قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 31

ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن مۇكاپات كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

5

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 406
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 20:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن مۇكاپات ئۇچۇرى
      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، خەيرلىك مىنۇتلاردا يەنە سىلەر بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولىۋاتقىنىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز. كىتابخانىمىز 2015-يىل كىتاب يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي ئاۋاز قۇشۇش ئۈچۈن بىر يىلدا كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يازغان ئوقۇرمەنلەرگە 15000 (ئون بەش مىڭ)يۈەنلىك كىتابنى سوۋغا قىلىش پائالىيتىنى تەشكىللىگەن ئىدۇق. پائالىيەت باشلىنىپ نۇرغۇن قىرىنداشلار بىزگە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا مەمنۇنلىقىنى ئىپادىلىدى ۋەتەسىراتلىرىنى يىزىپ بەس-بەستە بىزگە ئەۋەتىشتى.بىز پائالىيتىمىزنىڭ 2-ئىيىدا 21 پارچەكىتاب ئوقۇش تەسىراتى تاپشۇرىۋالدۇق. قايتا-قايتا كۆرۈش ئارقىلىق تۈۋەندىكى 16پارچىنى مۇكاپاتلاشقا لايىق دەپ قارىدۇق.
    تۆۋەندە 2015-يىل 2-ئايلىق پائالىيتىمىزدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىمىنى بايانات قىلىمىز :
نادىر تەسىرات ماقاللىرى
تۆۋەندە ئىسمى چىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانىمىزغا كىرىپ ئۆزى خالىغان كىتابنى تاللىۋېلىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
ئادرىسىمىز:http://izdinix.taobao.com
1.كىتابنىڭ نامى: سەئىدخان
ئاپتۇرى:ھاجى مىرزاھىت كېرىمى    ساۋۇت داۋۇت
نەشىر ۋاقتى: 1997-يىلى10-ئاي
ئوقۇرمەن: ئىلھامجان ئابلىمىت
ئادرىسى: شىنجاڭقاراشەھەر ناھىيسى
ئالاقە نۇمۇر:1015****189
2.كىتابنىڭ نامى: گارسىياغا يېزىلغان خەت
ئاپتۇرى:ئېلبېرت .خۇببارد ( ئامېرىكا)
نەشىر ۋاقتى: 2010-يىل5-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرىگۈل راخمان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:  تەمىنلەنمىگەن
3.كىتابنىڭ نامى: ھايات ۋە مۇۋاپىقيەت
ئاپتۇرى:يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىلى1-ئايدا
ئوقۇرمەن: مۇھەممەد سىيىت ئەھمەد
ئادرىسى: قەشقەرقىزىل دۆۋە يولى
ئالاقە نۇمۇر: 0758****181
4.كىتابنىڭ نامى: قۇم باس قانشەھەر
ئاپتۇرى:مەمتىمىن ھۇشۇر
نەشىر ۋاقتى: 2003-يىلى3- ئاي 2- نەشرى
ئوقۇرمەن: ئىمىرنىياز
ئادرىسى: باي ناھىيە ياتۇر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى
ئالاقە نۇمۇر: 1409****159
5.كىتابنىڭ نامى: قۇم باسقانشەھەر
ئاپتۇرى:مەمتىمىن ھوشۇر
نەشىر ۋاقتى: 2003-يىلى3- ئاي 2- نەشرى
ئوقۇرمەن: ئايزۆھرەياسىن
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
6.كىتابنىڭ نامى: پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ
ئاپتورى:رومان. ۋ.پېيىر
نەشىر ۋاقتى: 2004.1
ئوقۇرمەن: مەرھاباقۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
7.كىتابنىڭ نامى:مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى
ئاپتۇرى:ئاتىكەم ئابدۇكېرىم ( تەرجىمە قىلغان )
نەشىر ۋاقتى: 2014-يىلى2-ئاي
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 7370****137
8.كىتابنىڭ نامى: پۇل ئۇرۇشى
ئاپتۇرى: سىيىتتېلۋالدى،گۈلسۈم قادىر تەرجىمە قىلغان
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىلى7-ئاي
ئوقۇرمەن: گۈلچى
ئادرىسى: پەيزىۋات ناھىيە ئۆردەكلىك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 2239****138
9.كىتابنىڭ نامى: قەدىر كوچىسى
ئاپتۇرى:  ئەنۋەر ھوشۇر
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىلى5-ئاي، 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: پاتىگ ۈلمەمەت
ئادرىسى: پوسكام ناھىيلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 5135****138
10.كىتابنىڭ نامى: نەمەتخەلپەت
ئاپتۇرى:  ياقۇپ ئىسمائىل
نەشىر ۋاقتى: 2007-يىلى7-ئاي1-نەشىرى،1-بىسىلىشى
ئوقۇرمەن: مەمتىمىن ھىبەك
ئادرىسى: قاغىلىق ناھىيە چوپان يىزا تارئاغزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى
ئالاقە نۇمۇر: 0263****135
11.كىتابنىڭ نامى:لاي قەلئەنىڭ سىرى
ئاپتۇرى:  يالقۇن روزى
نەشىر ۋاقتى: 2012-يىلى4-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئابلىكىم ئابدۈۋەلى
ئادرىسى: نىيەناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
12.كىتابنىڭ نامى: يېگانەئارال
ئاپتۇرى:  ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىل8-ئاي
ئوقۇرمەن: ئۆمەرجان ئىسمايىل
ئادرىسى: قۇمۇل شەھىرى
ئالاقە نۇمۇر:5255****133
13.كىتابنىڭ نامى: ھايۋاناتلار قورىقى
ئاپتۇرى:جورج ئوۋىل(ئەنگليە)
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىلى4-ئاي
ئوقۇرمەن: مۇيەسسەرمەخەم
ئادرىسى: قەشقەر6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 1972****132
14.كىتابنىڭ نامى:ئويغانغان زىمىن
ئاپتۇرى:ئابدۇرېھىمئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 1988-يىلى10-ئاي
ئوقۇرمەن: كەۋسەر كىرەم
ئادرىسى: قاراشەھەرناھىيسى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمگەن
15.كىتابنىڭ نامى:ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە
ئاپتۇرى:زۇلپىقاربارات ئۆزباش
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىلى4-ئاي
ئوقۇرمەن: ئاينۇرئابدۇخېلىل
ئادرىسى: خوتەنمىللى تىبابەت ئالى تېخنىكومى ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 3159****181
16. كىتابنىڭ نامى:جاللات خېىنىم
ئاپتۇرى:ياسىنجان سادىق چوغلان
ئوقۇرمەن: تۇرسۇنگۈل ئابدۇكىرىم
ئادرىسى: يۇپۇرغا تېرىم ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمگەن
17.كىتابنىڭ نامى:باي ئاكامنىڭ خۇرجىنىدىكى 68 گۆھەر
ئاپتۇرى:روكغىللىر
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىلى8-ئاي
ئوقۇرمەن: ئائىشە قۇتلۇق
ئادرىسى: شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى خىمىيە پەن تىخنىكىسى سانائىتى ئىنىستىتوتى قوللىنىشچان خىمىيە 2013-يىللىق2-سىنىپ
ئالاقە نۇمۇر: 7948****130
بىز تاپشۇرۋالغان ئەسەرجەمئىي 21 ئوقۇرمەننىڭ 23پارچە تەسىرات ماقالىسى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 2 نەپەرئوقۇرمەننىڭ 4پارچە ئەسىرى خېلى تەپسىلى،ياخشى يېزىلغان،بىراق ئوقۇرمەن توغرىسدا ھىچقاندا ئۇچۇر بىرىلمگەچكە، بۇ ئايدا ئىلان قىلىشقا مۇمكىن بولمدى. شۇڭلاشقا دوستلارنىڭ ئەسەر يوللىغاندا،تەلەپ بويىچە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يېزىپ يوللىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز !
ئەسەر يوللاش تەلپىنىتۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ.
./forum.php?mod=viewthread&tid=27576&highlight=ئىزدىنىش
نادىر يېزىلغان تەسىراتىتىن ئۈنچىلەر
(مەزكۇر تەسىرات ماقالسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
‹كونا مەن›نى‹يىڭى مەن›گە ئۆزگەرتكەن كىتاب
(يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتىدا 2013-يىلى 1-ئايدا نەشىرلەنگەن ‹ھايات ۋە مۇۋاپىقىيەت› ناملىق كىتاپنى 2014-يىلى 12-ئايدا ئۇقۇدۇم....)
ئىلاۋە
‹كونا مەن› دىگەن سۆزنى تىز تەلەپپۇز قىلسا ‹كۆنىمەن› بولۇپ چىقىدىكەن، بۇ مىنى ھەرقىتىملىق مەغلۇبىيەتكەن كۆندۈرۈپ قويغانبولۇپ خۇددى مەن مەغلۇبىيەت ئۈچۈنلا يارالغاندەك بۇ مىنىڭ تەغدىرىمدەك ھىس قىلىپيۈرۈپتىكەنمەن، ئەمما مەرھۇمنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەن يىڭىدىن ئادەمبولۇپ قالغاندەك بولدۇم، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا بۇ كىتاب مىنى ‹يىڭى مەن›گەئايلاندۇردى، قىيىنچلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە ‹يىڭىمەن› ‹يىڭەلەيمەن› دىيىشنى ئۆگەتتى. تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن يىگىرمە ياشقا كىرگۈچە ئۆزۈم قانائەتلەنگىدەك بىرەر نەتىجىگە ئىرىشەلمىگىنىمنى ئويلىساملا ئىچىم سىقىلاتتى،بەلكىم ئىچىمدە بىرەر نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەنىۋىيىتىم قاغجىراپ قالغاندۇ؟نىمىلا بولمىسۇن، مۇشۇ كۇنلەردە كىتاب مەن ئۈچۈن تەرياك كەبى مۇھىمتى، دەۋر مېنىلا ئەمەس، نۇرغۇن ياشلارنى مۇۋاپىقىيەتپەرۋەر قىلىپ يىتىشتۈرۈردى، مۇۋاپىقىيەتكەئىنتىلىش باشقا گەپ، ئىزدەپ تىپىش باشقا گەپ بولغاچقا كىتابقا ئىھتىياجىم چۈشتى، قولۇمغا چىققىنى مەرھۇم يارمۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ كىتابى بولدى، گەرچە چەتئەلنىڭ مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىققا دائىر كىتابلىرى تۈركۈملەپ نەشىر قىلىنسىمۇ، بۇ كىتاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھايات قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن بىلىش نەتىجىلىرى شەرىھلەنگەن بىردىنبىر ئەسەر، بۇ ئەسەر ئۇيغۇرخەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىققا دائىر بىلىش ھاسىلاتلىرىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ئىزلىرىنى ئۇتۇقلۇق يورۇتۇپ بەرگەن، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى باشقا غەرب كىتابلىرىغا قارىغانداخىلى زور دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخولوگىيىسى ۋە دۇنيا قاراشلىرىغا يىقىنلاشقانۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان بىر كىتاپ ھىسابلىنىدۇ.
بۇ كىتابنى قولۇمغا ئالغان چىغىمدا مەندەئۈمىدسىزلىك ئاجىزلىقنى پەردازلاپ يوشۇرۇش، دۇنيادىن قورقۇش ۋە ئۆزىنى پەس كۆرۈشقاتارلىق روھىي ھالەتلەر بارئىدى، بەلكىم بۇمۇ ماڭىلا ئەمەس دەۋرداشلىرىمغىمۇچاپلاشقان يۇقۇملۇق كىسەل بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتقامەنىۋىيىتىمىزدىكى ئىمونىت كۈچىمىز بەرداشلىق بىرەلمىدى، ھەركۈنى ئۈندىدار ۋەبىلوگلارغا مۆكۈنۈپ باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ۋە يۇقىرى باھالارنى بىرىشىنى تەمە قىلىپيۈرىشىمىزمۇ بۇ كىسەللىكنىڭ روشەن ئالامىتى ئىدى، ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ سوپىلىق، تەركىي دۇنيا بولۇش ئىددىيەسىنى كۈچەپتىللاۋاتساقمۇ يەنىلا مۇشۇ ئوربىتىدىن چىقالماي ئايلىنىۋاتقانلىقىمىز مەلۇم،ئاپپاق خوجا كىشىلەرگە بۇ دۇنيانى شۇنچە قورقۇنۇشلۇق قىلىپ تەسۋىرلەپ بەردى،ئاتىدىن بالىغا مىراس قالغان بۇ ئەقىدە گىنى بىزگىمۇ يىتىپ كەلدى، يالغۇزلۇقنىخالاپ توپتىن ئايرىلغان بۇ چىرايى سۇلغۇن «بىز»لەر كەلگۈسىمىزنى قانداقيارىتىشىمىز كىرەك؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بولالايغان بۇ كىتابنى ئوقۇغىنىمداباشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدىم، شۇنداقلا باشتىن ئاخىر ئىددىيە كۆز قارىشىميىڭىلاندى، يۈرەك تومۇرلاردىكى قانلارمۇ جۇشقۇنلۇققا تولدى.
ئاپتورنىڭ ئىددىيىسى ئاساسەن دىگۈدەك «يۈسۈپ خاسھاجىپ»نىڭ كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ بۇ كىتابتىن ئالغان ھوسۇلۇم خىلى مول ھىسابلىنىدۇ.
ئادەم ــ بارلىق قىممەتنىڭ ئۆلچىمى (شۇ ناملىقكىتابنىڭ 41- بىتى) ،،،، قىممەت قاراش تەكلىتلىنىدىغان بۇ دەۋردە كىشىلەر ئۆلچەمنى پۇل ياكى  كۈچ قۇدرەت بىلەن بىكىتىدۇ، بۇئادەملەرنىڭ قىممىتىنى زوردەرىجىدە چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى پەس كۆرىدىغان، يارىماسھىسابلايدىغان قىلىپ قويىدۇ
ئادەمنىڭ قىممىتى ئەمەس كۈمۈش زەر
ئادەمنىڭ قىممىتى بىلىم ھەم ھۈنەر
ھۈنەر سەۋەبىدىن، باققىن دۇنياغا
خوجىسىدىن قەدىرلىكتۇر كۆپ قۇللار.
ھۈنەرسىز بولغاچقا قانچىلاپ خوجا
                                        ئامالسىز قالماقتا قۇللار ئالدىدا.  ــــ ئابدۇراھمان جامىي
ئاپتور ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىللەتنىڭ ئىلغار قىممەت ئىڭى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمىدىكى بەزى ئۇتۇقلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان ئاڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يىڭى ئۆلچەم ۋە چۈشەنچىلەرنىتۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويغان : « 1- ئادەمنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىردىنبىر قىممەت ئۆلچىمى ئەقىل-ئىدراك ۋە ئىلىم – مەرىپەتتۇر، ئەكسىچە يۇقىرى ئىمتىياز ۋە نەسەب ياكى پۇل-بايلىق ئەمەستۇر. 2- ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى جاپالىق مىھنەت ئارقىلىقلار رىئاللىشىدۇ،ئەمگەك ھايات قىممىتىنىڭ يورۇتقۇچىسى دەپ قارىغاچقا، مىھنەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋەماھىيىتىنى ھايات قىممىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇش كىرەك»
مەن بۇ كىتابتىن ئالغان يىڭى ئىددىيەلەر بىرنەچچە نۇقتىدا مەركەزلىشىدۇ.
1.تەغدىر توغرىسىدا
نۇرغۇن كىشىلەردە غەلبىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، مەغلۇبىيەتنى تەغدىرىدىن كۆرۈشتەك بىر خىل پوزىتسىيە بىلەن ياشاپكەلگەن، بولۇپمۇ بىز ياشلار ئازراقلا مۈدرەپ قالساق، ئۆزىمىزنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانيەرلىرىنى ئىزدىمەي،بەلكىم پىشانەم شۇنداقتۇ، دەپلا ئۆزىمىزنى ئالداپ باققۇمىز كىلىدۇ،ئەمما ئاپتور 17-بەتتە يۈسۈپ خاس خاجىپنىڭ بۇۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداقيازغانىكەن: «ئادەم بالىسىنىڭ ھىچقايسىسى تەبىئەت ئالىمىگە نىسبەتەن ياكى‹تەغدىر›ئالدىدا ئۆگەي ئەمەس،بەلكى ھەممە ئادەم ئەسلىدىن بۈيۈك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ‹يارىتىلىش›نى ئۇلۇغلۇق-پەسلىك پەرقى مەۋجۇت دىگەن قاراش تۈپتىن خاتا،يۈسۈپ خاسھاجىپ دادىل ئوتتۇرىغا قويغان بۇ خىل قاراش ئەينى دەۋردىكى قارىغۇ تەغدىربويۇنتۇرۇغى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويغۇچىلارغا بەرگەن ئەركىنلىك سىگنالى،قۇرئاندا :‹ئىنسان پەقەت قىلغان ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›دەپ تەغدىرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ھەققىدە قىل سىغمايدىغان جاۋاپنى بەرگەن»، پۈتۈن ئىشنى ئۆزى قىلىپ شەيتانغا ئارتىپ قۇيۇش، تەلەي سىناش ۋەياكى تەغدىرگە پۈركۈنۈپ ئۆزىنىئالداش زامانىمىزدىكى بىرخىل ئەخماقلىق بولسا كىرەك، مەيلى تارىخ بولسۇن ياكى زامانىمىزدا بولسۇن، ئەجىرسىز مىھنەتكە ئىرىشكەنلەر كەم ئۇچرايدۇ، بىز پەقەت باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرۈپ جەريانىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بولغاچقا باشقىلارنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى بىلەلمەي ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى تەغدىرى ياكى تەلىيى دەپلا خۇلاسىلەشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق.مىنىڭچە مەن بۇ كىتابتىن ئەڭ چوڭئالغان نىسىۋەممۇ ‹ئۈزلۈكسىز تىرىشىش› دىگەن بىر سۆزنىڭ يۈرەك قىتىمغا سىڭدۈرۈلۈشىبولسا كىرەك.
2.يىڭى دۇنيادىن قورقۇش كىسىلى
يىڭى ئەسىرگە «ئوزۇق-تۈلۈكسىز»كىرگەن بىزلەرئۈچۈن بۈگۈنكى دۇنيا ئاجايىپ قۇرقۇنچلىق،چۈنكى رىقابەت كەسكىن، كۈچلۈكلەريىغىلىپلا قالغان، ھەر كەسىپنىڭ ئەھلى شۇ كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ بولغان،دۇنيانى رەڭگارەڭ قىلىپ بىزىۋەتكەن زامان ۋە ماكاندا تۇغۇلدۇق، بۇنىڭدىن 30 يىلئىلگىرى تىخى ھىچكىم بۇ تەرەققىياتلاردىن خەۋەرسىز ئىدى،شۇڭا بىز ياشلاردائىككىلىنىش، دۇنيادىن قۇرقۇش، ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ياكى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا بەنىتبولۇۋىلىپ 21-ئەسىردىكى ‹زامانىۋى تەركىي دۇنيالىق› يولىنى تاللىۋىلىش ئىغىربولماقتا،بىزنىڭ ئۈندىدار ياكى مىكرو بىلوگلىرىمىزدىكى كەمچىللىكمىزنى يوشۇرۇپ پەردازلاپ كۆرسىتىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆز تۇرمۇشىغا ھەۋەسلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ باھالاپ مۈئەييەنلەشتۈرۈشىنى تەمە قىلىشتەك ساغلام بولمىغان روھىھالەت، مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا يۇقۇملۇق كىسەللىك پەيدا بولىشىدىندۇر، بۇ ھەقتە قۇتادغۇبىلىگشۇناس ئاپتور يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەينى دەۋردىكى سوپىلىق ئىددىيەسىنىكۆرەش قىلغانلىقى ۋە توغرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى مىسال ئالغان (27-بەتتە) :«10-،11-ئەسىرلەردە قارىخانىلارجەمىيىتىگە يەنە بىر چۈشكۈن ئىدىئولوگىيە ــــــــ سوپىزىم پەلسەپىسىكۈچلۈك ھالدا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى،...... ئەينى دەۋردە بۇنداق قۇرۇتقۇچى چۈشكۈن ئىجتىمائى رىئاللىق ‹قۇتاغۇ بىلىگ›تە يارىتىلغان ئودغۇرمىش ئوبرازى ئارقىلىق روشەن ئىپادىلىنىپ بىرىلگەن» يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنى قورقماسلىققا،ئالغا ئىنتىلىشكە، روھلۇق تىتىك ياشاشقا ئۈندىگەنىكەن، ھەم ئودغۇرمىش ئوبرازىدائۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئاشكارلىغانىكەن، مەن بۇگۈنكى زاماندىكى بارلىق خۈدۇكسىرەش،ئەنسرەش ۋە ياكى قورقۇشلارنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى پەقەت كۆزنى نىشانىغا تىكىپ توختاۋسىز ئىلگىرلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
    3. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆلچەملىك ۋە چەكلىكبولىدۇ
بىز ياشلار دەۋرنىڭ ھەرخىل سىناقلىغا ئۇچراپتۇرىمىز بىزنىڭ پىسخىك ئىمونىت كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى بۇ سىناقلارنى بىرمەغلۇبىيەت ۋە يوقۇتۇلۇش ياكى تىگى يوق ھاڭ بىلىپ خەتەر ھىس قىلىۋالىمىز، ئەممائاپتور بۇكىتابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرغان ھايات قانۇنىيەتلىرى قىستۇرۇپ يىشىپچۈشەندۈ- رۈشىگە كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ:
« 1049 ئۆرلىگەن چۈشەر ھەم چۈشكەنلەر چىقار
         يورۇغان ئۆچەر ھەم يۈرگەنلەر تىنار
1050 نە ئىشكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۈتەر
      تولۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار
يۈسۈپ خاس خاجىپ كۆزدە تۇتۇۋاتقان ‹يۇقىرى كۆتۈرلۈش› شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق ئاخىرقى چەككەيىتىشىنى، ‹چۈشۈش›ئەكسىگە قايتىشىىنى كۆرسىتىدۇ، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىيىتقاندىمۇ ھاياتنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىنىڭ بىر خىلدا ئۆتۈشى ناتايىن.» مىنىڭ كۆزقارىشىمدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇدات يوق، غەلبىمۇ مەغلۇبىيەتمۇ ھەم شۇنداق، ئەجىبا بىرقىتىملىق مەغلۇبىيەت شۇنداق ئۇلۇغ يارىتىلغان، پۈتكۈل كائىناتتىكىجان-جانىۋارلاردىن ئەزىز بولغان ئەقىل ئىگىسى بولغان ‹ئىنسان›نى ۋەيران قىلالارمۇ؟ئەمەلىيەتتە بىزنى ۋەيران قىلىۋاتقىنى مەغلۇبىيەت ئەمەس بىزنىڭ ‹مەغلۇبىيەتنى چەكسىز› دەپ قارىۋىلىپ ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىمىز بولۇۋاتىدۇ.
ھەر يىلدا ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ۋەقەلىرى كۆپ ئاڭلىنىدۇ، ياشلارنىڭ جەمىيەتتىكى بىسىمىنىڭ ئارتىپ كىتىشى يىڭىمەسىلىلەرنىڭ توختىماي پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا ھەل قىلىش سۈرئىتىنىڭ مەسىلە پەيدابولۇش سۈرئىتىگە يىتىشەلمەيۋاتقانلىقى ئاخىرىدا بولسا ئۈمىدسىزلىىپ ناھايىتى تىزلاخاتا قارارىنىڭ ئارقىسىقا كىرىپ،دۇنيادىن ۋىدالىشىپ كىتىپ بارىدۇ، بەزى ياشلار بولسا ئاشۇ پاتقاققا پاتقانچە، ئۆتمۈشىنى ئۇنتالماي كەلگۈسىگە سۆرەپ ئەكىرۋىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئاپتورنىڭ چۈشەنچىسى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلارلىق: «ھەرقانداق شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قانۇنىيەتلىك ئۆلچەم بولىدۇ،مۇۋاپىقىيەت دەل ئاشۇ كامالەت ئۆلچىمىنى چىقىش قىلىدۇ،بۇنىڭسىز ھەرقانداق ئىشتا تولۇق مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە كامالەت دەرىجىسىدىن ھالقىۋىتىلسىمۇ مەغلۇبىيەتكەيۈزىنىدۇ، مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىلگىلەش زۆرۈر بولغان پەلسەپىۋى قانۇنىيەتتۇر، دۇنيادا ئۆلچەمسىز، قانۇنىيەتسىز شەيئى يوق، ئۆلچەم قانۇنىيەتنى تىپىپ چىقىش مۇھىم»
4.سۆرەلمىلىك مەغلۇبىيەتنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىنبىرى
مەن ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتلىرىمنى خۇلاسىلىسەم،خىلى كۆپ قىسمىدا ‹سۆرەلمىلىك› ‹بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قۇيۇش› خاھىشى ئىغىر بولۇپچىقتى، ئەمما نۇرغۇن قېتىم ۋاقتىم يەتىمىدى دىگەن باھانىلەرنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەيتىم، ئىلگىرى بىر ‹ۋاقىت نەگە كەتتى؟› دەپ بىر ناخشا مودا بولۇپ يۈرگەن،گەرچە تىكىسىتنى بىلمىسەممۇ ئەمما ماۋزۇسىدىنلا ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى كشىلەرنىڭ جىقلىقى دىرەك بىرىپ تۇراتتى. ‹مۇھىم ئشلاردىن قېچىپ ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇشنى ئاكتىپ ھورۇنلۇقتۇر› ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەن ئاكتىپ ھورۇنلاردىن سانىلىپقاپتۇق.
371- بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،
كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا.
ھايات ھەقىقەتەن تىز ھەم قىسقا، لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ يىشىغا يىقىنلىشىپ قالغىنىمنى سەزگىنىمدە نۇمۇس قىلىپ قالىمەن، چۈنكىمەن تىخى ھىچ ئىش قىلغىنىم يوق، ئاپتور ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تولىمۇ تەكىتلىگەن ۋە جانلىق مىسالغا ئالغان بىر ئاپتور، ئۇنىڭ چەتئەللىك مەشھۇرلارنىڭ سۆزىنىمۇ نەقىل ئىلىپ قايىل قىلارلىقىنى ئاشۇرغانكەن، ئىرىس.كاشىر‹ئادەم نەزەرىيىسى›دىگەن كىتابىدا مۇنداق دىگەنىكەن :«ھازىر ئۆتمۈشنى ئۆز ئىچىگەئالغان ھەم كەلگۈسىگە ھامىلدار بولغان بولىدۇ». نۇرغۇن پەيلاسوپلار،سىياسىيونلارۋە مەشھۇرلارنىڭ ئىددىيىسىنىڭ كىسىشىدىغان بىرلا نۇقتىسى بار، ئۇ بولسىمۇ‹ھازىر›نى قەدىرلەشتۇر،ۋاقىت چەكسىز بولغىنى بىلەن، «بۈگۈن» تولىمۇ چەكلىك، پۇرسەت ئەنە شۇ بۈگۈننىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئاپتورنىڭ بىر جۈملە خۇلاسە سۆزى خۇددى مىنىڭ يۇرىكىمدىكى سۆزلەردەكلا ئىدى :« ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەھرۇملۇق پۇرسەتنىقولدىن بىرىپ قۇيۇشتۇر»
مىنىڭ ئۇ كىتابتىن ئالغان يىڭى ئىددىيەلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما تىل قابىليىتىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى پەقەت مۇشۇنچىلىك ئاددىيلا يىغىنچاقلىيالىدىم، ئەمما بۇ كىتاب مەن ۋە بىزدەك بۇ دەۋرنىڭ ياشلىرىغا‹دورا› ھىسابلىنىدىغان بىر كىتاب ئىكەن...
ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسىرات ئەۋەتكەندە ئادىرىسىنى تولۇق يىزىشنى،ئاندىن ئىرىشمەكچى بولغان كىتابنىڭ ئىسىمىنى چۇقۇم يىزىپ قويۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز !
كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئەۋەتىش ئىلخەت ئادرېسى :
1574027108@qq.com
obul21c@126.com
دىققەت:يۇقارقى ئىككى ئادرېسقا تەڭلا يوللاپ بىرىڭ.
     مەسلىھەت سوراش ئۇسۇللىرى :
1.ئىزدىنىش qq : 124596386
2.  باھالاش گۇروپپىسى تېلېفون : 13899198079
2015-يىلنىڭ ھەممىمىزگە خەيرلىك يىل بولۇشى ئۈچۈن كۆپرەك كىتاب ئوقۇيلى !
پائالىيەتلەر كۆپ بولۇپ قىلىپ بۇ ئايلىق نەتىجىنى ۋاقىتىدا يوللىيالمىدۇق،ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايىمىز
مەزكۇر پائاليەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئىزدىنىش كىتاپخانسىغا مەنسۇپ.
پائاليەتكە قارىتا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەر بولسا بىزگە خەت يوللاش شەكلى ئارقىلىق دىسىڭىز بولىدۇ.
خەت ساندۇقى:obul21c@126.com
ئىزدىنىش كىتاپخانىسى
http://izdinix.taobao.com

5

تېما

0

دوست

5053

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1341
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا يوللاش جەريانىدا بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرى سادىر بولۇپ قاپتۇ،ئارتۇچ مۇئەللىم تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

8

دوست

4243

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21850
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 1398
توردىكى ۋاقتى: 699
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
obul21c يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 11:13
تورغا يوللاش جەريانىدا بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرى سا ...

ئىملا خاتالىقى زىيادە كۆپكەن، ئو بىلەن ئۇ ھەرىپىنى توغرا ئىشلىتەلمەپتۇ.  تەھرىرلەپ ھېرىپ قالدىم.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4663
توردىكى ۋاقتى: 1361
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئىكەن دەپ ئويلىدىم. مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى كىشىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىۋىلىشقا پايدىسى بار دەپ قارايمەن.

0

تېما

0

دوست

747

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بىر سارۋان سىز  مەرۇپ ئەپەندى

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

10

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3746
تۆھپە : 2889
توردىكى ۋاقتى: 519
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئارتۇچ ئاكا بەك ياخشى ئىش قىلىۋېتىپسىز ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن !

0

تېما

0

دوست

920

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىختىسادىي قىيىنچىلىقىم بار ئىدى،،بولسا ماڭا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز رومانىنى سوۋغا قىلغان بولسىڭىز،،كىتاپخانىڭىزنىڭ سودىسى تېخىمۇ گۈللەپ-ياشنىغاي..خالىسىڭىز ئاددىرسىمنى  قىسقا ئۇچۇردا سىزگە يەتكۈزەي...

5

تېما

0

دوست

5053

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1341
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atlanjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 15:57
مىنىڭ ئىختىسادىي قىيىنچىلىقىم بار ئىدى،،بولسا ماڭا ئا ...

بولسا شۇنداق قىلسام بەك ياخشى بۇلاتتى،لىكىن بىزنىڭمۇ كۈچىمىز چەكلىك،بىراق سىز بىزنىڭ پالىيەتكە قاتناشسىڭىز چوقۇم بۇ كىتاپقا ئېرشەلەيسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )