قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1941|ئىنكاس: 12

تىلۋىزور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 15:49:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىر تىلۋىزور ۇقىرى تەكرارلىق تىلۋىزىيە سىگنالىنى ئارلاشما ھالەتتە كۈچەيتىپ ئاندىن سىگنال تاللاپ كۈچەيتىپ ئۇتتۇرا چاستوتىلىق سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كىيىنكى بۇغۇمغا يوللاپ بېرىدىغان يۇقىرى تەكرارلىق كۈچەيتىش تاللاش بۇغۇمى (گاۋپىنتوۇ، 高频头 ) ، ئۇتتۇرا چاستوتىلىك كۈچەيتىش بۇغۇمى، ئاۋاز سىگنالى ئايرىش بۇغۇمى، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ۋە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ئايرىش بۇغۇمى، يورۇقلۇق دەرىجە سىگنالى ، رەڭ ئايرىش بۇغۇمى دىگەندەك كۆپ بۇغۇملاردىن تەركىپ تاپىدۇ، دىمەك تىلۋىزىيە سىگنالىمۇ خاس ئاۋاز بىلەن سۈرەتتىن ئىبارەت ئىككىلا سىگنال ئەمەس، يەنە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، ئۈچ ئاساسى رەڭ سىگنالى ۋە يورۇقلۇق سىگناللېرىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، تىلۋىزور ئىكرانى نىپىز ئىكرانلار مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاساسەن ئىلىكتىرونلۇق لامپا پىرىنسىپىدا ئىشلەيتتى،  رەڭلىك تىلۋىزوردا ئۈچ دانە ئاساسى رەڭ تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇلۇپ ، قىزىل، يىشىل ۋە كۈكتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى رەڭنى مۇۋاپىق قۇشۇش ئارقىلىق باشقا رەڭلەر ھاسىل قىلىناتتى، مەن بۇرۇن ئۇقۇغان تىلۋىزور دىگەن كىتاپتا ، يىشىل رەڭ 56، كۈك رەڭ 11، قىزىل رەڭ 29 بۇلۇپ، قىزىل بىلەن كۈك قۇشۇلسا سۆسۈن، قىزىل بىلەن يىشىل قۇشۇلسا سېرىق، كۈك بىلەن يىشىل قۇشۇلسا ھاۋا رەڭ دىگەندەك ، ھەممىسى قۇشۇلسا ئاق رەڭ ھاسىل بۇلىدۇ.
   
     رەڭلىك فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىلا ئۈچ ئاساسى رەڭ پىرىنسىپى بۇيىچە سۈرەتكە ئالىدىغان بۇلۇپ ھەر-قايسى رەڭلەرنىڭ مىقتارى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرلىنىدۇ، رەسىم 2 سىنغا ئىلىش پىرىنسىپ رەسىمى. رەسىم 3 بولسا تىلۋىزوردىكى ئۈچ خىل ئاساسى رەڭلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىكراندا رەڭلىك سۈرەت ھاسىل قىلىش پىرىنسىپ ئىسخىمىسى بۇلۇپ، سايىلىك سۈرەت كۆرسىتىش بىلەن ئۇخشاپ كىتىدۇ. بۇرۇنقى ئىكرانلارنىڭ كەينىدىكى ئىلىكتىرون مىلتىقى قىسمىغا قارىسا رەڭسىز تىلۋىزورلاردا بىر تال، رەڭلىك تىلۋىزورلاردا بولسا 3 تال قىزىتىش پىلىكى بار.
  كاپىتالىستىك دۆلەتلەر دەسلەپكى تەرەققىيات ئاساسىدا رەڭلىك سۈرەتنى تىلۋىزىيە سىگنالى قىلىپ تارقىتىش ھەم بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزورلاردىمۇ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ يورۇقلۇق سىگنالى بار قىلىپ pal دەيدىغان تۈزۈمدە سىگنال تارقىتىپ ئۇزۇنغا بارمايلا رەڭلىك سۈرەتنى سۈزۈك چىقىرىدىغان ntsc تۈزۈمىدە تارقىتىشنى باشلىغان، بۇنىڭدا نۇرغۇن پۇخرالار رەڭسىز ۋە pal تۈزۈمىنى قوللايدىغان رەڭلىك  تىلۋىزورلېرىدىن پايدىلىنالماي يىڭىدىن ntsc تۈزۈمنى قوللايدىغان  رەڭلىك تىلۋىزور سىتىۋىلىشىغا تۇغرا كىلەتتى.
  دۆلىتىمىزدە بۇرۇن ئاساسلىقى رەڭلىك ۋە رەڭسىز تىلۋىزورلارنى تەڭ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە pal تۈزۈمىدىكى تىلۋىزىيە سىگنالى تارقىتىلاتتى. شۇڭا كونا تۈزۈمدە تىلۋىزىيە پىرۇگگىراممىلېرىنى قوللايدىغان نۇرغۇن تىلۋىزورلارنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ خەلىققە زىيان بۇلىشىدىن ساقلانغان ئاساستا ھازىرغىچە شۇ تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان.
   تىلۋىزىيەدىكى سۈرەت كۆرسىتىش لامپىسى 766250 دانە يورۇتۇلىدىغان چىكىتتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، مەيدەن تەكرارلىقى(تۇغرىسىغا) 50 گىرتىس، قۇر تەكرارلىقى سىكونتىغا 16325 گىرتىس (تىك) بۇلىدۇ، يەنى ھەر-بىر چىكىت نۇقتىنىڭ رەت بۇيىچە كۈچلۈك ياكى ئاجىز يورىشى ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىنىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى سۈرەت لامپىسى ئىلىكتىرون مىلتىقىدىن ئىتىلىپ چىقىدىغان ئىلىكتىرونلارنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى يۇقىرى سۈرئەتتە تىزگىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قايسى ئىلىكتىروننىڭ قايسى چىكىت نۇقتىغا سۇقۇلىشىنى مەيدان ۋە قۇر ئېغىتقۇچى ئورامىدا ھاسىل بولغان ماگىنىت مەيدانى بەلگىلەيدۇ.
   تۇلۇقسىزدا ئۇقۇغاندا كىنو لېنتىسىدىكى سۈرەتنىڭ سىكونتىغا 24 پارچە يۈتكىلىش ئارقىلىق بىزگە ھەركەتلىنىۋاتقان سۈرەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلگەنتۇق، تىلۋىزىيەدە بولسا سىكونتىغا 25لىك سۈرئەتتە ئالمىشىدۇ، يەنى 50 گىرتىسلىق مەيدان ۋە 16325 گىرتىسلىق قۇر تەۋرىنىشىدىن ئىبارەت. كىنو لېنتىلېرىنى تىلۋىزىيە سىگنالىغا ئايلاندۇرۇشتا شۇنداق سىكونتىغا 25 قىتىم ئالمىشىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ، بۇنىڭدا سۈرەتنىڭ ئازغىنا ئىتتىكلىشى كۆزىمىزگە بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئىلىكتىرون لامپىلىق تىلۋىزورنى كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق، بىر غۇۋا ئىسخىمىسى؛

بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك كىرىستال لامپىلاردىن ئىشلەنگەن تىلۋىزور ئىسخىمىسىنىڭ بىر قىسمى

بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك توپلاشتۇرۇلغان  توك يوللۇق رەڭسىز تىلۋىزورنىڭ ئىسخىمىسى؛

  تۈۋەندىكىسى رەڭلىك تىلۋىزور توك يۇلى ئىسخىمىسى؛

1-تىلۋىزور يۇقىرى تەكرارلىق بىشى؛ 高频头

      ئالدى بىلەن رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى تەكرارلىق سازلاش قىسمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى، ئادەتتە كۈپىنچە تىلۋىزىيە تارقىتىش چاستوتىسى VHF  تەكرارلىق دائىرىسى 30 دىن 300 مىگا گىرتىسقىچە ۋە UHF تەكرارلىق دائىرىسى 300دىن 3000مىگا گىرتىسقىچە بۇلۇپ ئالدىنقىسىدا 1دىن 12 گىچە قانالدا كىيىنكىسىدە بولسا 13 تىن 56 گىچە قاناللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
      دەسلەپتە رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق قۇبۇللاش بىشى مىخاينىكىلىق ئۇسولدا ئۆزىدىكى تەۋرىنىش ئوراملېرى ۋە سازلاش تەكرارلىقىغا ماس كىلىدىغان ئۆلچەمدە ئورالغان سىم ئوراملارنى مۇناسىپ ئورۇنغا ئۇلاپ ئۈزۈش ئارقىلىق قانال تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بۇلۇپ ، يۇقارقى رەسىمدىكى چوڭ رەڭسىز رەسىم شۇنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بىر رەسىمدىن باشقىلېرى شۇنىڭ مىتال قاپلىق سۈرىتى. رادىئودا يىقىن ئەتراپتىكى تىلۋىزىيە قاناللېرىنى بىۋاستە كۈچەيتىشچان رادىئو قۇبۇللىغۇچ ئارقىلىق قۇبۇللىغىلى بولسىمۇ تىلۋىزىيەدە ئاۋاز، سۈرەت، ۋە قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار بار بولغاچقا كۆپلىگەن قاناللارنى بىر بىۋاستە كۈچەيتىشلىك توك يۇلى ئارقىلىق نورمال قۇبۇللاپ كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالغا ئەسلى سىگنالدىن 38 مىگا گىرتىس يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالنى قۇشۇپ ئارىدا يەنە بىر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ شۇنى نەچچە بۇغۇملۇق كۈچەيتىپ ئاندىن شۇنىڭدىن يەنە 6.5 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ ئاۋاز چاستوتىسىنى ئايرىۋالىدۇ، يەنە 10.5 مىگا گىرتىسلىق ئايرىم ئارا چاستوتا سىگنالى ھاسىل قىلىپ ئۇنىڭدىن سۈرەت سىگنالى ، قۇر-مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللارنى ئايرىۋىلىپ قۇر ۋە مەيدان تەۋرەنەۈچلېرىنى سۈرەت مەنبەسىدىكى ئەسلى سىگنالدىكى قۇر-مەيدان سىگناللېرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن سۈرەت كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزور كۆرگەنلەر ئىكراندا قىيپاش ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سىزىقلار چىقىۋالغاندا قانال يۈتكىگۈچنىڭ سىرتىدىكى ھالقىسىنى بىسىپ تۇرۇپ بۇراپ سۈرەت نورمال چىققاندا ئاندىن كۆرەتتۇق، شۇنىڭدا 38 مىگا گىرتىسلىق ئۆزىدىكى تەۋرىنىش سىگنالىنى تەڭشىگەن بۇلۇپ، ئارا چاستوتىلىق 38 مىگا گىرتىسلىق سىگنالنى مۇقىملاشتۇرۇغاندىن كىيىن قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار يىتەرلىك كۈچىيىپ قۇر تەۋرىنىشىنى 16325 گىرتىس ياكى ئەسلى سىگنالدىكى تەۋرىنىشكە ماسلاشتۇرغان بۇلىدۇ. قۇر-مەيدان ئېغىتقۇچى ئوراملېرىدىكى ماگىنىت لاش كۈچىمۇ بىر ۋاقىتتا ماسلىشىپ ئىلىكتىرونلارنى سۇقۇلۇش ئورنىمۇ تەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بۇلىدۇ.


     سىگنالنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى تىلۋىزور كۆرۈشىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ سىگنال ئاجىز بولسا بىر بولسا سۈرەت يوق ئاۋازى ئاران چىقىدۇ، بىر بولسا چىمىرلاپ نۇرغۇن قار ئۇچقۇنلېرى پەيدا بۇلىدۇ. يۇقىرى تەكرارلىق باش نورمال دائىرە ئىچىدە سەل ئاجىزراق سىگنالنىمۇ كۈچەيتەلەيدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن بۇلۇپ، سىگنال كۈچلۈك يەردە بىرىنچى لامپا يەنى سىگنال كۈچەيتىش لامپىسىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكى كۈچەيتىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا تەڭشەلگەن بۇلىدۇ، ئەگەر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا تەكرارلىق كۈچەيتكۈچتىن كۈچەيتىلىپ چىققان سىگنال بەك كۈچلۈك بولسا ئاساسى قۇتۇپ توك بىسىمىنىمۇ ماس تۈۋەنلىتىپ سىگنالنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇ تەرپى رادىئودىكىدەك سىگنال كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىسىمۇ ئۇخشىمايدىغىنى تىلۋىزوردا يەنە ئارا تەكرارلىق سىگنال كۈچەيتىش بۇغۇمى ئارسىدىمۇ بىر كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىش توك يۇلى بار. كەسپى ئاتالغۇدا ئا گ س توك يۇلى دەپ قىسقارتىپ ئاتايمىز، ئىسخىمىلاردا AGC ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
      بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش بولسا  تىلۋىزور 1883-يىلى كەشىپ قىلىنغان بولسىمۇ 1951-يىللېرىغا كەلگەندە ئاندىن رەڭلىك تىلۋىزور بارلىققا كەلگەن، رەڭ ئايرىش توك يوللېرى تۇلىمۇ مۇرەككەپ بولغاچقا كۈپىنچە رەڭلىك تىلۋىزور زاۋۇتلېرى رەڭ ئايرىش توك يۇلىدا ساناقلىق نەچچە دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتىغا تاينىپ كەلگەن. دۆلىتىمىز 2005- يىلغا كەلگەندە ئۆز ئالدىغا رەڭلىك تىلۋىزور ياساپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، خېلى نۇرغۇن دۆلەتلەر رەڭلىك تىلۋىزور ئىشلەپچىقىرالىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن زاپچاسلاردا ئىشلەپچىقىرالايدىغىنى كۆپ ئەمەس.
رىمونتچىلىقنى تاشلاپ قويغىلى 15 يىلدىن ئاشقان بولغاچ بىر قىسىم يەرلېرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمەن، شۇڭا باشقا تورداشلارنى ئىنكاس ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا تەكلىپ قىلىمەن.
مەزمون كۆپ بولسا سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقتىن داۋامى ئايرىم تىما قىلىپ يوللىنىدۇ. رەسىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرسە چوڭراق چىقىدۇ.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

337

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   18.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29608
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 20:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەن بىر بىلىمنى بىلىۋالدىم. ئىملاغا بەكرەك دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك.

1

تېما

1

دوست

5084

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1560
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 21:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىس خېلىلام ئىقتدارلىق زات ئىكەن

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 21:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xamsiye يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 20:52
بىلمىگەن بىر بىلىمنى بىلىۋالدىم. ئىملاغا بەكرەك دىققە ...

  رەھمەت، خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم ئاستا بولغاچقا ئىكرانغا قارىماي بىسىۋېرىپتىمەن، دىققەت قىلاي.
uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 08:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21132113 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 21:05
تىما ئىگىسىس خېلىلام ئىقتدارلىق زات ئىكەن

سېستىمىلىق ئۈگەنسە 2-3 يىلدىلا ئۈگىنىپ بۇلىدۇ بۇنچىلىك، تەجىربىلىك يىتەكچى ۋە تۇلۇق شارائىت بولسا تىخىمۇ تىز ئۈگىنەلەيدۇ.

6

تېما

4

دوست

4404

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1143
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 20:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە جاپا چىكىپسىز

2

تېما

1

دوست

1518

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26822
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 00:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tokuztara تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 00:18  

رەخمەت سىزگە.مەن بۇرۇن ئائىلە ئىلىكتىر ئۇسكۇنىلىرى رىمۇنىتچىلىقى بىلەن شۇغۇنلانغان ئىدىم.ئۇ چاغدا تىلۋىزۇرلار ئاساسەن رەڭسىز ئىدى،مەن ئۆزلىگىمدىن ئۇگەنگەن بولغاچقا يوقۇردىكى توك يولى سىستىمىلىرى ۋە ئىشلەش پىرىنسىپلىرى ئاساسەن ئىسىمدىن كۇتۇرۇلمەپتۇ. ھازىر ئىلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە يىڭىلىنىشى بەك تىز. بىراق يەنىلا شۇ ئاساسى پىرىنسىپتىن چەتنىمەيدۇ.سىز ماڭا شۇ چاغلىرىمنى ئەسلەتتىڭىز.ئۇ چاغلاردا بۇزۇلغان ئورۇننى قەۋەتمۇ قەۋەت ئىنچىكلىك بىلەن تەكشۇرۇپ تىپىپ چىقىپ كاشىلىنى ئوڭشايتتۇق.كاشىلىلار ئاساسەن مەلۇم بىر تال كىرىستال لامپا ياكى قارشىلىق،كوندىنساتۇر دىگەندەك زاپچاسلارغا كىلىپ تاقىلاتتىدە ئاندىن ئۇنى ئالماشتۇرۋەتسەكلا مەسىلە ھەل بولاتتى.ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك كىچىككىنە بىر كاشىلا زاپچاسنى ئوڭلاش ئۇچۇن شۇ رايوننى پۇتۇنلەي ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلمايتتۇق. رەخمەت سىزگە....بولسا ھازىرقى ئائىلىلەردە كۇپ ئىشلىتىدىغان ئۇسكۇنىلەردىكى كىچىك كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ توك يولى خەرىتىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى يوللاپ قويسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.تورداشلارنىڭ بەزى كاشىلىلارنى ئۇزى ئوڭلىۋىلىشىغا،ئەڭ بولمىغاندا ئوزى ئىشلىتىۋاتقان ئۇسكىنىلەرنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلىۋىلىشىغا بولسىمۇ پايدىسى بولاتتى.بەزى تورداشلار بۇنىڭ مىنىڭ كەسىپىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارشى مۇمكىن،ئەمما بىلمىگەندىن بىلۋالغان ئەۋزەلدۇر.بىر قىتىم كۇرۇپ قويسىمۇ بەلكىم بىر كۇنلەردە ئەس قىتىپ قالىدۇ.كونىلار ئوغۇل بالغا 72 خىل ھۇنەرمۇ ئاز كىلدۇ دىگەن ئەمەسمۇ...

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-28 23:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tokuztara يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 00:08
رەخمەت سىزگە.مەن بۇرۇن ئائىلە ئىلىكتىر ئۇسكۇنىلىرى رى ...

ماۋۇ رھسىملەر بۇرۇن چىقاتتى، نىمىشقا بۇنداق چىقمايدىغان بۇپ قالدىكىن بىلمىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )