بىر ئالەم ئۇچقۇرى بىر كىچىك پلانېتا ئوربىتىسىغا كىردى
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى
ناسا مەركىزى ج پ ل (بىزنىڭ ئىدارە) 2015-يىلى 6-مارت كۈنى «باشلانما» (Dawn) ناملىق بىر ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ «سىرېس» (Ceres) ناملىق بىر كىچىك پلانېتىنىڭ ئوربىتىسىغا يېتىپ بارغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
1-رەسىم: سىرېسقا يېتىپ بارغان ئالەم ئۇچقۇرى «باشلانما» (سىزىلغان رەسىم).
باشلانما بۇ قېتىم بارغان پلانېتا ئىنگلىزچە «dwarf planet» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «dwarf» دېگەن سۆز بويىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىردەك كېلىدىغان «پاكىنەك ئادەم» لەرگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. پلانېتىلارنىڭ «پاكىنەك» لىرى يوق بولغاچقا، مەن ئۇنى بۇ يەردە «كىچىك پلانېتا»، دەپ ئالدىم.
2-رەسىم: ناسا نىڭ «باشلانما» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2015-يىلى 12-فېۋرال كۈنى تارتقان كىچىك پلانېتا سىرېسنىڭ رەسىمى.
قۇياش سىستېمىسىدا كىچىك پلانېتىدىن بەشى بار بولۇپ، سىرېس مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدىكى «ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) بەلۋېغى» دە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. ئۇ ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ئەڭ چوڭ جىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قالغان 4 كىچىك پلانېتىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى Pluto، Eris، Makemake، ۋە Haumea.
3-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 5 دانە كىچىك پلانېتا.
4-رەسىم: 2014-يىلى 1-ئايدا كىچىك پلانېتا سىرېسنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى يەردە ئېگىز ئاسمانغا ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇ پارى بايقالدى (سىزىلغان رەسىم).
ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ئۇچار تاشلار مارس شەكىللەنگەن ۋاقىتتا پەيدا بولغان. ئەسلىدە ئۇلار مارسنى تەشكىل قىلغان جىسىملارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يۇپىتېرنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن ئۇلار مارسقا قوشۇلالماي قالغان. ھازىر ئۇ ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ئۇچار تاشلار قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاستېرويد بەلۋېغىدە دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن چوڭ ئۇچار تاشلاردىن 750 مىڭ دانىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 200 دانىسىنىڭ دىئامېتىرى 100 كىلومېتىردىن چوڭ. سىرېس ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى 950 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى ھەممە ئۇچار تاشلارنى قوشساقمۇ ئۇلارنىڭ يىغىندىسى يەنىلا ئاي شارىدىن سەل كىچىكرەك كېلىدۇ. سىرېسنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىقى ئاستېرويد بەلۋېغىدىكى بارلىق ئۇچار تاشلار ماسسىسىنىڭ 33 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ.
سىرېسنىڭ بىر كۈنى 33 سائەتتىن ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇ قۇياشنى ھەر 4.6 يىلدا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ.
ناسانىڭ «باشلانما» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2007-يىلى 9-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، 7 يىلدىن جىقراق ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليارد كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ، سىرېسقا يېتىپ باردى. ئۇ 6-مارت كۈنى سىرېس بىلەن بولغان ئارىلىقى 60800 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئوربىتىغا كىردى. ئۇ ئالەم ئۇچقۇرى بۇ يىلنىڭ 23-ئاپرېل كۈنى بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ئوربىتىغا كىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئوربىتىنىڭ سىرېسنىڭ يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13440 كىلومېتىر. شۇنىڭدىن كېيىن بىز باشلانمىنىڭ يېڭى بايقاشلىرىنى بىلەلەيمىز.
باشلانما 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە «ۋېستا» (Vesta) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئاستېرويدنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، سىرېس ئۇنىڭ ئىككىنچى نىشانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىرېس يۇمىلاق ۋە ھۆل بولۇپ، ۋېستا بولسا ئەگرى-توقاي ۋە قۇرغاق كائىنات جىسىمىدۇر. بۇ ئىككى جىسىم ئەسلىدە ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قۇياش سىستېمىسى ئەمدىلا باشلانغان دەۋرىدىلا پەيدا بولغان. شۇڭلاشقا ناسا بۇ ئالەم ئۇچقۇرىغا «باشلانما» دەپ ئىسىم قويغان. ئالىملار سىرېسنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئائىت بىر قىسىم قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى.
«باشلانما» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ج پ ل باشقۇرىدۇ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Ceres: Dwarf planét is pocked with craters, NASA's Dawn spacecraft shows
http://www.latimes.com/science/s ... w-images-dwarf-planét-crater-20150217-story.html <http://www.latimes.com/science/s ... 0217-story.html>
[2] Ceres: The Smallest and Closest Dwarf Planét
http://www.space.com/22891-ceres-dwarf-planét.html <http://www.space.com/22891-ceres-dwarf-planet.html>
[3] Ceres (dwarf planét)
http://en.wikipedia.org/wiki/Ceres_(dwarf_planét) <http://en.wikipedia.org/wiki/Ceres_(dwarf_planet)>
[4] University of Arizona Scientists Await First Close-Up Photos of Dwarf Planét
https://www.azpm.org/p/crawler-s ... hotos-of-dwarf-planét/ <https://www.azpm.org/p/crawler-s ... f-dwarf-planet/>
[5] Water vapor seen steaming off icy dwarf planét Ceres
http://articles.latimes.com/2014 ... -geysers-dwarf-planét-asteroid-20140122
|