قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 16

ئۆزلىكىدىن ھەقسىز ئۆگىنىش توغرىسىدا 2- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

218

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34585
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 03:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دورداشلار:

بۇ مېنىڭ باغداش تورىغا كىرگەندىن ياقى يازغان ئىككىنچى پارچە ماقالەم. ئالدىنقى قېتىم ،مەن دورداشلارغا بىر قانچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئۈچۇن پايدىلىق بولغان ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىرى بار ، ياخشى توبەتلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش، لېكىن نۇرغۇن ئوقۇش ئارزۇسى بارلارنىڭ، ئىقتىساد جەھەتتىن قىيلىنىپ چىقالماي، ئوقۇيالماي قېلىۋاتىدۇ.
لېكىن ماڭا ئىشىنىڭ،مەن سىزگە دەپ بەرگەن بۇ توربەتتىكى مەيلى خارۋارد(Harvard) ياكى سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ دەرىسلىرى بولسۇن، بۇ مەكتپلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى ،پەقەت بىر باشلىنىش خالاس.  مەيلى سىز بىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپنىڭ دەرىسلىرى بۇلۇسۇن،  سىز ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان كەسىپ، پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك دەرىسلەر بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيدۇ.  ھەم ھازىرقىدىن باشقا نۇرغۇن داڭلىق ئۇنۋېرسىتلار ئۆزلىرىنىڭ دەرىسلىرىنى ھەقسىز مەن سىزگە دەپ بەرگەن تور بەتلەر ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ.  چۇنكى دۇنيا مىقياسىدا، بۇخىل ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ بىرقىسىم دەرىسلىرىنى، ھەقسىز قىلىشقا باشلىغىلى، ئەمدى تېخى بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت بولدى، شۇڭلاشقا، ئۇچۇر تېىخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تىپتىكى ھەقسىز دەرىسلەر بارغانچە كۆپپىيىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى، سىز بىلىدىغا ئالى بابا، تېڭشۇن، شىندۇڭفاڭ قاتارلىق بىر شىركەتلەر، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن باشلاپ،  ئۇزاق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ساھەسىگە چوڭ كۆلەملىك مەبلەغ سالدى.  دۆلەتمۇ بۇ ھەقتە قوللاش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ، تېخىمۇ كۆپ سەرخىل دەرىسلەرنى ھەقسىز يولغا قويۇشىنى رىغبەتلەندۇرمەكتە.   

بەلكىم سىز ئازىر ئىچىڭىزدە،  بۇ دەرىسلەر توردا ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ، شۇڭلاشقا، مەيلى ئۇ دەرىسنى قانداق بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىت ئوقۇتقۇچىسى ئۆتكەن بولسۇن، دەرىس مەزمۇنى ۋە سۇپۇتى،  مەكتەپنىڭ ئۆزىدە ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن؟  بۇ سۇئالغا مېننىڭ جاۋابىم دۆۋەندىكىچە:

بۇ توربەتتىكى دەرىسلەرنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ، قانداقتۇر ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ئۇزۇن يىل دەرىس بېرىۋاتقان شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ۋەكىل بولۇپ سۆزلەيدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ، دەرىس مەزمۇنىنڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئەنسىرمېسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئۆگىنىشنى خالىغان، ھەرقانداق بىر دەرىسنى، سىز شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قانداق ئۆگەنگەن بولسا، سىز مۇ شۇنداقئۆەىنگىنقسىزىسىز

بەلكىم سىز ھازىر يەنە، مەن چۇشۇنەلمەي قالسام قانداق قىلىمەن؟ كىمدىن سورايمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن.
مېنىڭ دەيدىغىنىم، سىز قىلچە بۇ جەھەتتن ئەنسىرىمەڭ.
بەلكىم، سىز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ، ۋە ئالىي مەكتەپلەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا، مەكتەپكە ۋاقتىدا بېرىپ، ۋاقت توشۇپ دەرىستىن چۇشكىچىە بولغان ئارلىقتا، يولۇققان مەسىللىرىڭىز بولسا، ئەتراپىڭىزدا يولۇققان مەسىللىرىڭىزنى سورىسىڭىز جاۋاپ بېرىدىغان، ساۋاقدىشىڭىز ياكى بولمىسا ئوقۇتقۇچىڭىز بار.

مەن دېمەكچى، بۇ  ئۆزلىكىدن ئۆگىنىش توربەتلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.  پەقەت سىز، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن دەرىسلرنى، ئۆگىنىشتىن بۇرۇن،  دەرىس قاچان باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرلىشىدۇ دىگەن نۇقتىغا، دىققەت قىلىڭ.   مۇشۇ ئۆگىنىش ئارلىقىدا، سىز ئاڭلاپ چۇشەنمىگەن نۇقتىلارنى،  شۇ توربەتتنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ ، كۆرسىتىلگەن مۇنبەرگە كىرىپ، سوئال سورىسىڭىز، سىزگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن، سىز بىلەن تەڭ دەرىس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىىلار، سىزنىڭ سوئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىدۇ.

مەن  باغاداش مۇنبىرىدە، خارۋادتا ئوقۇش بىزگە چۈشمۇ ؟ ( قەيسەر مىجىت )، دىگەن ماقالىنى، كۆرگەن ئىدىم.  قېرىندىشىم، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،سىز 21-ئەسىر ئۇچۇر ئالەاقە دەۋرىدە ياشاۋاتىسىز، ئىسانلار تارىخىدىكى، ئېنتىرنەتتىن ئىبارەت بۇ بايقاش ،  سىزنىڭ نۇرغۇن  ئارزۇ-نىشانلىرىڭىزنى رىياللىققا ئايلىنىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.

ئەگەر سىزنىڭ يىتەلىك پۇلىڭىز بولۇپ، ئۆزىڭىز ئۆگەنمەكچى بولغان پەندىن دىپلوم ئېلىش ئارزۇيىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى توربەتلەرنى كۆرۇپ قويۇڭ:

خارۋارت ئۇنۇۋېرسىتى ئۇزاق مۇساپىلىق توردا ئۆگىنىش سۇپىسى \ harvard  university extension school
http://www.extension.harvard.edu/  

ھەقسىز دەرىسلەر:
https://www.edx.org/school/harvardx

سىتان فورد ئۇنۇۋېرسىتى ئۇزاق مۇساپىلىق توردا ئۆگىنىش سۇپىسى \ stanford university extension school
ھەقسىز توربەت:
http://online.stanford.edu/
ھەقلىق:
http://continuingstudies.stanford.edu

ئۇنۇۋېرسىتى ئۇزاق مۇساپىلىق توردا ئۆگىنىش سۇپىسى \ yale university extension school

دەرىسلەر ھەقلىق ۋە ھەقسىز شەكىلدە:

http://online.yale.edu/courses-online


بىر قەلەم، بىر دەپتەر، ۋە كۇنىگە ئىككى سائەت جىمجىت  كومپىيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق، مەن ئىشىنىمەن، سىز  ھەرقانداق نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.


مەن يەنە داۋاملىق تۇردە، ۋاقىت چىقىرىپ توداشلارنى، ئەڭ يېڭى بولغان ئۆگىنىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىمەن.  ھەرقاندا چۇشەنمىگەن نۇقتىلاربولسا،سوئال قالدۇرۇڭ.













297

تېما

33

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3176
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 11982
توردىكى ۋاقتى: 4316
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 11:37:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتى گۈزەل بەلەن ئىشكەن بۇ  ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۇگىدىن ئۆگۇنۇش مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ سېستىملىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مانا ئىلىكتىرونلۇق ئوقۇتۇشنىڭ شاراپىتىدىن ھەقىقى پايدىلنىشىنى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشسا نىمە دىگەن ياخشى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

33

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3176
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 11982
توردىكى ۋاقتى: 4316
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 11:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ماۋۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرستتىتى تىببى ئۇنۋىرستىت دىگەنلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇشى دىگەنلەرگە قاچان نوۋەت كىلەر

0

تېما

0

دوست

760

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 11:39:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۈر

1

تېما

0

دوست

218

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34585
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 14:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 11:38
بىزنىڭ ماۋۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرستتىتى تىببى ئۇنۋىرستىت دىگە ...

مېنىڭچە شىنجاڭدىكى مەكـتەپلەرنىڭ ۋە بۇنداق ھەقىقىي ھەقسىز ئوقۇتۇش ساھەسىگە كىرىشىگە يەنە كەم دىگەندە 5-10 يىلغىچە ۋاقىت بار.

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 15:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا ،تۇرمۇش،سودا-ئالاقە،خىزمەت قاتارلىقللاردا خەنزۇتىلىغا بەكرەك ئېھتىياجلىقمۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىغىمۇ دىگەننى چۆرىدەپ مۇنازىرە ئېلىپ بارايلى.

بۇ مۇنازىرىگە قىززىقىدىغانلار ئىنكاس ئارقىلىپ مىنى نەقلى ئېلىپ مۇنازىرىنى قانات يايدۇرساق بولىدۇ..

قېنى مەرھەمەت.

0

تېما

1

دوست

787

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 19:44:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن تۈرۈك تىلى ئۆگەنگىلى بولامدۇ؟

6

تېما

4

دوست

4151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1061
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 20:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   تېيمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى تورداشلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن.
كۆپچىلىك بىلسەڭلار ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلار .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر !
ھەربىرىڭلارغا مەن ئېركەشتىن سەمىمى سالام ! ھەرۋاقىت ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق، تىنىڭلار سالامەت بولسۇن!
كەمىنە ھەرقايسڭلاردىن ياردەم سۇرايمەن، بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار.  
مەن تەڭرى تاغنىڭ جەنۇبى ئىتىكىگە جايلاشقان باي ناھيە توقسۇن يېزىسىدىن بولىمەن. ئالى تېخنىكۇم مەدەنيەت سەۋيەسىگە ئىگە  ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياش .
مەن ناھيەمىز تەسىدىكى قاقاسلىقتىن 300مو ئېلىپ ئىھاتە ئورمان ۋە ئىقتىسادى ئورمان تىكىپ ئۆزەمنىڭ كىيىنكى چىقىش يولۇمنى تېپىش مەقسىتىدە باي ناھيە توقسۇن يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىدىم . يېزا باشلىقى بۇئىشنى ئۆزىنىڭ ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىلتىماسنى رەت قىلدى . ئۇنىڭ دىيىشچە يۇقۇردىن بوزيەر ئىېچىشنى چەكلەش توغىرسىدا ھۆججەت بارمىش .
  مەن بۈگۈن ئەتتىگەن ناھيەلىك ھۆكۈمەتكىمۇ باردىم، ھاكىمنىڭ دىيىشچە ناھيەنىڭ بۇئىشقا چىشى پاتمايدىكەن. يەنىمۇ يۇقىرى دەرجىنى ئىزدىشىم كېرەك ئىكەن.
  ئەمدى مىنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتقىنى ،بۇيەرنى ئېچىپ ئورمان تىكىپ يېشىللاشتۇردىغان تۇرسام ، بۇئىشنىڭ شۇ يەرمۇھىتىغا ، بۇلغۇنۇشنى ئازايتىشقا پايدىسى بۇلۇپلا قالماي يەنە شۇ جاينىڭ ئىقىتىسادى ئېشىشىغا ، ئېشىنچى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا پايدىسى بۇلۇدىغان تۇرسا نىمە ئۈچۈن تەستىقلانمايدۇ؟ راستىنلا رايۇنىمىز تەۋەسىدە بوزيەر ئېچىشنى چەكلەش بۇيرۇقى بارمىدۇ؟ ئەگەرچەكلەش بۇيرۇقى باربولسا ئىشلىتىش تۈرى بۇيۇنچە چەكلىنەمدۇ ياكى ئوموميۈزلۈك چەكلىنەمدۇ؟( بۇنداق دىيىشىمدە : مەن ئىلتىماسنى سۇنۇشتىن ئىلگىرى ناھيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، دېھقانچىلىق ئىدارىلىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىردىن مەسلىھەت سورىغان ئىدىم. ئۇلار بىردەك بوزيەر ئېچىپ دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىش چەكلىندۇ ، بىراق ئورمان تىكىپ يېشىللاشتۇرۇش قۇرلۇشى ئېلىپ بارسا بۇلۇدۇ دىگەن ئىدى).  ئەگەر ئازراق بولسىمۇ ھەل بۇلۇش ئىمكانىيتى بولسا قايسى ئورۇندىن ھەل بۇلۇدۇ؟
   ياكى ئەمەلدارلار قەستەن قىيىنچىلىك تۇغدۇرۇپ يولۇمنى ئىتىپ قۇيۇۋاتامدىغاندۇ ؟
مىنىڭ بايانلىرىم يۇقارقىدەك ، مۇنبىرىمىزدە  بۇئىش توغىرسىدىكى سىياسەت-پەرمانلارنىڭ تەپسىلاتنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلىپ يول كۆرسەتسەڭلار.
  يەنە بىر ئىش : يولداش جاڭ چۈنشەننىڭ مىكرو بىلوگ ئادىرسى ، ياكى ئېل خەت ئادىرسىنى بىلدىغانلار بولسا يوللاپ قويسڭلار . مەمتىمىن زاكىرنىڭ بولسىمۇ بۇلۇدۇ. ئارزۇيۇمىنى يۇقۇردىكىلەرگە ياتكۈزۈپ باقسام ، يول كۆرسۈتۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . تورداشلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار  ،مەنمۇ بىر كۆكلەپ قالسام .
   تۆۋەندىكىسى مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم ياردىمىڭلارنى ئايمىغايسىلەر.
                 2418741099  :چ چ    تېلفۇن : 15899354710  
ئاخىردا كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويغۇنۇمدىن ئۆزرە سورايمەن !
     2015 يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
مۇنبەر باشلىقىنىڭ تەستىقلاپ بىرىشنى ئۆتۈنۈمەن .

بۇقانداقتۇر ئەرىز شىكايەت ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك تىكلەش ئۇچۇن بىر يول ئىزدەش. مۇنبەر باشلىقىنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىقىنى ، ئۈچۈرۋاتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )