ دەرىجە تۈزۈمى ۋە كىشىلەرنى سىنىپقا ئايرىش ئىشلىرىنى 1918-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتۇرۇپ ئاپاردى. شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت گېزىتى بولغان «پراۋدا» (PRAVDA) مۇ «پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشچىلار سىنىپى بىرلىشىڭلار» دېگەن ماركسىزملىق شوئارنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «گېرمان تاجاۋۇزچىلىرىغا ئۆلۈم» دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك شوئارىنى دەسسەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەش «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇشى» غا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇ سوۋېت تارىخىدا ھازىرمۇ شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، 20-ئەسىردىكى ئەڭ جاھىل دىكتاتورلارنىڭ بىرى بولغان ئىستالىنمۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي قوشۇنىغىلا تايىنىپ، گېرمان ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكى ئۆزىنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى شۇنچە ئۇزۇن يىل ساقلاپ قالالىشىدا ئاساسىي رول ئوينىغان.


7. كورېيە ئۇرۇشى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رادىيو ئۇچۇرلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىڭ نەقەدەر ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. شۇڭلاشقا، 1950-يىلى 6-ئايدا شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم باشلىشى بىلەنلا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالاھىدە قىسمى جەنۇبىي كورېيەدە ماشىنا ۋە ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان چوڭ كانايلار بىلەن رادىيو خەۋەرلىرىنى تارقىتىشنى، شۇنداقلا ئايروپىلانلاردىن تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تاشلاشنى باشلىۋەتتى. تەشۋىقات ۋاراقلىرىغا «ئەسىرگە چۈشكەن بەختلىك ئەسكەرلەر»، «تەسلىم بولسىڭىز ياخشى مۇئامىلە قىلىنىسىز»، «بىز سىلەرنى بىتچىت قىلىۋېتەلەيمىز»، دېگەن مەزمۇنلارنى مەركەز قىلدى، ھەمدە ئۇلار ئۆيىنى، ئائىلىسىنى ۋە ئاياللارنى ئەسلىتىدىغان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولدى. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ مۇشۇنداق ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە كورېيە ئۇرۇشى 1952-يىلى ئاخىرلاشتى.

e07_leaflets.jpg
7-رەسىم: ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن تەشۋىقات ۋاراقلىرى تاشلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈش

ئامېرىكا ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئىشلەتتى. ئامېرىكا بۇرۇنقى تاكتىكىسىغا قوشقان بىر يېڭى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش چارىسى ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي بازىسى ۋە ۋىيېتنام ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ناھايىتى كۆپ B-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلىش بولدى. يەنى بۇ بومباردىماننىڭ بىر مەقسىتى ۋىيېتنام ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بولغان بولسا، يەنە بىر مەقسىتى ئۇنىڭ قوماندانلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە قىستاپ، شۇ ئارقىلىق ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش بولدى. ئەمما سىرتنىڭ ۋىيېتنامغا بەرگەن ياردەملىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئىچكى سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن بۇ ئۇسۇل ۋىيېتنامدا ئۈنۈم بەرمەي، ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامدىكى ئۇرۇشى تاكى ۋىيېتنامنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەربىي كۈچى پۈتۈنلەي قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغۇچە جەمئىي 8 يىل داۋام قىلدى.


8. بىرىنچى قېتىملىق (1991-يىلىدىكى) ئىراق ئۇرۇشى

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 1991-يىلى ئىراقتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشتا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بىر پۈتۈنلەي يېڭى تۈس ئالدى. يەنى بۇ قېتىم ئامېرىكا رادىيو ۋە تېلېۋىزور ئۇچۇرلىرى، تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ۋە چوڭ ئاۋازلىق كاناي قاتارلىق ھەر خىل تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلاندى. ئەرەب قېرىنداشلىق تەشكىلاتلىرى، بىرلەشمە قوشۇن ھاۋا ئارمىيەسى كۈچى ۋە ناھايىتى يالغۇز قالغان ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسكەرلىكنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشىنى قولغا كەلتۈردى. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا مەسئۇل قىسىملار بەزىدە ئايرىم ئىراق قوشۇنىنى نىشانلاپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق جايلارغا ئايروپىلان بىلەن تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ، ئۇلارغا ئەگەر دەرھال تەسلىم بولمىسا، ئۇلار 24 سائەت ئىچىدە بومباردىمان قىلىنىپ، ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. يەتتە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا ئىراققا 100 خىلدەك بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىن جەمئىي 29 مىليون پارچىسىنى ئايروپىلان بىلەن تاشلىدى. بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرى ئىراقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى 300 مىڭ ئەسكىرىنىڭ 98 پىرسەنتىنىڭ قولىغا تەگدى.

ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 3 جايدا قۇۋۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان رادىيو ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، ئىراققا قارىتىپ رادىيو پىروگراممىسى تارقاتتى. شۇنداقلا ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئۈستىدىنمۇ يۆتكىلىپ يۈرۈپ رادىيو پىروگراممىسىنى ئاڭلاتتى.

مەن شۇ قېتىم ئىراقتا ئۇرۇش بولۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكا تېلېۋىزورلىرىدا بىر قانچە قېتىم توپ-توپ ئىراق ئەسكەرلىرى رازۋېدكا قىلىپ يۈرگەن ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا تەسلىم بولۇپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا مۆكۈنۈۋالغان ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆردۈم.

ئىراق ئۇرۇشىدىكى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئىنسان ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ئاڭسىز دىنامىكىسى ۋە ئىنسان ئىش-ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قاتارلىق پەننىي بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بار، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ قىممىتى ۋە ئادىتىنى پۇختا بىلىدىغان، ۋە پىسخولوگىيە ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت كېسەل داۋالىغان تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشقا سالدى. بۇ مۇتەخەسسىسلەر تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان ۋە نىشانلىغان كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا قايىل قىلالايدىغان ئۇقۇملارنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنى تاللاپ ئىشلەتتى. شۇنداقلا تەييارلىغان نەرسىلىرىنى ئەسىرگە چۈشكەن ئىراق ئەسكەرلىرىگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىنى يىغىپ، مۇۋاپىق كۆرگەنلىرىنى ئىشلەتتى. مەسىلەن، بىر پارچە تەشۋىقات ۋارىقىدىكى ئەسلىدىكى رەسىمدىكى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى يوق ئىدى. تۈرمىدىكى بىر ئىراق ئەسكىرى ئۇنىڭ ئورنىغا ساقال-بۇرۇت قويۇۋالغان بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەرنىڭ رەسىمىنى ئىشلىتىشنى، ئىراق مەدەنىيىتىدە ساقال-بۇرۇت سەمىمىيەتلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار ھېلىقى تەشۋىقات ۋارىقىنى ئاشۇ بويىچە ئۆزگەرتتى.

ئىراقمۇ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. ئۇلار رادىيولاردا «باغداد گۈزىلى» دېگەن نام بېرىلگەن بىر ئايالنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: «سىلەر ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان قۇملۇقىدا يۈرۈۋاتقاندا، سىلەرنىڭ خوتۇنۇڭلار ۋە قىز دوستۇڭلار توم كرۇز (Tom Cruise) قاتارلىق داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى بىلەن بىر كارىۋاتقا چىقىۋاتىدۇ.» ئىراقنىڭ ئامېرىكا مەدەنىيىتى ھەققىدە ھېچ قانداق تەتقىقات ئېلىپ بارمايلا ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇنداق پىروگراممىلىرى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق زاڭلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا چوڭ ئاۋازلىق كاناي ئارقىلىق ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرىدىغان، ئۇلارنى مازاق قىلىدىغان، ۋە ئۇلارنى ئالدايدىغان مەزمۇنلارنى تارقاتتى. ئاشۇنداق تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، مىسىرلىق ۋە كۇۋەيتلىق تىلشۇناسلار بار بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىم ئەھۋاللار ئۆزگەرگەندە تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنىمۇ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ تۇردى. چوڭ ئاۋازلىق كانايلار ئەسىرگە چۈشكەن ئىراق ئەسكەرلىرى ئوپچە تۇتۇپ تۇرۇلغان جايلاردىمۇ ئەسكەرلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشتا كەڭ تۈردە ئىشقا سېلىندى. شۇ چاغدا ئامېرىكا جەمئىي 71 يەردە چوڭ كانايلىق تەشۋىقات ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئىراققا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە بىر قېتىم ئىراقنىڭ فايلاكا ئارىلىدىكى ئىراق ئەسكەرلىرىگە قارىتا ئايروپىلان ئۈستىدىن چوڭ ئاۋازلىق كانايدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. ئۇلار يەردىكى ئەسكەرلەرگە ئىككىنچى كۈنى ئاشۇ ئارالدىكى بىر رادىيو ئانتېننا مۇنارىنىڭ ئەتراپىدا رەتلىك تىزىلىپ تەسلىم بولۇشنى ئۇقتۇردى. ئەتىسى راست دېگەندەك 1405 نەپەر ئىراق ئەسكەرلىرى ھېلىقى دېگەن يەردە تەسلىم بولۇپ تىزىلىپ تۇردى. ئامېرىكا پىيادە قىسىملىرى بىر پاي ئوق چىقارمايلا بۇ ئەسكەرلەرنى ئەسىرگە ئالدى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي گېنېرالمۇ بار.

شۇ قېتىمقى ئىراق ئۇرۇشىدا ھېچ قانداق قان تۆكۈلمەي تۇرۇپ، جەمئىي 87000 ئىراق ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشتى. ئىراقنىڭ بىر ھەربىي گېنېرالى شۇ قېتىمقى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئىنتايىن چوڭ تەھدىت سالغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ پەقەت بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئىراقنى بومباردىمان قىلىشىدىن كېيىنلا تۇردى.»


9. ئىككىنچى قېتىملىق (2003-يىلىدىكى) ئىراق ئۇرۇشى

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىراققا قارشى 2003-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان 2-قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىدىمۇ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىسى ناھايىتى كەڭ تۈردە ئىشقا سېلىندى. بۇ قېتىم پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا يەنە بەزى يېڭى ئۇسۇللار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي 3 جەھەتتە ئېلىپ بېرىلدى [4]: (1) ئىراق ئەسكەرلىرى ۋە ئىراق پۇقرالىرىغا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىش. (2) چۆچۈتۈش ۋە قورقۇتۇش ھاۋا ھۇجۇملىرى (“shock and awe” air bombardment) نى ئېلىپ بېرىش. (3) ئىراقنىڭ قوماندانلىق، كونترول قىلىش ۋە خەۋەرلىشىش تورلىرىغا قارىتا ھۇجۇم ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىش.

بۇ قېتىم تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى ئىراق خەلقى بىلەن ئىراق ئەسكەرلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئادەم توپىنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق بۇيرۇق شەكلىدە يېزىلغان: «ئەگەر مانى قىلساڭ، سەن ھايات قالىسەن»، ياكى «ئەگەر ئانى قىلساڭ، سەن ئۆلىسەن».

ئادەتتىكى ئاممىغا قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىكى مەزمۇنلاردىن تۆۋەندىكىدەكلىرى بار:
--«ئۆي ئىچىدە تۇرساڭ، ساق قالىسەن.»
--«بارلىق ئىراق ئەسكەرلىرىدىن يىراق تۇر، ئۇلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.»
--«قولۇڭغا قورال ئالمىساڭ ھايات قالىسەن.»
--«بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلما، بىز سېنى سادامنىڭ زوراۋانلىقىدىن ئازاد قىلىمىز.»
--«بىز مۇشۇ رايوندا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مەشغۇلاتلارنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ماۋۇ رادىيو ئىستانسىلىرىنى ئاڭلا.»

ئىراق ئەسكەرلىرىگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىكى مەزمۇنلاردىن تۆۋەندىكىدەكلىرى بار:
--«مايغا ئوت قويما، نېفىت سانائىتى سېنىڭ ياشاش ۋاسىتەڭ.»
--«چوڭ ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قورالنى ئىشلەتمە، بولمىسا ئۆلتۈرۈلىسەن.»
-- چوڭ ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قورالنى ئىشلەتمە، بىزدە ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان نەرسە بار، ئۆلىدىغىنى سەن ئۆزۈڭ بولىسەن.»
--«سادام ئۈچۈن ھاياتىڭدىن ئايرىلما، ماۋۇ رەسمىيەتلەر بويىچە تەسلىم بول.»
--«بىرلەشمە ئارمىيە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، كېيىنچە سەن جاۋابكارلىققا تارتىلىسەن.»
--«يۈز مېتىر كەينىدە تۇر، بولسا ئۆلتۈرۈلىسەن.»

بۇ قېتىم ئىراقنى قولغا چۈشۈرۈشتە رەسمىي ئۇرۇش ناھايىتى قىسقىلا ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە بۇ قېتىم پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بۇرۇنقىدىن كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ، تەسلىم بولغان ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 1-قېتىملىق ئۇرۇشقا قارىغاندا جىق ئاز بولدى. بىر قىسىم ئەسكەرلەر تەسلىم بولماي، قوراللىرىنى تاشلاپ يۇرتتىكى ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى. قالغانلىرى بولسا بىرلەشمە ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىلەن خېلى ئۇزۇن تۇتۇشتى. بۇنداق بولۇشىدىكى بىر سەۋەب بۇ قېتىم ئىراق ئەسكەرلىرى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلماي، ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا ئۇرۇش قىلغانلىقى بولۇشى مۇمكىن.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا دۈشمەننىڭ ئېتىقادى ياكى ئىشىنىدىغان ئىدىيەسىنى بىلىۋېلىش ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق. مەسىلەن، 2-قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشى يېڭى باشلانغاندا سادام ھۈسەيىن ئىراقتىكى غەربلىك ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قاپقان قىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى تېلېۋىزورلاردا بەردى. ئەمما قۇرئاندا «دۈشمىنىڭنى قانداق قىلساڭ بولۇۋېرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە، ياكى ئاياللىرى ۋە بالىلىرىغا زىيان يەتكۈزمە» دېگەندەك مەزمۇنلار بار. شۇنىڭ بىلەن غەربلىكلەر سادامنىڭ ئاشۇ ئىشىنى تۇتۇۋېلىپ، تەشۋىقاتلىرىدا «سادام دېگەن بىر قورقۇنچاق. ئۇ گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ، ئۆزى ‹مەن قوغداۋاتىمەن›، دەپ داۋراڭ سالغان مۇسۇلمان قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلدى»، دېگەن مەزمۇندا كەڭ تۈردە تەشۋىقات ئېلىپ باردى.

ئىككىنچى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دىك چېنېي مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىراق خەلقى بىزنى ئازادقا چىقارغۇچىلار سۈپىتىدە قارشى ئالىدۇ». ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر گۇرۇپپا ئىراقلىقلار سادامنىڭ باغداتتىكى چوڭ ھەيكىلىنى ئۆرۈۋەتتى. بۇ كۆرۈنۈش غەرب تېلېۋىزورلىرىدا خېلى ئۇزۇن قويۇلۇپ تۇردى. ئۇ كۆرۈنۈش ئامېرىكا تېلېۋىزورلىرىدا ھازىرمۇ بەزىدە چىقىپ قالىدۇ. ئاشۇ بىر گۇرۇپپا ئىراقلىقلارنىڭ قىلغان ئاشۇ ئىشى ھەقىقەتەن ئۆز خاھىشى بىلەن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇشىمۇ مۇمكىن. كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىغا باھا بېرىشتە پەقەت ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى جەزملەشتۈرىدىغان بىر تەرىپىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن مۇشۇنداق چىنلىقنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ بار، يامان تەرىپىمۇ بار. ئۇنىڭ يامان تەرىپى، سىز تەمىنلىگەن ئىسپاتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر ئۆز كۆڭلىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئېتىقادنى ۋە پوزىتسىيەنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى بولسا، سىز بىلەن ئوخشاش كۆز-قاراش ۋە پوزىتسىيەدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەيدانلىرىنى قوللايدىغان ھەر قانداق نەرسىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇچۇر مەشغۇلاتى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇنداقلا ناھايىتى ياخشى تەييارلانغان ئۇچۇر دۈشمەننىڭ كۆڭلىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىش ۋە دۈشمەننىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.


10. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا ئائىت ھازىرقى بەزى ئەھۋاللار

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى 1-قېتىملىق ماقالىگە كىرگۈزۈپ قويدۇم. ئۇلارنىڭ قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە بايان قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە ئۆزۈم «بىزگە مۇناسىۋەتلىك»، دەپ قارىغان بىرلا مەزمۇننى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

ئامېرىكىدا ئىنگلىزچە «The Heritage Foundation» دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭلىق فوند جەمئىيىتى بار. ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن ئۇچۇر ۋە يەكۈنلەرنى ئامېرىكا پارلامېنتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى رەھبىرىي خادىملار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرائىيە تارمىقىدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئاخبارات مېدىيە شىركەتلىرى، ئاكادېمىيە ۋە باشقا سىياسەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 2013-يىلى 12-ئىيۇل كۈنى ئاشۇ فوند جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ بىر داڭلىق تەتقىقاتچىسى بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىنىڭ تېمىسى «ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىش: جۇڭگونىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تەھدىتى» [5]. مەن تۆۋەندە ئاشۇ ماقالىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

بېيجىڭ كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشلاردا بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپلا غالىبىيەت قازىنىشنى ئارزۇلاۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى قانداق قىلماقچى؟ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر دۆلەتنىڭ لىدېرلىرى بىلەن پۇقرالىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ۋە ئىتتىپاقداش ۋە دۈشمەن ئەللەرنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ تەپەككۇر قىلىش جەريانى ۋە بىلىش قۇرۇلمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە تايىنىپ تۇرۇپ قىلماقچى. ھەقىقەتەنمۇ ھازىر بىر ئاكتىپ توقۇنۇش مەۋجۇت بولمىسىمۇ، جۇڭگونىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش مەشغۇلاتلىرى ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا ھازىر بىر توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يۇقىرىقىدەك پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلارغا قارشى ئىشلارنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

جۇڭگونىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى باشقا ئەللەرنىڭ ئارمىيەسىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى، ئۇ ھازىرمۇ پارتىيەنىڭ ئارمىيەسى بولۇش رولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر قوراللىق قانىتى. ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيەنى ئۆزىنى ۋە دۆلىتىنى مۇداپىئە قىلىش ئىشىدا ئارمىيەدىن بىر خىل قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھازىر خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يالغۇز فىزىكىلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ئۇرۇشلارغا پىلان تۈزۈپلا قالماستىن، ئۇ يەنە «سىياسىي ئۇرۇش» ئېلىپ بېرىشقىمۇ تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ «سىياسىي ئۇرۇش» مۇنداق ئۈچ تەركىبىي قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاممىۋى كۆز-قاراش ياكى پىكىر ئۇرۇشى، قانۇن ئۇرۇشى، ۋە پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش.

بۇ ئۈچ خىل ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى ھەممىدىن چوڭ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2003- ۋە 2010-يىللىرى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچۈن بىر پارچە «سىياسىي خىزمەت بەلگىلىمىسى» نى چىقىرىپ بەرگەن بولۇپ، ئاشۇ بەلگىلىمىدە يۇقىرىدىكى 3 خىل ئۇرۇشقا ئائىت سىياسەتلەرنىمۇ ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. جۇڭگودا چىققان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار تەييارلىق قىلىۋاتقان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ مۇنداق 5 كەڭ-دائىرىلىك ۋەزىپىسى بار:
(1) ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئادىل ئىشلار قىلىپ كۆرسىتىش
(2) ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرەپلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش
(3) قارشى تەرەپنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش
(4) دۈشمەن قوشۇنلىرى ئىچىدە ئىختىلاپ پەيدا قىلىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش
(5) پىسخولوگىيە جەھەتتە ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش. جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىچە، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغاچقا، قارشى تەرەپ چوقۇم پىسخولوگىيەلىك ھۇجۇم قوزغايدۇ. شۇڭلاشقا يالغۇز ئاشۇنداق پىسخولوگىيەلىك ھۇجۇملارنى توختىتىۋېلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يەنە دۈشمەننى يېڭىش، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان پىسخولوگىيەلىك ھۇجۇملارنىڭ ھېچ بىر ئۈنۈمى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. يالغۇز دۈشمەنگە قايتۇرما تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىرى بىلەن تېخنىكىلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلاپ، شۇ ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى پاش قىلىش كېرەك.

جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقىرىدىكى پىلانلىرى پەقەت ھەقىقىي ئۇرۇش ۋاقتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس. پىسخولوگىيەلىك مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان ئاممىۋى ۋە ھەربىي ھىمايىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش، ھەمدە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئادىل ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئۆز خەلقىگە بىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىر قىسمىنى تىنچلىق دەۋرىنىڭ ئۆزىدىلا قىلغىلى بولىدۇ.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرىنچىسى مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ئېلىپ بېرىلىدىغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك بولۇشى، مەشغۇلاتقا ئائىت بولۇشى، ياكى تاكتىكىلىق بولۇشىدىن، ياكى ئۇ چەت ئەلگە ياكى دۆلەت ئىچىدىكى خەلققە قارىتىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم پارتىيە بەلگىلەپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

ھازىر جۇڭگودا ئاممىۋى كۆز-قاراش ياكى پىكىر ئۇرۇشى، قانۇن ئۇرۇشى، ۋە پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل ئۇرۇش» ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشلار، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشلاردا يالغۇز ھەربىي كۈچلەرنى ئىشقا سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، توقۇنۇشنىڭ دائىرىسىنى سىياسىي ئۇرۇشقىچە كېڭەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

جۇڭگونىڭ پىلانىچە، ئۇ يۇقىرىقىدەك ھەربىي ئۇرۇشنى سىياسىي ئۇرۇشقا كېڭەيتىش ئىشىدا يەنە دۈشمەننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى قورقۇتۇش، مەجبۇرلاش، خەلقىدىن ئايرىۋېتىش، ۋە ئالداش ۋاسىتىلىرى بىلەن كونترول قىلىش ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ.

بىر پاي ئوق چىقارماي تۇرۇپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماقچى بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈككە چىقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇ، ئىستراتېگىيەلىك خەۋەرلىشىش قابىلىيىتى ۋە ئاممىۋى دىپلوماتىيە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، مېدىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ھەمدە پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاھىدە قوشۇنلارنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھېلىقى ماقالىدىكى مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


11. ئاخىرقى سۆز

مەن مەزكۇر ماقالىدە تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىر قانچە مىساللىرىنى بايان قىلدىم. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا بولغان چۈشەنچىسىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

جۇڭگولۇقلارنىڭ قەدىمكى ئۇرۇش نەيرەڭلىرىگە ئائىت بىر قانچە مۇھىم ماتېرىياللار بار بولۇپ، ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن چارىلەرنى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە، ۋە بىر ئادەم توپى يەنە بىر ئادەم توپىغا قوللانسىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار ھازىر ئوخشىمىغان شەكىل ۋە دائىرىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېسىل كىشىلىك خاراكتېر ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئائىت مەزمۇنلارنى يېزىپ كەلدىم. يەنى، مەن ئوقۇرمەنلەرگە رەزىللىكنى تەۋسىيە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇنداق نەرسىلەرنى تونۇشتۇرماي كەلدىم. ئەمما يېقىندا ئويلاپ باقسام، ئۆزىگە قىلىنغان رەزىللىكنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك ئىكەن. شۇڭلاشقا مەن ھازىر ئاشۇ مەزمۇنلارنىمۇ كېيىنچە تونۇشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

كېلەر قېتىملىق ماقالىدە مەن بىر داڭلىق زاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ 4 چوڭ قەدەم-باسقۇچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مېنىڭچە ئۇ مەزمۇن دۇنيادا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىۋېلىشقا پايدىلىق.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
http://bbs.izdinix.com/thread-62459-1-1.html

[2] Major Ed Rouse: «Psychological Operations/Warfare»
http://www.psywarrior.com/psyhist.html

[3] Ancient History Encyclopedia: Sun-Tzu
<http://www.ancient.eu/Sun-Tzu/>

[4] Information Operations & Psychological Operations in Iraq
http://www.globalfocus.org/GF-IOPO-Iraq.htm

[5] http://www.heritage.org/research ... l-warfare-challenge


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


0

تېما

7

دوست

379

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   39.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر بۇ ماقالىڭىز ئارقىلىق يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34429
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھارمىغايسىز ئەركىنكا ئەجرىڭىز كاتتا بولغاي

5

تېما

1

دوست

2022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 517
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. رەھمەت، ئەركىنكا.

0

تېما

2

دوست

2084

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ، ئەركىن ئاكا ، تېما مەزمۇنىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، خېلى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. رەھمەت. ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز سىزگە كاتتا نەتىجىلەرنى ئاتا قىلغاي!

0

تېما

3

دوست

668

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پاھ    پاھ    ،،،،، بىلىمنىڭ   كۈچىدە   بۇ     ،،،يەنە  بىر  قابىليەت  ئۆگۈنۋالدىم  رەخمەت  سىزگە  .............  

0

تېما

3

دوست

668

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دۆلەتلەردىكى  پىسخىكا  ئۇرۇش دەپ  سىزلەر  ئاڭلاپ باقتىڭزلەرمۇ  قانداق     مۇشۇ بىر  گەپنى  بىز بىلەن  بىر ئەتتىرەتتىكى  خەنزۇ    ئۆزىدىن    ئاڭلىغان  بۇرۇن  ياپۇنلار  باستۇرۇپ  كىرگەندە بىزنىڭ   دادىلىرىمىز    گۇڭسەنداڭلانى   كاڭلارنىڭ  ئاستىغا  ئدىشلارغا  سەي  ئورىلىرىغا   مۈكۈپ  قويدىكەنتۇق   شۇلار  يەنە  كەپقالسا  بىز  نەۋىرلىرى   كاڭلارنىڭ  ئاستىغا  ئدىشلارغا  سەي  ئورىلىرىغا   مۈكۈپقۇيۇپ   ھويلىغا  كىرگەندە  جايلىرىدىن  تاتىپ  چىقىرىپ    ياپۇنلارغا  تاپشۇرۇپ  بېرمىزدەپ   5  يىل  ئالدىدا  قۇدۇق  بىشىدا دىگەن  شۇنىڭغا  قارىغاندا  بەك كۈچلۈك تەسىر  قىلامدۇ  نىمە.....   

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29608
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )