قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2717|ئىنكاس: 90
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلاردا ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلايمىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34601
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۇيغۇرلاردا ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلايمىز؟


ئورخون



   دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى مەلۇم ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ياكى جەمىيەت خارەكتىرلىك ئىسلاھاتنىڭ مەھسۇلى. مەلۇم بىر يىڭى ئىدئولۇگىيەنىڭ تەسىرىدە يىڭى بىر تۈزۈم، يىڭى بىر دەۋىر شۇ مەدەنىيەتنى مەلۇم دەۋر يۈكسەك  ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ھەرقانداق پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ھالاك بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، پەقەت قايسى مىللەت دەۋرىيلىك ھالدا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرالىسا يەنىىلا ھۆكۈمران ئورنىنى  داۋامىلق ساقلاپ تۇرالايدۇ ، بۇ ئىنسانىيەت تارىخى قانۇنىيتىنىڭ يەكۈنلەپ بەرگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىيتىدۇر."غەرپنىڭ يوقۇلىشى"،"غەرپنىڭ ئاجىزلىشىشى" قاتارلىق مۇھاكىمە،تەسەۋۋۇرلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەگىشىپ غەرپ مۇتەپەككۇرلىرى دەۋرىيلىك ھالدا "ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇش" پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. "مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى"،"ۋاشىنگىتون پىرىنسىپى"....... دىگەندەك كىتابلار ھەردائىم غەرپ ئەللىرىگە ئەسكەرتىش ۋە لاھىيەلەرنى بىرىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلار ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ كەلدۇق؟ توغرا، بىرقىتىم مۇۋاپقىيەتلىك ھالدا سوپىزىمنى ئىسلاھ قىلدۇق، سۈننى مەزھەپ تەلىماتىنى قوبۇل قىلدۇق، بۇنىڭغىمۇ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى. مەن ئالدى بىلەن ئىددىيە ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتەي:
     ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن ياراتقان تۈرلۈك ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتلرىنىڭ يادروسى دىن بولۇپ كەلدى، تۇتىم، شامان، مانىي، بۇددا، ئىسلام دىنى قاتارلىق مەيلى ئوۋچىلىق مەدەنىيتى بولسۇن، ياكى تىرىقچىلىق مەدەنىيتى بولسۇن بۇ دىندىن ئۇ دىنغا كۆچۈپ يۈرسەك يۈردۇقكى دىننى تاشلىمىدۇق، شۇنداق بولغاچقىمۇ دىنغا باشقىچە بىر ئىشتىياقىمىز باردەك پىسخىك ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. مۇڭغۇل يايلاقلىرىدا ئوۋچىلىق مەەنىيتى، شامان، مانىي ھەزارەتلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي، تۇرۇق ئالاھىدىلىكلىرى بىرخىل بولۇپ، كۈچلۈك ئورتاقلىققا ئىگە بولغان، لىكىن غەربكە كۆچكەندىن باشلاپ ئۇيغۇرلاردا بۆلۈنىش كىلىپ چىققان ، بۇ بۆلۈنىش تېرىتورىيلىك بۆلىنىشلا ئەمەس بەلكى ئىددىيدىكى، ئىتقاتتدىكى بۆلىنىش بولغان. تاغدىن چۈشكەن ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى يەرلىك تىرىقچى ئاھالىلەربىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان، شىنجاڭ غەربىي يۇرتنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغاچ ، بۇيەرگە كىلىپ كىتىپ تۇرىدىغان ھەرخىل ئىتقاد، مەدەنىيەتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ بولىشى،ئۆزئارا بىرىش كىلىش، ئۇچۇرشىشىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى، ئۆزئارا نىكاھلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر نەتىجىسىدە ئازبولمىغان يات ئىددىيە ۋە ئەدەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭغان. غەربىي يۇرىتتىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىتقاد شەكىللەنگەن بولۇپ، بىرى بۇددا دىنىنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى، يەنە بىرى ئىسلام دىنىنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى بولغان. خۇددىي ئىنساننى كونتىرول قىلىدىغىنى ئۇ قوبۇل قىلغان ئىدىيە بولغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئىككى توپ قىرىنداش قىنى بىر، ئەجدادى بىر، تىلى بىر بولىشىغا قارىماي، ئىككى سەپ بولۇپ ئۆزئارا نەچچە يۈزيىللىق قىرغىنچىلىقنى باشلىۋەتتى.بۇەردە مىنىڭ بەزىدە ئاڭلاپ قالىدىغان مۇنۇ گەپ ئىسىمگە كىلىپ قالدى، بەزىلەر" مەن مۇسۇلمان، ھەم ئۇيغۇر، بۇ بىرسى بىرسىگە ھىچقانداق زىت ئەمەس" .  ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى بىر-بىرىگە زىت، ئىسلامدا پەقەت" مۇسۇلمان، كاپىر"ئىككىلا ئۇقۇم بار، ھەرگىزمۇ"مۇسۇلمان، كاپىر، مىللەتداش"دىگەن 3 ئۇقۇم يوق،بىر مىللەت پۈتۈنلەي بىر ئورتاق دىنغا ئىگە بولسا بولغىنى، بولمىسا ئۆزئارا زىت بولغىنى بولغان، خۇددىي قاراخانىيلار بىلەن ئىدىقۇت ئوتتۇرسىدكى " دىن بىلەن مىللەت توقۇنۇشۇپ قالغاندا قايسىسىنى تاللاش كىرەك؟"دىگەن سۇئالغا ئەجداتلىرىمىز جاۋاب بىرىپ بولغان، ئىتقادداش مىللەتداشتىن ئۈستۈن تۇرۇش، ئورتاق ئىددىيەشۇناشلار، غەيرى ئىددىيەشۇناسلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش بۇ ئىنسانلار ئىدئولۇگىيسىدىكى تەبىيلىك، بۇنىڭمۇ بىر مىسالى سوپىزىم دەۋرىدىكى ئاق تاغلىق، قار تاغلىقلار ئارىسىدكى، شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈچلۈك توقۇنۇشلار يىتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ.
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىر قىتىملىق ئىدىيە يىڭىلاش ھەركىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، لىكىن بۇ يىڭىلاش ئۈزۈل كىسىل بولغىنى يوق، خۇددىي ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدا ئىيتقىنىدەك"ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە شامانىزىم، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددىىزىم دەۋىردىكى بىر قاتار ئەم-ئىرىم، تەبىر-جوراش، ئۆرۈپ-ئادەت،مۇراسىم-ئايەم قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، بۇلار قەدەمكى قائىدە-ئادەتلەرنى ئىسلام دىنىنىڭ تۈسىگە كىرگۈزىۋىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايسىبىىرىنىڭ ئىسلامچە، قايسى بىرنىڭ غەيرى ئىسلامچە ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتەلمىدى..... ئۇيغۇر خەلقىدە "خۇدا بىلەن رۇسۇل،دۇتار بىلەن ئۇسۇل"دىگەن سۆزدە گەۋدىلەنگەندەك ئىسلام بىلەن مىللىي سەنئەت بىرگە تۇتىدىغان ھالەت شەكىللەندى...' دىگەىنىدەك، ئۇلار ئىسلامغا تولۇقى بىلەن كىرگەن بولماستىن بەلكى مىللىي ئەنئەنە بىلەن ئىسلامنى مۇرەسسەلەشتۈرگەن، ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۋەتكەن ھالەتتە كىردى، بولۇپمۇ قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سوپىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا زور ماددىي ۋە ئادەم كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەنلىكتىن سوپىزىم يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەتلىرى، ئىلگىرىكى شامان، مانىي،بۇددا دىنىنىڭ تەسىرلىرى بىلەن يۇغۇرلۇن كىتىپ ئۆزئالدىغا "ئۇيغۇرچە ئىسلام"بولۇپ شەكىللىنىپ نەچچە يۈزيىل ئۇيغۇر دىيارىدا يىتەكچى ئىدىيە بولۇپ ساقلىنىپ تۇردى. شۇ چاغلاردىكى مۇرەسسە قىلىپ قوبۇل قلىش ھەركىتى، بۈگۈنكى دەۋىردىكى نورۇز بايرىىمى ئۆتكۈزۈش كىرەكمۇ يوق؟ ھىيت-بايرام، توي-تۆكۈندە ناخشا ئىيتىپ ئۇسۇل ئۇيناپ، نەغمە قىلسا بولامدۇ يوق؟..... دىگەندەك تالاش تارتىشلارنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى، بۇ خىلدىكى تالاش تارتىشلار قاراشقا ئانچە تۇتامغا چىقمايدىغاندە كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى ئىخىل ئىددىيەنىڭ پۇت تىپىششى بولىۋاتىدۇ، بىرى دىن چەكلىگەن يەنە بىرى مىللى ئۆرۈپ-ئادەت بولۇپ قايسسى، قايسىسىدىن مۇھىم؟ دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرغا قويغانلىق ئىدى.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ چىقىدىغان بولغاچقا جەمىيەتنىڭ ئىقىمى دىنىي يۆلىنىشتە تەرەققى قىلاتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت نەتىجىلىرى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىيتقان ئىدى.بۇلارنىڭ ھەممسىسى دىنىي زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئورنىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ خەلقنىڭ باشلامچىلىرىغا ئايلانغان ئىدى. كىيىنكى سوپىزىمنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشى خەلىقنىڭ ئىددىيسىنى قالايمىقان قىلىۋەتىپ، خەلىقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، چىڭ سۇلاسىى شىنجاڭنى ئىدارە قىلغاندىن باشلاپ خەلق سوپىزىم ئىددىيسىنى تاشلاپ سۈننى مەزھەپ ئىددىيسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. يىقىنقى زامان تارىخدىكى جەدىزىم ھەركىتى شىنجاڭدا بىخ ھالەتتە تەرەققى قىلالماي بىكىنمە ھالەتتە داۋاملىق تۇرۇپ قىلىشىغا سەۋەپ بولدى، دىنىي زىيالىيلار بارغابسىرى ئۆزرولىنى يوقىتىشقا باشلاپ، سوۋىتتە ئوقۇپ كىرگەن زىيالىيلار بارغانسىرى رەھبەرلىك ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىدى.
"ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىدا مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆزگىرىش بولغىنى يوق" ، بۈگۈنكى چەتكە چىققان، ئىچكىردە ئوبدان ئوقۇغان،ئەقلىي كىتابلارنى ئوقۇغان زىيالىيلىرىمىزغا قارىغاندا  كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمىزدا يەنىلا قارغۇلۇق، ھاياجانلىنىش، ھىسياتقا بىرىلىش... دىگەندەك ئەھۋاللار ھازىرغىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ، دىنىي زىيالىيلارنىڭ جەمىيەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىشى، پەن-تىخنىكىغا يۈزلۈنۈپ بولالماسلىقى، بولۇپمۇ  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جەلقىمىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشى تېخى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ بولالماسلىقى قاتارلىق رىئالنى ئەھۋاللارنى تونۇپ يىتەلمەسلىكى، تونۇپ يەتسىمۇ ساھابىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە جەلىپ قلىدىغان، نامراتلىق تەشەببۇسى بارغابنسىرى خەلىقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە دىنىي سۇس يىڭى مىللەتچى زىيالىيلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ پەن-تىخنىكا، ئىقدىساد قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلغارلىققا ئىگە بولغان زىيالىيلار جەمىيەتتە يىتەكچى ئورۇنغا ئۆتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار1000يىلدىن بۇيان ئامما خارەكتىرلىك ئىسلاھات ئىلىپ بارالمىغانلىقى، بولۇپمۇ ئىددىيەدە يىڭىلاش ھەركەتلىرى ئىلىپ بارالمىغانلىقى، پىكىرنىڭ بەكلا چىچلاڭغۇ ئۆزئارا گەپكە كىرمەسلىكى ، جاھىللىقى بىلەن " ھەممە بۇلبۇل ئۆزئالدىغا سايراش"ھالىتىدە يۈرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتنىڭ يىتىپ-قوپۇپ، ئۆمۈلەپ دىگۈدەك ناھايىتى ئاستا تەرەققى قىلىشىنى بەزىلەر دىندىن كۆرسە يەنەبەزىلەر باشقىچە ئۇسۇللارنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ، مەن دەيمەن بۇنىڭغا  بىزدىكى دۇنياقاراشنىڭ بەكللا مۈجمەنلىكى سەۋەپ بولغان، ئۇيغۇرلار مەيلى دىندىن ۋاز كەچسۇن ياكى، غەرپلىشىپ كەتسۇن بۇنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق. ئىنساننى كونتىرول قىلىپ تۇرىدىغان ئاۋۇ ئىدىيە ئۆزگەرمىسە شەكىلنى قانداق ئۆزگرتكىنى بىلەن بەرىبىر يەنىلا. غەرپلىكلەر بولسۇن، ياكى شەرقى ئاسىيادىكىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ دۇنياقارشى ناھايىتى ئىنىق بولۇپ ، پۈتكۈل ئارزۇ-غايىسى، ئۈمۈدى، بەختى، ئىتقادى بۇدۇنيا بولغاچقا  بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدىن بەھرىلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ياشايدۇ. لىكىن بىز ئۇنداق ئەمەس، بەزىلىرىمىز ئۇدۇنيالىق ئۈچۈن دەپ توۋلىساق، بەزىمىز بۇدۇنيالىق دەپ دەپ  تالاش-تارتىش قىلىپ ئاخىردا "ئۆزىڭىز تاللاڭ"دەپ تاللاش سۇئالى قويۇپ قۇيدۇق، ئائىلە تەربىيسىدە بالىنى زادى بۇدۇنياغا باغلاپ تەربىيلەمدۇق ياكى ئۇدۇنياغىمۇ ئىنىق ئۇقۇم يوق، نۇرغۇن كىشىلەر بولسا "يا بۇدۇنيادىن مىھرىنى ئۈزەلمەي، يا ئۇدۇنياغا تولۇق ئىشەنىچ قىلىپ بولالماي" دىلىغۇللۇق ئىچىدە نىشانسىز، غايىسىز ئۆتكۈزىۋىتىپ بارىدۇ، . . ئۇيغۇرلارنىڭ ئامما خارەكتىرلىك ئىسلاھات ئىلىپ بارىدىغان، جەمىيەت يىڭىلىنىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالغىلى ئۇزۇن بولدى، لىكىن قانداق ئىلىپ بىرىشنى بىلەلمىدۇق. ئۇنداقتا بۇ ئىسلاھاتنى ئىددىيەدىن يەنى " بۇدۇنيادا زادى قانداق ياشايمىز؟"،" نىمە ئۈچۈن ياشايمىز؟" قانداق ياشغاندا بىشىمىزنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ياشىيالايمىز؟".....دىگەن سۇئالدىن باشلايلى. ئىددىيمىزدىكى بارلىق مۈجمەك، ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتقان سۇئالدىىن باشلاپ ئىسلاھ قىلايلى.



0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى بىر تىما     
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

4

دوست

1969

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 19:30  

تاغدىن چۈشكەن ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى يەرلىك تىرىقچى ئاھالىلەربىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان، شىنجاڭ غەربىي يۇرتنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغاچ ، بۇيەرگە كىلىپ كىتىپ تۇرىدىغان ھەرخىل ئىتقاد، مەدەنىيەتىكى كىشىلەرنىڭ

.
ئۇيغۇرلار قايسى تاغدىن چۈشۈپ، قايسى يەرلىك ئاھالىلەرگە ئارىلاشتى ھەمدە قانداق ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوبۇل قىلدى؟ شۇ دەۋىردە دىيارىمىزدا قايسى يەرلىك تېرىقچى ئاھالىلەر ياشىغان ئىدى؟
يەنە بىر سوئال: سىز بۇ ماقالىڭىدە زادى قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى؟ سىز ئېيتىۋاتقان «ئىسلاھات» قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ھەمدە سىزنىڭ ۋە ئۇيغۇرلار توپىنىڭ ئارزۇسىغا سىزنىڭ «ئىسلاھات»ىڭىز باقامدۇ؟ يەنە بىرى: تور نامىڭىزنى «ئورخون» ئەمەس، «ئورخۇن»غا ئۆزگەرتىپ توغرا سۈيئىستىمال قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

298

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33694
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

سىز ئۇيغۇر رايۇندا ياشىماپسىز

0

تېما

0

دوست

298

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33694
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مارسقا چىقۋېلىىپ ئسلاھات قىلىڭ

6

تېما

1

دوست

8112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1615
توردىكى ۋاقتى: 2668
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مۇجىمەللىك يەنىلا سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئىكەن، يەنىلا كۆپرەك كىتاپ كۆرۈپ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈڭ، كۆپلەپ كۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىڭ.

0

تېما

0

دوست

99

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34500
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەي ،بىچچارە، بىرەر داخاننى تېپىپ ئۇزىڭىز گە ئۇ قۇتۇپ بىقىڭ ،ياخشى بولۇپ كىتەرسىز.

9

تېما

6

دوست

3847

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1186
توردىكى ۋاقتى: 369
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن سورىماقچى  بولغان  سۇئالنى  شەيدائىي  ئەپەندىم  سوراپ  بولۇپتۇ   جاۋاپ  بىرىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )