قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 1

گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوي پىكىرىنى ھۆرمەت قىلايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

1067

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 232
تۆھپە : 170
توردىكى ۋاقتى: 109
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوي پىكىرىنى ھۆرمەت قىلايلى

   ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ نىشانى، قىممىتى، ئەھمىيتى ئاساسەن سىنىپ ئىچىدىكى دەرىس ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ ھەمدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا دەرىس ئىسلاھاتى- مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە.
  ئوقۇغۇچى سىنىپ ئىچىدىكى  دەرىس ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەيدۇ. ئەنئەنىۋى مائارىپتا بىلىم بېرىشكە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كىتىدۇ. ھەممە نەرسىنى تولۇق ئىگىلىتىپ كىتىمەن، ئوقۇغۇچىنى مۇكەممەل بىلىم ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرىمەن دەيدىغان يۈزەكى قاراشتا بولىدۇ. مائارىپ ئىسلاھاتى ئەنە شۇ قاراشنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاسۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى دادىل ۋە مۇستەقىل ھالدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتايىن باپ كىلىدۇ.
   گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى-ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقىي قابىلىيەت ، ماھارەت ھەمدە ئىجادچانلىق روھىنى يېتىشتۈرىدىغان ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە دەرستۇر. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبيىكتىپ دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچە تەسىراتلىرىنى ئوبراز، شەكىل، سىزىق، رەڭلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش، ئىجاد قىلىش قابىلىيىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئۇنى ئىستىتىك گۈزەللىك يارىتىدىغان ۋە ھوزۇرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. نۇرغۇن مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى، ئالىملار، سەنئەتكارلار بالىلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدە، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى، ئۇلارنىڭ يۇمران ئىجادىي تەپەككۇرىغا ئىلھام بېرىشنى تەكىتلەيدۇ.
    شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردا چوقۇم دادىل تەسەۋۋۇر قىلىش، ئۇنى دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش، قەلەم تەۋرىتىپ ھەرخىل شەكىل يارىتىش ئارقىلىق ئۆز تەسەۋۋۇرىنى ئىپادىلەش، ئۆزى چۈشەنگەن، ئۆزى يىغىشقا مۇمكىن بولغان ماتېرىياللارنى توپلاش، ئۇلارنى ئۆز تەپەككۇرى بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ خۇلاسە چىقىرالايدىغان، ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى باشقىلار بىلەن ئەركىن ھالدا ئالماشتۇرالايدىغان ئىقتىدارلارنى ئاز-ئازدىن يىتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش كېرەك.
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىي پىكىر ، شەكىللىرىگە نىسبەتەن ئالاھىدە قاراپ ئوقۇغۇچىنى مەسخىرە قىلماي، بەلكى ئۇنىڭغا دادىل ھالدا ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىش لازىم. ئەمەلىيەتتە، مۇنداق «غەيرى خىيال»غا ئامراق، دادىل ھالدا ئەنئەنىلەرنى بۇزۇپ، دادىل تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بالىلار ئىجادىي قابىلىيەتكە باي ھەمدە تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بالىلاردۇر. ئوقۇتقۇچى ئۇلارنى ئەنە شۇنداق غەلىتە ئوي-خىياللارغا رىغبەتلەندۈرگەندە ئوقۇغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىلمۇ-خىل ئوي-پىكىرلەردە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاددىي تەسەۋۋۇرلىرىدىن تېخىمۇ كەڭرى ۋە ئۈنۈملۈك تەسەۋۋۇرلارنى قىلىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى « تەسەۋۋۇر كۈچى بىلىمدىنمۇ مۇھىم. بىلىم ھامان چەكلىك بولىدۇ. ئەمما تەسەۋۋۇر كۈچى چەكسىز بولۇپ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا تەرەققىياتنى ئالغا سۈرىدۇ ھەمدە بىلىمنىڭ مەنبەسىنى كېڭەيتىدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ »-ئېينىشتىيىن.
     بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا ئىلھام بەرمەسلىك ھەتتا ئۇنى بوغۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ سۇبيېكتىنى يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك – ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشتەك يولىنى ئېتىۋەتكەنگە ئوخشاش. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بولۇپمۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇشىمىز، بۇ خاسىيەتلىك ئۇچقۇننى ئۇلغايتىپ ئۇنى يالقۇنغا ئايلاندۇرۇشىمىز، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىڭ ئەسلىدە ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم.
     تەسەۋۋۇر-ئىككىلەنمەيدىغان دادىللىقنى، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەنە شۇ دادىللىق بولغاندىلا تەشەۋۋۇرنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ھەيۋەت ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. دادىللىق ۋە چوڭ يۈرەكلىك ياش ئەۋلادلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى، غايىلىرى، يېڭى-يېڭى كۆز قاراشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئاساس بولىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مىڭ بىر كېچە»، «خاررى پوتتېر»دىكى فانتازىيىلەردىنمۇ سىىرلىق ۋە قىزىقارلىق تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
    ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ھارماي-تالماي، ئىككىلەنمەي ئوقۇغۇچىلارنى دادىل تەسەۋۋۇر قىلىشقا يېتەكلىشىمىز، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى، ھەرخىل كۆز قاراش، پىكىرلىرى چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ ھەرگىز مەسخىرە قىلماسلىقىمىز، ئۇلارنى ئاددىي ھالدا «ئالاجوقا» دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى، ھەقىقىي پىداگوگ ھەرقاچان، ھەرجايدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى «ماتور» نى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىدۇ. چۈنكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تەبىئىتىدىن قارىغاندا ئۇلار سىرلىق چۆچەكلەرگە، تۈرلۈك نەرسە، ھايۋانات، گۈل-گىياھلارنىڭ ئادەملىشىش شەكلى بىلەن قىلىشىۋاتقان سۆھبەت ۋە مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەرگە قىزىقىدۇ. ئۇلاردىن مەنىۋى زوق ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇرمۇشنى، كەڭ تەبىئەتنى، تۈرلۈك ئاجايىپ سېھىرلىك نەرسىلەرنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بولۇپمۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى دادىل تەسەۋۋۇر قىلىشقا يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى، سۆز-ھەرىكەت ۋە قەلەم تۇتۇشلىرى ئاددىي، چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز مەسخىرە قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئىجادىيەت ھەتتا بەزى مۆجىزىلەر ئەنە شۇنداق « ئالاجوقا » لىقتىن خۇددى ئۇچقۇنلاردەك چاچراپ چىقىدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى كەشپىياتلار، ئىجادىيەتلەر، ئىختىرالارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى ئەنە شۇنداق بولغان.
    ئىلىم-پەن ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتقان زامانىمىزدا ئىلىم-پەندە، تۇرمۇشتا بارلىق نەرسە ھەر سائەت، ھەر مىنۇت يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا دادىللىق، جۈرئەت، ئالغا بېسىش روھى، مول تەسەۋۋۇر كۈچى قاتارلىق ئامىللاردىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردىكى ھەرخىل « غەيرى » خىياللارنى، « غەيرى » پىكىرلەرنى سالماقلىق بىلەن ياخشى تەرەپكە باشلاشقا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، يىتىشتۈرىشىمىز ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلاردا سەۋرچانلىق، دەرھال تېخىمۇ ئىجابىي يولغا باشلايدىغان تۈرلۈك ئۇسۇل-چارىلەر ئۇرغۇپ تۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساددا « غەيرىي » تەسەۋۋۇرلىرىغا مەدەت بېرىدىغان ياكى ئۇنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىغان، يۇمۇرىستىك پىكىر-تەلەپلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش، دادىللىق بىلەن قورقماي ئويلىنىشى، ئويلىغانلىرىنى ھەرقانداق سورۇندا دادىللىق بىلەن دەپ بېرەلەيدىغان، ھەرخىل تەسەۋۋۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقالايدىغان، شەيئىلەرنى سېلىشتۇرالايدىغان، ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلىيالايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل سۇئاللارنى سوراشقا يېتەكلەش، سۇئال سورىمىغان ئوقۇغۇچى تىرىشمىغان ئوقۇغۇچى دېگەن يېتەكچى پىرىنسىپنى ئاساس قىلىش، ئۇلاردا دادىل ئويلايدىغان، دادىل پىكىر قىلىدىغان يەنى ئويلاشقا، ئىشلەشكە، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئەۋلادلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
    ھازىرقى دەۋر مۇۋاپىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلارنىڭ ئوي پىكىرىنى بېيىتىشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ساددا-گۈزەل پىكىرىنى ، ئارزۇ –ئارمانلىرىنى يوققا چىقارماسلىقىمىز ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل دادىل پىكىر قىلىدىغان ئىستىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قوزغىشىمىز كېرەك.

قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى
بىلال مۇھەممەتتۇرسۇن   
    2013-يىلى 1-ئاي

9

تېما

7

دوست

957

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19918
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئىسىل چىقىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قىرىندىشىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )