قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1689|ئىنكاس: 4

خامۇشلۇق كېسەللىكى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34531
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TurGhunJanTohti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 14:19  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. مىسرانىم تور بېتىدىكى «asanet87»ئىسىملىك توردىشىمىز «خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بېلەمسىز؟» دىگەن تىمىدا يازما يازغان ئىكەن. شۇ ھەقتىكى مەزمۇننى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ بۇ مەزمۇننى يېزىپ قويدۇم.


خامۇشلۇق كېسەللىكى ھەققىدە


(ئاپتورى: شىنجاڭ ئەل- ئۆمىد بىئو- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خوتەن تۇرغۇن ئۇيغۇر تىبابىتى ئامبولاتورىيىسىدىن تۇرغۇن توختى)


خامۇشلۇق كېسەللىكى بولسا ئېغىرتىپتىكى روھى كېسەللىك بولۇپ چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرى خامۇشلۇق كېسەللىكى يەنە بىرى بولسا خامۇشلۇق خاراكتېردىكى نېرۋا فونكىتسىيىسى بۇزۇلۇش كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇ خىلكېسەللىك «مالىخۇلىيا» دەپ ئاتىلىدۇ.كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن گۇمانخورلۇق خاراكتېرلىك مالىخۇلىيا، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك مالىخۇلىيا، قورقۇش خاراكتېرلىكمالىخۇلىيا، خامۇشلۇق خاراكتېرلىك مالىخۇلىيا دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
خامۇشلۇق كېسەللىكى ھېسياتنىڭ ئوزۇن ۋاقىت كۆرىنەرلىك ئاجىزلىشىشىنى تېپىك ئالامەت قىلغان روھى كېسەللىك. خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرى كۆپ بولىدۇ.يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىچە:
1. ھەرخىل روھى زەربىلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. روھى جەھەتتىن قاتتىق چارچاشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
3. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىشۋە مەست قىلغۇچى دورىلارنى ۋە ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
4. خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
5. ئېرسىيە ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
6. ئوزۇن مۇددەت سىجىل كومپيۇتېرئالدىدا ئولتۇرغانلاردا كېلىپ چىقىدۇ.
1. خامۇشلۇق كېسەللىكى:
خامۇشلۇق كېسەللىكى بىرخىل روھى كېسەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك كېلىنكىلىك ئالامەتلەرگە ۋەئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
كەيپىيات تۆۋەنلەپ تەپەككۇرى ئاستىلايدۇ. ھەرىكىتى ئازىيىپ، ئاستىلاپ بەدەننىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ،ھەرىكىتى قولايسىزلىشىدۇ. بۇخىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى ئاستا بولۇپ، دەسلەپتەئۇيقۇسىزلىق، ھارغىنلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، خىزمەت ئۆنۈمى تۆۋەنلەش ۋە ھەرخىل ئىچكى سىزىم خاراكتىرلىك ئارامسىزلىشىش پەيدا بولىدۇ. بەزىدە ئۆتكۈر خاراكتىردەقوزغىلىدۇ. كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلىكى، قايغۇرۇش ۋە ئازاپلىنىش خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىمارنىڭ روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ ھېچىنىمىگەقىزىقمايدۇ، خوشاللىنارلىق خەۋەرلەرمۇ كېسەلنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتەلمەيدۇ.ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى يوقىلىدۇ. ئۆلىۋېلىش خىيالىدا بولىدۇ.تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. گەپ- سۆزلىرى ئازلاپ كېتىدۇ. ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا ئۆلىۋېلىش خىيالىدا بولۇش ۋە ئۆلىۋېلىشقائورۇنۇش خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئالامەتلىرىدىن بىرى. چۈنكى خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ بىمارغا كەلتۈرىدىغان روھى ئازابى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ ھېچقانداق ئىشتىن خوشاللىق تاپالمايدۇ. قورقۇنۇشلۇق ۋە ۋەھىمىلىك خىياللار ھەر دائىمبىمارنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋېلىپ، ئۆزىنى ئەمىلىيەتتە ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋە ۋەھىمىلىك ئىشلارنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك، شۇ ئىشلارغا ئەمىلى دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېسياتتابولۇپ قاتتىق بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ خىيالى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى بۇخىل ۋەھىمىدىن، ئازاپتىن قۇتۇلدۇرالماي قاتتىق قىينىلىدۇ.ئىشلارنىڭ يامان تەرىپلا كاللىسىغا كىرىۋېلىپ، ياخشى تەرەپنى ھېس قىلالمايدۇ.
دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ بولۇپ تۇيىلىدۇ. كىچىك ئىشلارمۇ ناھايىتى مۇرەككەپتەك، قىيىندەك بىلىنىدۇ. بىمارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشلىرىدە بولسا چىرايى سارغىيىپ ياكى كۆكىرىپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ، ئۇيقۇسى ناچار بولىدۇ. ئىچى سىقىلىدۇ، ئىچى تىتىلداپ بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ. بەزىبىمارلاردا دەم سىقىلىش كۆرۈلىدۇ. پۇت- قوللىرى قېتىشىپ ھەرىكەت قىلىشى قولايسىزلىشىدۇ. زىھنىنى يىغالماسلىق، ئۇنسىز خىياللاردىن ئۆزىنى تارتالماسلىق ئالامەتلىرى ئېغىر ھالەتتە كۆرۈلىدۇ.
2. خامۇشلۇق خاراكتېردىكى نېرۋافونكىتسىيىسى بوزۇلۇش كېسەللىكى:
بۇخىل كېسەللىك خامۇشلۇقكېسەللىكىگە قارىغاندا يىنىك دەرىجىدە بولۇپ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1) ئوزۇنغا سوزۇلغان كەيپىياتنىڭتۆۋەنلىكى، ئۆمىتسىزلىك، تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
2) ئېغىر تىپتىكى خامۇشلۇق كېسەللىك ئالاھىدىلىكلىرى كۆرۈلمەيدۇ. خيالى تۇيغۇ، بىھۇدە خىيال قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.
3) ئەتراپتىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، تورمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىقلاربەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىسىمۇ، ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى:
ئاساسلىقى ئىجدىمائى ئامىل ۋە پىسخلوگىيىلىك ئامىلدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى تۇرمۇشتىكى ئۇرۇش-جىدەل قاتارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلار، خىزمەتتىكى قىيىنچىلىق، جىدەل قاتارلىق ئىجدىمائى ۋە پىسخلوگىيىلىك ئامىللار سەۋەبىدىن قوزغىلىدۇ.
نورمال كىشىلەردە كىشىلەردە بۇ خىل كەيپىياتتىكى بېسىم پەيدا بولسا نەسىھەت قىلىش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقىلىدۇ. لېكىن بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا خامۇشلۇق كەيپىياتى ئوزۇن مۇددەت داۋام قىلىدۇ. پەقەت ئىلمى، توغراداۋالاش ئارقىلىقلا ساقايتقىلى بولىدۇ.
كېسەللىك ئالامەتلىرى:
بۇ خىل كېسەللىكتە خامۇشلۇقنىڭدەرىجىسى يەڭگىل بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم بىمارلار خىزمەت،ئۆگىنىش، تورمۇش تەسىگە ئۇچرايدۇ. غەم- قايغۇغا چۆمىدۇ. ئىزچىل ئۆمىتسىزلىكپۇزىتسىيىسىدە بولۇپ، تورمۇشقا ۋە كەلگۈسىگە ئۆمىتسىزلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.روھسىز يۈرىدۇ. بۇخىل خامۇشلۇق ئالامىتىگە بەدەن ئالامىتى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.مەسىلەن: باش ئاغرىش، پۇت- قوللار ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت،ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلار.


uyghuray

3

تېما

1

دوست

2026

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7407
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 01:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىسەلنىڭ ئالاماتلىرىنىغۇ بىلىۋالدۇق. ئەمىسە داۋاسى نىمە؟ دورىسىچۇ؟ مۇشۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىمۇ بوپكەتكەن بولسا تىۋىپتەكلام بىر تىما بولاتتىكەنتۇق.

0

تېما

0

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34531
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 15:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
caliskan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 01:14
كىسەلنىڭ ئالاماتلىرىنىغۇ بىلىۋالدۇق. ئەمىسە داۋاسى نى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللا خالىسا بۇلارنىڭ داۋاسى ۋە داۋالاش  ئۇسۇل، باسقۇچلىرىنىمۇ يوللايمىز.

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34652
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 14:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51813
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-3 16:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم ئىمكانىڭىز بولسا خامۇشلۇق كىسىلىنى پەرۋىش قىلىش،داۋالاش توغرىسىدا توختالمامسىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )