ئالما قول سائىتىدىكى 10:09 دا نېمە ھىيلە بار
ئامېرىكا Business Insider تورىنىڭ 11-مارت خەۋىرى: ئەگەر دائىم قول سائىتى ئېلانلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە، بۇ قول سائىتىدىكى ۋاقىتنىڭ ھەمىشە 10:10 غا توغرىلانغانلىقىنى بايقايسىز.
قول سائىتى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ ئېلاندا دائىم ئىسترېلكىسىنى 10:10 غا تەڭشەپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى بۇ ماركا بەلگىسىنىڭ سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ بەلگە سائەت 12 ئىسترېلكىسىنىڭ ئاستىدا بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىسترېلكىسىنى 10:10 غا تەڭشەش كىشىگە سىممېتىرىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.
لېكىن، Apple Watch نىڭ تەشۋىقات ماتېرىيالىدا ئالما ئوخشىمىغان ۋاقىت 10:09 نى تاللىدى.
بۇ خاتالىق ئەمەس. ئىلگىرى، ئالما شىركىتىمۇ ئېلاندا بىر قىسىم ئالاھىدە ۋاقىتلارنى تاللىغان، مەسىلەن iPhone نىڭ تەشۋىقات ماتېرىيالىدىكى ۋاقىت ھەمىشە 9:41 ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ستېۋ جوبسنىڭ 2007-يىلى تۇنجى قېتىم iPhone ئېلان قىلغاندىكى تەخمىنىي ۋاقىتتۇر.
ئۇنداقتا Apple Watch تا نېمىشقا 10:09 نى تاللايدۇ؟ بۇ ئېھتىمال ئەقلىي قول سائەتتە ئالما شىركىتىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر قەدەم ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
كۆپلىگەن داڭلىق قول سائىتى شىركەتلىرى ئېلاندا كۆرۈنىدىغان ۋاقىتتا ئۆز ياقتۇرىدىغىنى بار. رولېكس قول سائىتى 10:10:31 قا تەڭشەپ قويۇشقا ئامراق؛ Tag Heuer بولسا 10:10:37 گە تەڭشەپ قويۇشقا ئامراق؛ Bell & Ross بولسا 10:10:10 نى تاللايدۇ، لېكىن TIMEX بولسا 10:10 غا رىئايە قىلمايدىغان ئاز ساندىكى قول سائىتى شىركەتلىرىنىڭ بىرى، بۇ شىركەت 10:09:36 غا تەڭشىگەن.
شۇڭا، ئالما شىركىتى Apple Watch نىڭ ۋاقتى تىمېكسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا قول سائىتى شىركەتلىرىنىڭكىدىن ئالدىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا 10:09:00 ۋە 10:09:30 نى تاللىغان. ئالما شىركىتى ئېھتىمال بۇ ئارقىلىق Apple Watch نىڭ «دەۋرنىڭ ئالدىدا» ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكچى بولۇشى مۇمكىن.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالما شىركىتىنىڭ ئېلانىدا بۇ ۋاقىتنى تاللىشى ئەقلىي قول سائەت بازىرىغا يۈزلەنگەن خىتابنامىسى ھەم قول سائىتى كەسپىنىڭ ئەنئەنىسىگە بولغان ھۆرمەتتۇر.
تەرجىمىدە: ئوكيان
|