قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3028|ئىنكاس: 47
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇي...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

208

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 521
تۆھپە : 3902
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 15:37:10 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 15:36  

ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى

تاشپولات روزى

Pexriye2.jpg

مەن بۇلتۇر ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە «ئامېرىكىدىكى 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغان قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى» ناملىق بىر تېما يازغانىدىم. بۇ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش روھىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن تەشۋىق قىلىنغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، تىرىشچان سىڭلىم پەخرىيە ئەشرەپنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. پەخرىيە ئۈندىدارىمغا: «تاشپولات ئاكا، مەن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، مانا ئەمدى ئامېرىكىدىكى خارۋارد (Harvard) ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى،  بېرىكلىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Berkeley)، لوس ئانجېلېسدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Los Angeles) قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي  مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەن خۇشخەۋەرنى قالدۇرغانىدى. پەخرىيەنىڭ قازانغان بۇ نەتىجىسىدىن خەۋەر تېپىپلا دىلىم ئالەمچە سۆيۈندى، قەلبىم ئىپتىخارانە ھاياجانغا تولدى. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە پەخرىيە كەبى بىرلا ۋاقىتتا دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشەلىگەن يەنە بىرەيلەن چىقىپ باقمىغان. «ئاتىسى ئاتالمىغان قۇڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ تۇڭگۇزنى» دېگەن شۇدە. پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە يىراق تەكلىماكان گىرۋەكلىرىنى بويلاپ كارۋان تارتىپ دۇنيانى كەزگەن ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىيىغا ۋارسلىق قىلىپ، باشقىلار قىلالىغاننىمۇ قىلالىدى، باشقىلار قىلالمىغاننىمۇ قىلالىدى. ئۇ بىزگە «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى يىلى پەخرىيە ئەشرەپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر(150) غا ئېرىشىپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى، شۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن «ئۇيغۇرلار تۇغما ئەقىللىق مىللەت، تىرىشسىلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دەپ ماختىغانلار كۆپ بولغانىدى. بەلكىم «بىر ئادەم بىر مىللەت» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. پەخرىيە شۇ چاغدا بىزنىڭ كىرلىشىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ قالغان ماتېماتىكىدىكى بەترەڭ يۈزىمىزنى پاكىز يۇيىۋەتكەنىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلىرىم ئارىسىدىن نەچچە يۈزلىگەن پەخرىيەلەر چىقىپ، مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بولسا، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساقلا ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ، دىلىمىز يايرىغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم.

Pexriye3.jpg

ئەجىبا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ياپونلار ۋە يەھۇدىلار قىلالىغاننى قىلالماسمۇ؟ مېنىڭچە، چوقۇم قىلالايدۇ. ياراتقان ئىگىسى تولۇق ئەقلىي قۇۋۋەت بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان ئۇيغۇرلار پەقەت تاشنى تالقان قىلغۇدەك جاسارىتى بىلەن پەن ئىگىلەشكە قارىتىدىغانلار بولسا، يېقىن زامان ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ. شەرت شۇكى، ئۇيغۇرلار مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئائىلە مائارىپىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «دۇنيادا ئادەمدىن ئۆتە رەزىل مەخلۇق يوق، چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ھايۋان ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، پەقەت ئادەملەرلا ھەرخىل باھانىلار بىلەن ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ۋە تەربىيەلىشىگە تاشلاپ بېرىدۇ» مانا بۇ گەپتىنلا بالا تەربىيەسىنى تالادىن كۈتۈشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، دېمەك بالا تەربىيەرىمىز تالاغا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.

ئەلقىسسە، مەن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرى پەخرىيە سىڭلىمدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالغانىدىم. ئۇ خېتىدە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ۋە پىكىر بېرىشىمنى سورىغانىدى. مەن دەررۇ پەخرىيەگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ھەمدە ياش نېرۋا ئىلمى ئالىمىمىز ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە پىكىر بېرىشى بىلەن ماتېرىياللارنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ پەخرىيە سىڭلىمغا ئەۋەتىپ بەردىم. مەن بۇ يەردە ئەلقەم ئۇكامغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

Pexriye1.jpg

پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە 2011 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر (150) ئالغانىدى. ماتېماتىكىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جۇڭگودەك بىر دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بۇ خىل تولۇق نومۇرغا ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئېرىشەلىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشسىلا ھەممە ئىشتا ئەڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كەمىنمۇ ماتېماتىكىچى بولغاچقا، پەخرىيەنىڭ شۇ چاغدىكى نەتىجىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك پەخرىلەنگەنىدىم. پەخرىيە شۇ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدى. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قاتتىق تىرىشىپ، ئۇدا تۆت يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولدى. بۇ قېتىممۇ چەتئەللىكلەردىن ئالىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھانىدىن 113 نومۇر (بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 120) ئالدى. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىمتىھانىسىدىن 330 ( بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 340) ئالدى. پەخرىيەنىڭ تولۇق نومۇرغا ئازلا پەرق بىلەن يېقىنلىشى مېنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇردى، چۈنكى بۇ خىل نەتىجىگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن ئىمتىھان بەرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى.

پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىسى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدىكى پەم – پاراسەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئەنداز ئېلىپ، ئۆز كەسپى ساھەلىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، پەخرىيە سىڭلىمنىڭمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى غەلبىلىك تاماملاش بىلەن بىللە، ئۆز كەسپىدە دۇنيانى زىل-زىلگە سالغۇدەك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

2015 – يىلى 10 – مارت ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:04:35 |ئايرىم كۆرۈش
يارايدۇ ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34210
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:07:17 |ئايرىم كۆرۈش
يىغلىۋەتتىمغۇ  ئ‍اخىرى … مىنىڭمۇ ئ‍وقۇغۇچىلىرىم  بۇ يىل ئ‍الى مەكتەپكە ئ‍ىمتىھان بىرىدۇ ، لىكىن نەتىجىسى ئ‍انچە ياخشى ئ‍ەمەس .   ئ‍وقوتۇش ۋە بالامنى تەربىلەشتە تېخمۇ تىرىشىمەن !

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4945
توردىكى ۋاقتى: 1422
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:22:15 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 17:03  

راستىنلا ئىسمى جىسمىغا لايىق قىز ئىكەن. مەن بۈگۈن بۇقىزنىڭ خەۋرىنى ئاڭلاپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ئىدىم . دىققەت قىلغانلار ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەخرىيە روھىدىن بىر قىتىم سىلىكىنىش ھاسىل قىلىپ، بالىلارنى تەرببيەلەش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.تاشپۇلات ئۇستازغا چىن دىلىمىدى تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.

19

تېما

18

دوست

4250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1370
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:27:11 |ئايرىم كۆرۈش
   تاشپولات ئاكامنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرتىپ، پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن بىزنى خەۋەرلەنگەنلەندۈرگەنلىكىدىن دىلىم تولىمۇ سۆيۈندى.

  بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئارقا - ئارقىدىن پەخرىيەلەر چىقىپ، بىزنى سۆيۈندۈرگىسى. بىز پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ پەخىرلىنىشنى ياستۇق قىلىپ يېتىۋالماسلىقىمىز، بەلكى ھەيدەكچى قىلىپ تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك.

  پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ خارۋارتقا يۇقىرى نومۇر بىلەن قوبۇل قىلىنىشى، مېنى يىگىتلىرىمىز ھەققىدىمۇ ئىزتىراپلىق خىياللار قوينىغا غەرق قىلدى. يىگىتلەرگە : «ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ تىرىشىڭلار، سىلەردىنمۇ پەخىرجانلار چىقسۇن!» دېگۈم كەلدى. قارايدىغان بولساق، دىيارىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىز، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇۋاتقانلار ئارىسىدا قىزلارنىڭ سانى ئوغۇللاردىن زور دەرىجىدە كۆپ بولۇۋاتىدۇ. مىسالەن، مەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرىمەن، مەن ھەر قېتىم كۇتۇپخانىغا كىرسەم، بۇ كۇتۇپخانىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزلار بولۇپ چىقىدۇ. شۇنداق چاغلاردا «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كۇتۇپخانىلارغا كىرمىگەنلىك، ئالىي مەكتەپنىڭ يېرىمىدا ئوقۇمىغانلىققۇ، قېنى بۇ ئوغۇل ئىستۇدېنتلار» دەپ ھەريان قارايمەن ، ئەسلىدە ئوغۇللار ھاجەتخانىلاردا، تورخانىلاردا، دىبالاردا، كوچىلاردا ئىكەنغۇ، ئەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاجەتخانىدا قىستىلىشىپ، سەت تۈكۈرۈپ تاماكا چېكىشىۋېتىپتۇ، يەنە بەزىلىرى قىزلارغا ئېتىشقا پو ئويلاۋېتىپتۇ، ساختا ئازاب قوينىدا، مىسكىن ئىڭراپ ھاراق - شاراب بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ ياكى ياتاقتا خورەكلەپ ئۇخلاۋېتىپتۇ.

   ئوغۇل ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى ساق - سالامەت پۈتكۈزۈپ، تولۇق كۇرس دېپلومىنى ئېلىشىمۇ تەسكە توختىماقتا،  قىز ئىستۇدېنتلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئوغۇللارغا ئەكسىنچە ئاسپىرانلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىۋاتقىدۇ، چەتئەللەرگە يۇقىرىلاپ ئوقۇشقا چىقىۋاتىدۇ، بۇمۇ مېنىڭچە يىگىتلەر ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشىلىك مەسلىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

   پەخرىيە سىڭلىم، سىز بىزگە ئىپتىخار ئاتا قىلىپلا قالماستىن، يىگىتلەرگە سەگىتكۈ ئاتا قىلدىڭىز، رەھمەت سىزگە....


0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34668
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:32:24 |ئايرىم كۆرۈش
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 16:27
تاشپولات ئاكامنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرتىپ، پەخىر ...

يارايسىز سىڭلىم.پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى سىزدىن چەكسىز پەخىرلىندۇ.

0

تېما

0

دوست

446

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25716
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:42:23 |ئايرىم كۆرۈش
يارايسىز !ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ،سىزدىن چەكسىز پەخىرلەندىم،يەنىمۇ يېڭى ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن.

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2311
توردىكى ۋاقتى: 633
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:45:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپېرىن !ئۇيغۇردىن يۇزلەپ-مىڭلاپ پەخىرىيەلەر چىققاي!!!.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )