قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 611|ئىنكاس: 6

ھىكايە: مۇھەببەت سەپىرىدىكى ئەسلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34744
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 11:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت يولىدىكى ئەسىلىمە

بىرىنچى بۆلەك

ھايات ـ ماماتلىق يول   



‍―ئاكا تىز بۇلە، - سىڭلىمنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى.  بىشىمنى كۈتۈرۈپ ئالدىمغا قارىسام، سىڭلىمنىڭ ئارقىسىدا خىلىلا قاپتىمەن. قەدىمىمنى تىزلەتكەچ:
― ھە مانا،  تۇختاپ تۇر!
―ھەجەپ بى، نىمانداق ئاستا ماڭىسا؟
―شۇ .....ھىرىپ قالغان ئوخشايمەن.سەن ھاردىڭمۇ،-سىڭلىمغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي، بۇ گەپنى دىدىم .
―ياق،ھارغان بۇلساڭ،  بىردەم ئارام ئىلىۋاللى.  
― بۇلدى، يەنە ئازراق ماڭساق ئۆيگە بارىمىز......
كىچىچە ياغقان قار، كەڭ تەبىئەتنى ئاپپاق لىباسقا ئوراپ، ئاجايىپ تۈسكە كىرگۈزۈۋەتكەنىدى. قار خىلىلا ياغقان بۇلۇپ،  ئىككى غىرىچتەك كىلەتتى. ئەتتىگەندىن  ئازىرغىچە ماڭغان ماشىنا، مۇتۇسكىلىتلار يولنى تىخىمۇ سىلىق قىلىۋەتكەنىدى.ئىتتىك مىڭىپ،  سەللا ئىھتىيات قىلمىساق، تىيىلىپ دۈم چۈشىدىغان گەپ .سىڭلىم كەينىمدە ماڭدى،  مەن قار تىيىلىپ ئالدىدا ماڭدىم.سىڭلىم نەچچە قىتىم « ئاكا بۇلدى تىيىلمىغىنە، يىقىلىپ كىتىسە» دىگىنىدە،  « خاتىرجەم بول، مەن كىمۇ،  ھى،  ھى، ھى »  دىگىنىمچە تىيىلىۋەردىم.  ئاخىرى سىڭلىم:
― ئاكا سەندىن خاپا بۇپ قالدىم جۇمۇ، - دىدىدە، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، يەرگە نەچچىنى تىپىپ، جايىدا ماڭماي تۇرىۋالدى.مەن قىشىغا بىرىپ:
―ئوماق سىڭلىم،  ئالتۇن سىڭلىم،  بۇلدى  خاپا بۇلا،  ئەمدى تىيىلمايمەن،  ساڭا ۋەدە بىرەي؟  
― راسما؟  
―راس،  مەن قاچان يالغان گەپ قىلغان.  بۇلدى ماڭايلى.
ئۇ خۇشال بۇلغىنىچە،  مەن بىلەن تەڭ ماڭدى.سىڭلىم ئوماق،  چىچىنى كەينىدىن چىگىۋالغان، قىپقىزىل  مەڭزى ئۇنى يەنىمۇ ئوماق كۆرسىتىۋىتەتتى.
      بارا ـ بارا  ئۆيگىمۇ يىقىنلىشىپ قالدۇق. ھەر جۈمە دائىم مەكتەپتىن قايتقان ۋاقىتتا ئەڭ ئاۋۋال  سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە باراتتۇق. شۇ قىتىملىق ۋەقەدىن كىيىن، تا ھازىرغىچە مۇشۇنداق  داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىر نەچچە قىتىم ئايخان ئانا ئاغرىپ قىلىپ دۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، ئايخان ئانىنى يۇقلاپ،مەكتەپتىن كىلىپ تۇنجى قىتىم  سىڭلىمنى ئۆيۈمگە ئاپارمىغاننى  ھىسابقا ئالمىغاندا ، ئاۋۋال سىڭلىمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ،  ئاندىن ئەتىسى ئۆزەمنىڭ ئۆيىدە قۇناتتىم. مەن نەدە بۇلسام،  سىڭلىم شۇ يەردە بۇلاتتى.  مەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايتتى.  مەكتەپتىن كىلىپ تۇنجى بۇلۇپ  سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە بىرىشىم،  ئاشۇ بىچارە ئايخان ئانا ئۈچۈن ئىدى. كىممۇ ئۆز بالىسىغا چىدىسۇن دەيسىز.    ئىشىكتىن كىرىپلا:
―ئەسسالامۇئەلەيكۇم .
―ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قىنى باللىرىم، ئۆيگە كىرىڭلا............قىنى ئۇلتۇرۇڭلا.
     ئۆيگە كىرىپلا  سىڭلىم ئىككىمىز مەشنىڭ ئىسسىقھارارىتىدە تۇڭلاپ كەتكەن قۇل ـ يۈزلىرىمىزنى ئىسسىتىشقا باشلىدۇق.قۇللىرىمىز ئىسسىغاندىن كىيىن،  سىڭلىم ئانىسىغا ياردەملىشىپ سەي ـ كۆكتاتلار يۇۋاتاتتى. ئىلگىرى ئۇنىڭ سىڭلىم بۇلۇپ قىلىشىنى  خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم.  پەقەت ئاشۇ قىتىملىق قاتناش ۋەقەدىن كىيىن، ئۇ مىنىڭ سىڭلىم بۇلۇپ قالدى. ھەتتا ئۇنى ئۆز سىڭلىمدىن ئارتۇق كۆرىمەن. بۇ ئىشنى بىلىش ئۈچۈن شۇ قىتىملىق ۋەقەنى بىر قۇر ئەسلەشكە  توغرا كىلىدۇ.  
                ٭       ٭         ٭         ٭        ٭
      تۇمۇز ئايلىرىنىڭ ئىسسىق ھارارىتى پۈتكۈل جاھاننى ئوتتەك قىزتىۋەتكەنىدى. تەتىل ئاياغلىشىپ قالغانىدى.  دوستۇم فەرۇخ بىلەن تۈنۈگۈن دىيىشكىنىمىز بۇيىچە،  بۈگۈن ناھىيەگە كىرىپ،  تۇلۇق ئوتتۇرادا ئۇقۇشقا تىزىملاتماقچى بۇلدۇق. فەرۇخمۇ  كەلدى،  ئۇنىڭ بىلەن بىر قۇر ئەسرالىشىۋەتكەندىن  كىيىن،  بىكەتكە قاراپ ماڭدۇق.  يولدا ماڭغۇچە ئۇنى ـبۇنى دىيىشتۇق.ئاغىنەم تۇيۇقسىز:
―رۇزى،  قارا، مىھراي،- ئاغىنەمنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپلام ئالدىمغا قارىدىم.  لىكىن ئۇ كۆرۈنمىدى، سەل ئاچچىغىم كەلدى :  
―قىنى ئاداش،  يۇققو.  
―ما ئاداشنىڭ ئاچچىقلاپ كەتكىنىنى ھى،  ھى، ھى،  ئالدىمىزدىكى ماشىنىغا قارا، ئاينا.  
      ماشىنىغا قارىسام دەل ئۆزى شۇ.  ئۇ ۋە ئاسىيە،  پاتىمە ئۈچى ماشىنىغا چىقىشقا تەمشىلىۋاتقانكەن.   ئالدىمىزغا ئون نەچچە قەدەم ئىلىشىمىزغا ماشىنا قۇزغۇلۇپ يۈرۈپ كەتتى.  مىنىڭچە ئۇلارمۇ تىزىملاتقىلى ماڭغان گەپ.
― تىز چاپ،-  دىگىنىچە،   ئاغىنەم قۇلۇمدىن تارتتى . بىزمۇ يۈگۈرۈپ بىرىپ بىر ماشىنىغا چىقتۇق.  بىز چىققان ماشىنا بىردەمدىلا توشتىدە بىزمۇ ماڭدۇق.  ئۇلار بىزدىن 100 نەچچە مىتىر ئالدىدا كىتىۋاتاتتى.ئاغىنەم باياقى گەپنىڭ ئاخىرىنى بۇراپ ماڭا يۆتكىدى.ئۇنىڭ بۇ قىلقىغا مەن بەك نارازى بۇلدۇم.  
―ھە  ئاداش، خەتنى مىھرايغا قاچان بىرىسەن.
―ۋاقتى كەلسۇنما؟
―ھىي،  ھىي،  قاچان ۋاقتى كىلىدۇ.خەتنى ساقلىغىلىمۇ ئۇزاق بۇلدى.بۇ چاققىچە ئۇپىراپ يىرتىلىپمۇ كەتكەندۇ. يا،  مەن دەپ بىرىشەي،يا خەتنى مەن بىرەي دىسەم ئۇنىمىدىڭ.بىر كالۋا ئاداشكەنسە.
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم،  يەنىلا ئۇنىڭغا راس گەپنى قىلدىم.   
― شۇ...  قۇرقتۇم،  جۈرئەت قىلالمىدىم.  
―ئەكىلە خەتنى،قۇرققان بۇلساڭ،  ئۆزۈم بىرەي.   
        سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم،  يەنىلا يانچۇقتىن خەتنى ئىلىپ ئۇنىڭغا بەردىم،  نىمىنى دىگەن بىلەن بىزدەك توڭ سويمىلار، ئۇنىڭدەك مۇھەببەت پىشقەدەملىرىگە يەتمەيمىزدە.  
       تۇلۇقسىزدا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم،  قۇرقتۇم، دىيەلمىدىم، دائىم دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئولتىراتتىم. مانا ھازىرمۇ قۇرقىۋاتىمەن.  مەنمۇ ئۇغۇل بالا بۇلدۇممۇ.
ئىچىمدە بىر خىل كۈچ بار ئىدى. تەتىل كۈنلىرىم ئۇنى ئەسلەش،  سىغىنىش بىلەن ئۆتەتتى،  بەزىدە ئۇنىڭ ئۇماق سىياقىنى ئۇيلاپ ۋاقىت ئۆتكىزەتتىم،   بەزىدە ئۇنى ئۇيلاپ قالسام،  ئۆزۈمنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالاتتىم،  ھەتتا ئۆزۈمنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەي قالاتتىم . بەزىدە ئۇنى چۈشۈمدە كۆرگىنىمدە بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كىتىمەن،  شۇ چاغدا چۈشنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئەكەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالىمەن. ھەرقىتىم ئۇنى كۆرگەن چۈشۈم شۇ قەدەر قىممەتلىك. كۈندە  شۇنداق چۈشلەردىن يەنە كۆرگۈم كىلەتتى. ئازىر ئۇيلاپ باقسام، مۈكۈشمەكتەك بىر چۈشلەرنى كۆرۈپتىكەنمەن.  ئۇ قاچىدۇ،  مەن تاپىمەن. تەتىلىم مانا مۇشۇنداق ئۆتتى.
    زىرىكىشلىك بۇ تەتىل ھەجەپمۇ ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتتى.  ھەركۈنى تالاغا چىقسا،  بىرمۇ ئادەم يوق،  مەھەللىدىكى پۈتۈن ئادەملەرنى يالمۇۋۇز يەپ كەتكەندەكلا،  پەقەتلا كۆرۈنمەيتتى. كۈندە  بىردەم تالاغا چىقىش،  بىردەم ئۆيگە كىرىش بىلەن ئۆتەتتى. ھەجەپمۇ زىرىكىشلىك. كۈندىكى پۈتۈن خىيالىم مىھراينى ئەسلەش بىلەن ئۆتتى.  سىغىنىش ئادەمنى  ھەجەپمۇ  قىينايدىكەن. مانا تەتىلمۇ توشاي دەپ قالدى.  زىرىكىشلىك كۈنلەرمۇ ئاياغلىشىدۇ.  ئەمدى ئۇنى كۈندە كۆرۈپ  تۇرىمەن. ھەركۈنى،  ھەر قاقىت،  ئۇنى كۆرەي دىسەم كۆرەلەيمەن.بۇلارنى ئۇيلاۋىتىپ، تۇيۇقسىز ماشىنا تۇرمۇزلاپ خىيالىمنى بۇزىۋەتتى.  بىشىم ئالدىنقى ئۇرۇنغا تىگىپ بەك  ئاغىرتىۋەتتى. شۇپۇرغا بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدىدە، ئىچىمدە  نەچچىنى تىللىۋەتتىم.بىردىنلا ئاغىنەم ئۆزىنى رۇسلىۋىلىپ:  
―رۇزى،  رۇزى،  مىھراي چىققان ماشىنا.....ماشىنا .....―نىمە بۇلدى،  چاققان دىمەمسە.
― ماشىنىغا سۇقۇلۇپ زەيگە چۈشۈپ كەتتى.  
       ئاغىنەمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم،  قانداقسىگە بۇنداق بۇلىدۇ.  ماشىنا نۇرمال مىڭىۋاتىتىغۇ. ماشىنىدىن چۈشۈپ زەيگە قارىدىم. راسلا زەيدە بىر ماشىنا دۈم تۇراتتى. يۇل گىرۋىكىدە  بىر پىكاپ مايماق،   يان تەرەپلىرى  مىجىلىپ كىتىپتۇ.
ماشىنا ئىچىدىكى ئادەملەر ئاللا توۋا ئىيتىشىۋاتاتتى.
    بىر يۈك ماشىنىسى سەل ـ پەللا قىمىرلىسا،  زەيگە يۇمىلاپ چۈشۈپ كىتىدىغاندەك يول گىرۋىكىدە  تۇختاپ قاپتۇ.  يولدا بىزدىن باشقا ئادەم ياكى ماشىنا يۇق ئىدى . بىز چىققان ماشىنىڭ شوپۇرى تىلىفۇننى ئىلىپ تىلىفۇن قىلىشقا باشلىدى.  بىز چىققان ماشىنىدا بىزدىن باشقا بىر ئايال كىشى ۋە ئۇنىڭ بىر قىزى چىققانىدى. فەرۇخ ئىككىمىز زەي چۈشتۇق،  ئاقىمىزدىنلا ھىلىقى شوپۇر چۈشتى. ماشىنىنىڭ ئىچى قىپقىزىل قان، پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتتى.ئۆرۈمدە بۇنداق جىق قان كۆرمىگەنىدىم. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئەنسىز ھىڭراشلار  《ۋايجان!  ۋايجان! 》ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى،  پەقەت مىھراينىڭ ئاۋازىلا ئاڭلانمىدى، يۈركىمگە بىرسى پىچاق تىققاندەك بۇلۇپ كەتتىم.  يۈرىكىم ئاغرىشقا باشلىدى،  كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈندى ، كۆزۈمگە لىق ياش ئىلىندى، كۆز يىشىم مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشتى. دەرھال ئۆزەمنى ئوڭشىۋالدىم .
      ماشىنىنىڭ كەينى ئىشكى مىجىلىپ كەتكەنلىكتىنمۇ  ھەر قانچە تارتىپمۇ ئاچالمىدىم . ئاڭغىچە 40 ياشلارچاممىسىدىكى بىر ئادەم بىلەن بىر ياش يىگىت ۋە ھىلىقى ئايال زەيگە چۈشتى. بىر تەرىپىدىكى ئىشىكلەر ماشىنىغا سۈركۈلۈپ مىجىلىپ كەتكەن بۇلسا كىرەك،  سىرلىرى چۈشۈپ كىتىپتۇ.  يەنە بىر تەرەپىدىكى ئىشىكلەرنىلا ئاچالىدۇق. شوپۇر ئۇستام :
― تىز بۇلۇڭلا،  ماشىنىڭ مايلىرى ئىقىپ كىتىپتۇ،  ماشىنىغا ئوت كىتىشى  مۇمكىن.
         بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا جىددىيلەشتىم. راس دەيدۇ،  مۇشۇندا ئىسسىقتا ماشىنىغا ئوت كىتىش ئىھتىمالى بار ئىدى.  مىھراينى تىزرەك تارتىپ چىقىرىۋىلىشنى ئۇيلىدىم،  لىكىن ئامال يوق،  ئۇنى تارتىش ئۈچۈن، ئاسىيە بىلەن پاتىمەنى تارتىپ چىقىرىشقا توغرا كىلىدۇ. « تىز بۇلۇڭلا،  تىز،  تىز !!!   » ۋارقىراشلار،  يارىلانغانلارنىڭ 《 ۋايجان!  ۋايجان》 يىغا ئاۋازلىرى تەكرا ـ تەكرار ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بىز بۇياندىن،  ئۇلار ئۇياندىن، ھەرىكەتلىرىمىز   تىز،  چاققان  ئىدى.
   ئاسىيەنى ھىلىقى ئايالغا تۇتقۇزۇپ قۇيدۇق،  ئۇ ئاسىيەنى كۆتۈرۈپ يولغا قاراپ ماڭدى، دەرھال مىھراينىڭ بۇرنىغا قۇلۇمنى ئاپاردىم،  خۇداغا شۈكرى، ئۇ ھاياتكەن،نەپەس ئىلىۋاتىپتۇ.  بىشىدىن قان ئىقىپ، چاچلىاىنى قىزىل رەڭدە بۇيىغاندەك قىلىۋىتىپتۇ . ئاندىن پاتىمەنى تارتىپ ئىلىپ فەرۇخقا   تۇتقۇزدۇم ـ دە،  مىھراينى تارتىشقا تەمشەلدىم:
―ئاداش تىز بول،  كەينى تەرەپتە ئوت كىتىپتۇ.   
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغانلار قۇرقۇپ كەتتى،  مەنمۇ ھەم قۇرقۇپ كەتتىم.لىكىن ھىچكىم قاچمىدى. ئۇلارنىڭ خىيالىدا بۇ يارلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، بىر جاننىڭ ھاياتىنى بۇلسىمۇ ساقلاپ قىلىش ئىدى.《تىز بۇلۇڭلار !! 》چۇقان ـ سۈرەن باشلىنىپ كەتتى. مەن فەرۇخقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، مىھراينى تارتىشقا باشلىدىم 《 مىھراي گەپ قىل،  مىھراي گەپ قىلساڭچۇ》دەپ ۋارقىراشقا باشلىدىم . ئۇنىڭدىن سادا يوق.يۈرىكىم قاتتىق ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. لىكىن فەرۇخ ماڭماي تۇرۇپتۇ.  ئاچچىغىمدا:
―تىز ماڭمامسە.  
― تەڭ ماڭىلى.
―تىز بول،  بۇلمىسا تەڭ ئۆلۈپ كىتىشىمىز مۇمكىن.
― مەيلى،  ئۆلسەك تەڭ ئۆلىمىز،  ھايات قالساق تەڭ ياشامىز، - فەرۇخنىڭ گىپى مىنى تەسىرلەندۈرۋەتتى.   
    مۇشۇنداق ھايات ـ ماماتتا بىرگە بۇلىدىغان دوست بۇلسا نىمىدىگەن ياخشى ھە،  بۇنداق دۇستنى تاپماق ئازىرقى دۇنيادا دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش .مەن مىھراينى تارتىپ چىقاردىم.  ئالدىدىكى ئورۇندىكى شوپۇرنى،  يەنە 20 ياشلاردىكى بىر قىزنى،  ئۇلار تارتىپ ئىلىپ بۇلغانىدى.  .  شوپۇرنى ئىككى ئادەم كۆتۈرۋالغان بۇلۇپ،  شوپۇرنىڭ يارىسى ئىغىر ئىدى.   ئۇ قىزنى ھىلىقى ياش يىگىت كۆتۈرگەنىدى. 40 ياشلار چاممىسىدىكى ئەر  بىزگە:
―تىز مىڭىڭلار! ئاۋۇ يەرگە ئاپىرايلى، - دىگىنىچە 20 - 30 مىتىر يىراقلىقتىكى جاينى كۆرسىتىپ ماڭدى.   
―ھە، مانا !  
ماشىنىدىكى ئوت تىخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەنىدى.  مەنمىھراينى كۆتۈردۈم، ئۇلار ئالدىدا مىڭىۋاتاتتى. فەرۇخ ئىككىمىز كەينىدە قالغانىدۇق.  تۇيۇقسىز پۇتۇم ئاغرىشقا باشلىدى. 《ئولگۈر،  ئەينەك پۇتۇمنى تىلىۋىتىپتۇدە》 ئىچىمدە دىگىنىمچە ئالدىغا قاراپ مىڭىۋەردىم، يەرگە قانلار ئىقىۋاتاتتى.  پۈتۈمنى يۆتكەش بارغانچە تەسلىشىپ كىتىپ،  فەرۇختىن ئوم نەچچە  قەدەم كەينىدە قالدىم. كەينىمگە قارىسام ئوت يەنىمۇ ئۇلغىيىپ كىتىپتۇ. ئاغرىققا چىداپ قەدىمىمنى تىزلەتتىم.مىھرايغا قاراپ 《 مىھراي كۆزۈڭنى ئاچ،  مىھراي كۆزۈڭنى ئاچ》دەپ توۋلىدىم،  تۇيۇقسىز ئۇ كۆزىنى ئىچىپ ماڭا بىردەم   قارىۋەتكەندىن  كىيىن:  
―رۇزى، - ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ،  يۈرىكىم جايىغا چۈشتى. يۈزۈمگە كۈلكە يۈگۈردى،  كۆڭلۈمنى بۈلەكچىلا خۇشال قىلىۋەتتى.  
―ھە،  مىھراي .مەن با.
   گۈم قىلغان ئاۋاز بىلەن بىشىمغا قاتتىق نەرسە تەگدى.  كۆزۈم قاراڭغۇلاشقا باشلىدى. ئالدىمغا كۈچەپ يىقىلدىم.مىھرايمۇ قۇلۇمدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
  مىھراينى يەنە بىر قىتىم كۆرۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىدىم. لىكىن  ئۇ كۆزۈمدىن  بارا ـ بارا يۇقۇلۇپ، جاھان قاراڭغۇلاشقا باشلىدى ...... .
     كۆزۈمنى ئاچتىم،ئاق چىراغلار  كۆزۈمدىن  غۇۋا ئوتۇپ كىتىۋاتاتتى  . ئۆزۇمنىڭ نەگە كىلىپ قالغالىقىمنىمۇ بىلەيتتىم. پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ، بىشىم غۇيۇلداپ ئاغرىۋاتاتتى.  قۇلىقىمغا ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.  لىكىن بىر ئىغىز گەپنىمۇ پەرق ئىتەلىشىم تەسكە تۇختىدى .  《 مىھراي 》دەپ توۋلاشقا باشلىدىم.
―رۇزى كۆزۈڭنى ئاچ، مەن يىنىڭدا، گەپ قىل، -بۇ ئاۋاز فەرۇخنىڭكىدەك قىلاتتى. لىكىن، ئاق كىيىم كىيگەن ئادەملەردىن باشقا، ھىچكىمنى كۆرەلمىدىم. ئەتراپنى كۆرۈش ئۈچۈن، بىشىمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قىمىرلىتالمىدىم.  
―قىنى سەن؟
―مانا مەن، - دىدىدە قۇلۇمنى تۇتتى.   
― مىمىمىھراي قىىىىىىنى؟
―مىھراي،  ئالدىڭدا ..........
گەپنىڭ ئاخىرىنى پەرق ئىتەلمىدىم.  بۇرنۇمغا ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى پۇراپ،   كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ،  ئۇيقۇ بىسىشقا باشلىدى.   

                        داۋامى بار .....

ئاپتورى :  رۇزى سىدىق

مەزكۇر ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى 1ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى يىزىلىشقا باشلىنىپ،  2- ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە يىزىلىپ تاماملاندى.

تۇنجى قىتىم ھىكايە يىزىشىم.  شۇڭا  بەزى يەرلەرنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بۇلىشىم مۇمكىن.

1

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34744
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 11:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1367

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 16:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت

0

تېما

1

دوست

1002

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 09:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەقەززامىز...
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

3853

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 930
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 17:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمىز

0

تېما

2

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 17:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )