مايۇن ئۆز ئارزۇسى بويىچە جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى بولغان سودا ئىنىستىتۇنى قۇرۇپ چىقتى
2013-يىلى، ئالى بابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن،شىركەتنىڭ (CEO باش ئىجرايىئەت لىدىر)لىق ۋەزىپىسىدىن چۇشكەن ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى 2 يىل ئىچىدە،جوڭگودىكى يېڭى بىر ئەۋلات كارخانچىلارنى تەربىيلەشنى مەخسەت قىلغان، جۇڭگو ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان سودا ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مايۇن ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆتكەن ئىككى يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، 2015 -يىلى 1-ئاينىڭ 26- كۈنى مەكتەپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ، مەكتەپ مۇدىريەت يىغىنىنى ئاچتى. مەكتەپ ئىسمى خۇپەن ئۇنۋېرسىتى (湖畔大学)، بولۇپ، بۇ مەكتەپ ئىسمى يېڭى بىرئەۋلات خەلقارا دەرىجىلىك كارخانچىلارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىپ قۇيۇلغان ،چۇنكى، مەكتەپ ئورنى 1999-يىلى ئالى بابا شىركىتىنىڭ قۇرۇلغان ھەم 2003-يىلى تاۋباۋ تورىنىڭ شەكىلەنگەن ئورنى، خاڭجۇ خۇپەن گۇللۇك ئولتۇارق رايونىغا جايلاشقان.
بۇ قېتىمقى تاللاش، دۆلەت ئىچى ھەر قايسى ساھەلەردىكى، ئەڭ داڭلىق كارخانچىلاردىن تاللاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇمۇمىي تاللاشقا قاتناشقان كىشىلەر 150 نەپەر ، بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت 30 نەپەر كىشى تاللىنىپ، تۇنجى قارالىق ئوقۇش 2015 -3 ئايدا باشللاندى.
تالىنىش شەرتى: چوقۇم شىركەت قۇرۇش تارىخى 3 يىلدىن ئارتۇق بولۇشى، شىركەتنىڭ 30 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولۇشى لازىم. بۇ مەكتەپتە ئوقۇش مۇددىتى 2 يىل بولۇپ، ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم 4-5 كۈنگىچە دەرىس ئۆتىدۇ. دەرىس ئۆتكۈچىلەر مۇشۇ مەكتەپنىڭ تۆۋەندىكى 8 نەپەر قۇرغۇچىسى. ئوقۇش پۇلى 280,000يۇۋەن.
بۇ مەكتەپ ھەرگىزمۇ پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى، دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇركۇم يېڭىدىن يىتىلىۋاتقان كارخانچىلارنى، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىگىرلىگەن ھالدا يىتەكلەش ۋە تەربىيلەش، ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئاساس سېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، پۇتكۈل جۇڭگو تەۋەسىدە توغرا بولغان ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيىسىنى قانات يايدۇرۇش ئاساس قىلىنغان.
دەرىسلىكلەر ئاساسلىقى، سودا -ئىقتىساد ، ۋە كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەڭ ئەمەلىي بىلىملەر سۆزلىنىدۇ.تۆۋەندىكىلىرى بولسا،8 نەپەر مەكتەپ مۇدىرىيە ئەزالىرى ۋە مۇشۇ مەكتەپنى مايۇن بىلەن تەڭ قۇرغانلار:
تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدۇرىيەت يىغىنى: مايۇن تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ باشلىقى مۇدىرى بولدى.
1. مايۇن(马云) ئالى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغىچىسى 阿里巴巴集团董事局主席兼首席执行官
2. فىڭ لۇن(冯仑) ۋەنتۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرىيەت لىدىرى 万通集团董事局主席
3. گوگۋاڭ چاڭ (郭广昌) فۇشىڭ گۇرۇھىنىڭ لىدىرى 复星集团董事长
4. شى يۇجۇ (史玉柱) ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇرىن ئېىتىرنەت شىركىتىنىڭ لىدىرى .2013-يىلى 4-ئاينىڭ -9-كۇنى شىركەت لىدىرلىق ۋەزىپىسىدىن چۇشكەن. جۇڭگودىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان 50 نەپەر كارخانىچى ئىچىدە 12-ئورۇندا تۇرىدۇ.
5.شېن گۆجۈن (沈国军), جۇڭگو يىن تەي مەبلەغ سېلىش گۇروھىنىڭ لىدىرى، جۇڭگو كارخانچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى 中国银泰集团,
6.چىيەن يىڭ يى (钱颖一) ,چىڭ خۇۋا ئۇنۋېرسىتى، ئىقتىسات باشقۇرۇش ئىنىستىتۇنىڭ باشلىقى، خارۋارد ئۇنۋېرسىتى ئىقتىساد پەنلىرى ەوكتورى،
哈佛大学经济学博士清华大学经济管理学院院长,
7.سەي خۇڭ بىن (蔡洪滨), بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى، گۇۋاڭ خۇۋا باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى باشلىقى، سىتان فورد ئۇنۋېرسىتي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى.
斯坦福大学经济学博士, 北京大学光华管理学院院长
8.شاۋ شىياۋ فېىڭ (邵晓锋), ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ باش بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، مايۇننىڭ ئەڭ قابىل ياردەمچىسى.
ئاخىردا مېنىڭ ئۈمۈدىم بولسا، بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانچىلىرى، مۇشۇ شىنجاڭ رايۇنىدىن چىقماي بىرخىل بىكىىنمە ھالەتتە ھەرخىل تىپتىكى كارخانچى تەربىيلەش كۇرىسلىرىدا يىلىغا نەچچە تۇمەن پۇل تاپشۇرۇپ بىلىم ئالماي بەلكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل مەكتەپلەردىمۇ بىلىم ئالسا، ئەگەر شىركەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى جەھەتتە قابىلىيىتى ئاجىزلىق قىلسا، ئەتىراپىدىكى ھەرجەھەتتىن ، بولۇپمۇ تىل ۋە كەسپىي جەھەتتىن پىشقان ياش قىز- ئوغۇلارغا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، مۇشۇنداق ئېسىل مەكتەپتە ئوقۇتۇپ كېلىپ، ئەنە شۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىگەللىگەن كارخانا باشقۇرۇش، ئىىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئۆز ئورنىدا قوللانسا،ۋە ھەرقانداق بىر ئىلىم بېرىشنى ،نۇقۇل ھالدا نۇتۇق سۆزلەپ پۇل تېپىشنى ياكى ئۆزىنىڭ شەخسىي تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىشلىتشنى مەقسەت قىلماي ،بەلكى،شۇ زىمىندىكى، ئىگىلىك تىكلەشنى ۋە كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا، لېكىن ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار،شۇ پۇل سەۋەپلىك شۇ كارخانا،ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە تەربىيلەيدىغان كۇرۇسلىرنى قىممەت كۆرۇپ قاتنىشالماي سىرتتا گاڭگىراپ يۇرگەن كىشىلەرگە ھەقسىز ئۆگەتسە، ھەم شۇ ئارقىلىق، شۇ پۇل جەھەتتىن قىيلىنىپ بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلارغا بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ،بىرى ئوننى ھەقسىز يىتەكلىسە،تەربىيلىسە، بەلكىم ئۈيغۇر كارخانلىرىنىڭ ۋە ئۆز ئالدىغا ئگىلىك تىكلەش ئۇچۇن ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ ،تەرەققىياتىدا بىز ئويلاپ باقمىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان بولاتتى. ھازىر بىزنىڭ ئۈيغۇركارخانچىلىرىغا ئەڭ كېرىكى ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن يىتىلىپ چىققان ، مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن مەكتەپتە ئوقۇغان بىلىملىك كىشىلەر. ئاخىردا مېنىڭ ئۈمۈدىم بولسا، بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانچىلىرى، مۇشۇ شىنجاڭ رايۇنىدىن چىقماي بىرخىل بىكىىنمە ھالەتتە ھەرخىل تىپتىكى كارخانچى تەربىيلەش كۇرىسلىرىدا يىلىغا نەچچە تۇمەن پۇل تاپشۇرۇپ بىلىم ئالماي بەلكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل مەكتەپلەردىمۇ بىلىم ئالسا، ئەگەر شىركەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى جەھەتتە قابىلىيىتى ئاجىزلىق قىلسا، ئەتىراپىدىكى ھەرجەھەتتىن ، بولۇپمۇ تىل ۋە كەسپىي جەھەتتىن پىشقان ياش قىز- ئوغۇلارغا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، مۇشۇنداق ئېسىل مەكتەپتە ئوقۇتۇپ كېلىپ، ئەنە شۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىگەللىگەن كارخانا باشقۇرۇش، ئىىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئۆز ئورنىدا قوللانسا،ۋە ھەرقانداق بىر ئىلىم بېرىشنى ،نۇقۇل ھالدا نۇتۇق سۆزلەپ پۇل تېپىشنى ياكى ئۆزىنىڭ شەخسىي تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىشلىتشنى مەقسەت قىلماي ،بەلكى،شۇ زىمىندىكى، ئىگىلىك تىكلەشنى ۋە كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا، لېكىن ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار،شۇ پۇل سەۋەپلىك شۇ كارخانا،ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتەتەربىيلەيدىغان كۇرۇسلىرنى قىممەت كۆرۇپ قاتنىشالماي سىرتتا گاڭگىراپ يۇرگەن كىشىلەرگە ھەقسىز ئۆگەتسە، ھەم شۇ ئارقىلىق، شۇ پۇل جەھەتتىن قىيلىنىپ بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلارغا بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ،بىرى ئوننى ھەقسىز يىتەكلىسە،تەربىيلىسە، بەلكىم ئۈيغۇر كارخانلىرىنىڭ ۋە ئۆز ئالدىغا ئگىلىك تىكلەش ئۇچۇن ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ ،تەرەققىياتىدا بىز ئويلاپ باقمىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان بولاتتى. ھازىر بىزنىڭ ئۈيغۇركارخانچىلىرىغا ئەڭ كېرىكى ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن يىتىلىپ چىققان ، مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن مەكتەپتە ئوقۇغان بىلىملىك كىشىلەر. چۈنكى، بۇنداق مەكتەپتە، بىز ئون يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ،مۇشۇ يۇرتىكى كۇرۇسلاردا ۋە ھەرقايسى كارخانچىلار ئۆزلىرى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇزۇن بىرمەزگىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆگىنىدىغان بىلىمنى ، قىسقىغىنە 2-3يىل ئىچىدە ،ئەڭ ئۈنۇملۇك ئۇسۇلدا ئېرىشكىلى ئىمكانىيەت يارىتىلىتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركەتلەردىكى تەرەققىيات سۈرىتىمۇ، بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولغان، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بىر تەرەققىياتيۆلىنىشى شەكىللىنەتى، ھەم مۇشۇ جەرياندا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە توغرا قارار چىقىرالايدىغان، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىچىدىكى كارخانچىلاردىن ئۆگىنىپ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى توغرا، ئۇنۇملۇك يولدا ئېلىپ ماڭالىغان بوللاتتۇق.
بولسا، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تورداشلارنىڭ، ئەتىراپىدىكى ئۆزلىرى بىلىدىغان كارخانچىلارغا، مۇشۇنداقبىر مەكتەپنىڭ بارلىقىنى، ئەسكەرتىپ قويۇشىنى،ھەم ئۇلارنىڭ، مۇشۇندا بىر ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى، ھىچ بولمىغاندا، ئۆزلىرىنىڭئەتىراپىدىكى كىشىلەرگە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۈمىد قىلمەن.
|