قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 736|ئىنكاس: 4

گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇر...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

73

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3801
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 19
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇش كېرەك

بىلال مۇھەممەتتۇرسۇن(ئىبراھىمى)
ق ش 18- باشلانغۇچ مەكتەپ

   گۈزەل سەنئەت دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىل پىكىر قىلىش، ھېس قىلغانلىرىنى قەغەز يۈزىگە ئىپادىلەپ بېرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرىدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ساغلام بولغان ئىستىتىك گۈزەللىكنى سىزەلەيدىغان، بەرپا قىلالايدىغان ،ئاددىي بولغان قول ھۈنەر تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىپ قول ھۈنەر  ماھارىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
  بالىلاردىكى  دادىل پىكىر قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەققىل كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرىدىغان بىر خىل ۋاستە شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزماقچى بولغان   شەكىللەرنى جانلىق ئىپادىلەشكە ئاساس سالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەكىللەرنى ياخشى ئىپادىلەپ سىزىپ چىقىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىپ كۆپلەپ مەشىق قىلىشقا تەشكىللىگەندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنى ھەر سائەتتە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ  دوسكىغا چىقىرىپ ، ئۇلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ رەسىم سىزالايدىغان ، باشقىلار ئالدىدا ماھارىتىنى نامايەندە قىلالايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشكە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم . كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار دوسكا ئالدىدا نېمە قىلىشىنى ، قانداق شەكىل ئېلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ، ياخشى شەكىللەرنى ئالالىسىمۇ قول تەۋرىتەلمەيدىغان ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك خائىشى ئېغىر بولغاچقا بالىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئۆزلىكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ ، بالىلارنىڭ دوسكا ئالدىدا قورۇقمايدىغان ، تەسەۋۋۇرىدىكى شەكىللەرنى جانلىق سىزالايدىغان قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەر سائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت ، ئىلھام بېرىپ دوسكىغىمۇ خۇددى ئۆز قەغەز ، دەپتەرلىرىگە سىزغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇش پائالىيىتىنى دائىم بوشاشماي ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.
   گۈزەل سەنئەت دەرسى ئالاھىدە كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا ئالاھىدە كەسىپلەردىنمۇ پەرىقلىنىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە . بىر قېتىملىق دەرس بىلەن يەنە بىر قېتىملىق دەرس ئارلىقىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىش ياسايدىغان ( يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسىدە ) ئەھۋاللارمۇ دائىم شەكىللىنىپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلار كىچىك ، مېجەزىمۇ تۇراقسىز ھالەتتە بولغاچقا ئۇلارنىڭ قىززىقىشى ۋە ھەۋىسىمۇ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ پىلان ، مەقسەتلىرىنى  ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ . بالىلارنىڭ بۇ مېجەزىنى سەل تۇراقلاشتۇرۇشقا پايدىسى تېگىش ئۈچۈن شۇنداقلا رەسىم سىزىشقا ئاز- تولا قىززىقتۇرۇش ، ھېرىسمەن قىلدۇرۇشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئىمكانىيەت بار بالىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىنى دائىم ، ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىشقا ئادەتلىنىپ بالىلارنى دوسكىدىمۇ رەسىم سىزالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىشىمىز ، شۇ ئارقىلىق بىر قىسىم رەسىم سىزىشنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان بالىلارنىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈشكە زور دەرىجىدە پايدىلىق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئاستا- ئاستا تونۇپ يېتىمىز.
   شۇنى تەكرار ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇپ  مەشىق قىلدۇرۇش ئىنتايىن ئاددىي بىلىنگەن بىلەن بۇ ئىش دائىم ئېلىپ بېرىلغاندا بالىلارنىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان قىززىقىشىنى ئۆستۈرۈپ ، دوسكىدا تەمتىرىمەي رەسىم سىزىش ، باشقىلار ئالدىدا ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش دېگەندەك نۇرغۇن تەرەپلەردە بالىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ئۈنۈملىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى رەسسام قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن قېيىن ، لېكىن بىر بۆلەك بالىلارنىڭ ئۆزى ئويلىغان ، تەسەۋۋۇر قىلغان شەكىل رەڭلىرى بىلەن ئاق قەغەز يۈزىگە دادىل ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بالىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېتۈشتۈرۈپ چىقىشىمىز ، گۈزەللىكنى بەرپا قىلالايدىغان ، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنالايدىغان ، ئاز تولا ئورۇنلاشتۇرۇش سەنئىتىگە ئىگە بولغان بالىلارنى تەربىيىلىشىمىزدە دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇش بالىلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ئۈنۈملىك ئۇسۇل .
سۆزنى قىسقا قىلىپ ئېيىتقاندا ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇش « تاما-تاما ، كۆل بولا » دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆزگە بەكلا ماس كېلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار دوسكىغا چىقىپ رەسىم سىزىشتەك بۇ كىچىك ئادەتنى تەكرار ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاستا- ئاستا تەمتىرىمەي رەسىم سىزالايدىغان ، باشقىلار ئالدىدا ئۆز قەلىمىنى قورقماي تەۋرىتەلەيدىغان ، ئۆز كۆز قارشى ، تەسەۋۋۇرىنى دادىللىق بىلەن دوسكىغا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ، دوسكىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ سىزغان رەسىملىرىنى دوسكىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالايدىغان ، شۇنىڭ بىلەن  بىرگە سىنىپ  دوسكىسىنى دادىل ئىشلەپ چىقالايدىغان، ئۆز ئالدىغا لاھىيىلەپ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى، ماھارىتىنى ئىشقا سالالايدىغان، كىچىك گۈل، جىيەكلەرنى ، ئاددىي نەقىش، سىزىقلارنى   ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئۆزى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان خۇسۇسىيەتكە ھەم يەتكىلى بولىدۇ.  
دوسكىدا شەكىل ئېلىش ماھارىتىنى ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن دادىل قول تەۋرىتىپ ئالالايدىغان ، باشقىلارنىڭ شەكىللىرىنى دورىمايدىغان ، ئۆگەنگنلىرىنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ، دوسكا ئالدىدا تەسەۋۋۇر ،  خىياللىرىنى سىزىق ئارقىلىق نامايەندە قىلىپ باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئۆلگە بولالايدىغان شۇ ئارقىلىق بىر – بىرىدىكى بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىكى كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ بۇندىن كېيىنكى سىزمىلىرىدا ياخشى ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈشكە ناھايىتى چوڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا زور دەرىجىدە پايدىلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇپ مەشىق قىلدۇرۇشنى بوشاشماي ئېلىپ بېرىشقا بىز گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز ، دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇشتەك بۇ كىچىك ئىشنى دائىم ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرىشىمىز  لازىم .
كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ  رەسىم سىزىشقا بولغان كۆز قارشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلى رەسىم سىزىپ مەشىق قىلىش ئادىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، دەرىستە خوش ياقماسلىق، بىپەرۋا قاراش ياكى مەشىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن خاتا قاراش بىلەن رەسىم سىزىش،  تەسەۋۋۇر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بوشاڭلىق ھالىتىدە بولۇپ قالىدۇ .  بۇ ناچار ھالەتلەرنى پەيدىن-پەي تۈگۈتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزىشقا يېتەكلىسەك ،  ئۇلار دوسكىغا چىققاندىن كېيىن رەسىمنى سىزىش بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر قىلىش ئادىتىنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ قوش ئۈنۈمگە ئىرىشىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.  بىز ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق ئاددىي ئاستا- ئاستا ئۈنۈم بېرىدىغان ، چوقۇم نەتىجىسى كۆرىلىدىغان بۇ ئۇسۇلنى دائىم قوللىنىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز، گۈزەل سەنئەت دەرسىگە بولغان قىزغىنلىغىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىغا شارائىت ھازىرلىشىمىز كېرەك.                  



بىلال مۇھەممەتتۇرسۇن(ئىبراھىمى)
ق ش 18- باشلانغۇچ مەكتەپ         2015. 2

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 19:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز.گۈزەل سەنئەت دەرىسى باللارنىڭ تەپەككۇرىنى ،يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان دەرىس.شۇڭا كىچىكىدە رەسىم سىزىشنى ياخشى كۈردىغان باللارنىڭ تەسسەۋۇر قابىلىيتى ياخشى يىتىلىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

546

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32599
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 20:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ ،تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە ۋە گۈزەل-سەنئەت دەرسلەرنى قوشۇمچە دەرسلەر قاتارىدا قاراپ باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئېگەللىۋالىدىغان شۇ دەرسنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىر . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى ۋە گۈزەللىك قارىشىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى زور توسالغۇ بولىۋاتىدۇ.
  مەن بىناكارلىق ئىلمىدا ئوقۇيمەن . ئارخېتېكتور بولغۇچىنىڭ يىڭىلىق يارىتىشچانلىقى ۋە گۈزەللىك قارىشى يۇقۇرى بولۇشى كېرەك . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولۇشى كېرەك،رەڭ تۇيغۇسى ياخشى بولۇشى كېرەك،ئويلىغانلىرىنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك ھەم بۇ جەھەتلەردە تەلەپ بەك يۇقۇرى. بۇنداق ئىقتىدارنى باشلانغۇچتىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر بولغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلار بۇ جەھەتلەردە تولىمۇ ئارقىدا. بۇ كەسىپتىمۇ خېلى زور بوشلۇق بار. خەنزۇلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەر بىلەن  ئارلىق خېلى بار...مەن پەقەت مەن ئوقۇۋاتقان كەسپتە تۇرۇپ ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم، بۇنىڭدىن باشقا تەسەرى بار تەرەپلەرمۇ بار ئەلۋەتتە...
  شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ ساھاسىدىكىلەرنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئويلىشىپ بېقىشىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

24

دوست

5397

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 16:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكا ،گۈزەل  سەنئەت دېگەن دەرسلەر ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرسلەر ، شۇڭا  مۇشۇ خىل دەرسلەنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈنۈملۈك ،جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ،ئوقۇغۇچىلاردا ئەمىلىي ماھارەت يېتىلدۈرسە تولىمۇ ياخشى بولاتتى ، ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچتىن تارتىپ مۇزىكا ئۆگىنىدۇ ،لېكىن نوتا بىلمەيدۇ.......

تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .

0

تېما

0

دوست

160

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست  ھازىر ئوقۇغۇچىلاردا ئەڭ كەم بولىۋاتقىنى ئىجادچانلىق ،  شۇڭا ئۇلارنىڭ تەسەۋۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )