پۇل ئۇرۇشى پات ئارىدا ئاسىيادا پارتلامدۇ
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ماقالىسى (توم رايىت): ئاسىيا مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ پەيدىنپەي زورىيىۋاتقان تۇيۇقسىز ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش تەدبىرى پۇل ئۇرۇشىنىڭ پات ئارىدا پارتلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
مەركىزىي بانكا ئەمەلدارى ئەلۋەتتە پۇل ئۇرۇشىنى قەتئىي ئىنكار قىلىدۇ. جەنۇبىي كورىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم پىرسەنتىنى تارىختىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا %1.75 كە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بانكا باشلىقى لى جۇ-يېئول پۇل ئۇرۇشى يۈز بېرىدىغانلىقىنى بارلىق كۈچى بىلەن ئىنكار قىلدى.
ئەمما جەنۇبىي كورىيە ۋە تايلاندلارنىڭ ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ سەۋەبى بار. تايلاند مەركىزىي بانكىسى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گەرچە كورىيە ۋونىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروغا ئالماشتۇرۇش 2015-يىلدىن بۇيان %10 ئاشتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، جەنۇبىي كورىيە ۋونىنىڭ ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش قىممىتى %10 ئاشتى.جەنۇبىي كورىيە ۋونى ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيە يېنى كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىزچىل ئاغرىنىپ كەلگەن، چۈنكى ياپونىيە يېنىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى جەنۇبىي كورىيە ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.جەنۇبىي كورىيە ئاپتوموبىل ۋە پاراخوت ئېكسپورت سودىگەرلىرى بىلەن ياۋروپالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئارىسىدا ئىزچىل رىقابەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، شۇڭا نۆۋەتتە ياۋرونىڭ قىممىتى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كېتىشى ئەھۋالنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ تاشلايدۇ.
لى جۇ-يېئول پۇل ئۇرۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىگە بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىدى، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ۋە ياپونىيە ئۆزگىچە پۇل بوشىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قىلغان سىناق، مەقسىتى پېرېۋوت نىسبىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس دەپ قارايدۇ.
ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ پۇل بېسىپ ھۆكۈمەت زايومى سېتىۋېلىپ، قىسقا مەزگىللىك ئۆسۈم پىرسەنتىنى نۆلگە يېقىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىنى جانلاندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ، ياپونىيەمۇ ئوخشاش خىلدىكى لايىھەنى يولغا قويماقتا.ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇپ بېرىش سىياسىتى ئۈستىگە چىقارغان مەنپىي ئۆسۈم پىرسەنتى تەدبىرىنى چىقىرىشى كاپىتالنىڭ ياۋروپادىن قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروغا بېسىم قىلىپ، يەر شارى زايوم پايدا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.
بەزى نۇقتىئىنەزەرلەردە قارىشىچە، بۇ ئېھتىياجنى جانلاندۇرۇش سىناقلىرى ئەڭ ئاخىرى پايدىلىقتۇر، چۈنكى ياۋروپا ۋە ياپونىيەنىڭ ئاسىيانىڭ ئېكسپورتىغا بولغان ئېھتىياجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەر پەقەتلا ئۆز ئارا ئېھتىياجنى ئوغرىلاۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىسى يوق ئىكەن.
ئەمما قىسقا مەزگىل ئىچىدە بىر قىسىم مالىمانچىلىق كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا 2010-يىلى زايوم سېتىۋېلىش پىلانىنى كېڭەيتكەندە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشتى، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ تەدبىر پۇل ئۇرۇشىنى قوزغىدى دەپ قارىدى.ئېكسپورت ئەۋزەللىكىنى تالىشىشتەك ۋەزىيەت ئارقىسىدا، جۇڭگو، ھىندىستاندىن تارتىپ سىنگاپورغىچە بولغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى بۇ يىل بەس-بەستە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەس. جەنۇبىي كورىيە تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا دائىملىق ئارىلىشىدۇ. بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، جەنۇبىي كورىيەنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆسۈم چۈشۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى جەنۇبىي كورىيە ۋونىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ئۇچۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جەنۇبىي كورىيە ۋونىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلىشى %0.5 چۈشۈپ كەتتى، ياۋروغا ئالماشتۇرۇلىشى %0.7 چۈشۈپ كەتتى.
تايلاندنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش تەدبىرىمۇ تايلاندنىڭ ئېكسپورت سودىگەرلىرىگە پايدىلىق. تايلاندلىق ئېكسپورت سودىگەرلىرىمۇ يېقىندا تايلاند باتىنىڭ نىسبەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن ئىزچىل ئاغرىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.مەيلى مەركىزىي بانكا ئەمەلدارلىرى نېمە دېسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
Standard Chartered بانكىسىنىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئىقتىسادشۇناسى داۋىد مان (David Mann)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پۇل ئۇرۇشى ۋەزىيىتىدە بۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
بۇنىڭدىكى بىر خەتەر بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىنچىلىكى بولۇۋاتقان پەيتتە، قويۇپ بېرىلگەن پۇل سىياسىتى بۇ دۆلەتلەرنى كاپىتال سىرتقا ئېقىش خەتىرىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ياۋرو رايونىدىن قېچىپ چىققان كاپىتالنىڭ بىر قىسىمى ئاسىياغا كىرىپ، بىر قىسىم ئەندىشىنى پەسەيتتى. جەنۇبىي كورىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دائىملىق تۈرلەر قالدۇقى جەنۇبىي كورىيەنىڭ قىززىق پۇلنىڭ ئېقىپ كىرىشىگە تايىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ (ھىندونېزىيەگە ئوخشىمايدۇ، ئىقتىسادشۇناسلار ھىندونېزىيە يەنە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشتىن ئىلگىرى ئېھتىيات قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ).
داۋىد ماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەرھال ئۈنۈم بەرمىسىمۇ، زور دەرىجىدە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش جەنۇبىي كورىيەنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ جەنۇبىي كورىيە ئۆزىنىڭ ياپونىيەچە ئېھتىياج پەسكويغا چۈشۈش، باھا تۆۋەنلەش دەۋرىيلىكىگە پېتىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ.گەرچە جەنۇبىي كورىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %3 دىن يۇقىرى ئېشىشىدا ئۈمىد بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ھەقىقەتەن بىر قىسىم ھالسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.داۋىد مان بۇ خىل خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ يەتكەندە، بىردىنبىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىش پۇل سىياسىتىنى تېزراق قويۇپ بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوكيان تەرجىمە قىلدى
|