ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرىشى ھېكايە (پۈتۈنلەي توقۇلما)
ۋۇسۇڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا دادىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسىدە چوڭ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز زامانىدا ئوردا ئەمەلدارى بولغان بولۇپ بالىسىغا ئوردا ئىشلىرىدا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرەتتى. ۋۇسۇڭمۇ كىچىك بولىشىغا قارىماي ئوردا ئىشلىرىغا، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئىنتايىن قىزىقتى. شۇ خىل ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدا ۋۇسۇڭ باتۇر، قورقماس، راستچىل، كۈچتۈڭگۈر چوڭ بولدى. ئەمما دادىسى ۋۇسۇڭ ياش ۋاقتىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. دادىسى ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ۋۇسۇڭغا ئازتولا مال دۇنيا بىلەن ھاياتلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش پەلسەپىسىنى قويۇپ كەتكەن بولسا كېرەك ۋۇسۇڭ ئىنتايىن تېزلا بۇ ھاياتنىڭ قەدىمىنى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئېلىشقا باشلىدى،
ۋۇسۇڭنىڭ قابىلەتلىكىنى بايقىغان ئەمما ئۇنىڭغا يامان ھەسەت قىلىدىغانلار ئوردا ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ ئىدى.ئوردا ئىچىنى يالغانچىلىق قاپلىغان بولۇپ كىم ئەڭ يالغاننى قاملاشتۇرسا، كىمنىڭ ئەڭ پۇلى بولسا شۇنىڭ گېپى ئەڭ ئۆتەتتى. ئۇلار شىمىنچىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىزلارغا پوخۇرلۇق قىلىپ ئۆز تېرىسىگە پاتمايۋاتاتتى. ئەگەر ۋۇسۇڭ ئوردىدا چوڭ ھوقۇق تۇتۇپ قالسا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ھوقۇقىنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ نۇرغۇن ئىشلاردا توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغىنىنى بىلەتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوردىدىكى پەسكەش ۋەزىرلەر ۋۇسۇڭنى يوقاتماقچى بولدى. ئۇلار ۋۇسۇڭنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئەۋەتىپ شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ كېلىش توغرىسىدا پادىشاھنى قايىل قىلدى. مەقسىدى ئوردىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا بېرىش يولىدا يولۋاسلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ۋۇسۇڭ يول داۋامىدا يولۋاسلارغا يەم بولۇپ ئۆلۈپ كېتىشى ئېننىق ئىدى. ۋۇسۇڭ ئۆلسە بۇ پەسكەش ۋەزىرلەرنىڭ يولىنى توسىدىغان ئادەم يوقىغان بولىدۇ ئەمەسمۇ! بۇندىن بۇرۇن ھېچكىممۇ جىڭياڭ داۋىنىغا چىقىپ باقمىغان ئىدى. ئېچىنىشلىق يېرى ۋۇسۇڭ بۇ ئىشلاردىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قاراپ يول ئالدى.
ۋۇسۇڭ يول بويىدا كېتىپ باراتتى. ئۇ يول بويى ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ھايۋانلارنى، ئادەملەرنى كۆرۈپ ماڭدى. بىردە تاغقا بىردە ئويمانلىقلاردا مېڭىۋاتاتتى. ئۇ يول مېڭىپ چارچاپ قالدى بولغاي ئازىراق ئارام ئالغاچ قورساقنى ئەستەرلەش ئۈچۈن بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ئولتۇردى. ئاشپۇزۇل خوجايىنى ناھايتى مەرت ئادەم بولۇپ ھۇسۇڭنىڭ يىراق تەرەپتىن كەلگىنىنى بىلىپ ئۇنىڭغا نەچچە ئاپقۇر مەينى بىكارغا بەردى. ۋۇسۇڭ ئىچكەنسىرى ئىچكىسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى ئەمما ئۇ ئۇ يەردە مەي ئىچىپ ئولتۇرسا كەچكىچە ئۆز مەنزلىگە يېتىپ بارالمايدىغىنىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئۆز نەپسىدىن كېچىپ يولىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ئاشپۇزۇل خوجايىنى ۋۇسۇڭنىڭ جىڭيان داۋىنى تەرەپكە ماڭماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئۇ يەرگە چىقماسلىقنى، ئىنتايىن بىر يوغان يولۋاسنىڭ شۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنىنى ئېيتتى. ئەمما ۋۇسۇڭنىڭ قان قېنىغا سېڭىپ كەتكەن قورقماس، باتۇرلىقى، تەۋەككۈلچىلىكى ئۇنى توختاپ قالماسلىققا ئۈندەيتى. ئۇ ئاشپۇزۇلغا چىرايلىقچە رەھمەت ئېيتتىدە جېڭيان داۋىنىغا قاراپ يول ئالدى.
دەرۋەقە جىڭيان داۋىنى ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ ھەرخىل يىرتقۇچ ھايۋانلار ياشايتى. ئەمما ۋۇسۇڭنىڭ چىرايىدىن ھېچبىر قورقۇنچ دېگەن نەرسە يوق ئىدى. كېچە كىردى. يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرەپ تەرەپتىن ئادىمىزاتنىڭ ھىدىنى پۇراپ ۋۇسۇڭ تەرەپكە يېقىنلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز بىر يوغان يولۋاس ۋۇسۇڭنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئېتىلىپ كەلدى. ۋۇسۇڭ يەرگە قاتتىق يېقىلدى. ئۇنىڭ بېشى يېرىلىپ قان ئېقىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇ باشتىن ئاققان قاننى كۆرۈپ تېخىمۇ باتۇرلىشىپ كەتكەندەك ئارقىدىنلا بېرىپ يولۋاسنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ توختىماستىن يولۋاسنىڭ باش تەرىپىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. قانلار ئېقىۋاتاتتى ئەمما بۇ قان زادى كىمنىڭ ياكى نېمىنىڭ قېنى بىلمەك تەس. شۇنداق قېلىپ بىر كېچە قانلىق بىر چەڭ بولدى. ۋۇسۇڭ ھۇشىدىن كەتتى. ئەتتىگىنى بولغاندا ۋۇسۇڭ ۋۇشىغا كەلگەن ئىدى. قارىسا يېنىدا بىر يولۋاس ياتقان ئىدى. يولۋاس ئۆلگەن ئىدى. قانلىق جەڭ ئارقىلىق ۋۇسۇڭ ئاخىرى يولۋاسنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ۋۇسۇڭ يولۋاسنىڭ تېرىسىنى شىلىپ ئېلىپ ئۆزىنىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرگىنىنىڭ ئىسپاتى قىلىۋالماقچى بولدى. تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن باشقىلارغا بۇ ئىسپاتنى كۆرسەتتى. كىشىلەر يولۋاس تېرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاسنى ئۆتۈرگىنىگە ئىشەندى. ۋەزىرلەرنىڭ ۋۇسۇڭنى يولۋاسقا يەم قىلىۋېتىش پىلانى سۇغا چىلاشقان بولۇپ ئەكسىچە ۋۇسۇڭنىڭ خەلىق ئارىسىدىكى يۈز ئابرويى بارغانسىرى ئېشىپ كەتتى. ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يولۋاس ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا پۈركەتتى. ئۇنى شەرىقتىن، غەرىپتىن، شىمالدىن، جەنۇپتىن كىشىلەر كىلىپ يولۋاس ئۆلتۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلماقتا ئىدى. مانا ئۇ ھازىر ئوردىدىن سىرتقا چىققاندىن بېرى يولۋاس ئۆلتۈرۈشنى ئاساسلىق خىزمەت قىلىۋالدى. ۋۇسۇڭنىڭ قاچان ئوردىغا قايتىدىغىنى ئېننىق ئەمەس ئىدى. ئەمما شۇنىسى ئېننىقكى ۋۇسۇڭ ھامان ئوردىغا قايتىپ ئىچى ۋە تېشى تەڭ چىرىپ كەتكەن ئۇ ۋەزىرلەرنى ھامان سوراققا تارتىدۇ. ۋۇسۇڭنى قەسلىگەنلىكى ئۈچۈن، شىمىنچىڭ بىلەن بىرلىشىپ ناشايان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ھامان جاۋابىنى قىلىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
|