قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3934|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى زادى قانچىلىك جىددىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى زادى قانچىلىك جىددىي





   ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 12 -كۈنىدىكى مەخسۇس ماقالىسى (ليۇ گاڭ): جۇڭگو ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى مۆلچەردىكىدىن كۆرۈنەرلىك چوڭ بولغان، بىراق بەزى چەتئەل مېدىيەلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ئاساسلىقى دەۋرىيلىك ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئامىللار، قۇرۇلمىلىق ئامىل ئەمەس دەپ قارىدى، شۇڭا كەلگۈسى ۋەزىيەتتىن زىيادە ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
   ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاش دەرىجىسى ئىلگىرىكى پەرەزدىن كۆپ چوڭ ئىكەن، 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىكى سانائەت قوشۇلما قىممىتى، پارچە سېتىش سوممىسى ۋە مۇقىم مۈلۈك مەبلىغى سوممىسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سىرتقى جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى دۇنيا ئىقتىسادى بۇ يىل دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىغان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىمۇ جۇڭگو ئامىلىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەھدىتىنى تەكىتلىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ گەرچە نۆۋەتتە مۇلازىمەت كەسپىدە يېڭىدىن ئاشقان ئىش ئورنى ياساش كەسپىدە يوقىتىپ قويغان خىزمەت ئورنىنى تولۇقلاشقا يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يى ۋېيمىننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلىسا، ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە چۈشىدىكەن.
   خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ غايەت زور ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى يېرىلىشقا باشلىغان، ئەگەر ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ئۆي بازىرىغا ئارىلاشمىسا، ئېھتىمال غايەت زور بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدىغان قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دولقۇنى كۆرۈلىدىكەن. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن باشقا بىر چوڭ مەسىلە بولسا پۇل پاخاللىقى تارىيىش خەۋپى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە يەنىلا زورايماقتا. 2-ئايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 تۆۋەنلەپ، 2009-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش دەرىجىسى كۆرۈلدى.
   ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز ئاستىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە قارىتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ماقالىدە دېيىشىچە، بۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى بارغانسېرى زورايغان بولۇپ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى قانچە زورايسا، ئىقتىسادتا تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىمۇ بارغانسېرى زورىيىدىكەن. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغىنى ئەمگەك كۈچى تەمىنلىشى، كاپىتال سېلىنمىسى ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئامىلدۇر، لېكىن جۇڭگونىڭ ئەمگەكچىلەر يېشىدىكى نوپۇس 2012-يىلدىن باشلاپ تۆۋەنلىدى، مەبلەغ نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بولۇشى تەس، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىشىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %49 كە يېتىدۇ، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ باققان دۆلەت يوق دېيەرلىك، جۇڭگو بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىدىكى پەرقمۇ كىچىكلىمەكتە، بۇ جۇڭگونىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش سۈرئىتىنىڭ ئەمدى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇنداق تېز بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
     بىراق ماقالىدە قارىشىچە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى ئاساسلىقى دەۋرىيلىك ئامىل ۋە سىياسىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان، كونكرېت ئېيتقاندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %15 كە يەتكەن ئۆي-مۈلۈك نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئارقىغا سۆرەيدىغان چولاق پۇت بولۇپ قالغان، غايەت زور بېسىلىپ قالغان ئۆينى سېتىپ بولۇشقا بىر مەزگىل كېتىدۇ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي ئېشىشقا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسەتتىن ۋاز كېچىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى يوشۇرۇش ئىقتىسادىي ئېشىش ئىقتىدارىدىن تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ماقالىدە شۇڭا جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى قۇرۇلمىلىق ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئىقتىساد دەۋرىيلىكىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلىدۇ.
   ئاپتورى ليۇ گاڭ «ۋول كوچىسى گېزىتى» تورى خەنزۇچە بېتىنىڭ مۇھەررىرى قوشۇمچە مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى. ماقالىدىكى بايانلار پەقەت شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوكيان تەرجىمە قىلدى.

1

تېما

1

دوست

1187

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياقەي جوڭگۇ ئىقتىسادى ھەرگىز چېكىنمەيدۇ ھەر يىلى تىك سىزىق بويىچە 7-8پرسەنت ېشىپ بېرىۋاتىدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

2477

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قۇرۇق گەپ ئەتراپتىكى نامرات كىچىك دۆۋلەتلەرنى كۈچەپ، بىقىۋاتساق قانداقسىگە ئىقتىساد چېكىنىدۇ؟ بىز دانالار ئېلىدە ياشاۋاتىمىز. كۆرەلمەپتۇ ئەشۇ پەرەڭلەر.

0

تېما

12

دوست

4127

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1262
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
جۇڭگۇنىڭ ئىختىزادى تىك سىزىق ئورلەۋاتىدۇ!3يىلدا ئامرىكىدىن ئاشماقچىمىش!

----كىتابخۇمار----

7

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1355
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3730
توردىكى ۋاقتى: 717
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 09:59  

./thread-27278-1-1.html
بۇ تىمىنى كۆرۈپ بىقىڭلار …

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ

0

تېما

4

دوست

3218

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ جوڭگونىڭ ئىقتىسادى ھازىرغىچە چىكىمنىدى دەپ قارايمەن. ئادەتتە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى دەيمىز،كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىرىۋاتقان تۈرلۈك ياردەم پۇللىرى دەيمىز  يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ،دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئاشمىسا بۇ پۇللار نەدىن كىلىدۇ،   شۇ تەرەققى قىلغان ياۋرۇپادىكى 5 ، 6 دۆلەت نوپۇسىنى يىغىپ كەلسىمۇ جوڭگو نوپۇسىغا يەتمەيدۇ، دۆلىتىمىز بىر مىليارت نوپۇستىكى خەلقنى ماددى جەھەتتىن تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ.  مۇلاھىزىچىلەر بۇنىڭغا كۆز يۇمىۋالسا بولمايدۇ.

2

تېما

5

دوست

3140

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9152
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 529
تۆھپە : 601
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەييى .....ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز . دۆلەتلىك سىتاستىكا ئىدارىسى بىلەن پۇل بىسىش زاۋۇتىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر كىچە -كۈندۈز قاتتىق كۈچىمىسە چاتاق جۇمۇ لىكىن ......

0

تېما

0

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33930
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurzada تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 23:52  

ئىشچى،خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشى نەدە ئۆسدۇ،ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى بۇلىۋاتىدۇ ،دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )