قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا-يۇرتىمىز مەدەنىيتى-2

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا-يۇرتىمىز مەدەنىيتى (2)
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

IMG_1129.JPG

       ئىنسانىيەت قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان بىريۇرتتا، مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن قىممەتلىك يىپ ئۇچىلىرىنىڭ تېپىلىشى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ھەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەر، ئېكىسپىدىتسىيچى، ئالىم، تەتقىقاتچىلار بەس-بەستە دىيارىمىزغا ھارماس كارۋانلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. بۇلاردىن ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى روسىيەدىن پېرژالىۋىسكى، رادلوف، كىلىمىنتىس، شىۋىتسىيىدىن سېۋىن ھېدىن، ئەنگىلىيەدىن ئاۋرل سىتەيىن قاتارلىقلار بار. ھەمدە، 1901-يىلىدىن باشلاپ تىرىشىپ، 1902- يىلى گېرمانىيەدىن لىكوك، گرۈنۋېدىل قاتالىقلار يۇرتىمىزغا كېلىپ كەڭ كۆلەمدە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانتى.
    بۇ يەردە بىز توختالماقچى بولغان تېمىلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن « تۇرپان تەتقىقاتى » ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەم نىمە ئۈچۈن « تۇرپان تەتقىقاتى » دەپ ئاتىلىشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. 1872-يىلى روسىيەدىكى گېرمان نەسىللىك Peqetla Dr.Redel ئىسىملىك بىر بوتانىكىچىكىشى يۇرتىمىزنىڭ كۆپىلگەن يەرلىرىنى ئايلىنىپ، بوتانىكا ئەۋرىشكىسى يىغىپ تۇرپانغا كەلگەندە، بۇ قەدىمىي تۇپراقتىكى ئاجايىپ سىرلار بىلەن تولغان تارىخى ئىزنالارنى كۆرۈگەن ۋە تۇرپاندىكى قەدىمىي ئىزنالار توغرىسىدا ياۋروپاغا تۇنجى بولۇپ ئۇچۇر بەرگەن كىشى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يازغان دوكىلاتىدا، تۇرپان ئويمانلىقىدا نۇرغۇن قەدىمىي يەرلەرنى كۆرگەنلىكىنى بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا يۇرتىمىزغا كەلگەن مالوف ۋە رادىلوفلار تۇرپاندىن نۇرغۇن قوليازمىلارنى ئېلىپ روسىيەگە قايتىدۇ. ئۇلار بۇ قوليازمىلارنىڭ نەچچە خىل تىلدا ئىكەنلىكىنى مەسلەن: سوغدىچە، قەدىمكى ئېران تىللىرى، باشقا تىللار ھەم قەدىمكى ئۇيغۇرچە ( ئۆز ۋاقتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش، بىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان) قوليازمىلارنى ئېلىپ كېتىپ، 1899-يىلى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرىقشوناسلار تەتقىقات يىغىنىدا خەلىقئاراغا ئاشكارلايدۇ.
   ئەنگىلىيەدىن كەلگەن ئاۋرل سىتەيىنمۇ چەكسىز سىرلارغا كۆمۈلگەن غېرىبەنە يۇرتىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن ئاسارە- ئەتىقىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دېققىتىگە سۇنىدۇ. بۇ بايقاشلار بىر قېتىملىق ئىنتايىن داغدۇغۇلۇق ھەم كەڭ كۆلەملىك ئېچىلغان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا ھەم بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىلىم ئەھلى تەرپىدىن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغاچقا، ئۇنىڭ بايقاشلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ.
    كېلىمىنىس بىلەن رادلوف سانكىستپېتىربورېگتىن كېلىۋېتىپ،بېرلىنغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئەينى چاغدىكى موزېي مەسئولى گۈبۈن مېدىر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، روسىيەلىك ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۆزلىرى رىمغا ئېلىپ ماڭغان، يۇرتىمىزدىن بايقىغان قەدىمكى ئەسەر ئەۋرىشكىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ، ھېچ بولمىغاندا گېرمانىيە ئالىملىرىدىن بۇ ئەسەرلەرنى بىرلىكتە ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رىمدا ئېچىلىۋاتقان يىغىن مەزگىلىدىلا ئۇلار ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، روسىيە ۋە گېرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى ئالىملارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن « تۇرپان تەتقىقات كومىتېتى »نى قۇرىدۇ.

IMG_1171.JPG


    1902 -يىلى، گرۈنۋېدىل،بارتوس ۋە پورت ئىسىملىك ھەمراھلىرى بىلەن يۇرتىمىزغا قەشقەردىن كىرىپ تۇرپانغا كىلىپ، قېدىرىش ئېلىپ بېرىپ، زور كۆلەمدە تارىخى ئەسەرلەرگە، ئارخىلوگىيەلىك بايقاشلارغا گۇۋاھ بولىدۇ. ئۇلار داغدۇغا بىلەن گېرمانىيە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،بۇ ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش مۇسابىقىلىرى بەس-بەس بىلەن باشلىنىدۇ. ھەتتا، ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرىلا، ئۇلار تۇرپاندىن ئەۋەتكەن ئەسەرلەر بۇ يەردە تەتقىق قىلىنىشقا باشلانغان. تۇنجى بولۇپ باشتىكى ماقالىمىزدە (مايتىرىسمىت ھەققىدە سالونىمىزدا يوللانغان تېما)دەپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك، دوكتور مىللەر مانى دىنى ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مانى دىنىدىكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى تۇرپاندىن ئېلىپ كەلگەن يېڭى بايقاشلار ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇپ قالىدۇ. يەنى دوكتور مىللەر 1904-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، مانى دىنىدىكى ئەسەرلەرنى بايقىغانلىقى ھەققىدە، دۇنياغا مانى دىنىنىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سۇنىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەنى 1903-يىلى 2-ئاينىڭ11-كۈنى تۇنجى قېتىم دانىيەلىك ۋېلھېلىم تومسۇن تۇنجى قېتىم 1893-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان( ئورخۇن-ئىنەساي مەڭگۈ تاشلىرى ئوقۇغان كىشى) قىلىنغاندەك، مىللەرمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى دۇنياغا ئېلان قىلىدۇ. دېمەك، 1903-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا مانى دىنىنى تونۇغان كۈن بولۇپ قالىدۇ. يەنى شەرق مانى دىنى تەتقىقاتىنىڭ تونۇلۇشى مۇ كۈندىن باشلىنىدۇ. دۇنيا مانى دىنى تەتقىقاتى غەربى مانى دىنى ۋە شەرقى مانى دىنى دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ. مىسىردىن تېپىلغان، گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان قىپتىچە (كوپتىچە) تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان مانى دىنى ئەسەرلىرىنى غەربى مانى دىنى ئەسەرلىرى دەيمىز. يۇرتىمىزدىن تېپىلغان مانى دىنىغا تەۋە ئەسەرلەرنى شەرقى مانى دىنى دەيمىز. كېيىنچە دۇنخۇاڭدىن نۇرغۇن مانى دىنى ئەسەرلىرى تېپىلىدۇ. فىرانسىيەلىك پىلىئوت 1909-1910-يىللىرى مانى دىنى مەزمونىدىكى خەنزۇچە ئەسەرلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىگە تۇنجى بولۇپ سۇنىدۇ.
    يۇقىرىقى سۈرەتلەر 2000-يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى تەرپىدىن نەشىر قىلغان « تۇرپاندىن يېڭى تېپىلغان مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى » دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. بۇ ئەسەرلەر 1982-يىلى تۇرپان بېزەكلىكتىن تېپىلغان مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ باش نەشىرگە تەييارلىغۇچىسى ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىيۇخۇڭلىياڭ.
دۋامى بار...


ئەسكەرتمە: باغداش مۇنبىرىدە « قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا- يۇرتىمىز مەدەنىيىتى» دېگەن تېما ئاستىدا، يۇرتىمىزدىن تېپىلغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەر، قوليازما، تېكىسىت، ھۆججەت قاتارلىق تەۋەرۈكلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.

7

تېما

4

دوست

2518

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 00:11  

شۇ يورۇقلاردىن پەخىرلىنىپ ئۆزىمىزنى ماختاپ ئاغزىمىز قۇرۇپ كەتكىنى نەۋاق. ئەمما ئۈچەكتە ياتقىنىمىز ئۈچۈن ئاممىۋىي خاراكتىرلىق ئېتىراپقا ۋە نەزەرگە ئىلىنمايمىز. چۈنكى ئەشۇ يورۇق بېرىۋاتقان ئەجدادىلىرىمىز ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ھېچقانداق تۆھپە ئېلىپ كېلەلمىدۇق. مۇشۇلارنىڭ يورۇقى بىلەنلا ھېلىمۇ مۇشۇ كۈنگە يېتىشىپ كەلدۇق. شۇڭا دىيارىمىزغا كېلىۋاتقان غەرىپلىك سەيياھلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەشۇ يورۇقلۇقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلەرنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرىنىڭ خار- زەبۇن ئەھۋالىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا كېلىشىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )