قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3641|ئىنكاس: 16

قەشقەر پۇلى پاجىئەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

2

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 10:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر پۇلى پاجىئەسى
قەمەرجان قابىل

    1933-يىلى قومۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئوت ئۇچقۇنلىرى شىنجاڭنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا تۇتاشتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەۋرىنىشكە باشلىدى.
   بۇنىڭ بىلەن ياڭ زېڭشىن ۋاقتىدا بازارلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان قەغەز پۇلنىڭ ئورنىغا 喀票 (كاپياۋ، قەشقەر پۇلى) دەپ ئاتىلىدىغان باغلىشاڭغۇ قەغەز پۇل ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ پۇل قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىلا ئىشلىتىلەتتى. بۇ پۇل بىر سەرلىك بولۇپ، بىر سەر تەڭگە بىلەن تەڭ قىممەتكە ئىگە ئىدى. بىر سەر ئون مىسقال ياكى 16 تەڭگە ھېسابىدا بولۇپ، بازاردىكى ئىلىم-سېتىم ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان داچەن (مىس پۇل)غا سۇندۇرغاندا 400 داچەنگە تەڭ كېلەتتى.
   قەشقەر پۇلىنىڭ يەنە بىر نامى «تىزا» ئىدى، بۇ بىر سەرلىك، تۆت تەڭگىلىكتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلاتتى. قەشقەر پۇلىنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتا «سىبەي يۈەن» (400 داچەن)، «يىبەي يۈەن» (100 داچەن) دېگەن خەتلەر يېزىلغان. كىشىلەر بۇ پۇلنىڭ بىر سېرىنى بىر سەر تەڭگە ئورنىدا ئىشلىتەتتى. قەغەز پۇل ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغاچقا، تىجارەتچىلەر، قول ھۈنەرۋەنلەر ئۇنى بەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتى، ھەتتا تەڭگىنى ئۈستىدىن ئىككى-ئۈچ داچەن بېرىپ قەغەز پۇلغا تېگىشىۋالاتتى.
    قەشقەر پۇلى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى دەۋرىدىمۇ بىر مەزگىل ئۆز قىممىتى بويىچە ئىشلىتىلگەنىدى، قومۇل قوزغىلىڭىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى بىلەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى كۆپلەپ ئەسكەر ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ خىراجىتى كۆپەيدى، نەتىجىدە قەغەز پۇل كۆپلەپ تارقىتىلدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ پاخاللىشىشقا يۈزلەندى، تەڭگىنىڭ كۇرسى ئۆرلەپ كەتتى. سودىگەرلەر بۇنىڭدىن چەبدەسلىك بىلەن پايدىلىنىپ تەڭگە بىلەن مىس پۇل (داچەن)نى كۆپلەپ يىغىۋالدى، بازارلاردا قەغەز پۇللا ئىشلىتىدىغان بولدى. بازارلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان پارچە پۇل (تىيىن، داچەن) يوقالغاندىن كېيىن، پارچە پۇل يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. پۇقرالارنىڭ ئېلىم-سېتىمغا ئىشلىرىدىكى پارچە پۇلغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەرنىڭ ئامبىلى ماشاۋۋۇ (ماتىتەي) شۋېتسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مەتبەئەسىدە بىر مىسقاللىق (40 داچەنگە تەڭ) قەغەز پۇل باستۇرۇپ تارقاتقان بولسىمۇ، بۇ پۇل يەنىلا كىشىلەرنىڭ بازاردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. نەتىجىدە مال پۈتۈن پۇلغا قىممەت، پارچە پۇلغا ئەرزان بولۇپ قالدى. قەشقەر پۇلىنى كىشىلەر كۆزگە ئىلماي، ئاسراپ تۇتمىغاچقا، بۇ پۇل كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەنىدى. بولۇپمۇ ماتىتەينىڭ چېرىكلىرى بۇ پۇلنى قىمارغا دەسمايە قىلغاچقا، ئۇ تاۋكادا توپىغا مىلىنىپ، ئېزىلىپ كەتكەنىدى. نەتىجىدە بۇ پۇللار يامان ئىشلىتىلدى. سودىگەرلەر بىلەن خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجرا كۆپىيىپ كەتتى، چېرىكلەر بۇ پۇلنى كىشىلەرگە زورلاپ تاڭدى. ئالغىلى ئۇنىمىغانلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ مەجبۇرىي ئالغۇزدى. ئەمما بۇ پۇلنى بانكا ۋە باج ئورۇنلىرى ئالمىدى. تىجارەتچىلەر ياماق سېلىنغان بۇ پۇلغا مال سېتىپ زىيان تارتىۋەرگەچكە، ئىلاجىسىز دۇكانلىرىنى تاقىۋەتتى. دۇكان ئاچقانلىرى بولسا ماللىرىنىڭ باھاسىنى بىر نەچچە ھەسسە ئۆستۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ماتىتەينىڭ سىياسىتىدىن ۋە ئۇنىڭ چېرىكلىرىدىن بىزار بولدى. دېمەك، چىرىكلىك ھۆكۈمەتكىمۇ، شەخىسگىمۇ، بازارغىمۇ يامان تەسىر بېرىپ، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ماتىتەينىڭ چېرىكلىرى مال باھاسىنىڭ ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كېتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنى شىلىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن نۆۋەت بىلەن بازارغا ئارىلىشىپ ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىپ، پۇقرالارنى ھە دېسە بوزەك قىلىپ ھېلىقى پاخاللىشىپ كەتكەن «ياماق تىزا»نى بازارغا سالدى. ئۇلار پۈتۈن پۇلغا ئاز مال ئېلىپ، پارچە پۇل قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلدى. پارچىلىۋالغان پۇلغا ئەرزان باھادا «ياماق تىزا» سېتىۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرلەرگە تېڭىپ ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلدى. تىجارەتچىلەر ئاخىرى چېرىكلەرگە ماللارنى بىكارغا بېرىش چارىسىنى قوللىنىپ، قايتۇرۇپ بېرىدىغان پارچە پۇلنى تېجەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىنچە چېرىكلەر بۇ ئىشتىن ئۆزلىرىگە كۆپ پايدا تەگمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ «بىز دۆلەتنىڭ ئەسكىرى، پۇقرالارنىڭ نەرسىسىنى بىكارغا ئالساق بولمايدىكەن» دېگەننى باھانە قىلىپ يەنىلا پۈتۈن پۇلغا سودا قىلىپ پارچە پۇل تېگىشۋېلىپ پارچە پۇلغا ئەرزان باھادا مال سېتىۋېلىشتەك سودىگەرلىكنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ھال ماتىتەي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماي قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى، چېرىكلەرنىڭ بازارغا ئارىلىشىپ پۇقرالارنى خالىغانچە قاقتى-سوقتى قىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك چارە-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى: 1) قەشقەر پۇلىنىڭ قانچىلىك كونىراپ، ئېزىلىپ، ياماق سېلىنىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر «تىزا»نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «سىبەي يۈەن» ياكى «يىبەي يۈەن» دېگەن خەتلىرى يىرتىلمىغان بولسىلا بانكىمۇ، باجخانىمۇ، پۇقرالارمۇ تەخىرسىز ئالىدۇ. 2) ئەسكەرلەر پۇقرالارنىڭ ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ ۋە پۇقرالارغا چېقىلمايدۇ. 3) پۇلنىڭ قىممىتى بۇرۇن قانچە بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنچە بولىدۇ. تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئېلانى چىقىرىلىشى بىلەن پۇقرا ۋە سودىگەرلەرگە بولغان بېسىم، تەھدىت بىر قەدەر ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن چېرىكلەر بۇنىڭغىمۇ ھىيلە ئىشلەتتى. چېرىكلەر بازارغا ئارىلاشمايلا قالماي، ساق «تىزا»نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خېتىنى ئۇيۇپ ئېلىپ ئۇنى يىرتىق پۇلغا چاپلاپ قۇراشتۇرۇپ ئۇنى ئەيمەنمەستىن بازاردا ئىشلەتتى. بىر قىسىم سودىگەرلەر بۇ پۇلنىڭ خېتىنىڭ ئۇيۇلغانلىقىنى بىلسىمۇ، چېرىكلەرنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ چاندۇرماي سودا قىلىۋەردى. كېيىن بۇنى پۇقرالار بىلىپ قېلىپ، بۇنداق پۇللارنى ئالمىدى. يىرتىق-ياماق پۇللارنى كونا دەپ ئالمىسا، يېڭى پۇلنى خېتى يۇيۇۋېلىنىپتۇ دەپ ھۆكۈمەتمۇ، شەخىسلەرمۇ ئالمىدى. نەتىجىدە بۇ پۇل خوتەندىمۇ، قەشقەردىمۇ ئۆتمىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم تىجارەتچى، ھۈنەرۋەنلەر سەرمايىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ۋەيران بولۇپ نامراتلاشتى. مانا بۇ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرى 1933-يىلىنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر-خوتەن خەلقىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيانلارنى كەلتۈرگەن قەشقەر پۇلىنىڭ پاخاللىشىپ ئۆتمەس بولۇپ قالغان ۋاقتى ئىدى، پۇقرالار بۇ ۋەقەنى «قەشقەر پۇل پاجىئەسى»، «ياماق تىزا پاجىئەسى» دەپ ئاتىغانىدى. پۇقرالار بۇ پۇل پاجىئەسىگە قارىتا مۇنداق قوشاق توقۇشقانىدى:

ياغ تىزا، ياماق تىزا،
سېنىڭدىن بولدۇق بىزار.
يەتكۈچە زىيان تارتىپ،
گالدىن ئۆتمىدى غىزا.

    «ياماق تىزا پاجىئەسى» توغرىسىدا توقۇلغان بۇ قوشاقنى كىشىلەر ئاغزىدىن چۈشۈرمەي يادلاپ يۈردى. 1933-يىلى 5-ئايدا تۆمۈر شىجاڭ باشچىلىقىدا زۇلۇمغا، ئېزىلىشكە قارشى قوزغىلىپ چىققان قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى قەشقەرنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن پۇل بېسىلدى. نەتىجىدە قەشقەر، خوتەندىكى تىجارەتچىلەر، قول ھۈنەرۋەنلەر قەد كۆتۈرۈپ، سودا سېتىق نورمال يۈرۈشۈپ كەتتى.
مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىدىن ئېلىندى.


پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 11:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 3070
توردىكى ۋاقتى: 792
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 11:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىز تەرەپتىمۇ پۇلنى تىزا ۋە ياكى كويچەن  دەپ ئاتايتتى ،ھازىر ئۇنداق ئاتاشنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ .

0

تېما

0

دوست

1651

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31294
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 11:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قەشقەرلىق بايلار بۇرۇن ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ  قەغەز پۇلنى ئوتۇن ئورنىدا قالاپ پولو ئېتىدىكەن . بەزىلىرىنىڭ تاماق پىشقىچە پۇلى تۈگمەيدىكەن بەزىلىرىنىڭ پولو پىشماي تۇرۇپلا پۇلى تۈگەپ كىتىدىكەن . چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە.

2

تېما

1

دوست

1098

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26822
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 11:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاش ھادىسىلەر ئوخشىمىغان ئۇسسۇللار....تۇنۇگۇن ۋە بۇگۇن....كىچە ۋە كۇندۇز...بۇۋام،دادام،مەن......ئارمىنىم -بۇگۇن ۋە ئەتە...........................

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 3070
توردىكى ۋاقتى: 792
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 12:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  يەر زىمىنمۇ بىخەتەر ئەمەس ،يەنىلا ئالتۇن يىغسا  بىخەتەرمىكىن.

زىمىستاننى باھار دىگۈم يوق❣

0

تېما

0

دوست

119

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30867
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 18:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alaqehan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 11:48
مۇشۇ قەشقەرلىق بايلار بۇرۇن ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز  ...

ئۇنداق قىممىغاندۇ، مەن ئاڭلاپ باقمغان گەپكەن بۇ

1

تېما

8

دوست

3421

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1042
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 20:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاغەز پۇل تىزا دېيىلۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )