جالالىدىن بەھرامنىڭ ماڭا ياقمىغان بىر ئەسىرى
رومانچىلىق جەمىئىتىمىزدە خېلى ئەۋج ئېلىپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ خەلقنىڭ رومانغا بولغان ئۇسسۇزلىقى يەنىلا قانمايۋاتقاندەك ، چىقىۋاتقان رومانلارنىڭ كۆپىنچىسى دىگەن جايغا بارمايۋاتقاندەك بىلىندى ، خەلقىمىز ئۆز تارىخىغا بەكلا قىزىققاچ تارىخى رومانلار تۆردە ئورۇن ئالدى ، ۋىژدانلىق سانىلدىغان يازغۇچىلاردىن چىنلىقى يوقۇرى بولغان رومانلار روياپقا چىقتى ۋە خەلقنى سۆيۈندۈردى ، بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان قىسمەن يازغۇچىلار تارىختىكى ئازراق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشۋېلىپلا شۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى يۈكلەپ ، خەلقنىڭ تارىخى رومانغا بولغان قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاشتەك ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم تەمسىز رومانلار روياپقا چىقىپ ، شۇنىڭ بىلەنرومانچىلىقتىن ئىبارەت بۇ سۈزۈك بۇلاقنى خۇددى ئۇستاز ،يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى دىگەندەك ئىت بېلىقلىرى لېيىتىشقا باشلىدى ، تارىخى رومانلىرىمىزدىن پۈتۈن خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان رومانلارنى مەن دىمىسەممۇ كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايدىڭ "ئىز" ، "ئۇيغانغان زىمىن"، " ئانا يۇرت" ، " باھادىرنامە" ، " جاللات خېنىم " " ئاقسۇدا 1945-يىل " ...... قاتارلىق بىر قاتار رومانلار رومانلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ بىزنى تارىخ بىلەن چەكلىك رەۋىشتە تونۇشتۇردى ، بۇ كىتابلاردىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھلىقى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئازاتلىقلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق ، شىنىجاڭ تېنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى كىشىلەر تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان بىرەر رومان ۋۇجۇدقا چىقماي ، چىقسىمۇ ئازراقلا ئىپادىلەش ئارقىلىق چەكىلىنىپ قېلىپ بىر ئۈزۈكچىلىك شەكىللىنەي دىگەندە، ئۇستاز ، يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ " لېيىغان بۇلاق " ناملىق رومانى بارلىققا كېلىپ خەلقنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى ، شۇ چاغلارنى بېششىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ھەر قانداق كىشى ، شەخسەن مەن ئاشۇ چاغلارغا بەكلا قىزىقاتتۇق ، مەن ئاتا - ئانامنىڭ ئاغزىدىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى توغۇرلۇق ئانچە - مۇنچە ئاڭلىغان ، شۇ چاغلاردا ، كىشىلەرنىڭ بوينىغا چىلەكلەرنى ئېسىپ قويۇشى ، تاختايلارنى ئېسىپ قويۇشى ۋە ئۇزۇن ئۇچلۇق نەرسىلەرنى باش كىيىم قىلىپ كەيگۈزۈپ قويۇشى كىچىكلىكىمدىنمۇ ئىشقىلىپ ماڭا قىزىق تۇيۇلغان ، كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق ئىشىنى قويۇپ قويۇپ بېيجىڭغا ماۋجۇشىنى كۆرگىلى مېڭىشى ھەيرانلىقىمنى كەلتۈرگەن ئىدى .مەن ئۇ چاغلار توغۇرلۇق تولۇق ئىپادىلەنگەن بىرەر يازمىنىڭ روياپقا چىقىشىنى ۋە شۇ چاغلارنى ئەينى ھالەتتە بىلىۋېلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلغان ئىدىم ، ئاخىرى بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى " لېيىغان بۇلاق " رومانى ئارقىلىق ئاشۇ دەۋرنى خۇددى ئۆز بېششىمدىن ئۆتكەزگەندەك ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك ھىسىياتقا كەلدىم . بەلكىم ھەممىمىز شۇنداق ھىسىياتقا كەلگەندىمىز .
شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئۇستاز ، يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىرنى قالدۇرماي سۆيۈپ ئوقۇيدىغان بولدۇم ، ھەر بىر ئەسىرى ھەر خىل جەھەتتە بىلىم بىرىپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى قاچان چىقار دەپ تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم . ئىسىل رومانلىرى ئارقا - ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان "ئامەت ۋە ئابەت "،" كۆمۈرچى بالا" ، " ناتىۋانلار" ، " تەكلىماكان ئوغلى"،"كونا قاپقان"،"قىسمەت"،" مېھرىگىياھ "، " قاچقۇن" ، "دانۇر تاغا " ،"ئامەت ئىچىدىكى ئاپەت"........قاتارلىق رومان ، پوۋست ۋە ھىكايىلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمغا ئايلاندى ، بىر كۈنى بىر دوستۇم ماڭا تىلفون قىلىپ يازغۇچىنىڭ " ئەقىللىق قىز" ناملىق رومانىنىڭ چىققانلىقىنى ئېيتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال قولۇمدىكى ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ كىتابخانىغا قاراپ چاپتىم ۋە ئوشبۇ كىتابنى قولۇمغا چۈشەرگەندىن كېيىن ئۇھ ! دىدىم دە - ئۆيگە قايتىپ كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم ئوقۇغانسېرى بۇ كىتاب مېنى بۇرۇنقى كىتابلارغا ئوخشاش ئىچىگە تارتالمايۋاتاتتى ، كىتابتا بىر مەكتەبنىڭ مەلۇم يىللىقىدىكى قىزلار مۇئەللىمىنىڭ ھەمرەھلىقىدا يازلىق كانىكولغا ، تاغقا چىقىدۇ ، ئۇلار شۇ جايدا كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا شۇ جايدىكى كۆپنى كۆرگەن بىر بۇۋايغا ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ ، مۇئەللىم قىزلارغا تەربىيە بولسۇن ئۈچۈن ، بۇۋايغا ئازراق بىر نەرسە سۆزلەپ بىرىشنى ئۆتۈنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇۋاي قىزلارنىڭ ئۆز نام ئابىرويىنى ، ئىپپەت نومۇسىنى قانداق ساقلاش توغۇرلۇق تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك بىر چۆچەكنى سۆزلەشكە باشلايدۇ ، بۇ چۆچەك ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىچىدىكى بىر چۆچەك ئىدى ، چۆچەك قىرىق نەچچىنجى بەتتىن باشلاپ سۆزلىنىشكە باشلايدۇ ، مەن بۇ چۆچەكنى كىچىكىمدە نەچچە كىتابتىن ئوقۇغان بولغاچقا ماڭا يات تۇيۇلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن چۆچەكنى ئانا تۈگەيدۇ ، مانا تۈگەيدۇ بىلەن كىتابنىمۇ تۈگۈتۈپ قويدۇم ، دىمەكچى بولغىنىم پۈتۈن بىر كىتاب ئالدىدىكى نەچچە بەتنى ھىسابقا ئالمىغاندا چۆچەك بىلەن باشلىنىم چۆچەك بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى . ھەيران قالدىم ، يازغۇچىمىزنىڭ يازىدىغان تېمىسى تۈگەپ قالدىمۇ يا ئىلھامدىن ئايرىلىپ قالدىمۇ .
مەنمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش يازغۇچىمىزنىڭ يازمىلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇرمەن، دىمەكچىمەنكى بىز يازغۇچىمىزدىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن" قالپاققا چۈشلۇق قىرغىز "بولسا دىمەكچىمەن .
قىسمەن تورداشلارنىڭ يازغۇچىمىزنى قوغداش يولىدا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ يامان تىللارنى ئىشلىتىۋېلىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ھەر قانداق مۇنازىرە ئىلمى بولغانغا يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە . |