قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2487|ئىنكاس: 48
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۈلەيمۇ يا يىغلايمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34676
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
كۈلەيمۇ يا يىغلايمۇ؟

   مەن ئاقسۇ ۋىلايەت ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاچتاغ يېزىسىدىكى (ئالى مەلۇماتلىق) ئاددى بىر دېھقان. بۇ يەردە دىمەكچى بولغانلىرىم دېھقانلارنىڭ ئىگىسى قاچان پەيدا بۇلىدۇ؟ قانۇن قاچان جەنۇبى شىنجاڭدا يەرلىك ھاكىمىيەتنى باشقۇرىدۇ؟ دىگەنلەردىن ئىبارەت.
    مەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى يول ئېلىش ياكى شەھەرنىڭ بىرەر مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە يولۇققىنىدا شۇ كىشىنى رازى قىلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئاندىن تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسە قۇرلۇشلىرىنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. لىكىن بۇ ئىشلار جەنۇبى شىنجاڭدا ئۆمۈرۈم ئۆتكۈچە كەلمىگىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
    مانا بۈگۈن بۇ ئىشلار مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى. كەنتىمىزدە يېڭى يېزا قۇرلۇشى بويىچە تۈزەش، رەتلەش ئېلىپ بارىمىز دەپ ھەممە ئائىلىلەرنىڭ مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز بارلىق دەل-دەرەخلىرىنى كىسىپ(يېزا بويىچە دېھقانلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق) قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى، نۇ نۆۋەت ماڭىمۇ كەلدى ئەلۋەتتە. لىكىن مىنىڭ ئەقلىمدىن ئۆتمىگىنى ئورمان بەلبىغى(林带)دىكى ئورمانلىرىمنى ئېلىۋېتىپ يېڭىدىن ئورمان بەلبىغى ھاسىل قىلىپ قايتا ئورمان تىكىدىغانلىقى زادىلا ئەقلىمگە سىغمىدى.
    يېڭى يېزا قۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، لىكىن بۇ ياخشى ئىش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلسا ئاندىن ياخشى ئىش بۇلاتتى، لىكىن خەلق ئاممىسىنى زور تالاپەتكە ئۇچقىتىپ، ئېغىر زىيانلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا كىشىلەر قانچىلىك خوش بۇلۇپ كىتەر؟ مانا مۇشۇ باھانىدا ئۆتكەن يىلى تۈپىنى 500يۈەندىن بەرمىگەن نەچچە مىڭ تۈپلىگەن ياغاچلار 200يۈەندىن ياغاچ سودىگەرلىرىگە سېتىلىپ، ياغاچ سودىگەرلىرىنى باي قىلدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ بوش كەلمىدىم ئۆتكەن يىلى تۈپىنى 600يۈەندىن بەرمىگەن 6 تۈپ ياغىچىمنى 1400يۈەنگە سېتىپ زور پايدا بىلەن خۇشاللىققا چۆمدۈم. بۇ ياغاچلىرىمغۇ كىسىمگە يەتكەن زىيان بولسمۇ مەيلى ئىدى، لىكىن ئولتۇراق ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى (ئۆي-مۈلۈك كىنىشكەمدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن،  ماڭا بۇيرۇلغان زىمىندىكى ئورمانلار)ئورمان بەلبىغى(林带)دىكى قالغان 319تۈپ ياغىچىمغا ئىچىم سىيرىلدى. ساتاي دىسەم 100يۈەندىنمۇ خېرىدار چىقمىدى. كەسمەيمەن دەپ قانۇن سۆزلىسەم قانۇنلۇق جاۋاب بىرەلمىگەن يېزا باشلىقى مەن ئۈچۈن چىرايلىق قىلىپ كەنت زومىگىرى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىڭلار دەپ ھۆكۈم قىلىپ قۇيۇپ غىپپىدە تىكىۋەتتى.
     يېزىمىزنىڭ 11- كەنتىدە ئاشۇنداق ئولتۇراق ئۆيىنى ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى تۈرلۈك مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلىرىنى كىسىشكە ئۇنىمىغانلارنى يېزىلىق سىياسى قانۇن ۋە يېزىلىق ساقچىخانا خىزمەتچىلىرى قورال ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ مەجبۇرى كىسىش ۋە چىقىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.
    ئەلۋەتتە مىنىڭمۇ يېڭى يېزا قۇرلۇشىغا قاتنىشىپ يېڭىچە تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولغۇم كىلىدۇ، لىكىن مۇشۇنداق قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان يېڭى يېزىغا پەقەت كىرگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، لىكىن ئامال يوق . ئامال يوق بېشىم كىچىك قالپاق چوڭ كىلىپ قېلىپ نەچچە يىللىق كىسىلىپ كىتىشتىن قورقتۇم نەتىجىدە ئۆزەم بىر تەرەپتىن رەتلىك قىلىپ دەرەخلىرىمنى كىسىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم.
    ئەجىبا جەنۇبى شىنجاڭدا قانۇن دىگەن ئاتالغۇ بار لىكىن رولى پەقەتلا يوقمىدۇ؟ يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ دىگىنى دىگەن بۇلۇپ ئۆتىۋىرەمدىغاندۇ؟ خۇش-خۇش دەپ ئۆتىۋەرسىڭىز ئاغزىڭىزغا سىيىپ قۇيۇشتىن يانمىغىدەك بۇلۇپ كەتتى، قانۇن سۆزلەپ ئۆزىڭىزنى قوغدايمەن دىدىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن تەييارلانغان ، بېشىڭىز كىچىك بولسىمۇ تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتالغان يوغان قالپاقلار تەييار.ھەي .......................

    مەن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى چىقماقچى ئەمەس، لىكىن شۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قانۇن ئارقىلىق ئۆزەمنى قوغدىيالماسلىقىم. قانۇن سۆزلىسەم چىرايلىق قالپاقنىڭ بېشىمغا تەييارلىنىشى بولدى. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە قانۇنغا خىلاپ بولغان قىلمىشلارغا ئۇچىرىسا ئادەمنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كىلىدىكەن.كەڭ قانۇن ئىجىراچىلىرىدىن سورايدىغىنىم مەن قانۇن سۆزلىسەم ئۆزەمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمنى قوغدىيالامدىم ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى توغرىمۇ؟
     مىنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم قانداقتۇر قۇتىراتقۇلۇق قىلىش ئەمەس بەلكى كەڭ قانۇن ئىجىراچىلىرىنىڭ تۈرلۈك قانۇنسىز بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈپ، خەلقنى قاقشىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلار قاتارىدا كۆرۈپ بېقىپ، شۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بولسام قانداق قىلاتتىم دىگەنلەرنى ئويلاپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
     ئاخىرىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە تەكىتلەپ ئۆتەي مىنىڭ بۇ يەردىكى مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم سىزنى قۇتىراتقىنىم ئەمەس بەلكى قانۇن ئارقىلىق ئۆزەمنى قوغدايمەن دەپ چوڭ قالپاقنى كىيىۋالماسلىقىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن .
    كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مىنىڭ بۇ ئەرزىمەس تېمامنى ئوقۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن رەخمەت.
    قانۇن بىلەن ئويناشماڭ، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ!

0

تېما

1

دوست

2024

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىچىم ئاغرىدى سىزگە ، ئامال يوق .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

4

دوست

5189

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1600
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   makit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 23:58  

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر .

0

تېما

0

دوست

1173

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30072
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سەن خەت ھۇقۇق تۇتساڭ قانداق بۇلۇدىكەن كۈرۈپ باق دىمەكچى

0

تېما

0

دوست

1173

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30072
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
dawrim2 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 00:21
سەن خەت ھۇقۇق تۇتساڭ قانداق بۇلۇدىكەن كۈرۈپ باق دىمەكچ ...

سەن خەخ ھۇقۇق تۇتساڭ قانداق بۇلۇدىكەن كۈرۈپ باق دىمەكچى .توغرا بىزگە ھۇقۇق بەرسە ،بىر- بىرىمىزنى يەيمىز  

0

تېما

0

دوست

758

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
       بۇ ئىش توغۇرلۇق قانوندىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولمامدۇ ؟ يەنى ( رادىئو ئارقىلىق ) . ئۇمۇ بولمىسا قاتلاممۇ- قاتلام يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىغان شىكايىتىڭىزنى كۆتۈرەپلام بارسىڭىز بولمامدۇ ؟

0

تېما

0

دوست

758

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    سىزنىڭ ئۇشبۇ بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ ، نۇرغۇن ، نۇرغۇن سۇئاللار كاللامغا كىرۋالدى .شۇنداقلا مېنىڭمۇ جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ناھەق مەسىلىلەرنى ئويلاپ ، ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي كۆزۈم نەملەشتى .

0

تېما

3

دوست

790

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
http://www.360doc.com/content/14/0919/09/9044963_410629301.shtml        بىر   قېرىندىشىم  ماڭغا   يوللاپ   بەرگەن      پىچىقى  خېلى  ئتتىك  دەيدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )