چەنپەنلەر كىم ئاپتورى: غوجائەخمەد يۈنۈس
«چەنپەن» ياكى «چەمپەن» خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇ بولۇپ، خەنزۇچە «遣返» دەپ يېزىلىدۇ، مەنىسى «سۈرگۈن قىلىنغان مەھبۇسلار (جىنايەتچىلەر)» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاتالغۇ تارىخ كىتابلىرى، ساياھەت خاتىرىلىرى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ.
تارىخچى ليۇ زىشىياۋ (1937-1999) ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسىم 2-كىتابىدا چىڭ سۇلالىسى (1644-يىلدىن 1911-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ھۆكۈمىتىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىشىنى بىر خىل ئاساسلىق ئىقتىسادىي سىياسەت قىلىپ بېكىتىپ، ئۇنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا زور كۈچ بىلەن يولغا قويغانلىقىنى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ تۈرى ۋە دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «ھەربىيلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىشى»، «مەھبۇسلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىشى»، «پۇقرالارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىشى»، «مۇسۇلمانلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىشى» دىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ يازىدۇ:«مەھبۇسلار بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى دېگەندە، بۇ يەرگە ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىن سۈرگۈن قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەر بىر مەھبۇسقا 12 مو يەر ۋە ھەر بىر بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئەسكەرگە بېرىلىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ ئۇلاقلىرىنىڭ يېرىمىنى بېرىلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھۆكۈمەتكە يىلىغا ئالتە دادەن ئاشلىق تاپشۇرىشى لازىم ئىدى.» (مىللەتلەر نەشىرىياتى 1987-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى 999-بەت)
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلى 1-ئايدا نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 1-كىتابىدا مىلادى 1760-يىلى ئاگۇي قوشۇن باشلاپ ئىلىغا ئورۇنلىشىپ، بوز يەر ئاچقانلىقى، بۇ جەرياندا «تۇغلۇقلار تېرىقچىلىقى»، «سۈرگۈنلەر تېرىقچىلىقى» ۋە «ئاھالە تېرىقچىلىقى» دىن ئىبارەت ئۈچ خىل تېرىقچىلىق يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ:«يەنە بىرى سۈرگۈنلەر (سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەر) تېرىقچىلىقى. ئىلىدىكى سۈرگۈنلەر تېرىقچىلىقىدا، ھەر بىر ئادەم 12 مو يەر تېرىتتى، بىر قىسىم سۈرگۈنلەر تەلكىدە تېرىقچىلىق قىلدى، بۇ يەر شىدى (غەربىي يەر) دەپ ئاتالدى. يەنە بىر قىسىمى لاما كۈرەسى جىلغىسىدا بولۇپ، بۇ يەر (لىياڭدى) دەپ ئاتالدى. ئىلىدىكى باشقا يەرلەردىمۇ سۈرگۈنلەر تېرىقچىلىقى بار ئىدى.» (ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى 445-بەت)
روسىيەلىك شەرقشۇناس تىلشۇناس، مىللەتشۇناس ئاكادېمىك ۋاسلىي ۋاسلىيىۋېچ رادلوف (فىرىدىخ ۋىلھېلىم)(1937-1918) «سىبىردىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ 6-بۆلۈمى «ئىلى ۋادىسى» ئۆزىنىڭ 1862-يىلى 7-ئايدا غۇلجىغا قىلغان ساياھىتىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چەنپەنلەرگە ئائىت قۇرلار بار. «بەزى يەرلەدە بەدەنلىرىنىڭ يۇقىرى تەرىپى يالىڭاچ ئىشلەمچىلەرگىمۇ ئۇچرىدۇق. نۇرتاي ① بۇلارنىڭ چەنپەن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.» «چەنپەنلەرنىڭ جەنۇبىي چىندىن (گۇڭدوڭ، خنەن، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇا چىن، غەربىي چىندىن) سۈرگۈن قىلىنغان ئۇنسۇرلار ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ يىراقتىكى ئىلى ۋادىسىغا ھەيدىلەتتى ۋە دەسلەپكى ئۈچ يىلدا پادىشاھلىققا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىناتتى. ھەر يىلى يۈز چەنپەن كىلەتتى ۋە ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا قويۇلاتتى.» «ئۈچ يىللىق ئەمگەك ۋاقتى تۈگىگەندىن كېيىن، ئىلى ۋادىسىدا ئەركىن ياشىيالايتتى.» «دېھقانچىلىق قىلىدىغان چەنپەنلەردىن تەخمىنەن بەش مىڭ كىشىنىڭ دەل ئىلى ساھىلىدا ئەپيۇن يېتىشتۈرۈش بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەنلىكى سۆزلەنمەكتە.» «ئاتا-ئانىلار كەپسىز بالىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن <چەنپە كېلىۋاتىدۇ> دەيتتى. چەنپەنلەر چوشقا گۆشى، ئىت گۆشى، چاشقان، پاقا ۋە يىلانغان ئوخشىغان كۆرگەنلىكى نەرسىنى يەيدۇ. ھېچقاندەك يەردە چەنپەنلەردەك ئوغرى، قىمارۋاز، ھاراقكەش، ئەپيۇنكەش يوقتۇر». «بىر چەنپەن ئۈچ چىنلىق ياكى ئىككى تارانچىدەك ئىشلەيتتى.» (نەقىللەر تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان قوليازمىدىن ئېلىندى)
«چەنپەن» دېگەن ئاتالغۇ «نۇزۇگۇم قوشاقلىرى» دىمۇ ئۇچرايدۇ:
مەن كۆرمىدىم ئاتامنى، مېنى باققان ئانامنى. چەنپەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن، ئۈچ ياشتىكى بالامنى.
(بۇ قوشاقنىڭ 3-مىسراسىدىكى «چەنپەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن» دېگەن سۆزگە قاراپ، «چەنپەن زەھەر بولىشى مۇمكىن» دېگۈچىلەرمۇ بار)
تارىخ ماتىرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەھبۇسلارنى چېگرا رايونلارغا ئەۋەتىپ ئۆزگەرتىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى جۇڭگودا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى فېئودال سۇلالىلەرمۇ مەھبۇسلارنى چېگرا رايونلارغا ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىپ ۋە سۈرگۈن قىلىپ، چېگرانى قوغداش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىرراق خىلاپلىق قىلغان، ئەمما جىنايىتى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە توشمايدىغان جىنايەتچىلەرنى چېگرا رايونلارغا ئەۋەتىپ ۋە سۈرگۈن قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان، بۇ ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، جىنايەتچىلەرنىڭ ئىكى جايلاردىكى جەمئىيەت تەرتىپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان، يەنە بىر تەرەپتىن، چېگرا رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش تېزلىتىلىپ، شۇ چاغدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چېگراغا نۇرغۇن قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان، ھەربىي قوشۇننىڭ ماددىي ئەشيا ۋە ئاشلىق تەمىناتىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، چېگرا رايونلارنىڭ جاي-جايلىرىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەربىي قوشۇنلارنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش (ھەربىيلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى) ۋە ئىچكى جايلاردىكى دېھقانلارنى چېگرا رايونلارغا بېرىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش (پۇقرالارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى) كە زور كۈچ بىلەن تەشكىللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى جايلارنىڭ ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈملىگەن ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنىمۇ چېگرا رايونلارغا ئەۋەتىپ تېرىقچىلىق قىلىش، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. جىنايەتچىلەرنى چېگرا رايونلاردا تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شۇ جايلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى كۆپەيتىلىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلىشى كۈچەيگەن، شۇنداقلا ئىچكى جايلاردىكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئازايتىلغان، بۇ ئارقىلىق چېگرا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ياراملىق ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان. مۇنداق جىنايەتچىلەر «چەنپەنلەر» (سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەر) دەپ ئاتالغان.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چەنپەنلەر مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، جىنايىتى خىلمۇ خىل بولغان. ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئۇلارنى «سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەنپەنلەر» ۋە «جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزگەن چەنپەنلەر» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەنپەنلەر، ئاساسلىقى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان ئاۋام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھەر خىل مەخپىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشقان ئەزالار ۋە دىننىي زاتلار، ئۇرۇش قىلىشنى خالىماي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان، مەغلۇپ بولۇپ قاچقان ئەسكەرلەر ھەم فېئودال ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا پايدىسىز دەپ قارىغان ئادەملەردىن ئىبارەت بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ جىياچىڭ 11-يىلى (1806-يىلى) تۇتۇۋېلىغان بىر قىسىم قوزغىلاڭچى ئامما ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جىنايەتچى سۈپىتىدە شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن. جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزگەن چەنپەنلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇرەككەپرەك بولغان، ئەمما، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇلۇش تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز بولغان، ئۆلۈم جازاسى بېرىشتىن كۈچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان جىنايەتچىلەردىن ئىبارەت بولغان.
جىنايەتچىلەرنى چېگرا رايونلارغا مەجبۇرىي ئەۋەتىشتىكى بىر مۇھىم مەقسەت بۇ جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش بولغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مۇنداق جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى تېرىقچىلىق قىلدۇرۇش، ھاشارغا سېلىش ۋە قۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولغان. چەنپەنلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەممىدىن تۆۋەن بولغان، قۇل قىلىنغان ۋە تېرىقچىلىققا سېلىنغان چەنپەنلەرنىڭ خالىغانچە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تىرىكچىلىق قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان، خالىغانچە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىمۇ بولمىغان. چەنپەنلەردە ئۆزلىرى تېرىقچىلىق قىلغان يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىلا بولغان، ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ كۆپ قىسىمى ھۆكۈمەتكە ھەقسىز تاپشۇرۇلغان. ھاشارغا سېلىغان چەنپەنلەرنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ تەس بولغان، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ۋە ئەمگەك مېۋىسى ئۇلارغا مەنسۇپ بولمىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چېگرا رايونلارغا ئۆزگەرتىلىشكە ئەۋەتىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە يېڭىۋاشتىن قايتىش يولى شۇ جايغا ماكانلىشىپ پۇقرا بولۇش، ئەسلىي يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ۋە ھەربىي قوشۇنغا كىرىپ ئەسكەر بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا ئەڭ چوڭ چەنپەنلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلغان جاي سانجىدا بولغان. چىيەنلۇڭنىڭ 27-يىلى (1762-يىلى) 1-تۈركۈمدىكى چەنپەنلەر شىنجاڭغا كەلگەندىن تارتىپ چىيەنلۇڭنىڭ 32-يىلى (1767-يىلى) غىچە بولغام بەش يىل ئىچىدە سانجىدىكى چەنپەنلەر 1640 قا يەتكەن، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوشقاندا نەچچە مىڭ ئادەمگە يەتكەن.
دېمەك، مەھبۇسلارنى چېگرا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش تۈزۈمى بىر خىل پاسسىپ ئەدلىيەلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى بولماي، بەلكى زامان ۋە ماكان جەھەتتە ھالقىپ ئۆتۈش تەس بولغان تەرەققىي تاپمىغان تارىخىي شارائىتتىكى بىر قەدەر كۈچلۈك تەشەببۇسكارلىققا ئىگە كەڭ قورساق مەجبۇرلاش ۋاستىسى بولغان، ئۇ مەھبۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قايتا زىيان يەتكۈزۈشىنى ئازايتقان. مانا بۇ-ھەھبۇسلارنى چېگرا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش تۈزۈمىنىڭ فېئودال جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن كېيىنكى چاغلارغىچە داۋاملىشىپ كېلەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى.
(ئاپتور ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ-تەزكىرە كومىتېتىدىن ئارامغا چىققان)
مەنبە: ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدىن
|