قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 0

ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:« مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

960

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 19:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:« مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە »

-2015يىل كىتاب يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى دېگەن مەخسەتتە ئىزدىنىش كىتابخانسى،ئىزدىنىش تور كىتابخانسى بۇ بىر يىلدا 15000 (ئون بەش مىڭ)يۈەنلىك كىتابنى ئوقۇرمەنلەرگە سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇغان ئىدى. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەخسەت: كىتاب يىلغا ئاۋاز قوشۇش،تېخىمۇ كۆپ قېرىندىشىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش،كىتاب سىتىۋالالمايۋاتقانلارغا پۇرسەت يارتىپ بىرىشتۇر.
(تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)
ئىزدىنىش كىتابخانىسى شۇنچە كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ چىقىرىپ،كىتاب يىلى ئۈچۈن،خەلقىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا،ئارىفلىققا يىتەكلەشتە ئاۋانگارتلىق بىلەن داغدام قەدەم ئېلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە پۈتۈن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مەخسۇس كىتاب ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان بىر تور مۇنبىرى بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇرغان ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى(www.uykitab.cn)ئىزدىنىشنىڭ مۇشۇ قېتىملىق پائالىيىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىنى 2015كىتاب يىلى تەشەببۇسچىسى،مۇكاپاتلىق تەسىرات باھالىغۇچى  روزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ ئەپەندىمنىڭ ماقۇللىقى ۋە قوللىشى بىلەن«ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات»دىگەنتىمىدا ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرىدا ھەركۈنى بىردىن ئېلان قىلىمىز.كىتابخۇماردوستلارنىڭ ھەرۋاقىت نەزىرىنى بىرىپ تۇرۇشىنى،ئىمكان بولسا ياخشى كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتىگەقاتناشتۇرۇپ ئىقتىسادى قىممەت ۋە ئىجدىمائى قىممەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندە ئىزدىنىشنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،چەرچەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ2-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەنزىرەم راخماننىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز.
بىزنىڭ نىمىشقا بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى سىلەرگە سۇنغانلىقىمىزنى قېرىنداشلىرىمىز ئوبدان ئويلىنىپ باققاي.ئۇ ئاران تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان،ئالىمەكتەپ ئىمتاھان ئالدىراشچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچى.«كىتاب ئوقۇي دىسەم ۋاقىت يوق...»دەپ كىتاب ئوقۇماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ بىرئۆتكۈر قامچا بولۇپ قالغۇسى.

«مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
مەنزىرەم راخمان
كىتاب ئاپتورى: فېرور.كېيىپ(ئامېرىكا)
كىتاب نامى: مۇۋەپپىقىيەت بىرخىل پوزىتسىيە
كىتاب ئوقۇغان ۋاقىت: يېڭىيىللىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى
نەشر قىلىنغان ۋاقىت: 2004-يىل10–ئاي1-نەشرى
كىتاب باھاسى: 12.00 يۈەن
كىتاب نومۇرى: ISBN 7-5372-3840-5
ئەسەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
   
كىتابنىڭ يەنە بىر ماۋزۇسى«باھانىنىڭ كېرىكى يوق» بولۇپ، بۇ كىتاب ماۋزۇسىدىنلا چوڭقۇر مۇھاكىمىگە تويۇنغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان قاراشلىرىنى ، ياشاش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلىگۈدەك دەرىجىدە پەلسەپىۋى تېرەنلىككە ئىگە بولۇپ،كىتابنىڭ 1–بېتىدىن باشلاپلا «باھانىنىڭ كېرىكى يوق»لىقىدىن ئىبارەت بۇ«شەپقەتسىز» مىزاننىڭ ھەر بىرەيلەننىڭ ھايات يولىدىكى مۇھىم ئەقىدىسىگە ئايلىنىشى لازىملىقى قايىل قىلارلىق بايان، چۈشىنىشلىك سۆز-ئىبارە، كۈچلۈك مۇھاكىمە ئارقىلىق تەكىتلەنگەن.
     كىتابتىكى مۇنۇ بايانلارمېنى بەكمۇ قايىل قىلدى:«باھانىگەرلەر مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ، ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىچىدىن ئۇرغۇشتەك جۇشقۇنلۇق ئۆلگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداقلاردىن بىرەرئەمەلىي نەتىجە كۈتۈش ئەخمىقانىلىقتۇر.چۈنكى ئۇلار ئىلگىرىكى تەجرىبە، پىرىنسىپ ۋە تەپەككۇر ئادەتلىرىنى ياستۇق قىلىپ بۇخاراغا كەتكەندۇر.»«دۇنيادا ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق بولغان ئەمەس . دېمەك، ئاكتىپلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەش ــ مانا بۇ ئەڭ توغرا پوزىتسىيىدۇر»
     يۇقىرىقى بايانلاردىنلا ئاپتورنىڭ باھانە ۋە باھانە كۆرسەتكۈچىلەرگە قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇلا ئەمەس، ئاپتور يەنە كۈچلۈك قەلىمى ئارقىلىق بىزگەكىشىلىك تۇرمۇشتىكى باھانىلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. قايىل قىلارلىق پاكىتلىرى، ئەمەلىي مىساللىرى ئارقىلىق باھانىنىڭ ھەقىقەتەن شەخسنىڭ مۇۋەپپىقىيەت پۇرسەتلىرىنى نابۇت قىلىپ ئاخىرى بىر تىيىنغا يارىماس قىلىۋېتىدىغان پاسسىپلىق، بىزنى بىخۇدلاشتۇرىدىغان ،غاپىللاشتۇرىدىغان مەنبە ، ئاخىرى داۋاملىق باھانە ئىزدىگۈچىلەرنى نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ باھانە ئىزدەيدىغان ھارامتاماققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان يامان ئىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ.
      ئاپتور بۇ كىتابىدا ئەڭ مۇھىمى، ئامرېكا غەربىي پوينىت ھەربىي مەكتىپىدىن ئىبارەت ئامرىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بۆشۈكىنى تونۇشتۇرۇپ، غەربىي پوينىتنىڭ تۈرلۈك مىزانلىرىدىن بىزنى ۋاقىپ قىلىدۇ. شۇ تەرىقىدە بىزگە يەنە غەربىي پوينىتنىڭ «باھانىگە يول يوق»تىن ئىبارەت ھەركەت مىزانىنىڭ غەربىي پوينىت كۇرسانتلىرىغا قانچىلىك زور تەسىركۆرسەتكەنلىكى، ئۇلاردا ئورۇنلۇق بىلىنمىسىمۇ باھانە كۆرسەتمەستىن ۋەزىپىنى ئامال قىلىپ ئورۇندايدىغان ئىرادىنى، ھەر قانداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان جاسارەتنى يېتىلدۈرگەنلىكى، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىلىم بۆشۈكىنىڭ 200يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئۈچۈن ئۈچ نەپەر پىرىزدېنت، بەش نەپەر بەش يۇلتۇزلۇق مارشال، 3700 نەپەر گېنرال، سودا ساھەسىدە مىڭدىن ئارتۇق لىدىر، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مۇئاۋىن لىدىر، بەش مىڭدىن ئارتۇق باش باشقۇرغۇچى ۋە مەسلىھەتچى يېتىشتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان مەلۇماتنى سۇنىدۇ. بۇئارقىلىق ھەر بىرەيلەننىڭ باھانىگە يول قويماسلىق، ھەر قانداق توپ، ھەر قانداق تەشكىلدە يۇقىرى مۇھىم مىزاننى ئەڭگۈشتەر قىلىپ، ئومۇملۇق روھى ۋە ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيەت ۋە كەسىپنى قەدىرلەش روھىغا، بويسۇنۇش ۋە سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت پوزىتسىيىگە ، مۇكەممەل ئىجراچىلىققا ئىگە بولۇش لازىملىقىنى، شۇندىلا ھەقىقىي غالىبلاردىن بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتور كىتابىدا يەنە «قانداق مۇھىتقا دۇچ كېلىشىڭدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر ھەرىكىتىڭگە مەسئۇل بولۇشۇڭ كېرەك»دېيىش ئارقىلىق «باھانىنىڭ كېرىكى يوق» دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئەقىدىنى شەرھىيلەپ،ھەربىرەيلەندە ئىككىلەنمەس روھ، يىمىرىلمەس جاسارەت، ئىجرادىكى قالتىسلىق،شۇنداقلا ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقىنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەرقانداق ۋەزىپىنى دېگەن قەرەلىدە ئورۇنداشتەك ئىشەنچ ۋە ئىخلاسنىڭ يېتىلىشى دەل «باھانىنىڭ كېرىكىيوق»دېگەندىن ئىبارەت مۇشۇ ئەقىدىدە تاۋلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، ھەربىرئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىرادە قىلسا چوقۇم ئۆزىنىڭ باھانىگەبولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە شىجائىتىنى ئۇرغۇتالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغاقويغان. ھەركىمنىڭ ھەرچاغ باھانىدىن ئىبارەت بۇ «رودۇپاي»دىن يىراق تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
     
ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىم:
   
مېنىڭچە بۇ كىتابنى جىسمىدىن ئىتائەت بىلەن سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت پوزىتسىيە، مەسئۇلىيەت بىلەن كەسىپكە ئىخلاس قىلىشتىن ئىبارەت روھ، جاسارەت بىلەن پاراسەتتىن ئىبارەت مۇكەممەل ئىجراچىلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەربىيلەپ چىقىشتىكى ئەڭ مۇكەممەل ئوقۇشلۇق دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ كىتابتا، كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى باشقىلارغا ئالا كۆڭۈللۈك، ئۆزىمىزگە كەڭچىلىك قىلىشىمىزغا قالقان بولۇۋاتقان،زەئىپلىكنى پەردازلاپ مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدىغان «ئۇنۋېرسال قورال»غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ سەۋەبكار ــ باھانە ھەم ئۇنىڭ بىزگە كەلتۈرىدىغان ۋە كەلتۈرگەن زىيىنى ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا چوڭقۇر ۋە چۈشىنىشلىك ھالدا شەرھىلەنگەن.بولۇپمۇ، تۈرلۈك يامان ئىللەتلەرنىڭ ئۇۋىسى بولغان باھانىنىڭ بىر تۈرلۈك ناچارئادەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئادەتنى يۇقتۇرىۋالساق، خىزمىتىمىز ئاقساپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىلا،بۇ كىتابنىڭ بەزىلەرنىڭ ھايات مۇساپىسىدە قانچىلىك زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس.
      چۈنكى، رېئال تۇرمۇشىمىزدا دەل بايا ئېيتىلغاندەك مۇنەۋۋەر شەخسلەر كەمچىلدۇر. باھانىدىن ئىبارەت بۇئۇنۋېرسال قورالنى ئۆزىگە قالقان قىلىۋالغان، تالاي ۋاقىت، تالاي زېھىنلىرىنى باھانە ئىزدەشكە سەرپ قىلىپ، ئۆز بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتقانلار بىزدە كۈرمىڭ. ئەمەلىيەتتە باھانە بىزنى قىيىنچىلىق ۋەمەسئۇلىيەتتىن ۋاقىتلىق خالىي قىلىپ، قىسقىغىنە كۆڭۈل ئارامىغا ئېرىشتۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭغا تۆلىنىدىغان بەدەل ھېسابسىز بولۇپ، ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغانزىيىنى باشقا ھەرقانداق ناچار ئادەتلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ئېچىنارلىقى،تۇرمۇشىمىز ۋە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمىزدە يا ئۇنداق، يا مۇنداق باھانىلەردىن قۇتۇلالمايمىز. قۇتۇلالمايمىزلا ئەمەس، بەلكى «بۇ باھانىلەر شۇنچىلىك بىمالالكى،ئۇلار خۇددى ‹ئىدراكنىڭ ساداسى›دەك، ‹ئەڭ ئاقىل كېڭەشچى›دەك، ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇ ئىشنى قىلساڭ بىر باشقا چىقمايدۇ، دەپ ھەرقاچان قۇلاق تۈۋىمىزدە شىۋىرلىغىنى شىۋىرلىغان». ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا يا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، يا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك پوزىتسىيىلا مەۋجۇت. ھە دېسىلا ئۆزىنى ئاقلايدىغانلار ، بىر ئىشنىڭ گېپى چىقا ـ چىقمايلا، «مېنىڭچە، ئەگەر، ناۋادا» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تەييار تۇرىدىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ خۇشى يوق. ئويلاپ باقايلى، بىز بۇنداق گەپلەردىن نېمىگىمۇ ئېرىشەرمىز؟
     بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەن شۇ نەرسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇ بولسىمۇ، باھانىگە يول قويماسلىق ۋە شۇنىڭغا يانداشقان مەسئۇلىيەت قەلبىمىزگە يىلتىز تارتىپ، بىر تۈرلۈك كۈچلۈك ئاڭغا ئايلىنالىسا ، ئۇ كۈندىلىك ھەركەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا بىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.
     شۇڭا دوستۇم، ئەگەر سىز ئېرىنچەكلىكنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا پايدىسىز بولمىسىلا ئۇدۇل كەلگەن بىر ئىشنى قول سېلىپ قىلىڭ. ئىشنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى سىزنىڭ بىكارچىلىق، باھانىگەرچىلىكتىن ئىبارەت بۇ «رودۇپاي»لاردىن قۇتۇلغانلىقىڭىزدۇر.شۇ نەرسە مەڭگۈ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى: كىشىلىك تۇرمۇش ھەرگىز باھانىگە يول قويمايدۇ!
مەنبە:www.uykitab.cn


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )