ئات بەيگىسىگە تۇتاشقان ھېسلار ئۇيغۇرغول سۈرەتچىلىرى توپىدىكى بوغۇم ئابدۇۋەلى 2015-يىلى 7-مارت كەچ ماڭا كاتتا خەۋەر يەنى 8-مارت نورۇزلۇق ۋە خانىم قىزلار بايرىمىلىق، ئات بەيگىسى ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىغانلىق خەۋەرىنى بەردى . كۆڭلۈم بەكمۇ سۆيۈنۈپ كېچىچە ئاشۇ ئاجداتلىرىم مىنگەن ئاتلارغا مىنىپ ئات چاپتۇرۇپ يۈرگەن ھىسلارغا چۆمۇلدۈم . بىر چاغلاردا ئات –مۇشۇ مېھرى ئىسسىق زىمىندىكى قەۋىملەرنىڭ نۇرغۇن ئاسايىشلىق ئىشلارنى قىلىشىدىكى قانات بولغان . ئات بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنى ئۇرخۇن ۋادىلىرىدىن تاكى ياۋروپا قىرغاقلىرىغىچە ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ نۇسرەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن ئىدى.مۇشۇ كۈنلەردە ئەنئەنىلەرنىڭ ياتلىشىشى دۇنيالىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ياخشىبىر پائالىيەتنىڭ دىيارىمىز قومۇلدا ئۆتكۈزىلىشى مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.
پائالىيەت مەنزىلىگە ئاتلىنىش شۇ كۈنى كېچىچە سۈرەتكە تارتىش تەييارلىغىقى پۈتتۈردۈم . مۇشۇنىڭغا ئۆخشاش ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى خەلقىمگە يەتكۈزۈشنى ئۆزەمنىڭ خوشاللىقى دەپ بىلىدىغان بوپقالغىنىمنى مۇشۇ كۈنلەردە ھىس قىلىۋاتىمەن . چۈنكى ئەمدى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى بولۇپمۇ ئىتنىك تەۋەسىدىكى ئۇچۇرلارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىۋاتماقتا ئىدى . شۇڭا مەنمۇ ئازراق بولسىمۇ خەلقىمگە ئۇچۇر بېرىشنى تايىن تاپتىم. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 لەردە مەن ، بوغۇلىرىمدىن* ئالىم كانىۋاي ، ئەخمەتجان ھەمكار ، ئابدۇۋەلىلەر بىلەن ئىككى ماشىنىلىق ،قومۇلنىڭشەرقىدىكى 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىل يۇلتۇز بىرىنجى چارۋىچىلىقمەيدانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.(كېيىن يەنە بىر بوغۇم ئايبەكمۇ يېتىپ كەلدى.)بىزنۇرباغقا كەلگەندە بەيگىگە ئىلىپ ماڭغان ماشىنىدىكى جابدۇقلۇق ئىككى ئاتنى كۆرۈپ بەكمۇ خوش بولدۇق . بىز يۈلۈنۈشتە ماڭماقتا ئىدۇق . ئۇ ئات شۇقەدەك غەيۇر ئىدى. ماشىنىدىن شوخ مۇزىكا قويۇپ بەرسەك ئۇلار بېشىنى يوقىرى تۆۋەن سىلكىپ ، پۇشقۇرۇپ خوشاللىقىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشاتتى . بۇ جېنىگارمۇ* شۇ قەدەر خوشال بولغان ئىدى . توۋا بۇ ئاتمۇ ئاتا- ئانىسى مەكتەپكە ماشىنىدا تېشىپ قويىدىغان بالىلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . بۇرۇندا نەدىمۇ ئۇنداق ئىشلار بولىدۇ-ھە ! دىمىسىمۇ ئۇ چاغلاردا بەيگە ئۇيۇشتۇرىلىدىغان ئەتراپلاردا بەيگىگە قاتناشقىدەك ساندىكى ئاتلار بولاتتىكەندۇق . ھازىر ئاتلارمۇ ئازلاپ نەسىل جەھەتتىمۇ چېكىنىپ كەتتى.ھەي بولمىسا بارىكۆل ئېتى نەسلىنىڭ ئىسللىگى بىلەن ئەرەپ ئاتلىرىدەك ئىسىل ئىدى . يەنە شۇ ئات توغۇرسىدىكى ھىسلىرىم داۋالغۇماقتا... ...مەدەنىيەت ئىلغارلىشىشقا ئۆزىنى ئېتىپ نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن ئايرىلماقتا ، يېڭىلانغان مەدەنىيەت ئىنسانلىق روھىغا باي كىشىلەرنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارمايۋاتماقتا. بۇرۇنقى ئاتلار ئىگىلىرى بىلەن تەڭ قېرىپ ئاخىرى ئۆلۇپ كېتەتتى ، ھازىر بولسا ھەممە ئىھتىياج پۇلغا گۇم چۈشكەچكە ، ئاتلارنى ياشلا سۆيۇپ پۇلغا ئايلاندۇرۇلۇپ تۇرمۇشنىڭ ياماقلىرى بولۇپ كەتمەكتە.
بىزنى كۈتىۋالغان قېرىنداشلار خىياللار ئىلكىدە ماشىنىلار قىزىل يۇلتۇز چارۋىچىلىق بىرىنچى مەيدانىغا يېتىپ كەلدۇق . ھەر يەرلەردىن كەلگەن ئاتلار ، پاھ ! نىمە دىگەن گۈزەل مەنزىرە –ھە ! گەرچە ئاددى بىر مەيدان بولسىمۇ ئەممە ماڭا ئەتراپتىكى تاللانغان ئاتلار ۋە سۆيۈملۈك كىشىلەر بىلەن بۇ جاي مېھرى جەننەتتەك گۈزەل كۆرۈندى . ماشىنىدىن چۈشىشىمىزگە بىزگە يول باشلاپ كەلگەن قېرىندىشىمىز بىزنى پائايەت ئۇيۇشتۇرغۇچى ئالىۋاي ئاقساقال بىلەن تونۇشتۇردى . ئاقساقال بىزنىڭ كېلىش مەقسىتىمىزنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئىنتايىن خوش بولدى. ئوغلى ئالدىرايقاننى بىزگەتونۇشتۇرۇپ ، پائالىيەتنى ئوغلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىنى ئېيتىپ ئوغلىدىن سۆيۈندى . ئوغلىبىزنى ئەتراپتىكى چارۋىچىلار بىلەن تونۇشتۇردى .بىزمۇ بىزنى ئەزىزلىگەن بۇ قازاق قېرىنداشلاردىن سۆيۈدۇق . بەلكىم دادىسىنىڭ ئاقساقاللىقى ئىرسىيىتىدىن بولسا كېرەك ، بۇ ئەزىمەت شارائىت يار بەرسىلا يىلدا نورۇزلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆزى بىر باشلىق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇرىدىكەن . ئۇ بىزنى خوشاللىق بىلەن ئۆيگەباشلىدى . (بىز كەلگەندە ساھىپخان كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن ئۆيگەباشلاپ مېھمان قىلىۋاتقان ئىكەن.) داسقاندىكى قازاق مىللىتىگە خاس تۆكمىلەر ، سۈت چاي مانا بۇ بىزنىڭ قەۋىملەر ئوتتۇرسىدىكى مېھماندوستلۇق شەجەرى ، داسقىنى كەڭ تۈركى خەلىقلىرى ! ئاندىن ئات گۆشى بىلەن نوزۇز ئېشى تارتىلدى . بۇ ئاش بىزنىڭ نورۇز ئېشىمىز بىلەن پەرىقلىنەتتى . نورۇزلۇق ئاشمۇ نورۇز ئۆتكۈزىدىغان قەۋىملەر ئارسىدا ئۇلارنىڭ تاماقلىنىش ئادىتى،ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلىرى ئۆزگىچە پۇراق ، تەم خاسلىقىغا ئىگە قىلىنغان . بۇ داستىخان بۇ سورۇنغا كەلگەن 200 گەيېقىن كىشىگەن كەڭ سېلىنغان ئىدى.دىللىرى سۆيۈنگەن چارۋىچىلار تاماقتىن كېيىن ئاتلىرىنى تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە تەييار بولدى . بىزمۇ دۇئادىن كېيىنلا رەسىم تارتىشقا ئاتلىنىپ كەتتۇق. بارىكۆل ، دەۋەلدۈرۈك ، غەربىتاغ ، خوتۇنتام ، شوپۇل قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 38 ماھىر تەق بولدى . مەن بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدۇم . كىشىلەرنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىدى نىمە؟ ئۇلارنىڭ مەقسىدى بولسا ئاشۇ ئات چاپتۇرۇپ يۈرگەن قەدىمىلىكى مىللەتنىڭ مىراس خارەكتىلىك ئىسىل ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىشىنى ، ئات مەدەنىيىتىنىڭ قەۋىملەرنى ئىتتىپاق ئىناق قىلىدىغان ياخشى پائالىيەت ئىكەنلىكىنى بىزگە تونىتىش ئىدى. بىزگە ئات بىلەن ئادەم بىرلەشكەن مېھىرنىڭ ئۆتىشىشىنى ،ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ بۇ زىمىننىڭ ئەركىسى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۇرمەك ئىدى.
رەسىم تارتىشتىن ئالغان تەسىراتلار بىز ماھىرلار ئاتلىرىنى تىزىمغا ئالغۇچىلىك بولغان ئارلىقتا تارقىلىپ ئاتلارنى ياخشى نۇقتىلاردا تۇرۇپ سۇرەتكە تارتىشقا باشلىدۇق . باياتتىن بىزنى تونىۋالغان چارۋىچىلاربىزىگە ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ بەردى . ھەتتا بىزگە ئاتلىرىنى تىك سەكرىتىپ ئاتنىڭ ھەققىقى دەبدەبىسىنى كۆرسەتتى . سۆرۇن ئۇرۇنلاشتۇرغۇچىسى ئالدىرايقانمۇ ئۆزى ئېتىنى تىك سەكرىتىپ بىزگە ھۆرمەت بىلدۇرۇپ ماھارەت كۆرسىتىپ بەردى . بىز ئۇنىڭدىن بەكمۇخوش بولدۇق. نىمە دىگەن ئىسىل ئادەملەر «ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولىدۇ »دىگەننىمەدىگەن توغرا گەپتۇ .شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ماھىرلارنىڭ ئاتلىرىنى ئاساسىجەھەتتىن رەسىمگە ئىلىپ بولدۇق. بۇگۈنكى ئادەملەر ئارسىدىكى« ئىلىك» ئېلىشماسلىق بۇ يەردە قوغلاندى قىلىنغان . چارۋىچىلار ۋە كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلا قەدىم تۇققانلاردەك سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ ھال مۇڭ قىلىشىۋاتقان بۇ كۆرۈنۈش بەكمۇ تەسىرلىك ! ئۇلاردا نە كىبىر تەمەننا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇتۇش دىگەنلەردىن ئەسەر يوق . ئۆزئارا قىزغىن سالاملىشىش .نىمە دىگەن ياخشى«سالاملىشىش »شۇ قەدەر خوشال ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق سورۇنلاردا بولغىنىدىن سۆيۈنۈپكەتتى . شەھەرلەشكەن بۈگۈنكى كۈندە ساقاللىق ئادەملەرگە سالام بېرىدىغانلار بەكمۇ ئاز ، سالامنى قوبۇل قىلالمايدىغان مويسىپىتلىرىمىزمۇ خېلى بار . سالام ئەسلى ئىنسانلارنى خوشاللىققا باشلايدىغان ئېسىل ھەركەت . لېكىن ئۇنىڭ ئىزنالىرى بىنالىشىش،ئەنئەنىدىن ياتلىشىش نەتىجىسىدە ھازىر بالىلارنى ئاتا- ئانىلار زورىدا ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىغا سالام قىلىدۇرىدۇ . شۇڭا كاتتا مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى يەنىلا مۇشۇنداق سەھرا -قىشلاقلىرىمىزدا چاقناۋاتىدۇ . مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇركى تىللار دىۋانىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتنىڭ 10خىل ئەن* بەلگىسىنىڭ ھازىرمۇ قومۇلنىڭ يېزا -قىشلاقلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . مانا بۇ قومۇل خەلقىنىڭ ئات مەدەنىيىتىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىسىللىك . 1000يىل مۇقەددەم ئەنئەنىنىڭ يوقىماس جۇلاسى ۋە قومۇل ئات مەدەنىيىتىنىڭ غەلىبىسى .
تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن 38 تۇياق ئات ئىگىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىل يۇلتۇز بىرىنچى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ شىمالىدىكى سايلىققا ئېلىپ كېلىنىپ ،دەسلەپتە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى قىلىندى . بۇ ئاتلارنىڭ ، ماھىرلارنىڭ تىركىشىشى بولۇپ ،ئىتتىپاقلىق ئالاھىدە ئىپادىلىنىپ چىقىلدى . غەلبە قىلغان تەرەپ ئوغلاقنى يولۇپ ئېلىپ بەلگىلەنگەن جايىغان تاشلاپ مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى . بۇمۇ خوشاللىقنى ئىپادىلەيدىغان ئاھىدە تۈر بولۇپ ، بۇرۇنلاردا جەڭ غەلبىلىرىدە ئىلىپ بېرىلغان بولسا ھازىر مۇسابىقە تۇسىنى ئالغان ئىدى . بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ راجى بالىنىڭ ياۋ ئۈستىدە باستۇرۇپ كېتىۋاتقان قەھرىمانلىقى ئېىسىمگە كەلسە ، ئاقچۇق سېيىدىكى تەسۋىرلەنگەن جەڭ يازمىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلەتتى . ئۆمەر باتۇرنىڭ كۆك ئالاتاينى مېنىپ قالماقلار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېتىۋاتقان كۆرۈنىشلىرى غۇۋا كۆزئالدىمدىن ئۆتكەندەك بولدى . ئوغالاق تارتىشىشى ئاخىرلىشىپ ئەمدى ، ماھىرلار بەيگىگەجابدۇندى. ئويلىمىغان يەردىن بىر ئات ئىگىسىنى قالدۇرۇپ بوشۇنۇپ قېچىپ كەتتى ، ئۇ نىڭ ئارقىدىن موتوت ،ماشىنىلار يېتىشەلمەي ئىگىسىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ قويدى. بەزىدە تەغدىر مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن .
ئومومى مۇساپە 20 كىلومېتىر بولۇپ ، ئاتلار ئىگىلىرىنى مىندۇرۈپ تەييار بولدى . بىز ئاپىراتلىرىمىزنى سازلاپ رەسىملەرنى خېلى ئىشتىياق بىلەن تارتتۇق. مۇسابىقە باشلاندى.37 ماھىر تاغ سايان ئاتلاندى .بۇ ھەقىقى ئات بىلەن ماھىرلارنىڭ چىدامچانلىقىن سىنايدىغان مۇسابىقە بولدى .چۈنكى تاغ سايان ماڭغاندا ساي ئىزراق ئىگىزلەپ باراتتى. لېكىن ئاتلار ساداقتىن چىققان ئوقتەك توپپا قايناپ ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ ئاتلاندى. ئاتلارچىپىپ بارماقتا ، ئاخىرقى نۇقتىغا ئاز قالغانسېرى ئاتلارنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى ئىلغا * قىلىنىشقا باشلىدى . ئەڭ ئالدىدا بىر تۇلپار باشقىلارنى خېلى كەينىدە قالدۇرۇپ چاپماقتا . مانا بۇ مەنزىرە قالماقلارنى يېتىشتۈرمەي مەختۇمسىلانى ئېلىپ شامالدەك چېپىۋاتقان بەيگىدە چىمپىيون بولغان تۇلپارنى ئەسلەتتى . بۇ تۇلپارمۇ چىمپىيون بولدى . بۇنداق ئۇزۇن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاتلار ئالاھىدە تاۋلىنىدىكەن .بۇ چارۋىچىلارتۈجۈپلەپ ئېلىپ بارىدىكەن .ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى بىلەن ئاتنى ئەڭ ياخشى بەدەن ساپاسىغا ، كۈچىنى جارى قىلدۇردالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئاندىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىكەن . ھەيران قالغىنىم ئاشۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئاتلارنى قوللىغۇچىلار بولدى .ئۇلارنىڭ ئاشۇ ماھىرلارنى قوللاش ئۈچۈن مەلىداش، تۇققان ، ئاغىنىلار بولۇپ بىرئاتقا ئون نەچچىدىن ئادەم ھەھۇچى بولۇپ كەپتۇ . قارادۆۋىدىن بىر ئات مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ،ھەھۇچىلىرى 30نەچچە ئادەم كەپتۇ .بۇ مېنى ئالاھىدەتەسىرلەندۇردى . مانا بۇ ئىتتىپاقلىق،ئۆملۈكنىڭ ناخشا تېكىستى . ئاتقا باغلانغان رىشتىنىڭ سېھرى كۈچى . ھىلىقى قارادۆۋىلىك بالىدىن سورىسام ئۇنىڭ 10 نەچچە ئېتى باركەن ئات بەيگىلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىپ كېلىۋېتىپتۇ . ئۇنىڭغا بارىكاللائېيتتىم . چۈنكى كىشى بېشىغا ئۈچ پۇڭ كېلىدىغان يەردە 10نەچچە ئاتتىن خەۋەر ئىلىشبەسى مۇشكۈلدە . يايلودا *باقسا قانداقكىن.
ئۇيغۇر يىگىتى قۇربانجاننىڭ چىمپىيون ئېتى ئاخىرى نەتىجە چىقىشى بىلەنلا چىمپىيون ئاتقا سەككىز تۈمەن باھا قويۇلدى. بۇ ئادەت بۇرۇندىن شۇنداق بولىۋاتقان بولۇپ تاماشىبىن بايلار سەردار ئاتلارنى نەق مەيداندا باھادا كېلىشىپ قالسا سېتىۋالىدىكەن . بۇ چىمپىيون يىگىت نېرىنكىرات* تىن قۇربانجان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۈچۈنچى قېتىم چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەن ئىكەن . ئۇ 10 تۈمەندىن كەم بولسا ساتمايدىغىنىنى دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتنى ساتمىدى .بەلكىمبۇ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كىچىگىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان چىمپىيون ئېتىنى سېتىشقا كۆزى قىيمىغان بولىشى مۇمكىن . چۈنكى بۇ خىل مۇھەببەت ھىچنىمىگە ئوخشىمايدۇ-دە ! ئۇنىڭ يەنە بىر ئېتى 19 بولغان ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇبەيگىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۈچۈنچى بولغان ئاتقىمۇ بەش تۈمەن باھا قويۇلۇپتۇ. تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىلىشىمگە قولايسىز بولۇپقالدى . شۇنداق قىلىپ ماھىرلارنى مۇكاپاتلىغاندا جەمئى 19 جىغىچە مۇكاپات تارقىتىلدى . چىمپىيون ئاتقا 1500يۈئەن پۇل بىر پاقلان بېرىلدى . قالغانلىرى ئاشۇ تەرتىپ بويىچە پۇلى ئازلىتىلىپ 19جىغا كەلگەندە 150 يۇئەن پۇل بىر پاقلان مۇكاپات بېرىلدى . قالغانئاتلارغا 100يۈئەن پۇل بىر پاقلان بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش بېرىلدى . شۇنداق قىلىپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئاخىرلاشتى. بىزمۇ كۆز بالانغاندا * ئۆيلىرىمىزگە ئاران يىتىۋالدۇق . بىزپائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئالدىرايقاننىڭ غەيرىتىگە بارىكاللالىلار ئېيتتۇق .
ئالاھىدەتەكلىپ پىكىرلىرىم بولسا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا سېلىنما سېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، چارۋىچىلارنىڭ مۇشۇ قىزغىنلىقىغا ھۆكومەتنىڭ كۈچەپ قويسا دەيمەن . بايقىدىمكى بىر پائالىيەت سورۇننىڭ بولماسلىقى ، تەشكىللەشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن بۇ بەيگە چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:00 دە ئاران دىگەندە باشلاندى . شۇڭا بۇنداق قىزغىن كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى ئايرىم تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇپ ، ھۆكومەت مەبىلىغىدە ئۈسكىنلىرى تولۇق بىر بەيگەمەيدانى سېلىپ بېرىشىنى مەنلا ئەمەس شۇ قاتناشقۇچىلار بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.چۈنكى ئاشۇنداق ئەسلىھە ،تەشكىللەش ياخشى بولمىسىمۇ لېكىن چارۋىچىلارنىڭ بەيگىگە بولغان ھىرىسمەنلىق ئىشقى ئۇلارنى ئاخىرغىچە شۇ سايدا تۇرۈۇزدى .بارىكاللا سىلەرگە ئەزىزى خەلقىم !ئات مەستانىلىغا بارىكاللا! ئات مەدەنىيىتى مەڭگۈگە ياشىغاي !ئاتنى سۆيگەنلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ئىشلىرى يۈرۈشلۈك بولغاي!
ئىزاھاتلار: بوغۇلىرىمدىن* قومۇلدا ئۇكا-سىڭىللارنى شۇنداق ئاتايمىز. جېنىگارمۇ* جانىۋار ئەن* بەلگە كۆز بالانغاندا * قاراڭغۇ چۈشكەن چاغ. ئىلغا * ئايرىماق يايلودا * يايلاق نېرىنكىرات* يەر ئىسمى يەنى ماچاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ
|