قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1695|ئىنكاس: 46

مەشھۇر تەسەۋۋۇپ ئالىمى-خوجا ئەھمەد يەسەۋى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

7

دوست

3793

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 78
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 07:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر تەسەۋۇپ ئالىمى-خوجائەھمەد يەسەۋى

     خوجا ئەھمەد يەسەۋى (1106-1166) بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا تەۋە تۈركىستاننىڭ سايرام دىگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ يەسى (ئۇنىڭ تەخەللۇسى دەل مۇشۇ يەر نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۈمكىن) دە ۋاپات بولغان مەشھۇر شائىر ۋە سوفىزىمچى. ئۇنىڭ قەۋرىسى قويۇق ئىسلام بىناكارلىق ئەىنئەنىسنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان بولۇپ ھازىر قازاقىستاننىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر....

1-ھاياتى

      ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋىرلىرىدە ياشىغان بولۇپ ئۇ، «تۈركىستان پىرى،تۈركىستان خۇجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالار سۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئانادولۇنىڭ مەنىۋىي پەتھ قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ، تۈرك ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنمۇ تەسەۋۋۇپ، شائىر ۋە پەيلاسۇپلاردىن بىرى بولۇپ ئانادولۇ ۋە تۈركلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەت بىلەن تۈرك تىلىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە كېڭىيشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان زاتتۇر.
      ئەھمەد يەسەۋىي، قۇلىمىزدىكى ماتېرياللاغا ئاساسلانغاندا 1085-1095-يىللىرىدا يەنى ئون بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئاھالىسى تۈرك ۋە غەيرى ئەرەپلەردىن تەركىپ تاپقان سايرامدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنىت شەھىرىنىڭ شەرىقىدىكى تارىم ئوستىڭىگە قۇيۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىمى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىي يەسىدەتۇغۇلغان دەپ قارالماقتا. يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇيەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش توغرا ئەمەس.
      ئەھمەد يەسەۋىينىڭ دادىسى ئېسىل پەزىلەتلىك ئەۋلىيا كىشى بولۇپ نەسەبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە تۇتشىدۇ. سايرامدا مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە ئەۋلاتلىرى «خۇجا» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئەھمەد يەسەۋىيمۇ «خۇجا ئەھمەد يەۋەسىي ۋە قۇل خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.
      ئەھمەد يەسەۋينىڭ ئانىسى شەيىخ ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇن باسارلىرىدىن بىرى بولغان مۇسا شەيىخنىڭ قىزى ئائىشە خاتۇندۇر. كىچىك ياشتا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھەد يەسەۋىي، يەتتە ياشتىن باشلاپ ھەدىسى جەۋھەر شاھنازنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا جەۋھەر شاھناز نامەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئېنىسىنى ئېلىپ سايرامدىن ئايرىلغان ۋە يەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان.
      ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى باشلانغۇچ تەھسىلىنى دادىسىدىن ئالغان. تەزكىرىلەرگە ئاساسلانغاندا كېچىك ياشتا خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەت ۋە ئىرشادلىرىغا نائىل بولغان. يەسىدە ئارسلان باباغا شاگرىت بولۇپ تەھسىلىنى داۋاملاشتۇرغان. ئارسلان بابا يەسىدە مەشھۇر بىر زات بولۇپ خۇراسان مەلامەت تەرىقىتىنىڭ (مەلەمەتچىلىك-ئانسكلوپەدىدىن ئېلىندۇ) ۋەكىلى ئىدى. ھەتتا پىشقەدەم ساھابە بولغان ئارىسلان بابانىڭ يەسىگەكىلىپ ئەھمەد يەسەۋىينى تېپىشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانىتى بولغان خورمىنى ئەھمەد يەسەۋىيگە بىرىشى ۋە تەربىيلەپ يېتشتۈرۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋىي بىر ئىشارىتىگە تايانماقتا ئىدى.
      بۇ ھەقتىكى تەزكىرىلەرگە قارىغاندا بىر ئۇرۇشتا يەيدىغان ھېچ نەرسىسى قالمىغان ساھابىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلىدۇ. بۇ دۇئادىن كېيىن پەرىشتە جەبرائىل جەننەتتىن بىر تەخسە خورمىنى ئېلىپ چۈشىدۇ. ساھابىلەر خۇرمىدىن بىرتالدىن ئېلىپ يەيدۇ. بۇ ئارلىقتا بىرتال خورما يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن جەبرائىل: يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خورما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن چىقىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ساھابىلەردىن بىرىگە ئامانەت قويماقچى بولغاندا ساھابىلەر ئىچىدىن ئارسلان بابا ئىسىملىك بىرسى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئالىدۇ. ھەزرىتى پەيغەمبەر بۇ خورمىنىمۇبارەك قۇلى بىلەن ئارسلان بابانىڭ تامغىقىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەھمەدنى قەيەردە،قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ۋە ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارسلان باباغا تاپشۇرۇدۇ. ئارسلان بابا نەچچە يۈز يىل ئەھمەدنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئىشارەتلەرگە ئاساسەن يەسىگە كىلىدۇ ۋە يەسىدە ئىزدەپ يۈرۈپ بىر توپبالىلار بىلەن ئويناۋاتقان ئەھمەدنى تاپىدۇ.ئارسلان بابا خورمىنىڭ گېپىنى چىقارماستىن ئەھمەد ئامانىتىنى بىرۋېتىشنى ئېيتىدۇ. ئارسلان بابا بەش يۈزيىل تامغىقىدا ساقلاپ يۈرگەن خورمىنى ئاغىزىدىن چىقىرىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.ئارسلان بابا ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئاخىرى ئەھمەد مەنىۋىىي كامالەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ .شۆھرىتىتەرەپ-تەرەپكە تارقايدۇ. ئارسلان بابا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەھمەد يەسەۋىي زامانىدىكى مەشھۇر ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ. بۇخارا بۇ دەۋىردە قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيتى ئاستىدا ئىدى. مەزھىپى ھەنەپى بولغان ئەلى بورھانئىسىملىك باي بىر ئائىلە بۇخارادا سىياسى نۇپۇزغا ئىگە ئىدى. تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلارچە تالىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن بۇخاراغا كىلەتتى. ئەھمەد يەسەۋىي بۇ يەردە 504\1110-ياكى 518\1124 -يىللىرى ئۆز دەۋرىدىكى داڭدار ئالىم ۋە مۇتەسەۋۋىپلەردىن شەيىخ يۈسۈف ئەل ھەمەدانىي(535\1140) ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ بەرقىي(بەراقىي) ۋە شەيىخ ھەسەن ئەنداقىيلارنىڭ ئۈچىنچى ئۇرۇنباسارى سۈپىتى بىلەن ئىرشاد ماقامىغا ئولتۇرۇدۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن شەيخىنىڭ بىرئىشارىتى سەۋەبىدىن ماقامىنى شەيىخ ئابدۇلخالىق ئەل گۈجدۋانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ يەسىگە قايتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەھمەد يەسەۋىي ۋاپات بولغانغاقەدەر ئىرشاد پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ شەھەردە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈچلۈك بىر تەسەۋۋۇپ ئىدىيسىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.
      كۆپ قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسەن562-563\1166-1167-يىلى ۋاپات بولغان ئەھمەد يەسەۋىي 63 ياشتىن كېيىنكى ئۆمىرنى تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسى بويىچە ھويلىسىدىكى كىچىك بىر ھوجرىسىغا قېزىلغان يەردە ئىتىكاپ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا چىڭ تۇرغانلىقى دەپ چۈشەنچە بىرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 63 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ سەۋەپتىنئەھمەد يەسەۋىي ئۈچۈن بۇ ياشتىن كېيىن يەر يۈزىدە ياشاش سۈننەتكە خىلاپ دەپقارالغان.
      ئەھمەد يەسەۋىينىڭ قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ 63 ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى قۇبۇل قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولسا ئۇنى 73، 85، 120 ۋە ياكى 125 ياشتا ۋاپات بولغان دەپ قارايدۇ.
      تېمۇرنىڭ بۇيرۇقى 789\1396 بىلەن ياسىلىشقا باشلىغان ئەھمەد يەسەۋىي مەقبەرىسى ئەينى زاماندا بىر مەسجىد ۋە دەرگاھبىلەن بىرلىكتە باشقا بىنالار بىلەن قۇشۇلۇپ بىر قانچە يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارتەرىپىدن زىيارەت قىلىنىپ تۇرغان بۇ مەقبەرە 1990-يىلى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر كېلىشىم بويىچە 1992-يىلى ئەسلى تارىخى ۋە مىمارچىلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا رېمونىت قىلنىشقا باشلىغان. 2000-يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ رەسمى ئېچىۋىتىلگەن.
      قۇلىمىزدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ ئۇ ھايات ۋاختىدا ئوغلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بۇ ئوغلىدىن باشقا جەۋھەر شاھناز ۋە جەۋھەر خۇشناز ئىسىملىك ئىككى قىزى بار بولۇپ ئۇنىڭ نەسەبى قىزى جەۋھەر شاھناز ئارقىلىق داۋاملاشقان. تۈركىستان، ماۋەرائۇننەھر، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىۋە ئانادولۇدا نەسەبى ئەھمەد يەسەۋىيگە تۇتىشىدىغانلىقىنى داۋا قىلىغان نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان.بۇلاردىن بىر قانچىسى؛ سەمەرقەنتلىك شەيخ زەكەرىيا، ئۈسكۈپلۈك شائىر ئاتا ۋە ئەۋلىيا چەلەبىيلەردۇر.

2-ئەسەرلىرى

      ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «دىۋانى ھېكمەت»ۋە «پېقىرنامە» ناملىق ئەسەرلىرى بار.
      دىۋانى ھېكمەت، ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەشتىن ئونبەش كۇپلىتقىچە ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغان رۇبائىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ«ھېكمەت»دەپ ئاتالغان دىنى، تەسەۋۋۇپ ۋە دېداكتىك ماھىيتىدىكى نەزمىلەردىنتوپلانغان بىر ئەسەردۇر. دىۋانى ھېكمەتنىڭ يازما ۋە باسما نۇسخىلىرىدىكىھېكمەتلەرنىڭ سانىدا بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. زامانىمىزغىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان يەسەۋىيگە ئائىت ھېكمەتلەرنىڭ سانى ئىككى يۈز ئەللىك بولۇپ بۇسەۋەپتىن ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدىكى «تۆتمىڭ تۆتيۈز ھېكمەت بايان قىلىدىم» دېگەنئىپادە پەقەت بىر رىۋايەتتىن ئىبارەتتۇر.
      ھېكمەتلەرنى يەسەۋىينىڭ يېنىدىكى دەرۋىشلەر يېزىپ قالدۇرغان ۋە يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئەڭ يىراق تۈرك يۇرتلىرىغىچە يېتىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بىللە دىۋانى ھېكمەتنىڭ نۇسخىلىردامەزمۇنى ۋە تىلىدا مۇھىم پەرىقلەرنىڭ بولۇشى، ئەسەردىكى بارلىق ھېكمەتلەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىيگىلا ئائىت ئەمەس بەلكى بىر قىسمىنىڭ، مۇرىتلىرى ۋە باشقا سۇپى شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.ھەتتا فۇئاد كۆپرۈلۈ، قولىمىزدىكىدىۋان ھېكمەت ئىسىملىك ئوخشاش ئەسەرنىڭ باشقا بىر يەسەۋىي دەرۋىشى ياكى شەيىخىگەئائىت بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دەپقارايدۇ.قىسقىسى پۈتۈن ھېكمەتلەرنىڭ مەنبەسى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىتىقادى،قاراشلىرى ۋە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىغا تايانغان. بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەر تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا بىر ئىدىيە بىرلىگىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
      ھېكمەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئسلامدىنى، تۈركىستان تەسەۋۋۇپى ۋە يەسەۋىيلىككە ئائىت ئاساسلاردىن تەشكىل تاپقان. بىرقىسىم ھېكمەتلەردە رېئال ئەخلاق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى ئاقسىتىپ قويغان تەرەپلەر ھەققىدىمۇ توختالغان. مۇناجات، نەئەت (پەيغەمبەر مەدھىيەسى) ۋە تۆت خەلىپىنى مەدھىيەلىگەن ھېكمەتلەردىن باشقا مەزمۇنلارغىمۇ يەر بەرگەن.بۇلار؛ ئىلاھى ئاشىق، ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقى، مۇتلەق ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى، پەيغەمبەرسۆيگۈسى، شەرىئەت، زۇھد ۋە تەقۋا، ئىسلام ئەخلاقى، قىيامەت، جەننەت ۋە دۇزاختەسۋىرلىرى، دۇنيا ۋە ساختا ئاشىقلار ئۈستىدىن شىكايەت، مۇتەسەۋۋۇپلارغا ئائىتقىسسىلەر، زىكىر ۋە خىلۋەتكە ئوخشاش يەسەۋىيلىك ئەدەپ-ئەركانلىرىغا ئالاقىدارمەزمۇنلاردۇر.
      دىۋانىي ھېكمەت ۋە ئەھمەديەسەۋىينىڭ تىلى، قۇتادغۇبىلىك ۋە مەھمۇد كاشغىرىي تەرىپىدىن تۈركچىنىڭ ئەڭ يۈكسەك شەكلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «خاقانىيە تىلى»، يەنى قاراخانىيلار تۈركچىسى بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن دىۋانى ھېكمەتنىڭ ئون ئىككىنچى ياكى ئون ئۈچىنچى ئەسىردەيېزىلغان نۇسخىلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار.
      دىۋانىي ھېكمەت دەسلەپ يازمانۇسخىلار ھالىتىدە يەنى قولدا كۈچۈرۈش ئارقىلىق، كېينكى دەۋىرلەردە بولسا بېسىلىپكۆپەيتىلگەن.دىۋانىيھېكمەت قۇلىمىزدىكى ماتىرياللارغا قارىغاندا ئۆتكەن ئىككى ئەسىر ئىچىدە تاشكەنتتەئون يەتتە قېتىم، ئىستانبۇلدا توققۇز قېتىم، قازاندا بەش قېتىم، بۇخارا ۋە قاغاندابىر قېتىمدىن بېسىلغان.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۆزبىكىستاندا كىرىلھەرىپىدە ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان. تۈركىيەدە كامال ئەرئاسلان، ھاياتى بىجە، يۈسۈف ئازمۇن ۋە ئەرخان سەزائىي توپلۇ تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
       ئەھمەد يەسەۋىيگە نىسبەت بىرىلگەن پېقىرنامە، دىۋانىي ھېكمەتنىڭ تاشكەنت ۋە قازان باسمىلىرىنىڭ باشقىسمىدىكى بىر رىسالىدىن ئىبارەتتۇر.ئۆز ئالدىغا بىر ئەسەر ئەمەس بەلكى دىۋانىھېكمەتنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدىكى بۇ رىسالە تەسەۋۋۇپنىڭ مۇھىم ئاتالغۇلىرىدىن بىرسى بولغان «پېقىر»نىڭ ماھىيتى ۋە ئەھمىيتى، دەۋرىشلىكنىڭ ماھىيتى ۋەمەرتىۋىلىرىنى بايان قىلىنغان بىر ئەسەردۇر.بۇ ئەسەردە شەرىئەتتە ئون، تەرىقەتتە ئون، مەرىپەتتە ئون ۋە ھەقىقەتتە ئون جەمى قىرىق دەرىجە بايان قىلىنغان.پېقىرلىقتائون دەرىجە، ئون نۇر ۋە ئون دەرىجە بىلەن بىللە ئالتە ئەدەپ بارلىقى تىلغائېلىنغان.
      پېقىرنامىنىڭ دىۋاني ھېكمەتنىڭ باشقا يازما نۇسخىلىرىدا بولماسلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىي تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى دەۋىرلەردە يەسەۋىينىڭ ئىدىيسىنى ئاسان قىلغان بىر يەسەۋىي دەرۋىشىتەرىپىدىن يېزىلىپ دىۋانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پېقىرنامە كامال ئەرئاسلانتەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بىر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن ئەھمەد يەسەۋىينىڭ كېيىنتېپىلغان ئەسىرى دەپ قارالغان «رىسالە» ناملىق ئەسەركامال ئەرئاسلان تەرىپىدىننەشىر قىلىنغان پېقىرنامىنىڭ ئۆزىدۇر.


3-ئىدىيسىۋە تەسىرلىرى

      ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندەۋىرلىرىدە بولسۇن ياكى يېتىشىپ چىقىپ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان دەۋرلەردەبولسۇن داۋاملىق ئىبادەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ تۇرمۇشىنى قۇشۇق ئۇيۇپ سېتىش بىلەنقامدىغان. ئۆزىنىڭھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاشنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بۇ تەسەۋۋۇپ ئەھلى، مەنىۋىيئىلىملەردە شۆھرەت قازىنىش بىلەن بىللە ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئۆز دەۋىردىكىنىزامىيە مەدرىسىسىدە دەرىس بەرگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە شەيىخ ئەل ھەمەدانىيدىنمەنىۋىي ۋە زاھىرىي ئىلىملارنى ئۆگەنگەن.
       ئەھمەد يەسەۋىينىڭ يەسىدە ئىرشاد ئىشلىرىنى باشلىغان دەۋىر، بىر تەرەپتىن بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلتانى سەنجەر ۋاپات بولۇپ خارازملەر سىياسى جەھەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشقا باشلىغانۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستاننىڭ يەتتەسۇ رايۇنلىرىدا ئىسلام دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان بىر دەۋىر ئىدى. ئۇستازىغا ئوخشاش ھەنەفىيفىقھىشۇناسى ۋە ئالىم بولۇپ يېتىشكەن ئەھمەد يەسەۋىي ئەرەپچە ۋە پارىسچە بىلەتتى.بۇ سەۋەپتىن تاشكەنت، سىر دەرياسى ۋە سەيھۇن دەرياسىنىڭ قارىشى قىرغالىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ياشاۋاتقان كۆچمەن تۈركلەر ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ تۇپراقلاردىكى ساددا خەلق ئاممىسىغا ئىلىم-مەرىپەت ئېلىپ بارغان. ئىلىم-مەرىپەت پائالىيەتلىرىدە چۈشۈنۈشلۈك زاغرا تىل قوللانغان.
       ئەھمەد يەسەۋىي، ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى ۋە شەرىئەت-سۈننەت، تەسەۋۋۇپ ۋەخۇراسان مەلامىلىكى قاتارلىق ئۈچ ئاساسقا تايانغان يەسەۋىيلىكنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى ھېكمەت نامى ئاستىدا ھەجە ۋەزنىنى قوللۇنۇپ نەزىمى شەكىلدە ئاددىي تۈركچە بىلەن بايان قىلىپ چىققان. ھېكمەتلەر يەسەۋىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى تېخى قۇبۇل قىلمىغان باشقا تۈركىي خەلقلەرغىمۇ تارقالغان. يەسەۋىينىڭ يېقىن ئەتىراپىدا توقسان توققۇز مىڭ باشقا يىراق جايلاردا بولسا ئون ئىككى مىڭ مۇرىتى ۋە نۇرغۇن ئىزباسارلىرى بار ئىدى.
      ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۈرك يۇرتلىرىدا كەم ئۇچىرايدىغان مۇستەھكەم تەسىر قالدۇرىشىدا، ھېكمەتلىرى بىلەن بىللە يەنە پۈتۈنتۈرك دۇنياسىغا خىتاپ قىلغان مۇرىتلىرى بۈيۈك رول ئوينىغان.ھەتتا بۇ شەكىلدە پۈتۈن رايۇنلارغا ئورتاق بولغان بىر ئىتىقاد ۋە روھنى روياپقا چىقارغان. ئانادولۇدا نەچچە ئەسىردىن بىرى ياشاپ كەلگەن ۋە مۇسۇلمان بولمىغان قىپچاق، ئۇغۇز تۈركلىرى يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان بولغان.
      ئەھمەد يەسەۋىي بىر مۇرشىد ۋە تەربىيچى سۈپىتى بىلەن يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە تەسەۋۋۇپ ئىتىقادلىرىنى ۋە تەرىقەتنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى تەلىم بەرگەن.


ئەھمەد يەسەۋىي- ھاياتى، ئەسەرلىرى،ئىدىيسى ۋە تەسىرى

     پروفىسسۇر، دوكتور ئەھمەد تۇران يۈكسەل (تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلاھىيات فاكۇلتىتى ئىسلام تارىخى بۆلۈمىدە)

تۈركچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىسمەھزن تەرجىمىسى

1-ھاياتى ئەھمەد يەسەۋىي، بۈيۈك سەلجۇقيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شانلىق دەۋىرلىرىدە ياشىغانبولۇپ، ئۇ، «تۈركىستان پىرى، تۈركىستان خۇجىسى، ھەزرىتى سۇلتان، ئەۋلىيالارسۇلتانى، ئەۋلىيالار سەركىسى ۋە ئانادولۇنىڭ مەنىۋىي پەتھ قىلغۇچىسى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ، تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىسلام تارىخى ۋەمەدەنىيتى ساھەسىدە تەسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەسەۋۋۇپ، شائىر ۋەپەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئانادولۇ ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەتبىلەن تۈركىي تىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشى ۋە كېڭىيشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانزاتتۇر. ئەھمەد يەسەۋىي، قولىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا1085-1095-يىللىرىدا1 يەنى -XIئەسىرنىڭ ئاخىرقىيېرىمىدا 2 ئاھالىسى تۈركىي خەلقلەر ۋە غەيرى ئەرەبلەردىن تەركىپ تاپقان سايرامدادۇنياغا كەلگەن. سايرام3 قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىمكەنت شەھىرىنىڭشەرىقىدىكى تارىم ئوستىڭىگە قۇيۇلىدىغان شەھيار دەرياسىنىڭ كىچىك بىر ئېقىنى بولغان قاراسۇ چايدىكى بىر جاينىڭ ئىسمىدۇر. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەھمەد يەسەۋىييەسىدە تۇغۇلغان دەپ قارالماقتا .يەسى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىستان شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما يەسىدە تۇغۇلغان دېگەن قاراش تازا كۈچلۈكقاراش ئەمەس.4 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ دادىسى ئېسىل پەزىلەتلىك ئەۋلىيا كىشى بولۇپ،نەسەبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيەگە تۇتشىدۇ.سايرامدامۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە ئەۋلاتلىرى «خۇجا» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئەھمەديەسەۋىيمۇ «خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە قۇل خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.5 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئانىسى شەيىخ ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇن باسارلىرىدىن بىرىبولغان مۇسا شەيىخنىڭ قىزى ئائىشە خاتۇندۇر6. ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك ياشتا ئايرىلىپقالغان ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشتىن باشلاپ ھەدىسى جەۋھەر شاھنازنىڭ تەربىيسىدەئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جەۋھەر شاھناز نامەلۇم بىرسەۋەب بىلەن ئىنىسىنى ئېلىپ سايرامدىن ئايرىلغان ۋە يەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان.7ئەھمەد يەسەۋىي يەتتە ياشقىچە باشلانغۇچ تەھسىلىنى دادىسىدىن ئالغان. تەزكىرىلەرگەئاساسلانغاندا، ئۇ كېچىك يېشىدىن باشلاپلا خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەت ۋەئىرشادلىرىغا نائىل بولغان بولۇپ، يەسىدە ئارسلان باباغا شاگرىت بولۇپ تەھسىلىنى داۋاملاشتۇرغان. ئارسلان بابا يەسىدە مەشھۇر زات بولۇپ، خۇراسان مەلامەت ئېقىمى(خۇراساندا پەيدا بولغان مالامەت ئىددىيسىگە ئىگە تەسەۋۋۇپ ئېقىمى-ت)نىڭ ۋەكىلىئىدى.8 ھەتتا پىشقەدەم ساھابە بولغان ئارىسلان بابانىڭ يەسىگە كىلىپ ئەھمەديەسەۋىينى تېپىشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانىتى بولغان خورمىنى ئەھمەديەسەۋىيگە بېرىشى ھەمدە ئۇنى تەربىيىلەپ يېتشتۈرۈشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بولغان مەنىۋىي بىر ئىشارەتكە ئاساسلانماقتا ئىدى.9 بۇ ھەقتىكى تەزكىرىلەرگەقارىغىنىمىزدا، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەيدىغان ھېچ نەرسىسىقالمىغان ساھابىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلىدۇ. بۇ دۇئادىنكېيىن پەرىشتە جەبرائىل جەننەتتىن بىر تەخسە خورمىنى ئېلىپ چۈشىدۇ. ساھابىلەرخۇرمىدىن بىرتالدىن ئېلىپ يەيدۇ. بۇ چاغدا بىرتال خورما يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنىكۆرگەن جەبرائىل يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خورما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭئۈممەتلىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسى ئىكەنلىكىنىئېيتىدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ساھابىلەردىن بىرىگە ئامانەت قويماقچىبولغاندا، ساھابىلەر ئىچىدىن ئارسلان بابا ئىسىملىك بىرسى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگەئالىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ئۆز قولى بىلەن ئارسلان بابانىڭتامغىقىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەھمەدنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قانداقتاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ھەمدە ئەھمەدنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارسلان باباغا تاپشۇرىدۇ. ئارسلان بابا نەچچە يۈز يىل ئەھمەدنى ئىزدەيدۇ.ئىشارەتلەرگە ئاساسەن يەسىگە كىلىدۇ ۋە يەسىدە بىر توپ بالىلار بىلەن ئويناۋاتقانئەھمەدنى تاپىدۇ.ئارسلان بابا خورمىنىڭ گېپىنى چىقارماستا ئەھمەد ئارسلان باباغائامانىتىنى بىرىشنى ئېيتىدۇ. ئارسلان بابا بەشيۈز يىلغا يېقىن تامغىقىدا ساقلاپيۈرگەن خورمىنى ئاغزىدىن چىقىرىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ئارسلان بابا ئەھمەدنىتەربىيىلەشكە باشلايدۇ شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد ئاخىرى مەنىۋىىي كامالەت دەرىجىسىگەيېتىپ شۆھرىتى تەرەپ-تەرەپكە تارايدۇ.10 ئارسلان بابا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەھمەد يەسەۋىي ئۆز زامانىدىكى مەشھۇر ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ. بۇخارا بۇ دەۋىردە قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى. بۇخارادامەزھىپى ھەنەفىي بولغان ئەلى بورھان ئىسىملىك باي بىر ئائىلە سىياسى نۇپۇزغا ئىگەئىدى. تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلارچە تالىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈنبۇخاراغا كىلەتتى.11 ئەھمەد يەسەۋىي بۇ يەردە 504\1110 –يىلى 12 ياكى518\1124-يىللىرى13 ئۆز دەۋرىدىكىداڭلىق ئالىم ۋە مۇتەسەۋۋىپلەردىن شەيىخ يۈسۈف ئەل ھەمەدانىي(535\1140)، ئۇ ۋاپاتبولغاندىن كېيىن ئابدۇللاھ بەرقىي(بەراقىي) ۋە شەيىخ ھەسەن ئەنداقىيلارنىڭ ئۈچىنچىئورۇنباسارى سۈپىتىدە ئىرشاد ماقامىغا ئولتۇرىدۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، شەيىخىنىڭ بىر ئىشارىتى سەۋەبلىك ماقامىنى شەيىخ ئابدۇلخالىق ئەلغىجدىۋانىيغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ يەسىگە قايتىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاتمىش ياشلارغا كىرىپقالغان ئەھمەد يەسەۋىي ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىرشاد پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.14 ئۇنىڭ بۇ شەھەردە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈچلۈك بىر تەسەۋۋۇپئىدىيسىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.15 كۆپ قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسەن562-563\1166-1167-يىلى ۋاپات بولغان ئەھمەد يەسەۋىي 63 ياشتىن كېيىنكى ئۆمرىنىتەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسى بويىچە ھويلىسىدىكى كىچىك ھوجرا ئاستىغا كولانغان گەمىدەئىتىكاپ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىداچىڭ تۇرغانلىقى دەپ چۈشەنچە بىرىلىدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 63 يېشىدا ۋاپاتبولغان. بۇسەۋەپتىن ئەھمەد يەسەۋىي ئۈچۈن بۇ ياشتىن كېيىن يەر يۈزىدە ياشاش سۈننەتكە خىلاپ دەپ قارالغان.16 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ھەرخىل قاراشلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ 63 ياشتا ۋاپاتبولغانلىقىنى قۇبۇل قىلغان. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولسا ئۇنى 73، 85، 120ۋە ياكى 125 ياشتا ۋاپات بولغان دەپ قارىغان.17 ئەمىر تىمورنىڭ بۇيرۇقى 789\1396بىلەن ياسىلىشقا باشلىغان ئەھمەد يەسەۋىي مەقبەرىسى، ئەينى زاماندا بىر مەسجىد ۋەبىر دەرگاھ بىلەن بىللە باشقا بىنالار بىلەن قۇشۇلۇپ بىر قانچە يىل ئىچىدەپۈتكۈزۈلگەن.18 سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنمۇسۇلمانلار زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان بۇ مەقبەرە 1990-يىلى تۈركىيە بىلەنقازاقىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كېلىشىم بويىچە، 1992-يىلى ئەسلى تارىخى ۋە مىمارچىلىق ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا رېمونىت قىلىنىپ 2000-يىلى 9- ئايداپۈتۈپ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. قۇلىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئەھمەديەسەۋىينىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئەھمەد يەسەۋىي ھايات ۋاقتىدائوغلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بۇ ئوغلىدىن باشقا جەۋھەرشاھناز ۋە جەۋھەر خۇشناز ئىسىملىك ئىككى قىزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ نەسەبى قىزى جەۋھەرشاھناز ئارقىلىق داۋاملاشقان. تۈركىستان، ماۋەرائۇننەھر، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىۋە ئانادولۇدا نەسەبى ئەھمەد يەسەۋىيگە تۇتىشىدىغانلىقىنى دەۋا قلىغان نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.بۇلاردىن بىر قانچىسى، سەمەرقەنتلىك شەيخ زەكەرىيا، ئۈسكۈپلۈك شائىر ئاتا ۋە ئەۋلىيا چەلەبىيلەردۇر.19

2-ئەسەرلىرى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ۋە «پېقىرنامە» ناملىق ئەسەرلىرى بار. دىۋانى ھېكمەت، ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەشتىن ئونبەش كۇبلىتقىچە ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغانرۇبائىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ، «ھېكمەت» دەپ ئاتالغان دىني، تەسەۋۋۇپ ۋە دېداكتىك ماھىيتىدىكى نەزمىلەردىن توپلانغان ئەسەردۇر.دىۋانى ھېكمەتنىڭ يازما ۋە باسمانۇسخىلىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ سانىدا بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت.زامانىمىزغىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان يەسەۋىيگە ئائىت ھېكمەتلەرنىڭ سانى ئىككى يۈزئەللىك بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدىكى «تۆتمىڭ تۆتيۈز ھېكمەت بايانقىلدىم» دېگەن ئىپادە پەقەت بىر رىۋايەتتىن ئىبارەتتۇر.20 ھېكمەتلەر يەسەۋىينىڭيېنىدىكى دەرۋىشلىرى تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان ھەمدە يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭئېغىزىدىن ئەڭ يىراقتىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتلىرىغىچە يېتىپ بارغان.21 بۇنىڭبىلەن بىللە دىۋانى ھېكمەتنىڭ نۇسخىلىرىدىكى مەزمۇن ۋە تىل جەھەتتىكى پەرىقلەر،ئەسەردىكى بارلىق ھېكمەتلەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىيگىلا ئائىت بولماستىن بەلكى بىرقىسمىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە باشقا سۇپى شائىرلارنىڭ نەزمىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ھەتتا فۇئاد كۆپرۈلۈ، قولىمىزدىكى دىۋان ھېكمەت ئىسىملىك ئوخشاش ئەسەرنىڭ باشقا بىر يەسەۋىي دەرۋىشى ياكى شەيىخىگە ئائىت بولۇش ئېھتىماللىقىنىنەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان.22 قىسقىسى، بارلىق ھېكمەتلەرنىڭمەنبەسى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىتىقادى، قاراشلىرى ۋە تەرىقىتىنىڭ ئاساسلىقپىرىنسىپلىرىغا تايانغان. بۇ سەۋەپتىن ھېكمەتلەر تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا بىرخىلئىدىيە بىرلىگىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.23ھېكمەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئسلام دىنى، تۈركىستان تەسەۋۋۇپى ۋە يەسەۋىيلىككەئائىت ئاساسلاردىن تەركىب تاپقان. بىر قىسىم ھېكمەتلەردە رىئال ئەخلاق ۋەجەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى ئارقىدا قالدۇرىدىغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالغان.مۇناجات،نەئەت (پەيغەمبەر مەدھىيەسى) ۋە تۆت خەلىپىنى مەدھىيىلىگەن ھېكمەتلەردىن باشقامەزمۇنلارغىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ ئۇلار: ئىلاھىي ئىشىق، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋەبارلىقى، مۇتلەق ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، شەرىئەت، زۇھد ۋە تەقۋا،ئىسلام ئەخلاقى، قىيامەت، جەننەت ۋە دەۋزاخ تەسۋىرلىرى، دۇنيا ۋە ساختا ئاشىقلارئۈستىدىن شىكايەت، مۇتەسەۋۋۇپلارغا ئائىت قىسسىلەر، زىكىر ۋە خىلۋەت قاتارلىقيەسەۋىيلىك ئەدەپ-ئەركانلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردۇر.24 دىۋانى ھېكمەت ۋە ئەھمەديەسەۋىينىڭ تىلى قۇتادغۇبىلىك ۋە مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن تۈركچىنىڭ ئەڭ يۈكسەكشەكلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «خاقانىيە تىلى» يەنى قاراخانىيلار تۈركچىسى بولۇشىكېرەك. 25 بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن دىۋانى ھېكمەتنىڭ -XII ياكى -XIIIئەسىردە يېزىلغاننۇسخىلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار. دىۋانى ھېكمەت دەسلەپ يازما نۇسخا ھالىتىدە يەنى،قولدا كۆچۈرۈش ئارقىلىق، كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە مەتبۇئەدە بېسىلىپكۆپەيتىلگەن. دىۋانى ھېكمەت قولىمىزدىكى ماتىرىياللارغا قارىغاندا ئۆتكەن ئىككىئەسىردە تاشكەنتتە ئون يەتتە قېتىم، ئىستانبۇلدا توققۇز قېتىم، قازاندا بەش قېتىم،بۇخارا بىر قېتىم، قاغاندا بىر قېتىم بېسىلغان.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىنكېيىن، ئۆزبىكىستاندا كىرىل ھەرىپىدە ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان.تۈركىيىدە كامالئەرئاسلان، ھاياتى بىجە، يۈسۈف ئازمۇن26 ۋە ئەرخان سەزائىي توپلۇ27 تەرىپىدىنئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. ئەھمەد يەسەۋىينىڭئەسىرى دەپ قارالغان پېقىرنامە دىۋانى ھېكمەتنىڭ تاشكەنت ۋە قازان باسمىلىرىنىڭباش قىسمىدىكى بىر رىسالىدىن ئىبارەتتۇر.ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەسەرھېسابلانمايدىغان بەلكى دىۋانى ھېكمەتنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدىكى بۇ رىسالەتەسەۋۋۇپنىڭ مۇھىم ئاتالغۇلىرىدىن بىرسى بولغان «پېقىر»نىڭ ماھىيتى ۋە ئەھمىيتى،دەرۋىشلىكنىڭ ماھىيتى ۋە مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلغان ئەسەردۇر.بۇ ئەسەردەشەرىئەتتە ئون، تەرىقەتتە ئون، مەرىپەتتە ئون ۋە ھەقىقەتتە ئون بولۇپ جەمئىي قىرىقدەرىجە بايان قىلىنغان.پېقىرلىقتا ئون دەرىجە، ئون نۇر ۋە ئون دەرىجە بىلەن بىللەئالتە ئەدەپ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. پېقىرنامىنىڭ دىۋان ھېكمەتنىڭ باشقا يازمانۇسخىلىرىدا بولماسلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمەد يەسەۋىي تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكىكېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە يەسەۋىينىڭ ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان بىر يەسەۋىيدەرۋىشى تەرىپىدىن يېزىلىپ، دىۋانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.پېقىرنامەكامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان28 بولۇپ نامەلۈم بىر تەتقىقاتچىتەرىپىدىن ئەھمەد يەسەۋىينىڭ كېيىن تېپىلغان ئەسىرى دەپ قارالغان «رىسالە» ناملىقئەسەر29 كامال ئەرئاسلان تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان پېقىرنامىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.


3-ئىدىيسىۋە تەسىرى

      ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم تەھسىلقىلىۋاتقان چاغلىرى ياكى كامالەتكە يىتىپ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان دەۋىرلەردەبولسۇن ھاياتىنى ئىزچىل ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. تۇرمۇشىنى قۇشۇق ئۇيۇپ سېتىپقامدىغان.30 ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاشنى تەرغىب قىلىپ كەلگەن بۇ تەسەۋۋۇپئەھلى، مەنىۋىي ئىلىملەردە شۆھرەت قازانغان. ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئۆز دەۋىردىكىنىزامىيە مەدرىسىدە دەرىس بىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە شەيىخ ئەل ھەمەدانىيدىن مەنىۋىيۋە زاھىرىي ئىلىملارنى ئۆگەنگەن. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ يەسىدە ئىرشاد ئىشلىرىنىباشلىغان دەۋىر، بىر تەرەپتىن بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلتانى سەنجەر ۋاپات بولۇپ،خارەزىملەر سىياسى جەھەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىنتۈركىستاننىڭ يەتتەسۇ رايۇنلىرىدا ئىسلام دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكەباشلىغان دەۋىر ئىدى. ئۇستازىغا ئوخشاش ھەنەفىي فىقھىشۇناسى ۋە ئالىم بولۇپيېتىشكەن ئەھمەد يەسەۋىي ئەرەپچە ۋە پارىسچە بىلەتتى. شۇ سەۋەپتىن تاشكەنت، سىر ۋەئامۇ دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىغان كۆچمەن تۈركىيخەلقلەر ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان.31 باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇپراقلاردىكىساددا خەلق ئامما ئارىسىغا ئىلىم-مەرىپەت نۇرلىرىنى چاچقان.32 ئىلىم-مەرىپەتتارقىتىش پائالىيەتلىرىدە چۈشۈنۈشلۈك زاغرا تىل قوللانغان. ئەھمەد يەسەۋىي،ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى شەرىئەت-سۈننەت،تەسەۋۋۇپ ۋە خۇراسان مەلامىيلىكى(مەلامەت ئىدىيسىنى قوبۇل قىلىدىغانلار بارلىققاكەلتۈرگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ۋە تەرىقەت-ت) قاتارلىق ئۈچ ئاساسقا تايانغانيەسەۋىيلىكنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىنى ھېكمەت نامى ئاستىدا ھەجە ۋەزنىنى قوللۇنۇپ،نەزىمى شەكىلدە ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ تۈرك تىلى بىلەن بايان قىلىپ چىققان.ھېكمەتلەر يەسەۋىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى تېخى قۇبۇل قىلمىغان باشقاتۈركىي خەلقلەرغىمۇ تارقالغان. 33 يەسەۋىينىڭ يېقىن ئەتراپىدا توقسان توققۇز مىڭباشقا يىراق جايلاردا ئون ئىككى مىڭ مۇرىتى ۋە نۇرغۇن ئىزباسارلىرى بار ئىدى. 34 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۈركىي خەلىقلەر ياشاۋاتقان يۇرتلاردا مۇستەھكەم تەسىرقالدۇرىشىدا ھېكمەتلىرى بىلەن بىللە يەنە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا خىتاپ قىلىدىغانمۇرىتلىرى بۈيۈك رول ئوينىغان.ھەتتا بۇ خىل شەكىلدە پۈتۈن رايۇنلارغا ئورتاقبولغان بىر ئىتىقاد ۋە روھنى روياپقا چىقارغان.35 ئانادولۇدا نەچچە ئەسىردىن بۇيانياشاپ كەلگەن ۋە مۇسۇلمان بولمىغان قىپچاق، ئوغۇز تۈركلىرى يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭتۈرتكىسىدە مۇسۇلمان بولغان.36 ئەھمەد يەسەۋىي بىر مۇرشىد ۋە تەربىيىچى بولۇشسۈپىتى بىلەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆپچۆرىسىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭئاساسى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن تەڭ تەسەۋۋۇپ ئىتىقادلىرى، تەرىقەتنىڭئەدەپ-ئەركانلىرىدىن تەلىم بەرگەن.ئۇ بۇ ئارقىلىق، ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارنىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەرزىگۈدەك ئۈممەت قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان.37 چۈنكى ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم يېپىشقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چەكسىز ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى بار زات ئىدى.ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەرزىگۈدەك ئۈممەت بولۇش ئۈچۈن،ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىش ۋە بۇ ئىككىسىگەمۇستەھكەم ئېسىلىش كېرەك.چۈنكى شەرىئەت بىلەن تەرىقەت بىر-بىرىدىن ئايرىم شەيئىلەرئەمەس.ئىماننىڭ شاكىلى شەرىئەت، مېغىزى تەرىقەتتۇر. ئىنسان ھەقىقەتنى ئۆز ئالدىغاتاپالمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر پىر(ئۇستاز)غا مۇھتاج بولىدۇ. پىرنىڭ رازىلىقىنىئېلىش، ھەقنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش دېمەكتۇر. بۇ نۇقتىدىن، ھەقىقىي پىر مۇھەممەدئەلەيھىسسالامدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغاقايغۇرماسلىق، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاللاھتائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھاكاۋۇرلۇققىلماسلىق ۋە دۇنيا ئىقبالىغا ئىشەنمەسلىك، ئىنسانلارغا قارشى تۈرلۈك يولسىزلىقتىنساقلىنىش ھەتتا ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈش كېرەك.38 ئەھمەت يەسەۋىي قۇرۇپ چىققان ۋە بىرتۈركىي خەلققە مەنسۇپ كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ تۈركي خەلىقلەر ئارىسىدا تارقالغان،ئەينى زاماندا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان يەسەۋىيلىكتىن ئىبارەت بۇ تۇنجىتەرىقەت يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك شەرىئەت ۋە سۈننەت، تەسەۋۋۇپ ۋە خۇراسانمەلامىيلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسقا تايانماقتا. يەسەۋىيلىكنىڭ تۈپ يىلتىزىنىتەۋھىدنى ئاساس قىلغان تەسەۋۋۇپ ئىدىيسى، شەرىئەت ۋە سۈننەتكە شەرتسىز ئېسىلىش،رىيازەت ۋە مۇجاھەدە بىلەن خىلۋەت ۋە زىكىر تەشكىل قىلماقتا.39 بۇنىڭ بىلەن بىللەيەسەۋىيلىكنىڭ ئاساسىي ھۆكۈملىرى ئاللاھنى تۇنۇش، مۇتلەق سېخىيلىق، ھەقىقىي دۇرۇسلۇق، ئىستىغراق (ئۆزىنى يوقۇتۇش، غەرق بولۇش) شەكلى بىلەن ھاسىل بولغانساغلام ئىلىم، ھەقنىڭ پۈتۈۋەتكەن رىزقىغا شەكسىز تەۋەككۈل قىلىش ۋە چوڭقۇرتەپەككۇرىدۇر.40 بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش يەسەۋىيلىكنى توغرا چۈشۈنۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەھمەد يەسەۋىينڭ مەلامەتچىلىك ئىدىيسى،پاسسىپ ۋە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىشنى مەخسەت قىلغان جانسىز ۋە دۇنيادىن كېچىدىغانتەۋەككۈلچىلىك قىلىش بولماستىن، ئەكسىچە مۇلايىملىقتىن قەتئىيلىككە قاراپ ماڭغانئىنسان تەبىئىتىدىكى ئىرادە، تەپەككۇر كۈچى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەرنى مۆتىدىل ۋەپايدىلىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق ئېھتىياجلىق ساھەلەرگە مۇكەممەل خادىمتەربىيلەپ دۇنياغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تەۋەككۈلچىلىك قارىشىنى ئۈستۈنقىلىشتۇر.41 بۇ ئاساسلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق «يەسەۋىيلىك، تۈركىستاننىڭشەرىقىدىكى كىچىك بىر رايۇنىدا ۋە سىرى دەريا بوستانلىقىدىكى ناھايىتى تار بىردائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان شىيئەلىكنىڭ تەسىرىدە قېلىپ ئەسلى ماھىيتىگەخىلاپ تۈسكە كىرىپ قالغان»42 دېگەن قاراشنى قۇبۇل قىلالمايمىز.43 بۇنىڭ ئەكسىچە،ئەھمەد يەسەۋىي ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىغا مۇستەھكەم باغلانغانلىقى، شەرىئەتنىئالدىنقى ئۇرۇنغا قويغان تەرىقەت ئىدىيسى، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئىستىقامەتپەللىسىنى ئاساس قىلغان ھەقىقى مەلامىيلىكى ئارقىلىق ئەسلى يولىدىن چەتنىگەن خاتاچۈشەنچە ۋە ئېقىملارنىڭ تۈركي خەلقلەر ئارسىدا تارقىلىشىنى توسۇپ قالغان. تۈركىستاننى ئازغۇن ئىدىيەلەر ئارىلاشمىغان، ساغلام ئىمان پەللىسىدە ساقلاپ كەلگەن. 44 ئەھمەد يەسەۋىي سۇپى شائىر دېگەن نامغا ھەقىقىي لايىق زاتتۇر.45 ئۇئۆزىدىن كېيىن ياشاپ ئۆتكەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ۋە يۇنۇس ئەمرەگە ئوخشاشلائىنسانىيەت دۇنياسىغا كەڭ بىر نۇقتىدىن قارايدۇ. ھەتتا بۇ نۇقتىدا ئۇلارغا تەسىرقىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەسەۋىي كامالەتكە يىتىش ئۈچۈنھېچقانداق ئىنسانغا ئازار بەرمەسلىك كېرەك دەپ قارايدۇ. 46بۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ ھەم بەشەرىي ھەم مەنىۋىيتىگە خىتاپ قىلىپ ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئۆزلىرىنى چۈشۈنۈشكە چاقىرغان. ئەھمەد يەسەۋىي شەكىلدە مىللىي، ئەمەلىيەتتەئىسلامىي كىملىك بىلەن مەيدانغا چىقىپ، بۇ خىلدىكى پىكىر ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىبىلەن ئۆز دەۋرىدىكى تېڭىرقاپ قالغان خەلقنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى ۋە پىشىۋاسىغا ئايلانغان.47 ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۇنجى ۋە مەشھۇر ئورۇنباسارى ئارسلان بابانىڭ ئوغلى مەنسۇر ئاتادۇر.(ۋاپاتى. 594\1197). مەنسۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغائوغلى ئابدۇلمەلىك ئاتا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى تاج ھاجى، (ۋاپاتى. 607\1210)چىققان. تاج ھاجى مەشھۇر زەنگى ئاتىنىڭ دادىسىدۇر. يەسەۋىينىڭ ئىككىنچىئورۇنباسارى خارەزىملىك سەئىد ئاتا. ئۈچىنچى ئورۇنباسارى سۇلايمان ئاتا (ۋاپاتى.582\1185). تۆتىنچى ئورۇنباسارى ھاكىم ئاتادۇر. يەسەۋىييە زەنجىرى ھاكىم ئاتىدىن كېيىن،سۇلايمان ئاتا تەربىيلىگەن مەشھۇر سۇپى زەنگى ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارلىرىدىن سەييىد ئاتا ۋە سەدر ئاتا ئارقىلىق داۋاملىشىپ ماڭىدۇ.48 ئەھمەد يەسەۋىي ۋەيەسەۋىيلىك ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ رايۇنغا تارقالغان ۋە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇلار: قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىمجايلىرى، ۋولگا ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمرايۇنلىرى، ھىندىستان ۋە ئانادولۇ رايۇنىدىن ئىبارەت.49 ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭسىر دەريا بويلىرى، تاشكەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ماكانلاشقان يەسەۋىيلىك تەرىقىتىخارەزىم، بولۇپمۇ ماۋەرائۇننەھردە كەڭ دائىرىدە تارقالغان. بۇنىڭ بىلەن بىللە،يەسەۋىيلىك تۈركىستاننىڭ غەربىي شىمال تۈزلەڭلىكلىرىدىن قىپچاق شىۋىسى قوللىنىلىدىغانئىدىل ئورال رايۇنلىرىغىچە، خوراسان ۋە ئەزەربەيجانغىچە يىتىپ بارغان. تارىخىتەرەققىيات نەتىجىسىدە نەقشىبەندىييە تەرىقىتى كەڭ دائىرىدە تارقالغان -XV ۋە -XVI ئەسىرلەرگىچە تۈركىستان ۋە خۇراساننىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەكھەتتا كەشمىر، كابىل، تەمەشۋار، ھىجاز، دىياربەكىر ۋە ئىستانبۇلدا يەسەۋىيدەرۋىشلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىدى.50 يەسەۋىي تەرىقىتىنىڭ بۇ رايۇنلارداتارقىلىشى، تۈركىستان ۋە ئانادولۇدا كېيىنكى دەۋىردە تەرەققى قىلغان نەقشىبەندىييە، كۈبرەۋىييە، چىشتىييەگە ئوخشاش تەسەۋۋپنىڭ بۈيۈك ئېقىملىرىغا چوڭقۇرتەسىر كۆرسەتكەن.51 بۇلارنىڭ ئىچىدىن نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەھمەد يەسەۋىيبىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شاھى نەقشىبەند يەنى مۇھەممەد باھائۇددىن بۇخارىينىڭيەسەۋىي شەيخلىرىدىن قاسىم شەيخ ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ھۆكۈمدارى خەلىل ئاتا بىلەن بىرمەزگىل بىرگە بولۇپ، ئۇلاردىن فەيز (ئىلھام) ئالغانلىقىغا تايانغان.52نەقشىبەندىييە تەرىقىتى شاھ نەقشىبەندىيدىن كېيىن تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرئارىسىدا كېڭىيىپ يەسەۋىي تەرىقىتىنىڭ نۇپۇز دائىرسىنى تارلاشتۇرۇپ قويغان.53باشقا بىر قاراشقا ئاساسلانغىنىمىزدا ئەسلى مەنبەسىنى يەسەۋىيلىكتىن ئالغاننەقشىبەندىيلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مۇتەئەسسىپلىك ۋە شەكىلچىلىككە قېيىپكىتىپ، يەسەۋىيلىكتىن ئايرىلىپ بىر تەرىقەت بولۇپ شەكىللەنگەن.54 يەسەۋىيلىكنىڭھىندىستان رايونىدىكى تارقىلىشى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىر قىسىميەرلىك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا يەسەۋىيلىكنىڭ ھىندىستان ۋەھىندىي سۇپىيلىكىگە كۆرسەتكەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرلىرى تىلغا ئېلىنغان.تەتقىقاتلار ۋە قۇلىمىزدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، مۇڭغۇلئىستىلاسى باشلانغان دەۋىرلەردە نۇرغۇنلىغان يەسەۋىي شەيخ ۋە دەرۋىشلىرى ھىندىستانرايۇنىنى تاللىۋالغان. -XIIIئەسىردە كەشمىردىنباشلاپ ھىندىستاننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. پەقەت -XIV ئەسىردىن باشلاپ ھىندىستان سۇپىلىكىدە ئىران تەسىرى بىر قەدەرئېغىرلاشقان.55 يەسەۋىيلىكنىڭ ئانادولۇدىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغانبولساق، يەسەۋىيلىك مۇڭغۇل ئېستىلاسىدىن كېيىن، -XIII ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئونبەش يىلىدا ئانادولۇغا كىرگەن. چۈنكى بۇدەۋىردە ئانادولۇدىكى خەلقلەر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسى بۇھرانغا دۈچكەلگەن ئىدى. يەنە كىلىپ ئانادولۇدا ئىسلام دىنى بىلەن خىرىستىئان دىنىئوتتۇرسىدىكى نوپۇز كۆرىشى ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلارداۋاملىشىۋاتاتتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتلار ئانادولۇنى تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرى ماسكىلىدىغان يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.56 بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يەسەۋىيدەرۋىشلىرىنىڭ خارەزىم، خۇراسان ۋە ئەزەربەيجان يوللىرى ئارقىلىق ئانادولۇغاكىرىشىنى، پاراسەتلىك ۋە كەڭ قۇرساق ئانادولۇ سەلجۇقىي سۇلتانلىرىنىڭ رولىدىنئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يەسەۋىي ۋە ھەيدەرىي دەرۋىشلىرى ئارقىلىق ئانادولۇغاكىرگەن يەسەۋىيلىك -XIII ئەسىرگە كەلگەندە، قۇدبىددىن ھەيدەر ئىسىملىك بىر تۈرك شەيخىتەرىپىدىن يەسەۋىيلىك بىلەن قەلەندەرىيلىكنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلۇپھەيدەرىيلىك تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان. -XVI ئەسىردە ھەيدەرىيلىكنىڭ ئورنىنى بەكتاشىيلىق ئېلىپ يەسەۋىيلىكنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان.بۈگۈنكى كۈندە يەسەۋىيلىكنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئانادولۇ ۋە بالقان رايۇنلىرىدا بەكتاشىلىقجارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.57 باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەسەۋىيلىك ئەنئەنىلىرىگەبەكتاشىيلىق ۋارىسلىق قىلماقتا.58 بۇ ھەقتىكى باشقا بىر قاراشقائاساسلانغىنىمىزدا، ئەسلى مەنبەسى يەسەۋىيلىك بولغان بەكتاشىيلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىبىلەن ئىباھىييە ۋە لاقەيتلىك (شەرتسىز ئەركىنلىك) كە قېيىپ كىتىش نەتىجىسىدەيەسەۋىيلىكتىن ئايرىلغان.59 يەسەۋىيلىك بىلەن بەكتاشىيلىق ئوتتۇرسىدىكىمۇناسىۋەتكە كەلسەك، ئەھمەد يەسەۋىي بىلەن ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئارىسىدىكى ۋاپات بولۇشۋە تۇغۇلۇشتىكى ۋاقىت پەرقى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئەللىك يىلدىن يۈز يىللغىچە بولىشىكېرەك ئىدى.لىكىن تەزكىرىلەردە ئىككىسىنىڭ زامانداش ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.ھەتتاھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئۇرۇنباسارى بولغانلىقى يېزىلغان. 60 ئەمەلىيەتنىڭ يۇقارقى قاراشقا ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە ئەھمەديەسەۋىينىڭ ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئۈستىدىكى تەسىرى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئەمەلىيەتتەۋىلايەتنامەلەردە ئەھمەد يەسەۋىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنى باشقا ھېچقانداق يەردىن ئۇچرىتالمايمىز.بۇ كىتاپلاردا ئەھمەد يەسەۋىي ھەققىدە «توقسان توققۇز مىڭ تۈركىستان پىرىنىڭ ئۇلۇسى» ۋە «پىرلەرنىڭ پىرى» مەزمۇنىدىكى بايانلارنىئۇچرىتىمىز. 61 بۇ ھەقتە ئەھمەد يەسەۋىينىڭ بەكتاشىلىق يولى ئارقىلىق يۈنۈسئەمرەگىمۇ تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتالايمىز. ئەمما ئانادولۇدا تەرەققى قىلغانتەسەۋۋۇپ ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان يۇنۇس ئەمرەنىڭ شەيخى تاپدۇكئەمرەنىڭ بەكتاشىيلىق ئەنئەنىسىدە يۇقىرى ئۇرۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم.62دېمىسىمۇ ئەھمەد يەسەۋىي، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۇنۇس ئەمرەدىكى «تۆت ئىشىك، قىرىقماقام»63 ۋە ھېكمەتلەر بىلەن يۇنۇس ئەمرە شىېئىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق64 بۇتەسىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھېكمەتلەر،يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئىلاھى (ھۆكمەت، دىننى ناخشا)لارغا ئايلىنىپبىزگىچە يېتىپ كەلدى.65 مەيلى ئانادولۇدا بولسۇن، ياكى رۇمەلىدە بولسۇن، ھاجىبەكتاشى ۋەلى ۋە يۇنۇس ئەمرەدىن باشقا يەسەۋىي دەرۋىشلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپبارغانلىقى مەلۇمدۇر.مەشھۇر ئوسمانلىي سەيياھى ۋە ئەينى زاماندا نەسەبى ئەھمەديەسەۋىگە تۇتىشىدىغان ئەۋلىيا چەلەبىينىڭ ساياھەتنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە يەسەۋىيتەرىقىتىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر يەنى يەسەۋىي دەرۋىشلىرى مۇنۇلاردۇر: شىرۋاننىيازئاباد شەھرىدە ئاۋشار بابا؛ بۇرسا شەھرىدە ئابدال مۇسا؛ قارادېڭىز بويلىرى،باتوۋادا ئاقيازىلى ئەزىز؛ بۇرسا شەھرىدە كىيىكلىك بابا؛ توكات شەھرىدە گاجگاجبۇۋا؛ ئىستانبۇل ئۇنكاپىدا خوراز بۇۋا؛ يوزگات شەھرىدە ئەمىر چىن ئوسمان؛ زىلەدەشەيىخ نۇسرەت؛ مەرزىفۇندا شەيىخ پىر بۇۋا؛ فىلىبە يولى ئاداتەپەدە كادەملى بابا ۋەرۇمەلى فەتھىنىڭ مەنىۋىي باشلامچىسى سارى سالتۇق.66 بۈگۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكىيەسەۋىيلىك -XIXئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كېيىن، لاچىلار نامى ئاستىدا باشقا تۈسكە كىرىپ قالغان. ئەسلىيولىدىن چەتنىگەن لاچىلار 1870-يىلى خۇقەند خانى تەرىپىدىن زىندىق ئېلان قىلىنىپ،ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سانىۋار ئىسىملىك يەسەۋىي شەيخى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى.1920-يىلى لاچىلار ئىچىدىكى يەسەۋىي شەيخى ئەبۇ مۇتتەلىب گاتىبالدىۋ تەرىپىدىنچاچلىق ئىشانلار قۇرۇلغان.مەيلى لاچىلار بولسۇن ۋە مەيلى قىرغىز، ئۆزبىك ۋەتاجىكلاردىن ئەگەشكۈچىلىرى بولغان چاچلىق ئىشانلار بولسۇن ھازىرغىچە ئۆزمەۋجۇدىيتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.67 ئەھمەد يەسەۋىي بىلەن ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ۋە«ئالىپ ئەرەنلەر، خۇراسان ئەرەنلىرى، غازىيانى رۇم (رۇم غازيلىرى)، ئابدالانى رۇم(رۇم ئابداللىرى)» دېگەندەك ناملار بىلەن مەشھۇر غازى دەرۋىشلەر ئانادولۇ، شەرقىتراكيا، بالقانلارنىڭ تۈركلىشىشى ۋە ئىسلاملىشىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.مەدەنىيەت تارىخىمىزدا «كولونىزاتۇر تۈرك دەرۋىشلىرى» دېگەن نامدا تۇنۇلغان مەشھۇركىشىلەر ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئىدىيسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ مەدەنىيتىمىزنىڭ تۈپئاساسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى بىلەن مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالغان. فەتىھقىلىنىشتىن بۇرۇنقى تۇپراقلاردا قۇرغان ۋە ئەينى زاماندا ئەسكەرلەرنىڭ ساقچىخانىسىئورنىدىكى تەكىيخانىلار ئارقىلىق غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنى بىلەنئۇچراشتۇرغان. بۇ خىل شەكىلدە فەتىھلەرگە شارائىت ھازىرلىغان.ئەڭ دەسلەپ ئانادولۇ،كەڭ مەنىسى بىلەن شەرقى تراكيا ۋە بالقانلارنىڭ تۈرك ھاكىمىيتى ئاستىغا كىرىشى ۋەئۇلارنىڭ ئىسلاملىشىشىغا ئۇرۇن ھازىرلاپ بەرگەن.68 تارىخىمىزدا مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگەۋە ئىدىيە، قاراشلىرى بىلەن ئۆز زامانىدىلا ئەمەس بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ تەسىرگەئىگە ئەھمەد يەسەۋىي، تۇغۇلغانلىقىنىڭ 900- يىلىغا ئۇدۇل كەلگەن 1993- يىلىنىڭ«ئەھمەد يەسەۋىي يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر ئىشھېسابلىنىدۇ.

نەقىل ۋە ئىزاھلار

1 ئەھمەديەسەۋىينىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەت بىرىلگەن پېقىرنامە ناملىق رىسالىدە كۆرسىتىلگەن يەتمىش ئۈچ يىل ياشىغانلىقى،1166-يىلى ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا ئۇنىڭ1093-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ. (قاراڭ: ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل.). 1993- يىلىنىڭ تۈركىيەدە ئەھمەديەسەۋىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 900-يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشىمۇ بۇ قاراشقا تايانغان بولىشىمۇمكىن. يەنە باشقا بىر قاراش: 1041-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشتۇر. (مۇھەممەدرەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى،«خۇجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يىڭى دەلىللەرۋە ئۇنىڭ رىسالە ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمى قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىيخەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 16-بەت، 1992-يىلئەنقەرە.) 2 فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنسكلوپىدىيسى "ئەھمەد يەسەۋىي"ئىستانبۇل 1975، 1-توم 210-بەت. 3 چىمكەنىتكە 7 كىلومىتىر، يەسى (تۈركىستانغا) 157كىلومىتىر يىراقلىقتا. ئىسفىجاب ۋە ئاقشەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 4 كەمال ئەرئارسلان،"ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيسى، ئىستانبۇل، 1989-يىل،2-توم، 159-160-بەتلەر. 5 ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە "خۇجا" دېگەن نام بىلەنمەشھۇر بولىشى ئىلمىي تەبىقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. (ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەديەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە1993-يىل، 192-بەت. 6 ئانىسى، ئائىشە (قاراچاچ) دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇر. (ھاياتىبىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل.) 7 كەمال ئەرئارسلان،يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1998-يىل، 80-بەت. 8 يۇقارقى ئەسەر. 9 كەمالئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم160-بەت. 10 كەمال ئەرئارسلان، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەتتىن ئۈزۈندىلەر،ئەنقەرە 1991-يىل، 8-9-بەتلەر؛ ھاياتى دەۋەلى، ئەھمەد يەسەۋىي، ئىستانبۇل، 199-يىل،18-19-بەتلەر. 11 فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، "ئەھمەديەسەۋىي" 1-توم، 210-بەت. 12 كەمال ئەرئارسلان 504\1110-يىلىنى قۇبۇل قىلىدۇ.13 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات. 14 كەمال ئەرئارسلان،"ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 160-بەت. 15فۇئاد كۆپرۈلۈ، ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، "ئەھمەد يەسەۋىي" 1-توم،210-بەت. 16 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات؛ دەۋەلى، ئوخشاش ئەسەر.17 مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى،«خۇجا ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يىڭىدەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭ ئىلمى قىممىتى»، ئەھمەديەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 16-بەت، 1992-يىل ئەنقەرە. 18 ئەمەل ئەسىن، ئەھمەد يەسەۋىي كۇللىيەسى، دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، ئىستانبۇل،1989-يىل، 2-توم 162-بەت. 19 كەمال ئەرئارسلان،"ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 161-بەت. 20كەمال ئەرئارسلان، "دىۋانى ھېكمەت" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى،ئىستانبۇل، 1994-يىل، 9-توم 429-بەت. 21 ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 22 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجىمۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 125-بەت. 23 كەمال ئەرئارسلان،"ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 161-بەت. 24كەمال ئەرئارسلان، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەتتىن ئۈزۈندىلەر، ئەنقەرە1991-يىل، 37-38-بەتلەر؛ يەنە قاراڭ: فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 145-146، 149-155-بەتلەر. 24 دەۋەلى،يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 35-بەت. بۇ ھەقتىكى باشقا قاراشلار ئۈچۈن قاراڭ:كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 93-بەت. 26 يۈسۈف ئازمۇن، خۇجائەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئىستانبۇل 1994-يىل. 27 ئىبراھىم ھەققۇلى، ئەھمەديەسەۋىي ھېكمەتلىرى، تۈركچىگە ئەرخان سەزائىي توپلۇ، مىللى مائارىپ نەشىرياتىئىستانبۇل، 1995-يىل. 28 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىينىڭ پېقىرنامىسى، ئىستانبۇلئۇنۋېرسىتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ژورنىلى،1977-يىل، 22-توم، 45-120-بەت. 29 مۇھەممەد رەھىم جارمۇھەممەد ئۇلى،«خۇجا ئەھمەديەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يىڭى دەلىللەر ۋە ئۇنىڭ رىسالە ناملىق تۇنۇلمىغان ئەسىرىنىڭئىلمى قىممىتى»، ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغانماقالىلەر، 13-20-بەتلەر، 1992-يىل ئەنقەرە. 30 رىۋايەتلەرگە قارىغىنىمىزدا ئەھمەديەسەۋىي ئۆزى ئويغان قۇشۇقلارنى خورجۇنغا سېلىپ ئۆكۈزىگە ئارتىپ ئۆكۈزىنى بازارغاھەيدىۋىتەرمىش. بازاردا قۇشۇق ئالىدىغانلار قۇشۇقنى ئېلىپ خورجۇنغا پۇل تاشلاپقۇيارمىش. ئەگەر قۇشۇقنى ئېلىپ پۇلىسىنى بەرمىگەنلەر بولسا ئۆكۈز ئۇ كىشىنىڭكەينىگە كىرىۋالارمىش. (كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 84-بەت.)31 كەمال ئەرئارسلان، "ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى،2-توم 160-161-بەتلەر. 32 ئەدھەم جەبەجى ئوغلى، "خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي"ئەنقەرە ئۇنۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتىتى ژورنىلى، 1993-يىل، 34-توم. 92-بەت. 33كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 82-بەت. 34 كەمال ئەرئارسلان،"ئەھمەد يەسەۋىي" دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيسى، 2-توم 161-بەت. 35ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 36 نامىق كەمالزەيبەك، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات. 37 كەمال ئەرئارسلان، يەسەۋىيلىك ھەققىدەمەلۇمات، 86-بەت. 38 يۇقارقى ئەسەر، 88-90-بەتلەر. 39 كەمال ئەرئارسلان،يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 94-بەت. 40 دەۋەلى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات،48-49-بەتلەر. 41 ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشاتئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە 1993-يىل، 190-بەت. 42 فۇئادكۆپرۈلۈ، ئوسمانلىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى، ئەنقەرە، 1994-يىل،98-بەت. 43 ئەدھەمجەبەجى ئوغلى، "خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي" ئەنقەرە ئۇنۋېرستىتى ئىلاھىيەتفاكۇلتىتى ژورنىلى، 1993-يىل، 34-توم. 93-بەت. 44 ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەديەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە1993-يىل، 190-بەت. 45 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار،4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 156-بەت. 46 ياشار نۇرى ئۆزتۈرك، تەسەۋۋۇپ روھى ۋەتەرىقەتلەر، ئىستانبۇل 1992-يىل. 231-233-بەتلەر. 47 ئىرفان گۈندۈز، "ئەھمەديەسەۋىينىڭ تەرىقەت ۋە ئىرشات ئىددىيسى" يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، ئەنقەرە1993-يىل، 190-بەت. 48 كەمال ئەرئارسلان، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەتتىنئۈزۈندىلەر، ئەنقەرە 1991-يىل، 37-38-بەتلەر؛ فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىداتۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە 1981-يىل. 49 ئەھمەد ياشار ئوجاك"تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي، يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭكۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندائۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 299-306-بەتلەر. 50ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە 1993-يىل. 51 يۇقارقى ئەسەر.52 فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە،1981-يىل، 108-109-بەت. 53 ھاياتى بىجە، ئەھمەد يەسەۋىي، دىۋانى ھېكمەت، ئەنقەرە1993-يىل. 54 ياشار نۇرى ئۆزتۈرك، تەسەۋۋۇپ روھى ۋە تەرىقەتلەر، ئىستانبۇل1992-يىل. 234-235-بەتلەر. 55 ئەھمەد ياشار ئوجاك "تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەديەسەۋىي، يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەديەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى،قەيسەرى، 1993-يىل، 301-بەتلەر. 56 دەۋەلى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 42-بەت.57 ئەھمەد ياشار ئوجاك "تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي، يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل،302-بەتلەر. 58 ئەھمەد ياشار ئوجاك، ئانادولۇ تەسەۋۋۇپىدا ئەھمەد يەسەۋىي ۋەيەسەۋىيلىك، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 331-بەت. 59 ياشار نۇرى ئۆزتۈرك،تەسەۋۋۇپ روھى ۋە تەرىقەتلەر، ئىستانبۇل 1992-يىل. 234-235-بەتلەر. 60 دەۋەلى،يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 42-بەت. ئەلى ئاقتاننىڭ كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش ئوسمانلى تارىخچىلىرىدىن مۇستافا ئەلى ئەفەندىنىڭ كۈنھۈل ئەخبار ناملىق كىتاۋىدىمۇ مۇشۇنداق قەيت قىلىنغان. ئەمما ئەلى ئاقتان بۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ. (قاراڭ: ئەلى ئاقتان،"كۈنھۈل ئەخبارغا ئاساسەن خۇجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە ئانادولۇدىكى ئۇرۇنباسارلىرى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغانماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 14-بەت). يەنە بۇ ھەقتە كەڭ دائىرلىك مەلۇماتقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز قاراڭ: فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىداتۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل، 48-54-بەت؛ ئەھمەد ياشار ئوجاك،ھاجى بەكتاشى ۋەلى، دىيانەت ئىسلام ئېنسكلوپىدىسى، ئىستانبۇل 1996-يىل. 14-توم،457-458. 61 مۈرسەل ئۆزتۈرك، ئەھمەت يەسەۋىي، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۈنۈس ئەمرە زەنجىرى، يەسەۋىيلىك ھەققىدە مەلۇمات، 222-بەت. 62 ئايخان پالا، يەسەۋىيلىكتىنبەكتاشىلىققىچە تۈرك مۇسۇلمانلىقى، يەسەۋىيلىكتىن مەلۇمات، 235-بەت. 63 بۇ ھەقتە قارالسۇن: مۇستافا تاتجى، ئەھمەد يەسەۋىي، ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە يۇنۇس ئەمرەدىكى"تۆ ئىشىك، قىرىق ماقام" يەسەۋىيلىكتىن مەلۇمات، 238-245-بەتلەر. 64 بۇھەقتە قارالسۇن: ئەلى يىلماز، "ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن يۇنۇس ئەمرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى تەسەۋۋۋۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاشلىقلار،" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، 1993-يىل. 65ئىرەنە مەلىكوف، "ئەھمەد يەسەۋىي ۋە تۈركلەردە ئىسلامىيەت" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر،1992-يىل. 66فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى مۇتەسەۋۋۇپلار، 4-نەشرى، ئەنقەرە، 1981-يىل،46-55-بەتلەر؛ مۇستافا ئەكىنجىكلى، "ئەۋلىيا چەلەبى ساياھەتنامىسىدە يەسەۋىيلىك" قەيسەرى 1993-يىل، 115-118-بەتلەر. 67 ئەھمەد ياشار ئوجاك"تۈرك دۇنياسىدا ئەھمەد يەسەۋىي ۋە يەسەۋىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشى" ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندائۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 303-بەتلەر. 68 ئانادولۇنىڭ تۈركلىشىشى ھەققىدە قارالسۇن: مۇجگان جۈمبۈر، "ئەھمەديەسەۋىينىڭ، ئاھى ۋە غازىلىرى ئارقىلىق ئانادولۇنىڭ تۈركلىشىشىدىكى ئورنى"ئەھمەد يەسەۋىي خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇقۇلغان ماقالىلەر، ئەرجىيەس ئۇنۋېرستىتى، قەيسەرى، 1993-يىل، 63-68-بەتلەر.



                 مەنبە: تۈركلەرئىنسىكلوپىدىيسى 5-توم

0

تېما

0

دوست

285

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34391
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 87
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 15:53:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھنەتلىك،جاپالىق ئ‍ەمگەكلىرىڭىزنىڭ ئ‍ەجرىنى ئ‍اللاھ ئ‍ۆزىلا بەرگەي،قەلەم تۇلپارىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن،مەن سىزدەك ئ‍ادەملىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن،رەھمەت سىزگە…!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

2

دوست

2750

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9483
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 388
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 16:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت .
بىر قىسىم ئالىملار ئەھمەد يەسسەۋىينى ئاقسۇ سايرمدا تۇغۇلغان دەيدىكەن ۋە بىرقىسىم دەلىللەر ئارقىلىق ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ ئاقسۇ سايرامدا تۇغۇللغانلىق ئېھتىماللىقىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن .

0

تېما

1

دوست

1204

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27636
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 17:12:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻳﻪﺳﻪﯞﯨﻴﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﮪﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮪﻪﻧﻪﻓﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﯘﺗﺸﯩﺪﯗ.       ئوقۇپ كىلۋېتىپ بۇجۈملىدىكى ئەۋلىيا دېگەن سۆز دىققىتىمنى تارىتتى بۇ سۆزنى خېلى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ بۈگۈن ھەقىقىي چۈشەنمەيدىغانلىقىمنى بىلدىم. تورداشلادىن بۇ سۆزنى ئېنىقراق بىلدىغانلار بولسا ماڭا بىر ئىزاھات بەرسەڭلا،مەندە لۇغەت ئاختۇرۇش شارائىتى يوق ئىدى،رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1056

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 17:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرۈكىستان قەيەرنى كۆرسىتىدۇ،قازاقىستاننى كۆرسىتەمدۇ مۇشۇ نام قاچان دۆلەت نامى بولغان؟

6

تېما

4

دوست

2141

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 17:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوجا ئەخمەد يەسسەۋىي جەنۇبىي قازاقىستاندىكى سايرامدا تۇغۇلغان. بۇ شەھەرنىڭ قەدىمقى ئىسمى تارىخىي ماتىرياللاردا «ئىسفىجاب» نامىدا ئاتالغان بولۇپ، 13-ئەسىردىن كىيىن سايرام نامى بىلەن ئاتالغان.893-يىلى سامانىيلارنىڭ تەسەررۇپىغا، 990-يىلى قاراخانىيلارنىڭ تەسەررۇپىغا ئۆتكەن شەھەر.

0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34147
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 18:20:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل! ناھايتى قىممەتلىك ۋە ئەھەممىيەتلىك بىلىملەرنى سۇنۇپسىز، قوللىرىغىزغا ساغلىق! كۆپ سۆيۈندۈم. ئەھمەد يەسەۋى ھەزرەتلىرىنىڭ دۇئاسىغا مۇيەسسەر بولغايسىز ئىنشائاللاھ!

0

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:01:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە  شائىرىمىز توغۇرلۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )