قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 949|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەدىمكى ئەسەرلەر يورۇقىدا -يۇرتىمىز مەدەنىيىتى -1

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قەدىمكى ئەسەرلەر يورۇقىدا -يۇرتىمىز مەدەنىيىتى


مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

IMG_1127.JPG

   باھارنىڭ خۇشبۇي ھىدى خاسىيەتلىك دىيارىمىزنى قاپلىغان، جىمى جانلىقلار ئۇيغۇنۇش ئىلكىدە ئەلەيلىنىۋاتقان، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار ئۈمىد بىخلىرىنى بالقىتىۋاتقان دەقىقىلەردە يەنى 2015-يىلى3-ئاينىڭ 11-12-كۈنلىرى يىراق ياۋروپا قىتئەسىدىكى گېرمانىيەدە بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئالەم شۇمۇل كاتتا بىر يىغىن ئېچىلدى.
گېرمانىيە گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتىدا، گۆتتىنگىن پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرال-ئالتاي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى  بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن« يوقالغان دۇنياۋىي دىن: كىتاب ۋە يېزىق ئەينىكىدىن مانى دىنىغا نەزەر» تېمىسىدىكى خەلىقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بېرىلگەن دوكىلاتلارنىڭ ئاساسى قىسمىنى 1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە گېرمانىيە ئارخىلوگلىرى تەرپىدىن يۇرتىمىز مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن تۇرپاندا تېپىلغان ئوتتۇرا دەۋىر ئېران تىللىرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىسىتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مانىي دىنىغا مۇناىسىۋەتلىك تەتقىقاتلار تەشكىل قىلدى. مانى دىنى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېراندا بارلىققا كېلىپ، 17- ئەسىرلەردە يوقالغان كۆپ تەڭرىلىك بىر دىندۇر. يىغىندا تەكلىپكە بىنائەن ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 16 نەپەر تەتقىقاتچى ئالىملار ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بۆلۈمىدىن Dr.Ablet Semet ئابلەت سەمەتمۇ ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قاتناشقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىن قىزغىن مۇنازىرە ۋە تەھلىللەرگە سەھنە بولدى. بۇ يىل ئۈچىنچى قېتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن 2009-يىلىدىن بېرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

يوقالغان دۇنياۋىي دىن: كىتاب ۋە يېزىق ئەينىكىدىن مانى دىنىغا نەزەر

  ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ۋە كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەنمۇ دۇنياغا مەشھور. تارىخىدا شانلىق ئىزنالارنى قالدۇرۇپ بۈگۈنگىچە كەلگەن ئۇيغۇرلىرىمىز ئۆزىدىكى بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىزچىل دېققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە.
  ھەممىمىزگە مەلۇم، مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا تۇتقان ئورنى بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ مۇھىم. مانى دىنى 3-ئەسىردە ئېراندا پەيدا بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆز تۇپرىقىدا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچۇراپ چەكلەنگەچكە، بىر قىسىم جېنىنى ئېلىپ قاچقان مانى دىنى مۇخلىسلىرى داۋاملىق شەرىققە قاراپ قېچىپ يۇرتىمىزنىڭ تۇرپان قاتارلىق جايلىرىغا يەرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى داۋاملىق دۇنخۇاڭغىچە تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ يەردە ئۇلار قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك ئىشلىرىدىن بىرى، تۇرپاندىكى دۇنياغا مەشھور مانى دىنى مەزمونىدىكى تام رەسىملىرىدۇر. ئۇندىن باشقا مانى دىنىدىن قالغان نۇرغۇن ئەسلى قوليازمىلار پەقەتلا بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ساقلىنىپ قالغان. 1903-يىلى مانى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەدىمكقى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى كىتاب، تېكىسىتلەر گېرمانىيىلىك مەشھور پىرافېسسور دوكتۇر ئالىم Dr.Mueller تەرپىدىن ئېنىقلانغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم مانى دىنىنىڭ ئۆزىگە ئائىت مۇقەددەس تېكىست، كىتابلىرى دۇنياغا مەلۇم بولدى. ھازىرغىچە بايقالغان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مانى دىنى ئەسەرلىرىدىن مىسىردىن تېپىلغان كوپتىچە، ئوتتۇرا ئېران تىللىرىدىن پارتىيچە ۋە سوغدىچى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ كۆپ ۋە مۇكەممەل ساقلانغانلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىدى.
1872-يىللىرى قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئوقۇش ياۋروپادا مۇمكىن ئىدى. شۇ يىللاردا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدە يېزىلغان« قۇتادقۇ بىلىك»نىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ياۋروپادا ئوقۇلغاندىن سىرت مۇڭغۇلچە، مانجۇچىلارنى ئقۇش ئىمكانىيىتىمۇ بولغان. 1892-يىلى فىرانسىيەدە ساقلانغان بىر نەچچە مەشھور ئۇيغۇرچە تېكىسىتلەر ۋە 16-17-ئەسىرلەردە ئانادولودا يېزىلغان بىر قىسىم تېكىسىتلەرمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنىپ تەتقىق قىلىنغان. دوكتور Dr.Mueller نىڭ نەتىجە ۋە تۆھپىسى بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تېكىسىتلەرنىڭ مانى دىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىدى. مانى دىنى كۆپ تەڭرىلىك دىن بولۇپ ئۇنىڭدا بۇددىزىم، خىرىستىيان ئىلمىتىلىرى بار بولۇپ بۇددا ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەرمۇ ئايرىم تەڭرى سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىدى.  پۈتۈن دۇنيادا Dr.Mueller مانى دىنىنى جاھانغا تونۇتقان تۇنجى كىشى بولدى. ئىلىم دۇنياسى مانى دىنىنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئېران، مىسىر كوپتىچە، پارتىچە ۋە سوغدىچە تېكىستلەردىكى تىللاردىن تونۇغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى ئۇيغۇرچىسىنى تونۇغان بولدى.
يۇرتىمىزدىكى تېپىلغان قەدىم مانى دىنى تېكىسىتلەرنىڭ تونۇلۇشىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى بولسا، شۇ ۋاقىتقىچە خىرىستىيان دىنى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەقىدىلەرنىڭ مانى دىنىغا قارشى بۇرۇن يازغان تېكىسىتلەردىن مانى دىنى دېگەندەك بىر دىننىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان ۋە ئۇلاردا مانى دىنىنى تەنقىدلەيدىغان تېكىسىتلەرمۇ بار ئىدى. مانى دىنىنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ، ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزى يازغان كىتاب، تېكىسىتلىرى بارمۇ، يوقمۇ بۇ ھەقتە قىلچە مەلۇمات يوقتى. مىسىردىن تېپىلغان كوپتىچە(قەدىمىي تىل) تېكىستلەردە بايان قىلىنىشچە مانى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. بۇلارنىڭ بىر قىسمى گېرمانىيەنىڭ كونىن شەھىرىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. 1860-يىلىغىچە كۆپتىچە تېكىسىتلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە شۇ ئاساستا مانى تىلىنى تونۇش مەۋجۇت ئىدى. 1860-يىلىدىن كېيىن ھېچكىم مانى دىنى ھەققىدە سۆزلىمەيدىغان بولۇپ كەتكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ دىننى يوقالغان دىن، تەتقىقاتتىمۇ ئورۇن ئالالمىغان دىن دەپ قارىغان. دەل شۇ ۋاقىتلاردا يۇرتىمىزدىن تېپىلغان قەدىمكى تېكىسىتلەر بۇ قاراشلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.
    مانى دىنى ئۇيغۇر تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان دىنلارنىڭ بىرى. 763-يىلى ئورخۇن خاندانلىقىدىن چاڭئەنگە ياردەمگە چاقىرتىلىپ « ئەنلۇشەن-لى شىمىڭ توپىلىڭى»نى باستۇرۇپ تاڭ سۇلالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان باھادىر ئاتلىق ئەسكەرلەر يۇرتقا قايتقاندا تاڭ سۇلالىسىدا چەتكە قېقىلىۋاتقان ئۈچ نەپەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق مانى راھىبىنى ئېلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەستىن ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خاندانلىقىدا  مانى دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ھەتتا، 840-يىلى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ كۆچكەنلىكىنى تارىخى ماتېرىياللار بىلەن ئىسپاتلىيالايمىز. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يۇرتىمىز تۇرپان ئويمانلىقىغا كېلىپ قوچۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىنمۇ مانى دىنى ئېتىقادىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ۋە چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. بۇ ئەسەرلەر ئورۇسلارنىڭ يۇرتىمىزدا بۇرۇن ئېلىپ بارغان ئېكىسپىدىتسىيەسى جەريانىدا بايقالغان بولسىمۇ سانكىت پېتىربورۇكقا ئېلىپ كېتىلگەن بۇ تىل ۋە مەزمۇننى ئادەم بولمىغاچقا بىر خىل سىرلىق يېزىق ۋە سىر بولۇپ تاشلىنىپ قالغان. پەقەت Dr.Mueller نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىقلاپ چىقىشى ھەم مانىي دىنى دېگەن بىر دىندىكى ئادەملەرنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتىنى دۇنياغا مەلۇم قىلىشى تۈرتكىسىدە، روسىيە سانكىت پېتىربورگ مەشھور روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىدىن سالىمون دېگەن تەتقىقاتچى Dr.Mueller نىڭ يولىدىن مېڭىپ، روسىيەدە ساقلىنىۋاتقان تېكىسىتلەرنى تەرجىمە قىلىپ دۇنياغا تونۇتىدۇ.
ھازىرقى گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرىدىن باشقا ئەنگىلىيەدە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان تېكىستلەر ئىچىدە خەنزۇچە تېكىستلەرمۇ بار.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانى دىنىنى قاتتىق چەكلەنگەن. ئەمما، مانى دىنى ئېتىقادى تاڭ سۇلالىسى دۆلەت تۈزۈلمىسى، خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ كەڭ تارقالغان. مەسلەن: تاڭ دەۋرىدىكى ئۈچ شائىرنىڭ بىرى بولغان بەي جۈيىنىڭ مانى دىنى تەرغىباتىچىسى ۋە ئېتىقادچىسى ئىكەنلىك ئېھتىمالى چوڭ. ئۇنىڭ ئىسمىدىكى بەي يەنى ئاق سۆزى مانى دىنىدىكى ئاق رەڭنى ئۇلۇغلاش ئېتىقاتىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ شئېرلىرىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارمۇ مانى دىنىدىن كەلگەن دېيىلىدۇ.
   مانى دىنى تېكىستلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم  ئەھمىيىتى: بىزنىڭ ئورخۇن ۋادىسىغا دائىر قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن شۇ ۋاقىتتىكى خاقانلارنى ئۇلۇغلاش، مەدىھىيلەش مەزمۇنىدىكى تېكىستلەر بار. بۇ تېكىستلەر تارىخچى گېڭ شىمىن ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئالىملار تەرپىدىن خەنزۇچە ھەم كېيىنچە ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
   1982-يىلى تۇرپان بېزەكلىكتىن بىر تۈركۈم قول يازمىلار تېپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە سوغدىچە مانى تېكىسىتلىرى ئىدى. بۇ قىممەتلىك تەۋەرۈك تېكىسىتلەر 1990 يىللاردا ياپونىيىلىك ئالىم يوشىدا ھەم دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم پىرافېسسورلىرى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.

ئەسكەرتمە: بۇندىن كېيىن <<
قەدىمكى ئەسەرلەر يورۇقىدا -يۇرتىمىز مەدەنىيىتى >> دېگەن تېما ئاستىدا 1-2-....شەكىلدە باغداش مۇنبىرىدە ئىزچىل مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يوللايمىز. دېقىتىڭىز مۇنبىرىمىزدە بولسۇن!

2015-يىلى3-ئاينىڭ16-كۈنى

0

تېما

0

دوست

192

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34511
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بارىكاللا...!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

873

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SARSAN_8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 18:42  

      « ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ۋە كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەنمۇ دۇنياغا مەشھور. تارىخىدا شانلىق ئىزنالارنى قالدۇرۇپ بۈگۈنگىچە كەلگەن ئۇيغۇرلىرىمىز ئۆزىدىكى بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىزچىل دېققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە. »
      ................................................................................................................................

      مىللىتىمىز كۆپ خىل يېزىق ئىشلىتىش ۋە كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا ، بىر خىل يېزىق ئىشلىتىپ ،بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئىشلار باشقىچە بولاتتىمىكىن دەيمەن . كۆپ خىل يېزىق ئىشلەتكەننىڭ ۋە كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغاننىڭ پەخىرلەنگۈدەك نىمىسى بار ؟
      

0

تېما

1

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27394
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ۋە كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەنمۇ دۇنياغا مەشھور.

ماۋۇ قۇرلار كۈلكەمنى قىستاپ قويدى

1

تېما

1

دوست

1207

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تارىخى يازما بەك ياخشى چىقىپتۇ ،ئاپرىن ،نورۇز ھەققىدە شېىرلار بارمۇدۇ ھە ؟

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
SARSAN_8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 17:14
« ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ۋە كۆپ خىل  ...

مىڭ تانسىڭىزمۇ بۇ ھەقىقەتتىن تانالمايسىز. مىللىتىمىز ئۆزىنى توختاۋسىز تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا ھەقىقى توغرا ئېتىقاد ئىزلەپ كەلگەن، ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئىلغار يېزىقلارنى قوبۇل ئەتكەن. بۇ دۇنيادا نەچچە مىڭ يىل ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ تارىخىدا بىرەر دىنغا دىنغا تۈزۈكرەك ئېتىقاد قىلمىغان مىللەتلەر بار. بىرەرمۇ يېزىقنى ئىجاد ئېتەلمىگەن، قوبۇل قىلالمىغان مىللەتلەرمۇ كۆپ. ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىن ۋە قوللانغان يېزىقلىرىنى دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگىچە ئېلىپ چىقالىغان. ئەقلىڭىز بولسا بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يىتەلەيسىز.
بۇ ئىنكاسىم ئاستىدىكى ھىجىيىپ چىشى چۈشۈپ قالغانلارغىمۇ ئورتاق!

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 20:16  
xikayat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 18:45
بۇ تارىخى يازما بەك ياخشى چىقىپتۇ ،ئاپرىن ،نورۇز ھەققى ...


شئېرىيەت سەھىپىسىگە قاراپ بېقىڭ، شۇ يەرلەردە ئۇچىراپ قالامدىكىن؟

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
karakhan07 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 18:02
ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ۋە كۆپ خىل دىنلا ...

مىڭ تانسىڭىزمۇ بۇ ھەقىقەتتىن تانالمايسىز. مىللىتىمىز ئۆزىنى توختاۋسىز تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا ھەقىقى توغرا ئېتىقاد ئىزلەپ كەلگەن، ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئىلغار يېزىقلارنى قوبۇل ئەتكەن. بۇ دۇنيادا نەچچە مىڭ يىل ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ تارىخىدا بىرەر دىنغا دىنغا تۈزۈكرەك ئېتىقاد قىلمىغان مىللەتلەر بار. بىرەرمۇ يېزىقنى ئىجاد ئېتەلمىگەن، قوبۇل قىلالمىغان مىللەتلەرمۇ كۆپ. ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىن ۋە قوللانغان يېزىقلىرىنى دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگىچە ئېلىپ چىقالىغان. ئەقلىڭىز بولسا بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يىتەلەيسىز.
بۇ ئىنكاسىم  ھىجىيىپ چىشى چۈشۈپ قالغانلارغىمۇ ئورتاق!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )