مەن ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن نېمىلەرنى كۆردۈم چىن چۈنخۇا تەرجىمىدە: قەلبىنۇر
مەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن، ئۇ چاغلاردا، «Friends» (دوستلار) قويۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادا شۇنى كۆرۈش ئەۋج ئالغانىدى، ياتاقداشلىرىم بىلەن بىر قىسىمنىمۇ قالدۇرماي كۆرگەن، گەرچە مەقسىتىمىز ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئالغانىدۇق. «Friends» ئاخىرلىشىپ تۈگىگەندە، يەنە مۇشۇنداق كىلاسسىك، ئېسىل فىلىملەرنى كۆرەلەرمەنمۇ دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغانىدى. كىيىن يەنە ئارقا- ئارقىدىن «ئۈمىدسىز ئائىلە ئاياللىرى»(Desperate Housewives)، «پىراكتىكانت دوختۇر گرېي»(Grey`s Anatomy) قاتارلىق تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆردۈم ھەم مەندە چوڭقۇر تەسر قالدۇردى.
ئەمما مەن جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى بەك ئاز كۆرىمەن، گەرچە بىر قىسىم ياخشى فىلىملەر، مەسىلەن، «ئۆتكۈر قىلىچ»، «يوشۇرۇنۇش»دەك فىلىملەر مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا جۇڭگو ئىشلىگەن فىلىملەرنى كۆرۈشنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن. دەسلىپىدە ئۆزۈمنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەپتىمەن، كېيىن تاسادىپىي جەنۇب-شىمالغا داڭقى كەتكەن «جېنخۇەن رىۋايىتى»دىن بىر قىسىم كۆرۈپ قالدىم-دە، ئاندىن ھېس قىلىپ يەتتىم.
مەن كۆرگەن ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ كۆپىنچىلىرىدە ئاساسەن ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن، «Friends»دە، ئالتە باش پېرسوناژ، بىرى قەھۋەخانا مۇلازىمەتچىسى، بىرى كىچىك بىر رېستۇراننىڭ ئاشپىزى، بىرى نامى چىقمىغان ئارتىس، يەنە بىرى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى (پالېئوبىئولوگىيە، پۇل تاپقىلى بولمايدىغان كەسىپ)، بىرى شىركەت خىزمەتچىسى، يەنە بىرى ھەتتا مۇقىم كىرىمىمۇ يوق ئۇۋلىغۇچى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بىراق ئۇلار تولىمۇ خۇشال ياشايدۇ. ئەلۋەتتە، تۇرمۇشتا ئۇلارمۇ ئوڭۇشسىزلىق ۋە زەربىلەرگە ئۇچرايدۇ، قەلبىدە ھەرخىل زىددىيەتلەرمۇ بار، خاتا ئىشلارنىمۇ قىلىدۇ، ئەمما ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئەمگىكىگە تاينىپ ياشايدۇ، تۇرمۇش ۋە ھىسسىياتقا سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن يۈزلىنىدۇ.
يەنە «ئۈمىدسىز ئائىلە ئاياللىرى» فىلىمىدىكى تۆت ئايال باش پېرسوناژنى مىسالغا ئالسام، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك بىر بازاردىكى ئائىلە ئاياللىرى، ئىجتىمائىي ئورنىمۇ ئانچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك يۇقىرى ئەمەس. بازارنىڭ تۇرمۇشى جىمجىتلا، بىراق دائىم كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ھەتتا تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. تۇرمۇشتا مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، ئۇلار سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلىنىدۇ، ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار، قەيسەرلىك بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ھەربىر قىسىم ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا بېرىلىدىغان ياندىن چۈشەندۈرۈش، بۇ چۈشەندۈرۈشلەر فىلىم ئەھۋالى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش قائىدىلىرىنى باغلاپ، كىشىلەرگە مىھىر-مۇھەببەتلىك، جاسارەتلىك، كەڭ قورساق ۋە سەمىمىي بولۇش كېرەكلىكىنى، مەغلۇپ بولۇشنىڭ مەڭگۈ ئالداشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق فىلىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن، سىز چۇقۇم بۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ، تۇرمۇشقا نىسبەتەن يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىسىز.
ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىسى بىر خىللا، بىر- بىرىگە ئورا كولاش، قۇلاق تۈۋىڭىزدە «قۇل»، «غوجام»لارنىڭ ۋارقىراش-جارقىراشلىرى. بىزنىڭ «سۆيۈپ كۆرىدىغان» تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمىزدا قانداق قىلىپ خان-پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىش، ئوردىدىكى سىياسىي كۈرەشلەر، ھەرەمدىكى ئالداش-ئالدىنىشلار، ئەمەلدارلىق سورۇنلىرىدىكى مەنسەپ تالشىش كۈرەشلىرى قاتارلىقلار ئەڭ ئاساسىي تېما قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، بەزىدە فىلىمنىڭ ئىسمىگە قاراپلا قانداق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق ئانچە تەس ئەمەس.
مەن «جېن خۇەن رىۋايىتى»دىن تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان بىر كۆرۈنۈشىنى مىسال قىلسام، ئۇنىڭدا: جېن خۇەن خانىشقا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يالغاندىن خانىشقا سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇۋالىدۇ، پادىشاھ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ تۇرغاندا، ئالتە ياشلىق بىر قىز پەيدا بولۇپ، پادىشاھقا يىغلاپ تۇرۇپ، خانىشنىڭ جېن خۇەننى ئىتتىرىۋەتكەنلىكنى ئېيتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن خانىش زىندانغا تاشلىنىدۇ، جېنخۇەن خانىشلىق ئورنىغا چىقىدۇ. مۇشۇ بىر كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، ئاچچىقىمنى باسالماي قالدىم: نېمىشقا تېلېۋىزوردا بالىلارغا يالغانچىلىق قىلىش ئۆگىتىلىدۇ؟ بىزنىڭ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نىزاملىرىمىز بار، ئەمما بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى نېمىشقا ھېچكىم تەكشۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، غەرب دۆلەتلىرىدە بالىلارنى قوغداش، بالىلارنى روھىي جەھەتتىن قوغداش ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىدا بالىلارنى يالغانچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىدىم.
تەيۋەنلىك بىر دوستۇم «جېن خۇەن رىۋايىتى»نى تارىخ دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇنچە قارشى ئېلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبى تاماشىبىنلار قەلبىدە ھەربىر كىشنىڭ ئېزىش، ئېزىلىشكە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، رەھىمسىز تاشقى مۇھىت ھەرقانداق ياخشى ئادەمنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىدەك رېئاللىقىمىزنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدە، دەيدۇ.
ھازىر، كىشىلەر بىرەر ئىش بولسىلا مائارىپنى نەقىل قىلىپ سۆز ئېچىشنى ياخشى كۆرۈشىدۇ، جەمئىيەتتە مەۋجۇد بولۇۋاتقان ھەرخىل بولمىغۇر، ناچار ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى مائارىپ، تەربىيلەشتىن دەپ قارىشىدۇ. ئويلاپ باقايلى، تەربىيلەش پەقەت مەكتەپنىڭلا ئىشىمۇ؟ بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتى ھامان چەكلىك، بۈگۈنكىدەك ئالاقە تورى دەۋرىدە، ئۇلارنىڭ ماتېرىيال، ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش يوللىرى بەكمۇ كۆپ، مەسىلەن ئالايلۇق، بالىلارنىڭ ھەممىسى تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەم تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر ئۇلار كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، تېلېۋىزوردىن ھىيلىگەرلىك بىلەن باشقىلارنى ئورىغا ئىتتىرىۋېتىپ ئۆزى يۇقىرى ئۆرلەشنى يەنە تېخى بۇنىڭ ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىماسلىقنى ئۆگەنسە، ئەلۋەتتە مۇشۇنداق «مەۋجۇتلۇق يولى»نى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى، ئۆگىنىۋېلىشى مۇمكىن.
مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى، تۇرمۇشتا نامايان قىلىشقا تېگىشلىك شۇنچە كۆپ گۈزەل، ياخشى ئىشلار بار تۇرۇپ، يەنە نىمىشقا مانا مۇشۇنداق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەززىل تەرەپلىرى تېلېۋىزورغا ئېلىپ چىقىلدۇ، نىمىشقا بۇلار جازالانمايدۇ؟ جۇڭگونىڭ بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كىشىلەرگە، ھىيلە- مىكرى كۆپ، رەھىمسىز، تاش يۈرەك ئادەملەرنى كۆپ ھاللاردا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان، چوڭ ئەمەلدار بولالايدىغان، كۆپ پۇل تاپالايدىغان كىشىلەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
مەن مەقسەتسىزلا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئەخلاق-پەزىلەتنى، ئاقكۆڭۈللۈكنى مەدھىيلىسۇن دېمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت بىر نۇقتىئىنەزىرىمنى ئىپادىلىمەكچى، يەنى: بەلكىم بىز بۇنچە ئەخمىقانە ئۇسۇللارنى قوللانمايمۇ تەربىيلەش ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشىمىز مۇمكىن. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىغا ئىگە، بىراق ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەرگىزمۇ بىزنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس، بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەربىيلىنىش ئۇسۇلى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى بار دېيىشكە ھەقلىقمىز. ۋوللىۋود چوڭ فىلىملىرىنىڭ ئەڭ قوغلىشىدىغىنى بىلەت كىرىمى، ئەمما ۋەتەنپەرۋەرلىك ھامان ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ بىلەت كىرىمى قوغلىشىدىغان فىلملىرىنىڭ ئاساس تېمىسىدۇر. بۇ قارىماققا بىر قارىمۇقارشى ھادىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشىمىزنى قوزغىيالايدۇ: بىزنىڭ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىمىز كۆرۈرمەنلەرگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
ئوكيان تورىدىن قەلبىنۇر تەرجىمە قىلدى
|