قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2957|ئىنكاس: 156
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلاردا ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلايمىز(2)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34601
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۇيغۇرلاردا ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلايمىز

ئورخون


   ئىددىيە جەھەتتىكى ئىسلاھات ناھايىتى مۇھىم، مەيلى سىز مۇسۇلمان مەيدانىدا مۇستەھكەم بولۇڭ ياكى ئۇيغۇر مىللىي مەيداندا مۇستەھكەم بولۇڭ، ھەممىمىزنىڭ نىشانى بىر، يەنى تەرەققىيات ۋە زامانىۋىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. زامانىۋىيلىشش ئۈچۈن بەزى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كىرەك ، مەيلى دىننى ئەقىدە ياكى مىللى ئادەت بولسۇن
    تەرەققىىيات يولىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق تەرەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ياكى تەرەققىيات  بىلەن ماسلاشتۇرۇش كىرەك. يا پۇتلىكاشاڭلارنى تاشلىۋىتىشكە چىدىماي، يا ئۇنى تەرەققىيات بىلەن زىچ بىرلەشتۈرەلمەي ئىسىلىپ قالغان بەزدەك تەرەققىيات يولىدا ئولتۇرۋىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كىرەك. ئۇيغۇرلاردا جامائەت خارەكتىرلىك ئىلىپ بىرىلىدىغان ئىسلاھاتلار كۆپ، دائىرسى كەڭ بولۇپ ئۇنى بىر ئىككى تىما بىلەن تۈگۈتىپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇرۇنقىدەك پەقەتلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا تاشلاپلا يوقاپ كىتىدىغان، شۇئارنى بولىشىغىچە توۋلاپ يوقاپ كىتىدىغان ئەھۋاللارنى يەنە سۆرەپ ماڭساق يەنە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن تۈزۈتۈش تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىرىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويالىشىمىز كىرەك. بۇقىتىم ئۇيغۇرلاردىكى كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدىكى ئىسلات توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن؛
     ئىلگىرى ئىچكىردىكى بىر لىكسىيەدە سۆزلىگۈچىمۇنداق دىگەن ئىدى" جۇڭگولۇقلار دۇنياۋىيلىشىش ئىقىمىغا ماسلىشش ئۈچۈن خەلىقئارالىق كىتابلارنى ئوقۇشى، ئاساسىي ئىقىمدىكىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى ئىگىلىشى، زامانىۋىيلىشىش ئۈچۈن زامانىيۋى كىتابلارنى ئوقۇشى شۇنداقلا ئۈزلىكسىز يىڭىلاپ تۇرىشى كىرەك" .ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى، تەبىئەت قانۇنىيتى ئەزەلدىن ماسلىشالىغانلىرىنى، كۈچلۈكلىرىنى ئۆز قوينىغا ئىلىپ كەلگىنىدەك، تارىخمۇ ماس قەدەمدە تەرەققى قىلالىغانلىرىنى كۈلدۈرۈپ كەلگەن. دۇنياغاماسلىشش ئۈچۈن، دۇنيانى يىتەكلەپ مىڭىۋاتقان مىللەتلەتلەرنىڭ تەپەككۇرىنى بىلىش، دۇنيادىكى "ئويۇنغا"قانداق ماسلىشىش، قانداق ئويناشنى ئۈگۈنۈش كىرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ "چوڭام"لارغا تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلانى ئوقۇش كىرەك. زامانىۋىيلىشش مەلۇم دەۋىرنىڭ مەھسۇلى، 21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى، پات يىقىندا يەنە بىر يىڭى دەۋىرگە قەدەم قويىمىز، لىكىن ئۇيغۇرلار سانائەت دەۋىردىن تارتىپ ھەرقايسى دەۋىرلەربلەن ماسلىشالماي، سۆرەلمە ھالەتتە قەدەم قويۇپ كىلىۋاتىدۇ، بۇندىن كىيىن يەنە بۇنداق سۆرۈلۈپ يۈرسەك بولمايدۇ، شۇڭلاشقا زىيالىيلارغا تەكلىپ دەۋىرنىڭ ئىقىمى بولغان تىل، ئىقتىسادشۇناسلىق،ئۇچۇر، ئىلىكتىرۇ،، سىياسىي-قانۇنغا ئالاقىدار كىتابلارنى كۆرۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى كىرەك. رىقابەتنىڭ كۈچىيشى ۋە تەرەققياتنىڭ ئارقىداقىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش يۆلىنىشلىرىدە ئاز-تولا ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لىكىن دۇنياۋىي ۋە زامانۋىي كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى كەمچىل بولىشى زىيالىيلارنىڭ ئىچتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مىڭ يىدىن بىرى ئەدەبىيات-سەنئەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلدى، تاكى ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىشكىچە بولغان دەۋىرلەرگىچە تەبىئي پەن تەرەققىياتى نۆل ھالەتنى ساقلاپ كىلدى. شىئر-قوشاقلار سەنئەتنىڭ تەرەققياتىدا ئۆزرولىنى ئويناپ كەلدى، ھىكايە-رومان، پوۋىسىتلار خەلقىمىزگە تەسەللى بولۇپ كەلدى، لىكىن ئەھمەد يۈكنەكى دىن كىيىن دىداكتىكىلىك ئەسەرلەر ئاخىرلاشتى، كۈچلۈك تەسىر كۆرسەركىدەك بىرەر ئەسەر يىزىلىپ باقمىدى، كىتابنىڭ تايىنى بولمىغاندىن كىيىن ئەۋلادلاردا قانداقمۇ ئۆزگىرىش بولسۇن؟ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئەھۋالدىمۇ ئۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، كىتاب نىڭ كەمچىللىكى، نوپوزلۇق كىتابلارنىڭ ،زامان بىلەن تەڭ يۆلىنىشلىك كىتابلارنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك بولماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرۇنى بىكىنمە ھالەتتە قالدۇرۇپ كەلدى. غەرپنىڭ كۈتۈپخانىلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدكى كىتابلارغا قاراپ باقساق نىمە ئۈچۈن تەرەققىياتىمىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ ئاستا ۋە گاللىقىنى كۆرۈپ يىتىمىز. پەرق قانداقتۇر غەپلىكلەرنىڭ كۈتۈپخانىلىرىنىڭ كۆپلىكى، ھەيۋاتلىكلىكى ياكى كىتابنى كۆپ ئوقۇغانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ قانداق كىتابلارنى ئوقۇۋاتقانلىقى، بىزنىڭ نىمە كىتابلارنى ئوقۇۋاتقانلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىۋاتىدۇ. ناچار كىتابنى ھەرقانچە كۆپ ئوقۇغاننىڭ ئىھمىيتى بولمايدۇ.غەرپنىڭ كىتابخانىلىرىدا كۆپۈنچە ئىقدىساد، ئۇچۇر ئىلىكتىرۇن، تىل، قانۇن-سىياسىي، باشقۇرۇش، قاتارلىق جەمىيەت تەرەققياتى بىلەن ماس قەدەملىك كىتابلار كۆپرەك ھەم يىڭىلىنىشىمۇ تىز، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ كۈتۈپخانىلىرىغا قارىساق يىرىمىدىن كۆپرەكىنى ھىكايە، رومان، شىئىر، تارىخ، دىننى كىتابلار ئىگىلىگەن. غەرپنىڭ ئوقۇيدىغانلىرى ئاساسلىق تەتقىقات ۋە كۈچلۈك لوگىيكىدىن ئۆتكەن، ئەقلىيلىككە باي، تەھلىىل ۋە تەسەۋۋۇرغا باي كىتابلار بولۇپ ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۇرىغا ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىكىن بىزنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ئادەمنىڭ ھىسيات نىرۋىلىرىنى غىدىقلاپ ھىسسىي تەپەككۇرغا باي قىلىپ قويغان، دىننىي كىتابلار، ئەدەنىي كىتابلار كىشىنىڭ ھىسياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئوقوغۇچى ھوزۇر ئالىدۇ، لىكىن ئىچكىرلەپ تەپەككۇرۇ قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، مەزمۇنلىرى پەقەت ھىسسىي بىلىش جەريانىدىلا توختاپ قالىدۇ. تارخ كىتابلار مەلۇم تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ لىكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىختىن دەتالاش قىلىشى تۈپتىن ئورۇنسىز ئىشلاردۇر. دۇنيا ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىىلىدۇ، ئادەمنىڭ تەپەككۇرىمۇ بۈگۈنگە ۋە كەلگۈسىگە مەركەزلىشىشى كىرەك، تالىشش زۆرۆر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن تالىشش كىرەك، ئۆتمۈشى ئۈچۈن ئەمەس. تارىخنى ھەممىمىز ئۈگۈنۈپ شام قىلىۋەتسەكمۇ ، تالىشىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىنى 100مىڭ يىلغا ئاپىرۋالساقمۇ، ئىينىشتىيىننى ئۇيغۇر قىلىۋالساقمۇ بۈگۈنكى ھالىمىز ئۈچۈن 5 موچەنلىك پايدىسى تەگمەيدۇ شۇڭلاشقا تارىخنى تارىخشۇناسلىرىمىزغا قالدۇرايلى، تارىخي كىتابلاردىن مەلۇم ساۋاتقا ئىگە بولساق، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلساق بولدى ، تارىخىمىزدىن پەخىرلىنىپ ئۆزىمىزنى قويدىغانغا يەرتاپالماي، كەلسە كەلمەس ماختاپ ئۇچىرى ۋەرمەيلى. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ، ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلايلى، ئىتراپ قىلىش قانداقتۇر خجىل بولغۇدەك ئىش ئەمەس، ئەڭ نۇمۇس ئىش ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتكۈدەك ئىرادىسى بولماسلىق.
     بىزدە پەيلاسوپلار بولمىسا،داڭلىق قانۇنشۇناسلار، مۇتەپەككۇرلار، سىياسىيونلار، ئىقدىسادشۇناسلار بولمىسا كارايىتى چاغلىق ھىچ مۇناسىۋىتى يوق، لىكىن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ بۇنداقلار چىقمىسا ئۇنداقتا بۇ بىز ئەجداتلارنىڭ نۇمۇسى  ھىسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ سەئۇدىي ئەرەبىستاندا بىزدىنمۇ ناچار ھالەتتە ياشىغان بىرمىللەت بولغان، بۇ دەل ھەممىمىز بىلىدىغان، ئەرەپلەردۇر، ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۆزىدىنمۇ نەچچە ئون ھەسسە تەرەققى قىلغان ئەڭ مەدەنىيەتلىك بولغان پارىسلارنى بوي سۇندۇرغان ۋە ئۇزۇن مۇددەت كونتىرول قىلىپ تۇرغان . نىمە ئۈچۈن؟ ئۈمەييە سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئەرەپلەر تەرجىمەخانا ئىچىپ سۈرىيە-يۇنان، پارىس، ھىندىستان،جۇڭگو قاتارلىق ئىلغار ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى، مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن مەشخۇل بولغان، بۇكىيىنكى ئەرەپلەرنىڭ بۇ كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى بەرپاقىلىشقا مۇستەھكەم ئۇل بولغان.  شۇنىڭدەك ، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ يۇقارقى داڭلىق ئەربابلىرىمىزنىڭ بولماسلىقى ئۇھ سىنىدىغان ئىش ئەمەس، لىكىن شۇلارنىڭ ئەجدادى بولالماسلىقىمىز بىزنىڭ ئەڭ ئىچىنىدىغان ئىشىمىزدۇر. خۇشاللىنارلىقى بىزدە تىل ئۈگەنگەنلەر كۆپ ، بىزلەرمۇ ھەم دۇنيادىكى ئەڭ سەرخىل كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش  بىلەن شۇغۇللانساق ، كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئاساس سىلىپ بەرسەك تامامەن بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ  بىزتامامەن قىلىپ كىتەلەيدىغان ئىشلار، غەرىپنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، نۇرغۇن ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇل، ئەنە شۇنداق كىتابلارنىڭ كۆپلەپ ئۇيغۇر جەمىيتىدە تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىددىيە، باشقۇرۇش، ئائىلە، تەربىيە ۋە جەمىيەت ئەھۋاللىرىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ ئۆزلىگىدىن ئىدىيە ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتى، تەپەككۇر ئىنقىلابلرىرى كۆتۈرلۈپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنى تىنىچ ئىسلاھات دەۋرىگە قەدەم قويىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىدىيە ئادەمنى كونتىرول قىلىدۇ، ئىدىيەنىڭ مەنبەسى تەربىيە ۋە كىتاب ئوقۇشتىن كىلىدۇ، قانداق كىتاب ئوقۇسا شۇنداق ئىدىيە شەكىللىنىدۇ، كىتاب قانچىكى ئىلغار بولسا ئىددىيەمۇ شۇنچىكى ئۆتكۈرلىشىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلاردىكى يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدىكى ئىسلاھات دۇر. مەن بۇ توغۇرسىدا بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىۋىمنى ئىيتىپ ئۆتەي.

   1.كىتاب تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش. مەخسۇس تەرجىمىخانىلار قۇرۇلسا تىېخى ياخشى ، ئەگەر شارائىت يار بەرمىسە، بىرقانچە ئادەم بىرگۇرۇپ ياكى بىر پىدائىيلار گۇرپى بولۇپ مەلۇم دۇنياۋىي ياكى ئەھمىيەتلىك كىتابنى بىرقانچەيلەن بۆلۈپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا بەكلا ماس كىلىدۇ، بىرتەرەپتىن تىل ئۈگۈنىشكە پايدىلىق يەنە بىرتەرەپتىن ئىقدىسادىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ، خىزمەتتىكى كىشىلەرمۇ ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدا كۈندە بىرۋاراق ياكى يىرىم ۋاراق تەرجىمە قىلىپ ماڭسىمۇ بىر ئىككى يىلدا بىر كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى دا ھىچقانداق گەپ كەتمەيدۇ.

   2.ئوقۇش يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتەيلى. ھىكايا ، رومان، شىئىر، قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇشتىن ئىقدىسادشۇناسلىق، پۇل مۇئامىلە، ئلىكتىرون، قانۇن-سىياسىي قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇشقا يۈزلىنەيلى، ئىھتىياج ئىشلەپچىقىرشنى بەلگىلەيدۇ، ئقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى يۆتكىلىشى يازغۇچىلارنىڭ كىتاب يىزىش يۆلىنىشنى بەلگىلەيدۇ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماسلىق بىلەن ئەمەس، چەتنىڭ تەرجىمە كىتابلىرىنى ئوقۇش بىلەن يازغۇچىلىرىمىزغا بىسىم قىلايلى، ھىكايە،رومەن قاتارلىقىق كىتابلارنى بالىلىرىمىزنىڭ كىچىكىچىك چىغىدا ئۇخلاشتىن ئاۋالقى ئوقۇشلۇقى دەپ قارايلى تاكى زامانىۋى كىتابلار ئۇيغۇر جەمىيتىدە مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە بولغانغا قەدەر.

   3.كىتاب ئوقۇش تۈرلىرىنى كۆپخىللاشتۇرايلى. نوقۇل ھالدىكى دىنىي كىتاب ئوقۇش ياكى نوقۇل ھالدىكى پەننىي كىتاب ئوقۇشتەك بىرتەرەپلىمە قاراشلىرىمىزنى تاشلايلى، ئىماملىرىمىز، قارىملىرىمىزمۇ جەمىيەت ،قانۇن، پەلسەپە، پىسخكا قاتارلىق پەننىي كىتابلارنىمۇ ئوقۇسۇن.

   4.توردا ۋاقىت ئىسراپ قىلمايلى. توردىكى ماقالە ئوقۇش بىلەن ئەمەلىي كىتاب ئوقۇش ئوخشاشمىغان ئىككى ئۇقۇم، توردا بىرمۇنچە ماقالىنى كۆرۈش ھەرگىزمۇ بىرپارچە كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققانغا يەتمەيدۇ. شۇڭا تور ئارلاپلا يۈرىيدىغان، توردىلا ماقالە ئوقۇپلا يۈرىيدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتەيلى. .

   5.كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتەيلى. كىتابنى بىر پەرچە بىر پارچىدىن ئوقۇماي، سۆزمۇسۆز. جۈملىمۇ جۈملە ئوقۇيلى. ئاپتورنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئەمەس،  بەزىدە ئۆززىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگىزەيلى.  "نىمە ئۈچۈن" ،"نىمىشقا" دىگەن سۇئالنى سوراپ تۇرۇپ ئوقۇيلى،ئۆز مۇھاكىمىلىرىمىز، نۇقتىنەزەرلىرىمىزنى دادىللىق بىلەن يىزىپ چىقايلى، ئاپتورنىڭ كۆزقاراشلىرىغا رەددىيە بىرىپ تۇرۇپ ئوقيلى.

   6.نوپوزدىن مەزمۇنغا كۆچەيلى. كىتابنى كىم يىزىپتۇ؟ قەيەرلىككەن دىگەندىن نىمە دەپتۇ ؟ ئورۇنلۇقمىكەن؟ دەپ سورايلى، يازغۇچى مەيلى قانداق يزسا يازسۇن پەقەت مەزمۇن ئۈستىدىلا توختۇلۇپ ئادەمگە كەلسە كەلمەس باھا بىرىپ يۈرمەيلى.

   7. تارىخى رومان ئوقۇشتىن تارىخى مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆچەيلى. تارىخى رومان يالغۇز يازغۇچىنىڭلا پىكىرى سۆزلىنىدىغان بولۇپ ئوقۇرمەنگە تاللاش پۇرسىتى قالدۇرمايدۇ. تارىخى مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەردە تەتقىقات خارەكتىرلىك مەزمۇنلار سۆزلىنىدىغا بولۇپ ئىككى ئۈچ خىل مەزمۇنلار ئۈستىدە توختۇلۇپ ئوقۇرمەنگە تاللاش پۇرسىتى بىرىدۇ. تارىخ ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلمايلى، زىھنىمىزنى بۈگۈنگە كەلگۈسىگە سەرپ قىلايلى.

زىمىستاننى باھار دىگۈم يوق!

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30867
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇلۇغ  ئاللاھ›› جاننى ئۆزۈڭ بەردىڭ يەنىلائۆزۈڭگە ئامانەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1242

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33619
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەخسۇس كىتاب تەرجىمە قىلىپ جان باقماقچى بولسام ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟

0

تېما

0

دوست

677

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك orhon ئەپەندىم .مەن سىزنىڭ ئۇشبۇ تېمىڭىزنىڭ 1-ۋە 2-بۆلىكىنى تولۇق ئۇقۇپ چىقتىم شۇنداقلا تېمىڭىزدىن ، ئۇزۇندىن بېرى مىنىڭ كاللامدا پەيدا بولۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم . ماقالىڭىزدە  بەك ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپسىز بىراق ، سىز ماقالىڭىزدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى قانچىلىك ؟
    مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى ، ئۇشبۇ ماقالىڭىنى چالا-پۇچۇق ئوقۇپلا سىزگە تىل سالىدىغاندىن قانچىسى چىقىدۇ تېخى . قىسقىسى بىزنىڭ خەلقىمىز بۈگۈنكى كۈنىگە شۈكرى قىلىپ ئۆتۈشكە رازىكى ، ئىلغار ئىدىيىلەرنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ئوخشايدۇ .

0

تېما

0

دوست

677

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SARSAN_8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 19:52  
بارى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 19:13
ئۇلۇغ  ئاللاھ›› جاننى ئۆزۈڭ بەردىڭ يەنىلائۆزۈڭگە ئاما ...

      ئاللاھ ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن .

0

تېما

0

دوست

486

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31871
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە «بوزتاغ ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتى» بار، ھەرقايسى تىللاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

677

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Algol1991 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 19:37
مەخسۇس كىتاب تەرجىمە قىلىپ جان باقماقچى بولسام ئەمەلى ...

      كىتاپ تەرجىمە قىلىشقا قۇربىڭىز يەتسە ، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز نىمىشقا بولمايدىكەن ؟ بىزدە تەرجىمانلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغاندىن زادى قانچىسى باردۇر ؟ كىتاپ تەرجىمە قىلىش ياكى بىر ئەيىپ ئىش بولمىسا ؟

0

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34467
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز خېلى ئويلاندۇرغىدەك ياخشى تېمىكەن.  مەنچىمۇ غەرىبنىڭ ئىلغار ئىدىيەدىكى ئىلمىي كىتابلىرىنى ئوقۇپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق. ئادەتتە مەنمۇ ئوقۇپ تۇرىمەن شۇ خىلدىكى كىتابلارنى.  ناھايىتتى ياخشى تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز.
بۇ تېمىڭىزنىڭ 3-قىسىمىمۇ بارمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )