مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە مەخپىي يانفون سايىلەش تېخنىكىسى تەمىنلىدى
ۋول كوچىسى گېزىتى تورى (دېۋلىن باررېت): ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىر قېتىمدىلا دۆلەت ئىچىدىكى نەچچە مىليونلىغان يانفوننىڭ سانلىق مەلۇماتىنى سايىلەيدىغان (سىكانىرلايدىغان) تەتقىق قىلىپ چىققان، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) بۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان، بۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئارىسىدىكى بىر مەخپىي يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنىڭ بىر قىسىمىدۇر.
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ دېيىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى ئامېرىكا قانۇن ساقچى ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ يۇقىرىقى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، بۇ تېخنىكا ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان تەقلىدىي يانفون پونكىتى ئارقىلىق ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن يانفونلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ تۈرى جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىز قوغلاشقا ئىشلىتىلگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ تېخنىكا يەنە چېگرا سىرتىدىكى تېررورىزم گۇماندارلىرى ۋە جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ نىشانلىرىنى ئىز قوغلاشقا ئىشلىتىلگەن. «ۋول كوچىسى گېزىتى» بىرىنچى بولۇپ بۇ تۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۇ تۈردە، تەقلىدىي پونكىت ئورنىتىلغان ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ بەش شەھىرىدىن ئۇچىدۇ، ئۇچۇش دائىرىسى كۆپ قىسىم ئامېرىكا نوپۇسىنى قاپلايدۇ. ئايروپىلانغا سەپلەنگەن بۇ ئەسلىھەلەر يانفوننى ئالداپ، يانفوننى ئۆزىگە مۇستەقىل تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى دوكلات قىلدۇرىدۇ، بۇ خىل ئەسلىھە ئىلگىرىكى نۇسخىلىرى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن «مەينەت قۇتا» دەپ ئاتالغان ئىدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بۇ زاتنىڭ دېيىشىچە، بۇ نازارەت قىلىش سىستېمىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز زور ساندىكى پۇقرالارنىڭ يانفونىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، يەنە يانفوننىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا قىسقا ۋاقىت كاشىلا قىلالايدىكەن.
ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان چەكلەش پەرمانىغا ئاساسەن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كۆپ خىل دۆلەت ئىچى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشسا بولمايدۇ. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلدۈرۈشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ دېيىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقى 10 يىل ئىلگىرى باشلانغان، ئەينى چاغدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، قانۇن ساقچى ئىدارىسى بۇ خىلدىكى نازارەت ۋە كۆزىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتىكى قىممىتى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەسلىھەگە ئېرىشكەن. بۇ ئەسلىھەلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئورگاننىڭ بۇ ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلمىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بۇ تېخنىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەم دەلىللىمىدى ھەم ئىنكار قىلمىدى، پەقەتلا ئەگەر بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرسە جىنايەتچىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ قويغاندەك ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇقرالار ئەركىنلىكىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق خەلقئارالىق جاسۇسلۇق ئورگىنى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى ھەربىي ۋە جاسۇسلۇق تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتا قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
ئېلېكترونلۇق قاراۋۇل فوندىدىكى ئاندرېۋ كروكېر (Andrew Crocker)نىڭ دېيىشىچە، بۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى نازارەت قىلىش شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئەندىشىلەرنى قوزغىغان، ئەگەر جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بۇنىڭغا قاتناشسا بۇ ئەندىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئېلېكترونلۇق قاراۋۇل فوندى قانۇنىي شىكايەت سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر نازارەت قىلىش تۈرى ھەمدە بۇ تۈرنىڭ مەنبەسىگە ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈمىدىدە بولغان.
ئوكيان تەرجىمە قىلدى
|