قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1750|ئىنكاس: 40
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تورداشلارغا يەنە بىر مۇراجەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

2477

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 00:52  

     يېقىندىن بۇيان تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان كېلىپ بولغانلىغى، ھازىرقى دۇنيادىكى چوڭ ئېقىمغا ماس كېلىدىغان يېڭى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىگى ھەققىدىكى بەزى يازمىلار نۇرغۇن غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلار ھېلىمۇ بىر – بىرلەپ ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە  يەنى خەلقىمىزنىڭ ئاڭىدا نېمىنىڭ كەمچىل ، نېمىنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئىكەنلىگىنى ئۆز قابىليىتىمگە شۇنداقلا تەپەككۈرۈمگە ئاساسەن مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەتتا يېزىق ئۆزگەرتكۈسى كېلىۋاتقانلار، دىننى ئىسلاھ قىلغۇسى كېلىۋاتقانلار ..... ئىشقىلىپ ھەرخىل ئېقىمدىكى «ئىسلاھاتچىلار»، ئىلغار ئىدىيەنى جەمىيىتىمىزگە سىڭدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، ئۇلارنى ھاقارەت زەمبىرىكى بىلەن قاارىغا ئالماي قالايمىقان توپقا تۇتۇۋاتقان توپچىلار قىسمى....شۇنىڭدەك ۋاھاكازالار.
    بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ ھەقىقەتەن بۈگۈنكى دۇنتادىكى زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاستىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز، ئوتتۇرا ياش ۋە مويسىپىتلىرىمىز، ئەقلى يېتۈك ياندىن قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىگىنى بايقىدىم. توردا ماقالە ئېلان قىلىش مەتبۇئاتقا قارىغاندا تېز  بولىدىكەن. بىز ئۇيغۇرلار ھازىر ھەقىقەتەن ئەلەھىدە بىر تارىخىي دەۋىردە تۇرىۋاتقانلىغىمىز ئېنىق. يەنى جىسمىمىزنىنىلا ساقلاپ قالغان ئاساستا بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادا روھىيىتىمىزنى يوقىتىش، ياكى ئالدىرىماي ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزگەندىن كىيىن، مۇشۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بولغان «مەن» مەن يالغۇزمۇ ياكى بىر جەمىيەتتە، بىر ئەلدە ۋە ياكى قانداق بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمەن؟ دەيدىغان سوئالنى ئۆزىمىزگە قويۇپ باقساق، ئاندىن يەنە سوغۇققانلىق بىلەن ھەر بىر ھەركىتىمىز، پائالىيەتلىرىمىز ھەتتا گەپ -سۆز، يۈرۈش - تۇرۇشىمىزغا ئىنسانىيلىق مىزانى شۇنداقلا، ئەقىدە مىزانى تەرىپىدىن باھا بېرىپ باقساق، قىسقىسى يۈرىگىمىزنى تۇتۇپ باقساق ئاندىن بەزى سوئاللارغا يۈزەكى بولسىمۇ جاۋاپ تېپىشقا مۇيەسسەر بولاتتۇق.
      بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر شېئىرنىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.

دۇنيا سىرلىرى كۆپتۇر تەكتى يوق،
ئۇنىڭغا يەتكەنلەر ساناقلىق ھامان.
يەتمىگەن نادانلار تۇرقى بەك خاراپ،
نىشانى ناداننىڭ گۇمراھلىق تامان.

ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىدۇق ھەمىمىز،
يۈكسەكتە بىرىمىز، ھاڭدا بىرىمىز.
مۇناسىپ ئورۇننى تالىشىپ دائىم،
شۇنداق يارالدۇق، شۇنداق كېتىمىز.

ھۆرلۈكتە ياشايدۇ ھامنىڭ ئەۋلادى،
بىلىمدىن مۇناسىپ تۇتقاچقا ئاشنا.
جىدەلدە قالغاندۇر سامنىڭ ئەۋلادى،
خۇراپات، زەئىپلىك بولغاچقا خوشنا.

كىچىك ئوغلانى ھەزرىتى نۆھنىڭ،
يەفاستىن تارالغان بىزنىڭ ئاتىلار.
نادانلىق ئىلكىدە تېرىلىپ ھەريان،
يېغىرىن بىرىنىڭ بىرى تاتىلار.
مانا بۇ تارىخ. ئۆتمۈشىمىز، بۈگۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ ئخچام تەسۋىرى.
   دىمەكچى بولغىنىم: جامائىتىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا قەدىمدىن قالغان بەزى باتىل ئەقىدىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن تولۇق چىقىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلى مۇقەددەس دىنىمىزنى بىر نەرسە دىمەكچى ئەمەس. باشقىلار يىراق كائىناتنىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. ھازىرقى ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى دىگەنلەرنىڭ كەلگۈسىدە قانداق مەخسەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىنى ھېچقايسىمىز ئويلاشنىمۇ خالىمايمىز، ھەم جۈرئەتمۇ قىلمايمىز. باشقىلار شۇ ئالەم بوشلۇقىغا بەزى زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ چىقىپ تەجرىبە ئىشلەپمۇ باقتى. بەلكىم كىيىنچە شۇ ئالەم ئىستاسىسىدا تېرىقچىلىق قىلىپ يېڭى پەننىي مۆجىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشۋاتقاندۇر. ۋە بەلكىم باشقا مەخسەتلەر ئۈچۈن شۇنداق تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ باققاندۇر. ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى كاللىسى سەگەك ئىنسانلار توپى ئاللىقاچان تەھلىل قىلىپ ،شۇ پائالىيەتلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىنىڭ مەيلى توغرا، مەيلى خاتا يەكۈنلەرگە ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز تەپەككۈرىگە مۇناسىپ يەكۈنلەرنى چىقىرىپ بولۇشتى. ئەمما مۇشۇ دۇنيانى جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر خەلقى نىمە ئىشلار بىلەن، نىمە ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىگىدە يۈرۈۋاتىمىز؟ بۇنى ئويلايدىغان ئەزالىرىمىز زادى قانچىلىك؟ بىز دۇنيا چوڭ ئائىلىسىگە نىمىلەرنى ھەدىيە قىلدۇق؟ ئۇلاردىن نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟ ئۇلار قىلالىغاننى بىزمۇ قىلالامدۇق يوق؟ ھازىرقى دۇنيادا قانخور جاللات دەپ تەرىپلىنىۋاتقان گىتلېرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار:« ھەرقانداق بىر ئاممىۋىي ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەك، داڭلىق يازغۇچىسى ئەمەس». مەن بۇ گەپ بىلەن بىرەر سىياسىي ھەرىكەتنى تەرغىپ قىلمايمەن. يېڭىلىنىش--- يەنى ئلغار ئىدىيە، ئىلغار ئىلىم- پەن، ئىلغار دۇنياقاراش، ئىلغار ھۈنەر - تېخنىمكا... ۋاھاكازالار بىلەن قوراللىنىدىغان ئاممىۋىي ھەرىكەتنى دىمەكچى. ئىلغارلىق بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشالىغانلار ھازىرقى دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېلىنىپ، ئىززەتلەشكە سازاۋەر بولىدۇ. ھەتتا بىز ياشاۋاتقان 56 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىدىمۇ مۇناسىپ ئورنىمىزنى تاپىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلىقنى مۇشۇنداق يۆنۈلۈشكە باشلايدىغانلار دەل خەلىقنىڭ زىيالىيلىرىدۇر. بىزدە زىيالىيلار كەمچىلمۇ؟ مەنغۇ زىيالىي ئەمەس. يەنە بۇنداق دىسەم بەزىلەر ئۆزىنى زىيالىي چاغلىۋاپتۇ دەپ قېلىشى مۈمكىن. مەن پەقەت ھازىر خەلقىمىز مۇھتاج بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەمدىكىن دەپ گەرچە سالاھىيىتىم توشمىسىمۇ ئەشۇ زىيالىيلىرىمىزغا مۇراجەت قىلماقچى. قېنى زىيالىيلىرىمىز سىلەر نەلەردە نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟ نىمە ئۈچۈن سۈكۈت ساقلاۋاتىسىلەر؟ سۈكۈتنى بىرەرسى سىلەرگە بۇزۇپ بېرەمدۇ؟ سىلەر نىمىنى كۈتىۋاتىسىلەر؟ ئويلىنىپ بېقىڭلار. قەۋمىڭلارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك تەرەققىي قىلغۇمىز، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتقۇمىز. مۇناسىپ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشكۈمىز، ئىتتىپاق ۋە تىنىچ - ئامان ياشىغۇمىز بار.
     ئىلغار ئىدىيە ھەقىقەتەن ئۇيغۇرغا كېرەك. ئەمما بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بېكىنمە ھالەتتە، ساغلام بولمىغان، بۇرمىلانغان دىنىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە نۇرغۇن قان تۆكۈلۈشلەر نەتىجىدە مەجبۇرىي باغلانغانمىز. ئەلۋەتتە بىز ۋە مېنىڭ زامانداشلىرىم ئەمەس، ئەجدادلىرىمىز شۇ قىسمەتكە بوغۇلغان. مانا بۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل بىزگە شانلىق مەدەنىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ زامانغا ماسلىشالمغانلىغى، ئىدىيىسىدە يېڭىلىنىش بولمىغانلىغى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قارشى ئىدىيەلەرنىڭ قۇلى بولۇپ، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكىنىنىڭ مەھسۇلى. ۋە بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن پېشانىمىزگە تامغا بولۇپ چېكىلگەن ئاچچىق ھەقىقىتى. مەن بۇنداق دىيىش ئاارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىنى قورۇندۇرماقچى ئەمەس. بۇ رېئاللىق. بۇنى توغرا كۆز قاراش بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلماي، ياكى ۋىجدان يۈسىدىن ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمەي ئۆتكۈزىۋېتىش ساختىلىقتىنلا باشقا نەرسە ئەمەس. ئەۋلاتلارنىڭ ئالدىدا جىنايەتكار بولۇپ قېلىشنىڭ مەھسۇلى. خەلقىمىز دەرۋەقە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ دۇنيا ئىلىمىگە تاكى سەئىدىيەنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا يەنى يەتتە ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا ئۆچمەس تۆپە ۋە يېڭىلىقلارنى قوشقان. بۇ بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىنلا تەرەققىياتنى توسىدىغان دىن ئەمەسلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خوجىلار ۋە سوپىلارنىڭ ئەسلىدىلا ساغلام بولغان دىنىي ئەقىدىلىرىمىزنى بۇرمىلاپ، قانلىق قىلىچ ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىۋەتكەن دوگمىلىق يەنى جاھىللىق دەرۋىشلىك، تەركى دۇنيالىقتىن ئىبارەت خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تارىخ چاقىنىڭ خەلقىمىز بېشىدا ئۇزۇن مۇددەت تەتۈر ئايلانغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇنىڭمۇ سەۋەپچىسى دەل ئۆزىمىز. ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيىتىمىزدە، ئەقەللىيسى مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىغىمىزدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 15-16-يىللىرىدا دىيارىمىزغا كېلىپ، مەكتەپ قۇرۇپ يېڭى ئىدىيە سىڭدۈرۈشنى ئۆزىگە مەخسەت قىلغان، ھەممىمىزنى بىر تۈرك دەپ قاراپ بىزنىڭ ھالىمىزغا ئېچىنىپ ياردەم قولىنى سۇناي دىگىنىدە ئەنە شۇ جاھالەت قالدۇقلىرىمىزنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ، پىغانلىق ھالدا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان تاتار زىيالىيسى نۆشىرۋان يارۇشېف بىزنىڭ پىشانىمىزگە ئۆزىنىڭ «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» دىگەن ئەسىرىدە تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى ئېچىنىش بىلەن قالدۇرۇپ كەتكەن:
    سىبىرىيە، بالقاش كۆلى، قىرغىز دالاسى، ئۇرال كۆلى، ھەزەر دېڭىزى، ئىران مەملىكىتى، ئافغانىستان، ھىدىستان، چىن مەملىكىتى ۋە موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىداش بۈيۈك بىر ئۆلكىدە بىرقانچە ئەسىرلەردىن بۇيان تۈرك ۋە موڭغۇل خەلىقلىرى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. بۇلار قۇرغان خانلىقلار ئاسىيا قىتئەسىدە، جۈملىدىن يەر يۈزىدە بۈيۈك ئىمپىرىيىلەردىن ئىدى. ئۇلار يەر يۈزىدە مەدەنىيەت ئاساسلىرىنى قۇرۇپ، زىرائەت، تىجارەت ۋە سانائەتتە پۈتۈن دۇنيا خەلىقلىرىدىن ئۈستۈن چىققان. قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتلەردە دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچىلىكنى ئالغان ياۋروپالىقلار ئۆتمۈشتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۈچ قۇدرىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئەسىر ئىدى. ھازىر بولسا شۇ ياۋروپالىقلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاسارە - ئەتىقىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىن مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرماقتا ۋە شۇ يولدا مىڭلاپ ۋە مىلىيونلاپ پۇل سەرىپ قىلماقتا.
     دىمەك مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىدۇر. ئۆتمۈشتىكى تۈرك خانلىقلىرى ئۇزاق ياشىيالمىدى، مۇنقەرز بولدى. بۇ خانلىقلار ھالاك بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ يۇرتلارنىڭ نامى يوقالمىدى، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يوقالمايدۇ ۋە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. لېكىن بىز تۈركىي خەلىقلەردە كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر قۇسۇر بار. ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۇلۇغ يۇرتقا بېغىشلانغان بىر تارىخ كىتاب يازالمىغانلىغىمىزدا. «تاتار تارىخ»،«ئوسمانلى تارىخى»، «قىرىم- كافكاز» تارىخى دەيدىغان تۈركلەرنى توپلارغا بۆلۈپ يېزىلغانلىرىدىن باشقا ئومۇمىي تۈرككە تەئەللۇق بولغان تارىخنى يوق.
..... تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئارىسىدا پارىس شېئىرىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بېدىل ئەپەندى بۇ ھەقتە نىمە دەيدۇ:
                         ئۆلۈكلەردىن ياردەم كۈتۈشتەك ئەخمەقلىق بولۇرمۇ؟
                       كىپەن ئوغرىسىدىن باشقا ئەدەم قەبرىدىن نېمىمۇ تاپسۇن؟
بۇخارا ۋە مەركىزىي ئاسىيا موللىلىرى بېدىل شېئىرلىرىنى ھەرقانچە سۆيۈپ ئوقۇسىمۇ، ئۇنى قۇرئان ئايىتى سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇتائىلە قىلسىمۇ، نىمە سەۋەپتىنكى يۇقۇرقى قەبرە توغرىسىدىكى شېئىرنى كۆزى كۆرمەيدۇ. ...
.... ئاتا- بوۋىلاردىن قالغان قائىدىسىز ئادەت، بۇزۇق ئېتىقاتلارنى كۆڭۈلدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن خېلى كبچ كېرەك...
باش ئاغرىسىمۇ قەبرىگە، كۆز ئاغرىسىمۇ قەبرىگە يۈگىرەيدۇ. بالىلىق بولساڭمۇ قەبرىگە، بالا تاپالمىساڭمۇ قەبرىگە قاترىغان، بالا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە، قازا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە بارغان. مەكتەپمۇ شۇ يەر، مەدرىسمۇ شۇ يەر مۇدەررىسمۇ شۇ يەر، تىۋىپمۇ شۇ يەر.
   ئۆلۈكلەردىن، قەبرىلەردىن ياردەم تىلەش، ئۇنىڭدىن ئۆز ھاجەتلىرىنى سوراش چىنلىقلاردىن كەلگەن بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ ئىش چىنلىقلار ۋە موڭغۇللاردا  كۈچلۈك. بۇ ئىشنى ئۆسىۋاتقان بىر تېرەككە ئوخشاتساق چىنلىقلار ئۇنىڭ تومۇرى، ئالتە شەھەرلىكلەر ئۇنىڭ ئۆزىكى، غەربىي، مەركىزىي ئاسىيالار ئۇنىڭ شېخى، تاتارلاپ يوپۇرمىغى ۋە شېخىنىڭ ئۇچى دىيىشكە لايىقتۇر.
   قىسقىسى خۇراپات باتىل ئېتىقادلارغا بېرىلىشنىڭ سەۋەبى نادانلىق ۋە جاھالەت بولسا كېرەك. چىنلىقلار بىلەن مەركىزىي ئاسىيالىقلاردىكى خۇراپاتلىقتىن ۋە ئەپسانىدىن مەرىپەتپەرۋەر تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تۆت ياشلىق بالىسىمۇ قاقاقلاپ كۈلىدۇ. بۇلار ئادەمنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىشلارنىمۇ قەتئىي رەۋىشتە «شۇنداق بولغان، مۇنداق بولغان» دىيىشىۋېرىدۇ....
.... ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ. «سىز كىم بولىسىز؟» دەپ سورىسا «چەنتۇ بولىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ.
      چەنتۇ-- چىنلىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولۇپ، بېشىدىكى سەللىسىگە قاراپ «يۆگىمە باش» دىگەن مەنىدە شۇنداق ئاتاشقان. چىنلىقلار تۇڭگانلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنى چەنتۇ دەپ ئاتايدۇ.
بۇ يەردە مىللىي تارىخ، ئانا تىلى ۋە مىللىي ئەدەبىيات ئوقۇتىدىغان مەكتەپ- مەدرىسىلەەر يوق، بولسىمۇ بۇخارا ئۇسلۇبىدا. مانا شۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەي يۈرىشىدۇ. بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىدا توغرا يازالايدىغان، توغرا ئوقۇيالايدىغان، ۋە تارىخىنى بىلىدىغان بىرمۇ كىشى يوق. پەقەت كاشىغەرلىك داموللا ئابدۇقادىر ئەپەندىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
    ---- سىز كىم؟
----- ئەلھەمدۇلىللا چەنتۇ..
مانا بۇ جاھالەت دىگەن. ....
     بۇ ئەسەرنى تەپسىلىي ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدىغان بولساق نۇرغۇن نىزالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ. مەن بۇ يەردە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىسقارتىپ بايان قىلدىم. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز تارىخىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان نەرسىنى ئېلىپ چىقتىڭ دەپ مېنى ھاقارەت تاغلىرىغا كۆمۈۋېتىشىڭلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئەرلىرىمىزنىڭ غۇرۇرسىز، نادان، ھورۇن، ھاراقكەش، پاھىشىۋاز، قىمارۋاز قاتارلىق ئىللەتلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقى، ئەكسىچە ئاياللىرىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن مەدھىيىلەنگەن. پەقەت ئايرىم تەرەپلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جاھالەت، نادانلىق، بىرىمىزنىڭ گېپىنى بىرىمىز ئىنكار قىلىدىغان، بىلىملىكنى غەيرىي، ساراڭ قاتارىغا چىقىرىدىغان دىيارىمىزدىكى سوپىلارنىڭ قالدۇق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىندۇر. بەلكىم سوپىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ. بىراق مىللەتنى شۇلارنىڭ سېسىتقىنى ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت.
     ساختا گۈللىنىش ئۈستىگە سېلىنۋاتقان مەدەنىيەت ئاساسىمىز قۇمنىڭ ئۇستىگە بەرپا قىلىنغان قەلئەدىن ئىبارەت. ھازىرچە بىزدە بىرلىك دەيدىغان ئۇقۇمدىن ئەسەر يوق. ئۇيغۇر نامىغا  مۇناسىپ ئۇيغۇر يوق. بۇنداق ئەھۋالدا بۇنداق ئىدىيىدىن سۆز ئېچىش مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. مەن ھازىر بىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغىنى تىل ئۈگۈنىش. چۈنكى بىز قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەشۇ يېڭى ئىدىيەلەر بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاساسەن يوق. يەنى ئانا تىلىمىزدىكى نەشىر بۇيۇملىرى دەمدۇق، ئۇچۇر ۋاستىلىرى دەمدۇق ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق مەزمۇنلاردىن مۇستەسنادۇر.
    ئارتۇچ ئەپەندىنىڭ كۈچ ۋە مېھنەت سەرىپ قىلىشى بىلەن دىيارىمىزدا 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتتۇق. ئەمدى يەنە بەزى ئىلغارلىرىمىز كېلەر يىلىنى كىتاب سوۋغا قىلىش يىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا نەتىجە ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئەھۋال بىزدىكى بىر خىل يېڭىلىق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى يېڭىلىق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارتۇچ  ئەپەندىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە مەنمۇ يەنە بىر مەسىلىنى ھاۋالىگە سۇنماقچى.
    كىتاب ئوقۇش ئەلۋەتتە شەخىسنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىدۇ.  بۇ يەردە مەن ھىس قىلىۋاتقان كىچىككىنە بىر ب«ئەمما» مەۋجۇت.   
    بۇ بولسىمۇ دىيارىمىزدا ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلىنىۋاتقان قىلىنغان كىتابلار ئاساسەن تۈركچىلىك دۇنياسى شۇنداقلا ئىسلامچىلىق دۇنياسى دائىرىسى ئىچىدىلا ئىدىيە چەكلىنىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئۆز جەمىيىتىمىزنىڭ كارتىنىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ھەقىقىي پەلسەپىۋىي پىكىرلەرگە ئىگە بولغان نەشىر ئەپكارلىرى بىزدە ئومۇمەن يوق دىيەرلىك. شۇڭا سىز دەۋاتقان يېڭىن ئىدىيەنى بىلىش ئۈچۈن بىزگە ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ كېرەكلىك بولۇۋاتقىنى يەنىلا تىل. يەنى چەتئەل تىلى. چەتئەل تىلى بولغاندىمۇ ئىلغار ئىدىيىدىكى، بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ئىلغار، باشلامچى ئورۇندا كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈگۈنىش دەپ قارايمەن.
    زامانىۋىي ئەللەر ئالىملىرى تۆۋەندىكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان:
   68 ياشلىق 2200نەپەر ئادەم ئۈستىدە بىرىنچى قېتىمدا جىسىملارنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ، يۇمۇلاق ياكى تۆت بۇرجەك ئىكەنلىگى سورالغان، ئىككىنچى باسقۇچىدا جىسىمنىڭ رەڭگىنى ئايرىش (تېز سۈرئەتتە) تەلەپ قىلىنغان، ئۈچىنچى باسقۇچتا بىرىنچى جىسىم بىلەن ئىككىنچى جىسىمنىڭ بىرىكتۈرۈلگەن ۋاريانتىنى ئوخشاش سوئال بىلەن ئايرىش تەپەل قىلىنغان. نەتىجىدە ئىككى خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ ئىنكاسى يەككە تىللىقلاردىن ئالاھىدە تېز بولغان. ئالىملار يەنە كۆپ تىل بىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ۋە يەكۈنلىگەن.
    مىڭىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.مىڭىنىڭ تىل قوماندانلىق مەركىزىنىڭ فۇنكىتسىيەسى باشقا چەت تىلىنى ئۈگۈنىش بىلەن بىرگە ھەقىقەتەن ئېشىپ بارىدۇ. ئۈگۈنىشنىڭ قانچە چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئورگاننىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ بارىدۇ.تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى ياخشىلايدۇ.تەپەككۈرى ئاجىز ياكى ئاستا ۋە شۇنداق تەپەككۈر ئۇسۇلىغا ماسلىشىپ كەتكىنىگە بەش يىلغا يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مېدىتسىنادا شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا قارىغاندا، باشقا بىرەر چەت تىلىنى ئۈگەنگۈچىلەردىكى ياخشىلىنىش قەدىمى ھەقىقەتەنمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك بولغان.
ئاڭلاش قابىلتيىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
كۆپتىللىق ئادەملەر ئۆزىگە ناتونۇش بولغان تىلنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا مېڭىسى دەرھال ئۇنىڭغا بولغان قېتىرقىنىپ ئاڭلاش بۇيرۇغىنى ئۆزلىگىدىن چۈشۈرىدۇ شۇنداقلا ئاڭلاش جەريانىنىڭ ئۆزىدىلا شۇ تىلنى ئۆزى بىلىدىغان تىلغا ناھايىتى تېز قىسقا ۋاقىتتا سېلىشتۇرۇپ بولۇش ئىمكانىيتىنى ھازىرلايدۇ. بۇنىڭ مىڭىنىڭ ئىنكاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بار.
ئەستە تۇتۇش قابىليىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ
كۆپخىل تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلار يەككە تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارغا قارىغاندا كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئاڭلاۋاتقان تاۋۇشلارنىڭ پەرقىگە ئاساسەن ناھايىتى تېزلىكتە سۆزلەرنى ئەستە ساقلاش ۋە سېلىشتۇرۇشتەك ئۈستۈنلىگى بىلەن پەرىقلىنىدۇ. شۇنداقلا ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كىچىگىدىنلا يېتىلىپ چىقىدۇ.يېڭى دۇنيا قاراش ۋە يېڭى پىكىرگە ئېلىپ كېلىدۇ.
    بىر تىلنى ئارتۇق بىلىش--- بىر كۆڭۈلنى ئارتۇق بىلىش دىگەنلىكتۇر. بەلگىلىك چەتئەل تىلىنى ئۈگۈنىش شۇ تىل مۇھىتىدىكى جەمىيەت بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتنى سېلىشتۇرۇپ، يېڭى تەپەككۈر ۋە يېڭى تۇيغۇلارنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاستە تۈرىتكە بولىدۇ.شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە باشقا بىر مەيداندىن تۇرۇپ نەزەر تاشلاش، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىلغار ياكى پاسسىپ تەرەپلىرىنى كۆرۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىنى تۇغدۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.
    كەڭ تورداشلار تەھلىلى يۈرگۈزۈپ كۆرسە. مەن دىمەكچى 2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش بىلەن بىرلىكتە تىل ئۈگۈنىش يىلى قىلىپ تاللاشنى تەرغىپ قىلساق. خەلقىمىزنىڭ مەرىپەتكە بولغان تەشنالىغى ھەقىقەتەن زور. ئەمما ماتىرياللارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، تىل جەھەتتىكى توسقۇنلۇق سەۋەبىدىن بۇ تەشنالىق قانماي كېلىۋاتىدۇ. ئېنگىلىز تىلى، رۇس تىلى، فرانسۇز ۋە نېمىس تىللىرىغا ئوخشاش دۇنيادا باشلامچى بولۇۋاتقان تىللار. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ قاتارىدا دۆۋلىتىمىزنىڭ دۆۋلەت تىلىمۇ بار. بىر تىلنى ئارتۇق بىلدى دىگەنلىك كۆزىگە بىر كۆز، قەلبىگە بىر قەلىب قوشۇلدى دىگەنلىك. شۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئەقىدىمىز تەرىپىدىن ئويلىغاندىمۇ چەكلەنمەيدىغان، جەمىيىتىمىزدىكى قائىدە - قانۇن، دۆۋلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىمۇ چەكلىمەيدىغان، زىخمۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. قالغىنى تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۈر كۆزى بىلەن توغرا قاراپ تەھلىل قىلىپ كۆرسە. بىز مۇشۇ نىشانغا يەتكەندىلا ئاندىن بىز ئويلاۋاتقان، پىكىرگە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇۋاتقان مۇشۇ مەخسەتلەرگە ھەممىمىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۆتىمىز. بۇنى چەتئەل تىلى بىلىدىغان زىيالىيلىرىمىز ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ھازىرچە مۇشۇنىڭدىن باشقىسى ھەممىسى قۇرۇق گەپمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇنداق ئىدىيەلەرنى قۇرۇق گەپكە ئايلاندۇرىدىغانلىرىمىزنىڭ سانى مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ. بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلىماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىسلاھ قىلىش دىگەنلەردىنن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەن جەمىيەت ئەزالىرى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك دەپ قارايمەن.

2

تېما

1

دوست

2570

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9957
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 191
تۆھپە : 665
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
باھار كاللا! ئويغاق ئىدىيە. پىكىرىڭىزنى قوللايمەن،ھارمىغايسىز،ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىشقاتېگىشلىق يازما بوپتۇ !!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1640

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقى دەلىل ئىسپاتى بىلەن سۆزلىنىپتۇ،

6

تېما

4

دوست

4157

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1063
توردىكى ۋاقتى: 218
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما

0

تېما

0

دوست

129

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33403
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىمىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ شۇنداقتىمۇ ئازراق سۆزلۈگۈم كەپ قالدى  يىقىندىن بۇيان تور دۇنياسىدا يىڭى ئىددىيە دىگەن بىر ئۇقۇم ئەۋىج ئەپ كەتتى ئەلۋەتتە يىڭى ئىددىيەنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار ئەمما مەسىلە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇ ئىددىيەلەگە ئىھتىياجلىقمۇ ئىھتىياجلىق بولساق قانداق يىڭى ئىددىيەگە ئىھتىياجلىق دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىۋاتىدۇ .
مىنىڭچە بۇندىن كىيىن يىڭى ئىددىيە ھەققىدە گەپ قىلغانلار سىزگە ئوخشاش كونكىرىتراق دىسە ئۇلار قەستەن دىمىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بامۇ بىلمىدىم ئەمما يىڭى ئىددىيە دەپ قالپاقنى يوغان كەيدۈرۈپ كونكىرىت توختالمايۋاتىدۇ مىنىڭچە بۇ بىزگە ياخشىلىق ئەپ كەلمەيدۇ مىنىڭچە بولسا ئۆزىمىزدىكىنى ساپلاشتۇرغاچ بەزى يىڭى پايدىلىق دىنىمىزغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان ئىددىيەلەرنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ ھەم شۇنداق قىلىشىمىز كىرەك شۇڭا تەكلىۋىم بۇندىن كىيىن مۇشۇ يىڭى ئىددىيە ھەققىدە بىر نەرسە يازىدىغانلا قالپاقنى يوغان كىيىۋالماي كونكىرىتراق توختالسا دىگەن ئۈمۈدۈم بار بولمىسا ئۇقۇشماسلىق كەپ چىقىپ قالىدۇ.
يەنە بىر تەكلىۋىم يىڭى ئىددىيەگە ئالماشتۇرۇش دىگەن ئاتالغۇنى ئىددىيىمىزنى ساپلاشتۇرۇش ۋە يىڭى ئىددىيەلەردىن پايدىلىنىپ موللاشتۇرۇش دىسە بەكرەك مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن (ئىددىيە دىگەن كونا چاپان بولمىغاندىكىن ئالماشتۇرىمىز دەپلا ئالماشتۇرىدىغان)

7

تېما

4

دوست

2477

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
pahre يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 18:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىمىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ش ...

مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىممۇ دەل شۇ. سىز ئادەتتە ئانا تىلىڭىزدىن باشقا بىرەرت تىل بىلسىڭىزلا جەمىيىتىڭىزگە بۇرۇنقىدىن باشقىچىرەك قاراپ چىقالايسىز. شۇنداق بولغاندا جەمىيەتكە زادى نېمىنىڭ كېرەك ئىكەنلىگى ھەققىدە يۈزەكە بولسىمۇ چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز.

1

تېما

2

دوست

292

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34312
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما . ھارمىغايسىز

0

تېما

0

دوست

772

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قەلەم شۇڭقار ىڭىز تىخمۇ ئىگىز ئۇچسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )