قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2188|ئىنكاس: 18

جيەن بوزەن بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دوستلۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1406

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جيەن بوزەن بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دوستلۇقى
جاڭ چۈەنشى
شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى
WYLMKDB[C9XDN`]T]ABGXDY.jpg

1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، جىيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. جيەن بوزەن ئەپەندى ئەسلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىەسىدىن بولۇپ، يېشى 50تىن ئاشقانىدى. سەيپىدىن ئەپەندى شىنجاڭنىڭ ئاتۇش ناھىيەسىدىن بولۇپ، يېشى تېخى ئەمدىلا 30دىن ھالقىغانىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇرۇۋاتقان ئارىلىقى يىراق، ياش پەرقى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئىككىيلەننىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى تولىمۇ چوڭقۇر ئىدى. بۇ تىپىك قەدىناسلارچە دوستلۇق ئىدى. قانداق بىر كۈچ ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلىۋەتكەن؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە ناھايىتى كۆپ. بىراق، بۇ يەردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل، ئۇلارنىڭ بىر يىلتىزدىن، بىر مىللەتتىن بولغانلىقى، شۇنداق ئورتاق ئىنقىلابىي ئىشلار ۋە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە ئىكەنلىكىدە. «بىر يىلتىز»دىن دېگىنىمىز، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا ياشىغان. «بىر مىللەت»تىن دېگىنىمىز، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىدىن. «ئورتاق ئىنقىلابىي ئىشلار ۋە ئۇلۇغۋار غايە» دېگىنىمىز، ئۇلار خېلى بۇرۇنلا مىللەت، دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى ئىنقىلابقا بېغىشلىغان، ئازادلىقتىن كېيىنمۇ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن يەنە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان.
1998-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «جيەن بوزەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئۆتكۈزگەندە، سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى تەكلىپ بىلەن بۇ يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ناھايىتى قىزغىن نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا جيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن ياشلىق دەۋرىدە ئەڭ دەسلەپ كۆرۈشكەن چاغلاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ:«مەن پروفېسسور جيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن بىر مىللەتتىن بولغاچقىمىكىن، بۇ ئالىم توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى كىچىك چاغلىرىمدىلا ئاڭلىغان. بۇ رىۋايەتلەر بىزگە ئوخشاش جەمئىيەتكە تېخى ئەمدىلا قەدەم باسقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھام ئىدى. بىز جۇڭگو  ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىستېداتلىق بىر ئۇيغۇر ئالىمنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەنلىكىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز» دېگەنىدى. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە، كېيىن يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە بولدى. جيەن بوزەن ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە پروفېسسور، فاكولتېت مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغاندىن سىرت، قۇشۇمچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىشلار مەھكىمىسى مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كېيىن يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قوشۇمچە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. خاراكتېرى ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان خىزمەت بۇ ئىككىيلەننىڭ ئۇچرىتىپ تۇرۇشى ۋە سۆھبەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. سەيپىدىن ئەپەندى كىچىكلەر چوڭلارنى يوقلاش قائىدىسى بويىچە، جيەن ئاقساقالنى ئالدى بىلەن يوقلاپ بارىدۇ، ھەمدە بۇنى ئاقساقالدىن «تەلىم ئېلىش» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن جيەن ئاقساقال بۇنداق دەپ قارىمايدۇ. لېكىن ئىلگىرى تونۇشمايتتۇق، ئۇ دۆلەت رەھبىرى سۈپىتىدە مېنى يوقلاپ كەلدى، بۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلغانلىقنىڭ، ئالىيجاناپ پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى مانا مۇشۇنداق باشلانغان.
مەن تۇنجى قېتىم، يەنى 1961-يىلى باھاردا، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا جيەن ئاقساقال بىلەن سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ يۈز كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ چاغدا مەركىزىي مىللەتلەر تارىخ تەتقىقات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىغىن چاقىرغانىدى. جيەن بوزەن ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلىش كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغانىدى. سەيپىدىن ئەپەندى قوشۇمچە ئەزالىق سالاھىيىتىدە تەكشۈرۈشكە قاتناشقانىدى. مەن ياندىن ئاڭلاشقا قاتناشقانىدىم. جيەن ئاقساقال بىلەن سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ سۆھبىتى تولىمۇ سەمىمىي ئېلىپ بېرىلدى. كېيىن جيەن ئاقساقال ماڭا سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش ئورنىغا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو تارىخى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلماقچى بولغانلىقىنى دەپ بەرگەنىدى. ئۇ سەيپىدىن ئەپەندىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى:« بۇ كىشى ناھايىتى بىلىملىك، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىلىمخۇمار، تەپەككۇرى چوڭقۇر، ئەدەبىيات ۋە تارىخ جەھەتتىكى بىلىمى مول، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدۇ.»
1961-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مەركىزىي مىللەتلەر تارىخ تەتقىقات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا يەنە يىغىن ئاچتى. جيەن ئاقساقال يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ «ئىچكى موڭغۇلنى زىيارەت قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى»گە ۋاكالىتەن ئەزالارغا «زىيارەت قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات»نى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىنغا ليۇ چۈن (بىرلىكسەپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى) رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا بىرلىكسەپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لى ۋىيخەن، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۆ شاڭچېن، ئەزالاردىن فەن ۋېنلەن، لۇ جېجيەن، شىراۋجياسو، شيا كاڭنوڭ، بەي شوۋۋېي، ۋاڭ بىچيۇ، ۋېڭ دۇجيەن، شيې فۇمىن، جى ياتەي، سەيپىدىن قاتارلىق 20 نەچچە ئادەم قاتناشتى. مەن يىغىندا «ئىچكى موڭغۇلنى زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىدىن خاتىرە» دېگەن ماتېرىيالنى تارقاتتىم. بۇ ماتېرىيالنى سەيپىدىن ئەپەندىگە بەرگىنىمدە ئۇ مەن بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ھەمدە جيەن ئاقساقالغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن باش لىڭشىتىپ، مېنىڭ جيەن ئاقساقال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردى.
شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، «خەلق گېزىتى»دە جيەن ئاقساقالنىڭ «ئىچكى موڭغۇلنى زىيارەت» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، سەيپىدىن ئەپەندى جيەن ئاقساقالنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇ يەرگە مەنمۇ باردىم. سەيپىدىن ئەپەندى ئالدى بىلەن جيەن بوزەن ئاقساقالنىڭ «ئىچكى موڭغۇلغا زىيارەت» دېگەن ماقالىسىغا بولغان تەسىراتىنى سۆزلەپ بولۇپ، جيەن ئاقساقال قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەرنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىردا ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ:«شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي، ھەر مىللەت خەلقى بەك قىزغىن، بەك مېھماندوست. سىز ئىچكى موڭغۇلنى زىيارەت قىلغانغا ئوخشاش، يۇرتىڭىز شىنجاڭغا بېرىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنى يوقلاپ كەلسىڭىز بولىدۇ» دېگەندە، جيەن بوزەن ئەپەندى قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ، سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەيپىدىن ئەپەندى يەنە:«كېلەر يىلى (1962-يىلى) يازدا خەينەن ئارىلىغا بېرىپ، يىزۇ مىللىتىنى زىيارەت قىلىش پىلانى قارار قىلىندى، يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ 1963-يىلى يازدا شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ تەكلىپى ئۇزاق ئۆتمەيلا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن، ھەمدە جيەن ئاقساقالمۇ ماڭا بەزى تەييارلىقلارنى بالدۇرراق قىلىپ قويۇشۇمنى ئېيتقانىدى. بىراق، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن خەينەنداۋنى زىيارەت قىلىش ئىشىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىدىغان ئىش تېخىمۇ سۇغا چىلاشتى، بۇ ئىش سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن جيەن ئاقساقالنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.
سەيپىدىن ئەپەندى جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، جيەن ئاقساقالغا بىر دانە تون سوۋغا قىلغانلىق ئىشىنى تىلغا ئېلىپ:«مەن بۇ پېشقەدەم ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس شىنجاڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تونى بىلەن بىر دانە دوپپا بۇيرۇتۇپ، جيەن بوزەن ئەپەندىگە سوۋغا قىلغانىدىم. ئاڭلىسام، جيەن بوزەن ئەپەندى مەن سوۋغا قىلغان نەرسىلەرنى بەك ئەتىۋارلاپتۇ» دېگەنىدى. دېمىسىمۇ جيەن ئاقساقال ئەڭ دەسلەپ توننى كىيگەن ۋاقتىدا يېنىدا قۇشناچىم بىلەن مەن بار ئىدىم. تون سۇس مېغىز رەڭدا بولۇپ، يېنىغا جىيەك تۇتقان، ئىنتايىن نەپىس، يارىشىملىق ئىدى، دوپپىمۇ بەك چىرايلىق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا جيەن ئاقساقال تون بىلەن دوپپىنى كىيىپ، ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى، ھەمدە قۇشناچىم بىلەن مېنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخلىك يولنى ئايلىنىپ كەلدى. ئۇ دەرەخلىك يولدا كېتىۋېتىپ، پات-پات توننى سىلاپ قوياتتى، دوپپىنى قىرلاپ قوياتتى. ئومۇمەن جيەن ئاقساقال بۇ كىيىملەردىن بەك رازى بولغانىدى. جيەن ئاقساقال ئادەتتە بۇ كىيىملەرنى ئاياپ كىيمەيتتى، پەقەت دەم ئالغان چاغلىرىدىلا كىيەتتى. مەن جيەن ئاقساقالنىڭ بۇ كىيملەرنى ئىككى-ئۈچ قېتىملا كىيگەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى، جيەن ئاقساقال بۇ كىيىملەرنى شىنجاڭغا زىيارەتكە بارغاندا كىيىمەن دەپ قاتلاپ ئېلىپ قويغانىدى. قۇشناچىممۇ توننى سېرىق رەڭلىك يىپەك خالتىغا، دوپپىنى باش كىيىم سالىدىغان قاپقا سېلىپ، بەك ئەتىۋارلاپ ساقلايتتى.
جيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن سەيپىدىن ئەپەندى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تونۇشقان. جيەن ئاقساقال 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. سەيپىدىن ئەپەندى جيەن ئاقساقالنىڭ بىلەن ئۆتكەن 20 يىلغا يېقىن دوستلۇقىنى ئەسلەپ، چەكسىز ھەسرەتلىنىپ مۇنداق دېگەن:«كىشىلىك ھايات يولى بەك ئۇزۇن. بىراق، كىشى ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ۋاقىتنىڭ خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن ھەر بىر ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. پروفېسسور جيەن بوزەن ئەپەندى بىزگە چاقناپ تۇرغان ئىلمىي ئىدىيە، كۈچلۈك ئادىمىيلىك قۇدرەت، ھەقىقەتكە تەلپۈنىدىغان قەيسەر روھنى قالدۇرۇپ كەتتى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، پروفېسسور جيەن بوزەن ئەپەندى بىزنىڭ ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر يارقىن نامايەندىسى». سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ جيەن ئاقساقالغا بەرگەن بۇ باھاسى ئۇنىڭ يۈرەك قېتىدىن چىققان تەنتەنىلىك جاكارسى ئىدى.
ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە، يەنى 2003-يىلى سەيپىدىن ئەپەندى كېسەل سەۋەبى بىلەن مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن كۆپ تەلىم ئالغان بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىدە، بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندىم، تاكى ھازىرغىچە سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ كۈلكە يىغىپ تۇرغان چىرايى ھەمىشە كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ، ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. بۇ سەيپىدىن ئەپەندى بىلەن جيەن ئاقساقالنىڭ شەخسىيەتسىز دوستلۇقى ۋە ئالىيجاناپ پەزىلىتى مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلارغا بولغان چەكسىز سادىق روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

مەنبە: قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى


0

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12771
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىيەن بوزەن ئەپەندى شىنجاڭغا كىلەلمەي ئارماندا كىتىپ قاپتۇ دە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

1400

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن س.ئەزىزى دوسلىقى مەدىنىيەت ئىنقىلابى ۋە دىڭ شىياۋپىپڭنىڭ ھوقۇقنى ئېگىلىگەندىن كىيىنكى يۇمشاق نەزەربەد ئىچىدىمۇ توختاپ قالمىغان .بۇنى دوستلۇق دەپ ئىنىقلاشتىن قانداش دەپ ئىنىقلىغان توغرىمىكىن دەيمەن .

ئەنسار

0

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34705
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلۇق ھەممىدىن مۇھىم ،چۇقۇم تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بار ،

2

تېما

1

دوست

303

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24465
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم غۇلجا قازاقچە ئۇچۇر تور بەتلىرىنىڭ ئادىرسىنى بىلىدۇ؟ ياردەم قىلغان بولساڭلار!

نارات

1

تېما

0

دوست

4855

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 14:10
جىيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن س.ئەزىزى دوسلىقى مەدىنىيەت ئ ...

قوشىلىمەن توغرا پىكىر

نارات

1

تېما

0

دوست

4855

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنە بۇ مېنىڭچە قان قېرىنداشلىق مېھرى.

6

تېما

2

دوست

1723

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24773
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 14:10
جىيەن بوزەن ئەپەندى بىلەن س.ئەزىزى دوسلىقى مەدىنىيەت ئ ...

دىڭ شىياۋپىڭ ھوقۇق تۇتقاندا جيەن بوزەن  دۇنيادا  يوقتىغۇ دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )