قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3435|ئىنكاس: 49
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئارتۇچ : كېرەم ئاتۇشقا ئوچۇق خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

5

دوست

1264

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
كېرەم ئاتۇشقا ئوچۇق خەت
ئارتۇچ

   ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم كېرەم ئەپەندى،مەن 2015-يىلىنى كىتاب يىلى قىلايلى دەپ ئوتتۇرغا قويغان رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىم.كەمنىدىن سىزگە يالقۇنلۇق سالام!سىزنى رايۇنىمىزدىكى كارخانچىلارنىڭ باشچىسى ھىسابلاپ بۇ خەتنى سىزگە يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
   باباخاندىكى كارخانچىلار ئۇچىرشىشىدا مىھمانلارغا كىتاب سوۋغا قىلىپ كارخانچىلار ئارسىدا كىتاب ئوقۇش دولقۇنى قوزغىۋەتكەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. مەنمۇ كىتاب ئۈچۈن ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان ئوت يۈرەك بىر ياش بولغاچقا سىز بىلەن قېرىنىداش ،قەلىبداش، يۇرتداش بولغىنىمدىن پەخىرلەندىم ! بۇرۇنقى زامانلاردا يۇرت-يۇرتلاردا ،مەھەللە-كويلاردا قىينچىلىق تۇغۇلسا بايلارغا مۇراجەت قىلاتتى،ھازىر كارخانچىلارغا مۇراجەت قىلىۋاتىمىز،دىمەك بىر كارخانچىنىڭ شۇ يۇرت، شۇ قەۋىم ئىچىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ۋە زىممىسىگە چۈشىدىغان مەسئۇلىيىتى بەكلا ئىغىر،تونۇلغان بىر كارخانچىنىڭ ئەل–يۇرت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى ئۇنىڭ تاپقان پۇلىغا ئەگىشىپ كۈنسىرى زورىيىپ بارىدۇ، (ئەگەر ئۇ شۇ كارخانچى ۋىجدان بىلەن ياشاۋاتقان بولسا)بەزىلەر پەقەت پۇل تاپىدۇ خالاس،ئەمما بەزىلەر پۇل بىلەن قوشۇپ يۈز-ئابروي،ياخشى نام،ئەلنىڭ دۇئاسىنىمۇ بىللە تىپىۋاتىدۇ.مەن سىزنى دەل ئەل–يۇرتقا مەسئۇلىيەت ئىڭى بىلەن ياشاۋاتقان جىگەرلىك كارخانچى دەپ قول قويمەن،سىزنىڭ ئىختىرا قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىزنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئولتۇرسام ئوقۇرمەنلەر خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن،ئاساسى مەخسەتكە كەلسەم :
    مەن 8يىل مۇقەددەم ئانا يۇرتۇم ئاتۇشتىن ئايرىلىپ خىزمەت ئورنۇمغا بارغىنىمدا قېرىنىداشلىرىمنىڭ ھالى مىنى چوڭقۇر ئويغا پاتۇردى،گەرچە بالىڭىز ئوقۇۋالسۇن دەپ ئۆيىگە بارساق قورساق ئەستى گەپلەرنى قىلىپ كەتمەن بىلەن قوغلىغان كۆرنىشلەرنى كۆرۈپ بۇ يەردىن كىتىشىنى ئويلغان بولساممۇ ئەمما مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ قىرىنداشلىرىمىنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق بۇ يەردە ئىشلەپ قالدىم.كۆز ئالدىمدىكى يىزا باللىرى،تىخى ئەمدىلا ئۆيىدىن مەكتەپكە ئەكلىپ قويسا بىردەمدىنكىيىن مەكتەپتىن قاچىدىغان نادان ۋە تادان بالىلار بىر مىنۇتمۇ يۈركىمدىن يىراق تۇرغىنى يوق.شۇڭلاچقا مۇنداقلا ئىشلەپ قويماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشقا ھەقىقىي سىڭىپ كىردىم.
قىلغان ئەمەلىي پائالىيتىمىدىن بىر قانچىنى ئىيتاي  :  
    1. «ئىزچىلار ئاۋازى»رادىئو ئۇزىلىنى قۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى سەھنىسىگە ئايلاندۇردۇم.(بىر مەكتەپ رادىئوسى ھازىر ئىلان ئىشلەيدىغان،توردا رادىئو ئاڭلىتىدىغان،رادىئو ئىستانسلىرىنىڭ پىروگىراممىسىنى ۋاكالىتەن ئىشلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى)ھازىرغىچە نۇزۇر، بالىلار بايرىمى،قۇربان ھىيت ، كىتاپ مەشىرىپى قاتارلىق 100 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەتنى تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارغا مەنىۋي تۈۋرۈك تەييارلىدىم.90مەيداندىن ئارتۇق لىكسىيە سۆزلەپ ئىلغار ئىدىيەنى تارقاتتىم . ئىخلاس شىركىتى،كانادا بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ سوۋغا بويۇمنى ھەل قىلىپ ھەپتىدە بىر نۆۋەت رادىئو لوڭقىسىنى تالىشىش ئۇنىۋىرسال زىھىن سىناش پائالىيتى تەشكىللىدىم.چۈشتە ئۆيىگە قايتالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە روھلاندۇرۇش بولدى.ئۆزۈم تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاۋازلىق پىلاستىنىكا ئىشلەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەردىم.ھازىرغىچە ئوقۇغۇچىلارنى بەش نۆۋەت قەشقەر قاتارلىق جايلارغا ئىكىسكۇرسىيەگە تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ ئىديسىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىى ئۈگىنىش كەيپىياتنىڭ جانلىنىشغا تۈرۈتكە بولدۇم، ئۆيىدىن ئىغىر ئەمگەك قىلىپ كەلگەن ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنلىرى ئەركىن ھالدىكى گۈلخان مەشرەپى پائالىيتى تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ ياتاق تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇدۇم.يىتىم بالىلار كىتاپ فوندى قۇرۇپ 20 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل ۋە كىتاب توپلاپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەردىم ھەم تۈرلۈك تارىخى كىتاپلارنى ئىلىپ بەردىم.ھەر سىنىپتىن بىردىن ئوقۇغۇچىنى تاللاپ «ئۈمىدۋارلار كۇلۇبى» قۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۋىرسال يىتىلىشى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە ئىزدەندىم.مەكتەپ رادىئوسى ۋە ئايرىم جايلاردا ھەركىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرشۈپ ئۇلارغا تەشەبۇسكارلىق بىلەن پىسخىكىدىن مەسلىھەت بەردىم.
    2. «ئىزچىلار ساداسى»يىزىقچىلىق ئىجادىيەت كۇرجىكىنى قۇرۇپ بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇردىم.ھازىرغىچە40پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرى ئىلان قىلىندى.ئىزچىلار ئاۋازى رادىئوسىدا دىكتور - رىياسەتچى،كىرىشۈرگۈچى،مۇخبىرلارنى تەربىلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقاردىم، شاگىرىتلىرىم ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتىتىدا ئوقىۋاتىدۇ.ئىككى قارار سىنىپ تۇتۇپ ئۆزىمنىڭ ئىدىيەسىنى 60 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا يىتەرلىك سىڭدۈردۈم.
    3. بۇ جەريانىدا 30 پارچە ئىلمىي ماقالەم «شىنجاڭ مائارىپى»قاتارلىق ژورناللاردا ئىلان قىلىنىپتۇ.شۇ سەۋەپلىك مەكتىپىمىزنىڭ نامى تىلغا ئىلىنىپ تۇرۇپ گىزىت- ژورناللاردا تۇنۇشتۇرلدۇم،ناھىيە، ۋىلايەت ،ئاپتۇرنۇم رايۇن بويىنچە مىنەۋۋەر بولدۇم.«خەيرلىك دەملەر»،«بۇ يەرنىڭ سەھىرى جۇشقۇن» قاتارلىق ئىككى پىلاستىنكا ئىشلىدىم. مەكتەپ گىزىتى،ژورنىلى چىقىرشقا كۈچ چىقرىپ ئوقۇغۇچىلارغا قەلەم ھەققى تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇم.رادىئو پىروگىرامملىرىم،ئاۋازلىق ئەسەرلىرىم توردا كەڭ تارقالدى.كېرەم ئەپەندى سەمىڭىزدە شۇ بولسۇنكى يۇقارقى ئىشلانى ھىچكىم ماڭا ئورۇنلاشتۇرغان ئەمەس.
    كېرەم ئەپەندى ، كەمىنە يىتىم بالىلار كىتاب فوندى ئۈچۈن كىتاب يىغىش جەرياندا ئۈرۈمچىدىكى نەشىرىيالار، رادىئو-تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى،تەھرىر بۆلۈملەرگە كۆپ قېتىم قوللاپ قويۇڭلار دەپ يالۋۇرۇپ تىلغۇن قىلدىم.قەلبىدە ساخاۋەت بولمىسا مىڭ يالۋۇرسىمۇ بىكاركەن.ئۈرۈمچىدە ئاخبارات سىپىدە ئىشلەۋاتقانلارغا تىلغۇن قىلىپ بولغۇچە «نۇمۇرۇمنى نەدىن تاپتىڭىز!»دەپ بەكلا ئىچمنى سىقتى،خۇددى مىنىڭ يامان نىيتىم باردەك!قىسمەن تىلىۋىزىيە،رادىئو خادىملىرىغا مۇشۇ يەردە دەۋالاي،سىزنى چوڭ بىلىپ ئىزدىگىنى سىزنىڭ بىر قوللىغۇچىڭىزنىڭ كۆپەيگىنى،ھازىرقىدەك ۋاقىتتا قوللىغۇچىڭىز كۆپ بولمىسا ئىرىشىدىغان«بىلىتىڭىز»كۆڭىلدىكىدەك بولمايدۇ! ئالدىراشچىلىقىڭىزنى باھانە قىلىپ قوللىغۇچىللىرىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ ! بۇ ھايات ئاتا بوۋامدىنمۇ قاپتىكەن، سىزدىنىمۇ قالىدۇ!!شۇڭا مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن قىسمەنلەر ئۈرۈمچىدە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ قىلغان تېرىقتەك ئىشى شۇنچىلىك داغدۇغا بىلەن داۋراڭ قىلىنىدىكەن ،يەنە بەزىلەر پەقەت ئۈرۈمچىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئامما ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن قىلغان شۇنچە ئەجىرلىك ئىشلىرى تىلغا ئىلىنمايدىكەن، قىلغان ساخاۋەتلىك ئىشى ئەلىنىڭ ئادىل كۆزىدە كۆرۈلۈپ يۈرىكىدە ساقلانسىلا بولدى، شۇنداقمۇ كېرەم ئەپەندى؟كىچىكىمدىن تارتىپ قوللىماسلىق ئىچدە چوڭ بولغاچقا قابىلىيەت يىتلدۈرسەملا قوللاشقا ئىرىشىمەن، قابىلىيەت بىلەن ھوقۇق بىرلەشسە ياخشى ئۈنۈم يارتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەپسۇس، قابىلىيتىم بولسىمۇ ئۆزگىلەرنىڭ ئازغىنە مەنپەئەتى ئالدىدا ئۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمىدى، سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا خۇددى بىر ناخشىدا « تالانت باشقا گەپتۇر، ۋىجدان باشقا »دەپ ئىيتقىنىدەك مەنپەئەت بىلەن قابىلىيەت ئىككى ئىش ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىر يولدا مىڭىشى تەس ئوخشايدۇ !
     تاپقان پۇلىنىڭ قىممىتى ئىشلىتىشتە،ئىنسانلارنىڭ قىممىتى ئىنتىلىشتە ، كارخانچىلارنىڭ پۇلغا بولغان ئىنتىلىشى ھەقىقىي يوسۇندىكى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئارقىلىق تىخىمۇ قىممتىنى تاپىدۇ.مۇۋاپپەقىيەت قازانغان كارخانچىلار ئاخىرى ساخاۋەتچىلەرگە ئايلىنىدۇ،بۇنى سىزنىڭ ۋە ئەتىراپىڭىزدىكى كارخانچى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەمەلىيتىدىن كۆرىۋاتىمەن. كۆپىنچىمىزنىڭ يىلتىزى قەشقەردە ،خوتەندە .بۇ جايدىكى قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بولۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇرجى ۋە مەسئۇلىيتى ! بىز 7-8-ئايلاردا سەييارە ھالدا قەشقەر،خوتەنلەرگە بىرىپ شۇ جايلاردىكى يىتىم بالىلار،ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيتى ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنى ئاز تولا ئىلھاملاندۇرۇپ تەقدىرى ئۈسىتىدە يىڭىچە ئويغىنىشقا يىتەكلەيلى دىگەن ئىدۇق، ئەپسۇس بۇنىڭغا بىزدە كىتاب سەل كەم بولىۋاتىدۇ.كېرەم ئەپەندى، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،شۇنچىلىك كۆپ تاللانغان كىتابلىرىم بولسا قېرىنداشلىرىمغا تارقىتىپ ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى قىسقا مۇدەەت ئىچىدە ئۆزگەرتسەم دەيمەن،ئەمما بۇ ئۇنداق تېز ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.شۇنداق بولسىمۇ پەقەت بەل قويىۋەتمەي تىرىشىۋاتىمەن.خەلىقىمىزنىڭ ئاڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئىنكاسى تىز، مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسكەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن ! ئەمما ئىشىنىپ ئولتۇرىۋەرسەك بولماس،ھەممىمىزنىڭ ئاز-تولا تىرىشىشىغا توغرا كىلىدۇ ! مەن خەلىقىم ئۈچۈن، كىتاب ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كۆپ مۈشكۈللەرگە يولۇقتۇم،يىقىندا يەنە «كىتاب مەشرىپى»گە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم.شۇڭا سىزدىن كۈتىدىغىنىم ئۆزىڭىزگە ۋە ئەتىراپىڭىزدىكلەرگە يىتىم بالىلار كىتاب فوندىمىزنى قوللاپ قويۇشقا چاقىرىق قىلىسىڭىز...
      كېرەم ئەپەندى بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز كۆپ ياخشى، ھەرھالدا بىر-بىرىمىزنى ئۆز-ئارا قوللايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كىلىۋاتىدۇ،مىھرىبان ئانا،ئەل ئابىدە،بىلىپ قاتارلىق ساخاۋەت ئاپىراتلىرى قۇرلۇپ خەيىرى-ساخاۋەت ئىشلىرى تارىختىكى ياخشى ۋەزىيەتكە يۈز تۇتتى،ئەتىراپىمىزدا خەيرى-ساخاۋات ئەلچىسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز مەيدانغا كىلىپ خەيىرى-ئىھسان جەمىئىيەتنىڭ ئاساسى مىلودىيەسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.يىقىندا «شىرىن چۈش» پىروگىراممىسى قويۇلۇپ ئۇيغۇر مىللى كارخانچىلارنى يىڭىباشتىن تونۇدى. سەبىئيلەر شىركىتىنىڭ لىدىرى كەسكىنلىك بىلەن 2000يۈەنلىك كىتاب سوۋغا قىلدى،ئابىدە،بۇغدا  قاتارلىق شىركەتلەر يىتىم بالىلار كىتاب فوندىمىزغا بەس- بەستە كىتاب ئىئانە قىلدى (بۇ يەردە فوندىمىز ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمىتمنى بىلدۈرىمەن!)
     كېرەم ئاكا ،بەلكىم بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بەزى قېرنىداشلىرىم« قىزىم ساڭا ئىيتاي كىلىنىم سەن ئاڭلا» دەپ كىرەم ئاتۇشقا گەپ قىلغانلىق بولۇپ ئۆزىنى ماختاپتۇ دىيشى مۈمكىن، مىنىڭ ئەسلا بۇنداق نىيتىم يوق!پىقىرنىڭ «قىزىم ساڭا ئىيتاي كىلىنىم سەن ئاڭلا»دىگىنىدەك سىزگە ئىيتىش ئارقىلىق ئەتىراپىڭىزدىكى كارخانچىلارنى قوزغۇتۇش، ئەلىنىڭ ئىشى ئۈچۈن قاراپ تۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىش مەخسىتىم بار،بۇ چاقىرىقنى(كىتاب ھەققىدىكى) سىزگە ئوخشاش ساخاۋەتنى قەلبىگە پۈككەن ئۇيغۇرنىڭ باشقا كارخانىچىللىرىغىمۇ قىلىنغان چاقىرىق بولۇپ قالسۇن دىدىم.بىز تۇنۇشمايمىز، قەلبىمىز،پائالىيتىمىز تونىشىدۇ،قەلبىنىڭ كۆرۈنمەس يىپ ئارقىلىق باغلىنىشى قېرىنداش ئۈچۈن بەكمۇ يۈكسەك ئىش!چۈنكى قېرىنداش قېرىنداشنىڭ قاياشى!سىزنىڭ،مىنىڭ،ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىز بەكمۇ ئىغىر دەپ ئويلايمەن،2015-يىل كىتاب،بىلىم ئارقىلىق ساخاۋەت قىلدىغان بىر يىل بولۇپ قالغۇسى!قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئالدىم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ، ئامان بولۇڭ !
تۈۋەندىكى شىئىرنى ئايالىم ئىككىمىز سىزگە سوۋغا قىلدۇق:

بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
...............................................
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
بىز ۋەتەننىڭ يىڭىدىن ئىچىلغان گۈلى.

مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىگە يۈز كىلەلىگۈدەك ياشاشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ياشاۋاتقان قېرىندىشىڭىز -
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
2015-يىل نەۋرۇز ئىيىنىڭ 7-كۈنى
13899198079،18709082755
ئاخىرىدا بۇنى ئوقۇغان قىرىنداشلىرىمدىن ئۆتىنىدىغىنىم : ئايرىم،ئاز ساندىكى ئەھۋالغا ئېسىلىۋىلىپ كارخانچىلارنى چۈشۈرىدىغان،مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇلارنى تەنقىتلەيدىغان، چىشلەپ تارتىدىغان ئىنكاسلارنى قەتئىي يازمىساڭلار،چۈنكى مىللىي كارخانچىلىرىمىز سىز ،بىزگە ئوخشاشلا قوللاشقا مۇھتاج،ئۇلار ھەم زىيالىلارغا ئوخشاش كىچيۇ-كۈندۈز بىز ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ.(يىقىندىن بۇيان تاراتقۇلاردا كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز)يازمامنى كېرەم ئاتۇش ۋە باشقا كارخانچىلارغا يەتكۈزۈپ قويساڭلار.
يەنئەن يولى جىگدىلىك مەسچىد ئالدىدىكى كوچىغا جايلاشقان  ھونبەگ كىتابخانسىغا كىتاب يىغىش نوقتىسى تەسىس قىلىدۇق، ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلىرىمىز كىتاب فوندىمىزغا شۇ ئورۇن ئارقىلىق كىتاب ئىئانە قىلساڭلار بولىدۇ. ماقالەمنى بارلىق سالونلار مەنبەنى ئەسكەرتىپ چەكلىمىسىز تارقاتساڭلار بولىدۇ .

0

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34391
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 65
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يازمىڭىزدىن تەسىرلەندىم،مېنى ئ‍ويلاندۇرۇپ قويغۇنىڭىزغا رەھمەت!ھارماڭ…!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسالامۇ ئەليكۇم ئارتۇچ ئەپەندى...........سىزنىڭ قىلغان ئش ئىزلىرڭىدىن بەك سۆيندۇق .....ئاللاھ ئىشلىرڭىغا ئۇتۇق ئاتاقىلسۇ......

1

تېما

4

دوست

7791

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1989
توردىكى ۋاقتى: 618
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر-- ئارتۇچ ئەپەندىدەك ئەركەكلەرگە مۆھتاج.
ھازىر ئەركەكلىرىمىز ئۈچۈن مىلتىق ئېلىپ،ئات چاپتۇرۇپ جەڭ قىلىدىغان پەيت ئەمەس.
ئىقتىساد جېڭى،ئىلىم-مەرىپەت جېڭى،ئىجاد-تۆھپە يارىتىشتا ئۈستۈنلۈك تالىشىش جېڭى قىلىدىغان پەيت!
ئىقتىساد گۈللەنسە،مائارىپ يۈكسىلىدۇ.كىتاپقا بولغان ئېھتىياج كۈچىيىدۇ.بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغىنى--كۈچلۈك ئىقتىساد + مائارىپ +كىتاپ= يۇقۇرى ساپا!

----كىتابخۇمار----

7

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1345
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3694
توردىكى ۋاقتى: 709
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بارىكاللا…

0

تېما

0

دوست

859

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىم؟

قايسى كۈنى تىلۋىزوردا،يەنى شىرىن چۈش پىراگىراممىسىدا سىزنى كۆردۈم،ھەم سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىز ئاستىدا 2015-يىلى بىزلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇش جۈمىلىدىن كىتاپ يىلىمىز قىلىپ بەلگىلىنىپتۇ.بۇ تەشەببۇسىڭىزدىن تۇلۇمۇ خوش بولدۇم،،،ھەم ئۆزۈممە بەلگىلىك مەنپەئەتكە ئىرىشتىم،يەنى مۇشۇ مۇنبەردە بىر قېرىندىشىمىز كىتاپ ئوقۇش يىلىنى تەبرىكلەپ ماڭا بىر كىتاپ سوۋغا قىلدى،ھەم 2015-يىلى يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر ئالغان كىتاپلىرىم 6پارچە بولدى،ھازىر ئوقۇۋاتىمەن.
كىتاپ باھاسى قىممەتلىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر،يەنى بالىلار كىتاپ ئوقۇشتا يەنىلا قىينلىۋاتىدۇ.بولسا كارخانىچىللىرىمىز قاراپ تۇرماي بۇ ئەھمىيەتلىك تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

رەھمەت.




5

تېما

0

دوست

5041

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1337
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئارتۇچنىڭ تەۋپىق روھى پۇتۇن مىللەتكە نۇر چاچقاي

0

تېما

0

دوست

4020

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1274
توردىكى ۋاقتى: 469
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئارتۇچ   مۇئەلىم  ،   ئۇللۇغ   ئاللاھ   سىزنىڭ   يولىڭىزنى   ئوچۇق   قىلسۇن   .   ھەمىمىز   سىزنى   قولىمىزدىن   كىلىشچە   قوللايمىز   .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )