داد خوشنام ! ( ئورداكەنت ) شۇ تاپتا ( ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت22:00 ) ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بۇ قوشنام يەر قاڭدايدىغان كۆتەك بىلەن ئۆيىنى قاڭداۋاتامدۇ ، ياكى ئۆيىنىڭ بىرەر تېمىنى تېشىۋاتامدىغاندۇ ، ۋە ياكى ئېغىزى ئېچىلمىغان ئۇن خالتىسىنى ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئويناۋاتامدىغاندۇ ؟ ھېچ بىلمىدىم . بىزنىڭ ئۆي ۋە دەرىزىلەر ئۈسىتىدىكى گۈپ - گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تىترەپ جىغىلداۋاتىدۇ . ھەي... ھازىر سائەت قانچەبولغىنىنى بىلمەمدىكىنا ! بۇنداق ئىشلارنى بىر كۈندۈزگە توغرىلاپ قىلىۋالسا ،خوشنىلارغا تەسىر كۆرسەتمىسە نىمە بولا دەيمەندە ! بۇنداق دىسەم ، _خوشنىدارچىلىقتا بۇنداق ئىشلار دىگەن بوپ تۇرىدۇ ، توغرا چۈشەنسە نىمە بولىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مومكىن . ھەي...قايسى بىرىنى ئېيتاي ! ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بۇ خوشنامنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى كېچە - كۈندۈزدىمەي ئوينايدىغان قوغلاشماق ئويۇنى ئۇلار ئىلگىرى كىيىن بوپ ئالىي مەكتەپكەماڭغاندا ئاران تۈگىدى . ئەمما بۇلارنىڭ يېرىم كېچە سائەت 23:30 لەردە توك ھەرىسى بىلەن شال سۇپا ھەرىدەيدىغان، كۆك سوقىدىغان ( بىدە كۆكى ) ، تام ئۆرۈيدىغان ،ياكى تېشىدىغان ، ئىشكاپ يۆتكەيدىغان ( سۆرەپ ) ياكى مىخلايدىغان ، تۇرۇبائوڭلايدىغان ياكى تۇرۇبىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ ئاستىنقى قەۋەتكە سۇ قويۇپ بېرىدىغان...... كېچىسى قىلىدىغان ھېساپسىز ئىشلىرى مانا ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق . ئاستىنقى قەۋەتتىكى دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى خوشنىلىرىمنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى كىلىدىغان بىر ئۈچ - تۆت ئەتىۋارلىق نەۋرىلىرى بار . بۇ بالىلارنىڭ كەلگىنىنى بىز ئۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى پومداقلىشىپ ، يۈگىرىشىپ ، ۋاقىرىشىپ - جاقىرىشىپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىدىن بىلىمىز . ئۇلارنىڭ بۇ ئويۇنى تۆت قەۋەتلىك بۇ بىنانىڭ بىز تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ھەممە قەۋىتىنى جىغىلدىتىۋىتەلەيدۇ . ئۇلار شۇنچە قىلىشىپ ئالەمنى بېشىغا كىيىۋاتسىمۇ ھېلىقى چوڭ دادا چوڭ ئانىلىرىنىڭ ، ياكى ئۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىر ئېغىز __ ھاي ! __ دىگىنىنى ئاڭلاپ قالمايمىز . تاكى ئۇلارئۆزلىرى ھېرىپ - توختىغاندىلا ئاندىن ئارام تاپىمىز . بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش نىيىتىم ئەسلا يوق . ئەمما ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى ۋە سورۇنى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟! بىرىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان خوشنىمىزنىڭ يولدىشى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتكەنىدى ، ئۇ ئايال ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھېلىقى بالالارنىڭ دەردىدە يا تۈزۈك ئارام ئالالماي ، يا ئۇ خوشنىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلالماي ، يا ئۇلار خوشنىلىرىمغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ يېتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ھېلىقى تۇل ئاچىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ تورۇسىغا بېزىگەن گەج سۇۋاقلىرىنىڭ ھېلىقى گۈلدۈر - گالاپ تۈپەيلى ئاللىبۇرۇن يېرىلىپ تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ،بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز ، ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى توغرىسىدا مۇنداق قۇرلارنى قايسى بىر ژورنالدىن كۆرگەنىدىم . « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى شۇ قەدەر كىچىك پېئىل ، كەمتەر ، ئاقكۆڭۈل ئىدىكى ، ھەتتا ئۇستىخانلىق گۆشنى پارچىلىماقچى بولسا پالتا ئىشلەتسەم خوشنامغا تەسىر قىلىدۇ دەپ ، گۆشنى ھەرەبىلەن ھەرىدەپ پارچىلايتتى » . يائاللا ! نىمىدىگەن ئېسىل ،نىمىدىگەن گۈزەل ئەخلاق بۇ ! بىز قاچان ، زادى قاچاندا مۇشۇنداق ئويلىيالايدىغان كىشىلەردىن بولامىز ؟! ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغىنىم ، ھەر - بىر ئىشىمىزدا بالىلىرىمىزغا ئۆرنەك بولساق ،ئۇلارنى ئۇنداق ئەخلاقلىق ، مۇنداق بىلىملىك ئادەم قىلىپ تەربىيىلەيمەن ! دىيىشتىن ئاۋال شۇ تەلەپلەرگە ئۆزىمىز ئۇيغۇنلاشساق ، پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى ،نەپسانىيەتچى كىشىلەردىن بولماي ، بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر ئىشنىڭ كىلىپ چىقىش ئەھۋالىنى ئويلاپ قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى ، دەپ ئويلىدىم. قېرىنداشلارنىڭ سۆزلىرىمنى توغرا چۈشىنىپ ، ئەتراپىڭلاردا مىنىڭ خوشنىلىرىمدەك خوشنىلار بولۇپ قالسا مۇنۇ تورمەنزىلىنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . بەلكىم مۇشۇ تىما سەۋەبلىك ئۇلار خوشنىلىرىغا ئازار بېرىشتىن توختاپ قالا... ئۇف... ھېلىقى قورقۇنۇشلۇق ئاۋازلار ھە نىمە بولسا توختىدى . 2015.3.9
|