- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 70819
- نادىر
- 7
- يازما
- 3176
ئۆسۈش
0%
|
1. قومۇل ئالتۇنلۇق ھېيىتكاھ مەسچىت يىراق يېققىنغا مەشھور بولۇپ ئۇستى پۇتۇنلەي يېپىلغان ئىچىگە ۋە ھويلىسغا نەچچە تۇمەن نامازخانا ناماز ئۆتىيەلەيدۇ .مانا موشۇنداق كاتتا مەسچىتىمىزنىڭ مۇستەھەپخانىسى يوق بولۇشى ئادەمنىڭ ئويغا سالىدۇ .ھەممىگە مەلۇم قومۇل ئالتۇنلۇق ھېيىتكاھ قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئالتۇنلىقى بىلەن قۇشۇلۇپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى .شۇنداق كاتتا مەسچىتىمىز بولغان بىلەن ئۇنىڭ مۇستەھەپخانىسى يوق . قومۇل ھازىرغىچە تەڭدىن تولا ھاللاردا ئىسلامدىن خەۋەرسىز بولغان ساياھاتچىلەرنى كۆپرەك كۇتىۋالدى .بىراق قومۇلنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭلىىشى بىلەن قومۇلغا كىلدىغان مۇسۇلمان ساياھەتچىلەر بۇنىڭدىن كىيىن مەلۇم سالماقنى ئىگەللىشى مۇمكىن ، تۇركىيە ،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرەپ دۆلەتلىرى دىگەندەك دۆلىتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى دۆلەتلەردىن قومۇلغا ساياھەتچى كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ .
قومۇلدىكى يەرلىك نامازخانلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە يەنە دۆلەت سىرىتىدىكى مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ قومۇل ئالتۇنلۇق ھېيتكاھقا يۇز كىشلىك بىر زامانىۋى مۇستەھەپخانا قۇرۇپ چىقىلسا .
2. قومۇل شەھەر ئىچى جۇمە مەسچىت ، بۇمەسچىت بۇنىڭدىن 4، 5 يۇز يىللار ئىلگىرى بىر ئايسە ئاپپاق ئىسىملىك ساخاۋەتچى ئانىمىز تەرپىدىن ئەھيا قىلىنغان . ئەلۋەتتە قەدىمدە ئەھيا قىلىنغان مەسچىتلەرنىڭ چوقۇمكى تاھارەت ئالدىغان بىر كۆل چېپىلغان بۇلۇدۇ . ئەمما يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ كۆللەر يوقالغان ، قۇرىغان ، نۆۋەتتە بىر ئالچۇقتەك بىر كىچىك تاھارەت ئېلىش ئورنى بولۇپ ، شەھەر ئىچى جۇمە مەسچىتنىڭ نامازخانلىرىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن تولىمۇ يىراقتا . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قومۇلدىكى تەرەققىيپەرۋەر ساخاۋەتچى بايلىرىمىز ئاللىقاچان زامانۋىى مۇستەھەپخانا قۇرۇشقا كىتەرلىك مەبلەغىنى فى سەبىلىللا چىقىرىپ بولغان ، ئەمما نىمە ئۇچۇنكىن مۇشۇ چاغقىچە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى .
شەھەر ئىچى جۇمە مەسچىت نامازخانلىرنىڭ ئىھتياجىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ مەسچىتكىمۇ بىر زامانىۋى مۇستەھەپخانا قۇرۇلۇپ پات ئارىدا جانغا ئەسقاتسا دەپ ئويلۇدۇق ، يەنە بىرسىگە بۇ مەسچىتنىڭ ئەتىراپىدا ئاھالە زىچى ماشىنا توختۇتۇش ئورنى يوق بولۇپ ،ماشىنا توختۇتۇش ئورنىمۇ بىر كۇنتەرتىپكە قويۇلۇپ باققان بولسا .
3.قومۇل تۆت كوچا ھەسەن بالا ھاجى مەسچىتى . بۇ مەسچتىنىڭ ئۇلىنى قۇرغۇچى ساخاۋەتچى باي ھەسەن بالا ھاجى . بۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى ھۆكۆمەت تەرپىدىن قايتىدىن قۇرۇلۇپ نامازخانلارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا تاپشۇرۇلدى ، ئەمما بۇ مەسچىتنىڭ مۇستەھەپخانىسى تازا كۆڭۇلدىكىدەك ئەمەس ، شەھەر نىڭ مەركىزىدە بولۇش سۇپۇتى بىلەن بۇ مەسچىتكە كىرىدىغان مۇسۇلمانلار جامائەتى مۇقىم جامائەتتىن باشقا پۇتۇن قومۇلنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىن ھەتتا باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن مىھمانلار ھەم بۇ مەسچىتكە كىرىدۇ ، ئەلۋەتتە ئەر مۇسۇلمانلار ۋە ئايال مۇسۇلمانلار جامائەتىمىز بار، ئەپسۇس بۇ مەسچىتنىڭ مۇستەھەپخانىسى بەك ئاۋەرە .
بولسا تۆت كوچا مەسچتىنىڭ مۇستەھەپخانىسى ياخشى لاھىلەپ زامانىۋى ھالەتتكى گۈزەل بىر مۇستەھەپخانا قىلىپ قورۇلغان بولسا ، ھەمدە ئەرلەرنىڭ ئايرىم ئاياللارنىڭ ئايرىم ئۇچراشمىغان ھالەتلەردە لاھىلەنسە .
ئۇنىڭدىن باشقا قومۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئايال جامائەتلىرىمىزنىڭمۇ ئۆز پەرىز ئەمەللىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۇچۇن ئايرىم كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر ئۆينىڭ ئاجىرتىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز .
ئەلۋەتتە مەسچىت ئىشلىرىغا كۆڭۇل بۆلگەن قومۇل شەھەرلىك پارتىيە ۋە ھۆكۆمەتتىن ئىنتايىن مەمنۇنمىز ، مەسچىتكە قىرائەتخانىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ناھايتى خۇرسەن بولدۇق ،بولسا قومۇل شەھەرلىك پارتىيە ۋە ھۆكۆمەت موشۇ قومۇلدىكى ئۇچ چوڭ مەسچىتتىكى نامازخان جامائەتنىڭ مۇستەھەپخانا قىيىنچىلىقىنى ۋاقىتنى سوزماي ، تىزدىن ھەل قىلىپ بىرىشىنى سورايمىز .
ئەمىليەتتە قەدىم ئايەمدىن باشلاپ ھەر قانداق بىر مەسچىتنىڭ ئەلبەتتە تاھارەت ئالدىغان كۆل مۇستەھەپخانىلىرى كەم بولغان ئەمەس . |
-
-
|