قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1252|ئىنكاس: 9

جۇڭگو دۇنيا ئېنېرگىيە ئەندىزىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1406

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگو دۇنيا ئېنېرگىيە ئەندىزىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
نىك بۇلتېر

دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىللىق تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگەللەشتە چوقۇم جۇڭگونى چىقىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. كارخانا، بانكىر، مەبلەغ سالغۇچى، يەنە ئېنېرگىيە كەسپىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا ھەرقانداق زات دىققەت كۈچىنى چوقۇم ياۋروپا ياكى ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ۋەزىيىتىدىن يۆتكىشى كېرەك. بۇ ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقتا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدۇ، ئەمما يەر شارى قاتلامغا قويساق ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. ياۋروپا بازىرىدا تۈپكى ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، مەسىلەن كۆمۈر باھاسىنى بېكىتكەن ياكى يەككە ئېنېرگىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەن، ياكى فرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ سلانتىس گازىنى ئېچىشى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشسىمۇ، پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان مۇھىم ئۆزگىرىش يەنى جۇڭگو ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە باشلامچى كۈچ بولۇپ قېلىشىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
بىز بىر قىسىم رېئاللىق ۋە پەرەزلەرگە قاراپ باقايلى. بۇ رېئاللىقلار ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ «دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دىن ئېلىنغان، پەرەزلەر بولسا خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ يىللىق نەزەر دوكلاتىدىن كەلگەن، بۇلار خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ پەرەزچىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
ئالدىنقى 10 يىلدا، جۇڭگونىڭ نېفىت ئىستېمالى بىر ھەسسە دېگۈدەك ئاشتى، تەبىئىي گاز ئىستېمال مىقدارى 5 ھەسسە ئاشتى، توك تارقىتىش مىقدارى بولسا 9 ھەسسە ئاشتى. ئون يىل ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئومۇمىي ئېھتىياجى %60 ئاشتى. ئەگەر 1990-يىلدىن باشلاپ ھېسابلىساق، ئومۇمىي ئېھتىياجى ئۈچ ھەسسە ئاشتى. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ كۈندىلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى پۈتۈن يەر شارىنىڭ %22نى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بۇ پەقەت باشلىنىش.
بۇنىڭدىن كېيىن 20 يىلغا قارىتىلغان پەرەزلەردە، بىز جۇڭگو ئېھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن ئاشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرىمىز. جۇڭگونىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى يەنە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، تەبئىي گاز سەرپىيات مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىر ھەسسە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە قارىتا ئۈمىدۋار قاراش بولسىمۇ، كېيىنكى 20 يىلدا جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى مىقدارى %70 ئاشىدۇ.
ئەلۋەتتە، ۋاقتى 20 يىلغا سوزۇلغان پەرەزنىڭ ئىنتايىن توغرا بولىشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتى يەنىلا تولۇق ئەمەس ھەمدە يۇقىرى پەرەزلەر ئاممىۋى تەدبىرلەرگە قارىتىلغان بىر قاتار مۆلچەرلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغان. ئەمما تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئەكس ئەتتۈرگەن ئومۇمىي يۈزلىنىشتەك مۇھىم ئەمەس. بۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش بولسا: نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن تارتىپ يادرو ئېنېرگىيىسى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگىچە، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى يەر شارى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئەندىزىسىنى بەلگىلەيدۇ.
سىز ماڭا ئوخشاش جۇڭگونىڭ مەلۇم خىلدىكى نورمال ئىقتىسادىي دەۋرىيلىك ھادىسىسىنى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا باشتىن كەچۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش ھەتتا چېكىنىش مەزگىلى كۆرۈلىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىزمۇ، يۇقىرىقى ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى يەنىلا كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك پەرەزدۇر. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدى دەپ قاراشقا ئاساس بار. دەل روبېرت ۋىلسون Energy Collective تور بېتىدە ئېلان قىلغان نادىر ماقالىسىدە شەرھىيلىگەندەك، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىقى سانائەت ئېتىياجى تۈرتكە بولغان.
جۇڭگو ئىقتىسادى ئېنىقكى يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش ئېشىۋاتقان باسقۇچتا تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى، بۇ ئۆزىگە ئۆزى جاپا سالىدىغان تەدبىر ئىقتىسادىي پائالىيەتنى تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن رايونغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.يەر شارى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاشماقتا، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە. بۇنداق يۆتكىلىشنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ياكى باشقا پارنىك گازلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تۆۋەنلىتىشتە ھېچقانداق رولى يوق.
لېكىن، جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېشىش باسقۇچىدا تۇرۇشىدەك بۇ ئامىل جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدىغان باشلامچى كۈچ بولالماسلىقى مۇمكىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، شەخسىي ئىستېمالنىڭ ئېشىشى جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. خۇددى روبېرت ۋىلسون كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ياۋروپا، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى ساياھەت قىلىش ياكى ئائىلىسىدە بولسۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا. بۇ خىل ھادىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى، بىراق يەنە نۇرغۇن يوللارنى بېسىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ياۋروپا ئىقتىسادى توختاپ قېلىش ھالىتىنى ساقلىسا، ئوتتۇرا شەرق يەنىلا مالىمان بولسا، يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ يەر شارى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى يەنىلا تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغانلىق بولۇشى مۇمكىن.
بارلىق ئامىللار ئىككى مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالدى بىلەن،  كەلگۈسى يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەردە جۇڭگو قانداق تاللاش چىقىرىدۇ؟ جۇڭگو شەھەرنىڭ پاكىز ھاۋالىق بولۇشى ئۈچۈن كۆمۈر ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچەمدۇ يوق (بۇ كەسكىن سىياسىي بەس-مۇنازىرە قوزغىغان تېما)؟ جۇڭگو ئىمپورتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ھەمدە بۇ سەۋبلىك كېلىپ چىققان يوشۇرۇن ئاجىزلىقنى قوبۇل قىلالامدۇ يوق؟ جۇڭگو ئېنېرگىيەدە نىسبەتەن يۇقىرى ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تەتقىقاتىغا كۆپ مەبلەغ سالامدۇ يوق؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى تەدبىرى، لېكىن جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئويلاشقاندا بۇ تەدبىرلەر بارلىق شەكىلدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى بەلگىلەپ، خەلقئارالىق باھا بېكىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە بولسا كارخانا تارماقلىرىنىڭ مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا، جۇڭگو يەر شارى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا، ئامېرىكا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ نېفىت ئومۇمىي ئېھتىياجى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ خىل ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە قارىتا چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى (ئېھتىمال ئەمەلىيەتتە كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بولۇشى مۇمكىن) تەييارلىق قىلىپ بولدىمۇ يوق، ياكى يەنىلا ئۈزلۈكسىز تارىيىۋاتقان ياۋروپا، ئامېرىكا بازىرىدا قېلىشنى خالامدۇ؟
كۆپلىگەن كارخانىلار بۇنىڭدىكى پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتتى، لېكىن ئىنتايىن چەكلىك دەسلەپكى تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن سىرت، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەدبىر قوللانغان كارخانىلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ماگناتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقى يىللىق دوكلاتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي كاپىتالى ۋە كىرىمىدە ئاسىيا بازىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئۈلۈشى ئىنتايىن ئاز، ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى يەر شارى ئېھتىياجىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن كۆپ تۆۋەن، كەلگۈسى ئېھتىياجدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كارخانىلارنىڭ ئاسىيالىق رەھبەرلىرى يوق دېيەرلىك.
چوڭ كارخانىلار يىراقنى كۆزلىشى كېرەك، يىراقنى كۆزلىگەندە ئىختىيارسىز ھالدا جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولۇپ، يەر شارى بازىرىنىڭ تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلسىڭىز غايەت زور پايدىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ يېتەلەيسىز، مۇستەملىكە بولمىغان بۇ دەۋردە، بۇ دەل چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ئادا قىلالايدىغان فۇنكىسىيەسىدۇر.

ئاپتورى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پادىشاھ ئىنىستىتۇتى پادىشاھ سىياسەت تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى. ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىدىن ئوكيان تەرجىمە قىلدى


ئەنسار

0

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34705
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇنىڭ يقىنىقى زامان تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۆزگىرىشلەر  خىلى تىز .سىياسى ۋەزىيەتمۇ بىر قەدەر تىنىچ مۇقىم ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

4120

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7494
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 794
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىپلىكلەر دۆلىتىمىزنى يەنە ماختاشقا، كۆككە كۆتۈرۈشكە باشلاپتۇ... ئاغزىدا كۈلكە- چاخچاق، قوينىدا پاالتا- پىچاق بولمىيغىتتى...

3

تېما

0

دوست

1942

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دېگەن گەپ بىزنىڭ نۇر بەكرىنى دۇنيانىڭ ئېنىرگىيە بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دېگەن گەپ بولدىمۇ قانداق؟

3

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3222
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشقىن يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:18
بۇ دېگەن گەپ بىزنىڭ نۇر بەكرىنى دۇنيانىڭ ئېنىرگىيە باز ...

دىمىسىمۇ بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا بىزنىڭ نۇر بەكىر نى دۆلەت ئېنىرگىيە باشلىقلىقىغا تەيىنلەش تولىمۇ دانا تەدبىر بولسا كېرەك .

6

تېما

1

دوست

8159

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1629
توردىكى ۋاقتى: 2670
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداقتۇر جۇڭگۇنى ماختىغانلىق ئەمەس بەلكى، جۇڭگۇ ئىلگىرى كىچىك بالىتتى، ناننى ئاز يەيتتى، ئەمدى چوڭ بولىۋاتىدۇ، ناننى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يەيدىغان بولدى، شۇڭا جۇڭگۇدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىىقەت قىلىپ، جۇڭگۇ بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتساڭلار، ساتماقچى بولغان ناننى جۇڭگۇغا ساتساڭلار پايدىنى كۆپ ئالالايسىلەر دىگەنلىككەن قاراپ باقسام.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 2972
توردىكى ۋاقتى: 773
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرلەردە شىنجاڭنى قۇياش ئىنىرگىىيىسى  بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،ئىچكىرنىڭ ئېنىرگىيە بېسىمىنى كېمەيتىمىز دىگىنىنى ئاڭلىغانتىم . كىم بىلىدۇ ھەمىمىز ئۇزۇنغا قالماي قۇياش ئېنىرگىيلىك خلمۇ-خل ئېنىرگيلىك ئوچاقلارنى بەس -بەس بىلەن سېتىۋالىمىز   تېخى ،لېكىن تەنەرقى بەك قىممەتكەن ...

6

تېما

4

دوست

2141

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sewriyar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 18:19
خەۋەرلەردە شىنجاڭنى قۇياش ئىنىرگىىيىسى  بىلەن تەمىنلە ...


مەن شەھەردە ياشايمەن. ئۆيۈمدە تەبىئىي گازبا  ا   ا  ار. خېلى چوڭ شەھەردە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )