سىياسىي جىنايەتچىلەرنى شىرغا يەم قىلغان موبۇتۇ
موبۇتۇ ئامى ۋە بوكاسسالار بىلەن بىللە «ئافرىقىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۈچ زالىم» دەپ ئاتالغان. 1960-يىلى ئىلگىرىكى بېلگىيەگە قاراشلىق كونگو پرېزىدېنتى لۇمۇمبا شەرق لاگېرىغا يېقىنلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا 30 ياشلىق ئوفىتسېر موبۇتۇنى يۆلەپ، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق لۇمۇمبانى ئۆلتۈرگەن.
موبۇتۇنىڭ ئادەم گۆشى يېيىش، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى شىرغا يەم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇ بۇنى «دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە «دېموكراتىيە»، «سايلام» دېگەن سۆزلەرنى قوللىنىشنى چەكلىگەن. ئەمما، بايلىق توپلاش موبۇتۇنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى ئىدى.
1973-يىلى ئۇ 2000 دىن ئارتۇق چەتئەل كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان، لېكىن بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسى موبۇتۇ جەمەتىدىكىلەرنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. 70-يىللاردا زايىرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى موبۇتۇ جەمەتىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
موبۇتۇ زايىر مەركىزىي بانكىسىنى خالىغانچە باشقۇرغان. ئۇ يەنە كىنشاسا بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىسى بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى شىركەتلەر مەزكۇر بانكىدا ھېساب ئېچىشى لازىم ئىدى. فېئات، ۋولكسۋاگېن، بىرلەشمە لېۋېر قاتالىق چەتئەل چوڭ شىركەتلىرىنىڭ زايىردىكى تارمىقىدا موبۇتۇنىڭ پېيى بار ئىدى.
موبۇتۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى داۋالاشتۇرۇشتا ئۆزگىچە ئۇسۇلى بار بولۇپ، دۈشمىنىنىمۇ يېنىدىن ئايرىمىغان. ئۇ دۈشمەننىڭ چەتئەلدە سەرگەردا بولۇشىغا يول قويۇش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق، دۈشمەن ھامان ئاپەت بولىدۇ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كۈچىنى خورىتىش، شۇئارقىلىق ئۇلارنى نابۇت قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان.
كارل ئىبوند 1974-يىلى ۋە 1976-يىلى ئىككى قېتىم موبۇتۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنى موبۇتۇنىڭ ۋارىسى دەپ قارىغان. 1977-يىلى كارل ئىبوند توپىلاڭغا چېتىلىپ قېلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان، كېيىن كەچۈرۈم قىلىنغان.1979-يىلى كارل ئىبوند يەنە باش ۋەزىر بولغان، ئەمما 1981-يىلى غەربكە قېچىپ بېرىپ، موبۇتۇ ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان، ھەتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا موبۇتۇنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن، كىتاب يېزىپ ئۇنى سۆككەن.شۇنداقتىمۇ، 1985-يىلى كارل ئىبوند يەنە موبۇتۇ ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىپ، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن، ئارقىدىن ئۈچىنچى قېتىم دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، ئاندىن تېزلىكتە باش ۋەزىر بولغان.
موبۇتۇ كونگو دېگەن دۆلەت نامىنى زايىرغا، پايتەخت لېئوپولدۋىلنىڭ نامىنى بولسا كىنشاساغا ئۆزگەرتكەن، ئۇ زايىرلىقلارنىڭ غەربچە ئىسىملارنىڭ ئورنىغا ئافرىقىچە ئىسىملارنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان. 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزىگە «موبۇتۇ سېسې سېكۇ كۇكۇ نىگبېدۇ ۋا زا بانگا» دېگەن ئىسىمنى قوللانغان.نىگباندىلار تىلىدا بۇ ئىسىم «تاقاەت ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بويسۇندۇرغۇچى، ئوت دېڭىزىنى يېرىپ ئىلگىرىلىگۈچى تەڭداشسىز جەڭچى» دېگەن مەنىدە ئىدى.
ئۇ زايىر ئەرلىرىنىڭ ياۋروپاچە كىيىنىشىنى چەكلەپ، ئۆزى لايىھەلىگەن ياقىسىز كۆڭلەك كىيىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاۋام موبۇتۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى تاقىغان، ئۇنىڭ باش سۈرىتى بېسىلغان كۆڭلەكنى كىيگەن. موبۇتۇنىڭ يىلپىز تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىمىمۇ داڭلىق بولۇپ، ئۆزىنى ئىلاھ زايىر خەلقنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن ئەلچى قىلىپ كۆرسەتكەن.
غەربلىك بىر مۇخبىر:«موبۇتۇ ئافرىقا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم پرېزىدېنتلارغا ئوخشاش يېرىم ئىلاھ، يېرىم قەبىلە باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلغان، 20-ئەسىردىكى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى بىلەن قەدىمىي قەبىلىلەرنىڭ سىمۋولىنى بىرلەشتۈرگەن» دېگەن.
1997-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ يېقىنلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا كىنشاسا خەلقئارا ئايرودرۇمىغا كېلىپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. زايىر ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 9-ئاينىڭ 7-كۈنى موبۇتۇ ماراكەشتە مەزى بېزى راكى بىلەن ئۆلگەن.
بى مىڭنىڭ «مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار» ناملىق ئەسىرىدىن. «تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. |