قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1000|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

(سۈتچى) توۋا دەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

450

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32658
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
توۋا دەيمەن

(1)


ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ،ئاپتۇبۇسنىڭ كىلىشنى كۈتۈپ تۇراتتىم . زامانغا لايىق كىيىنگەن ،ئوقۇغان سۈپەت بىر يىگىت كىلىپ  مەندىن سورىدى .

‹ يىقىن ئەتراپتا گوڭخاڭ بامىدۇ؟›
‹نىمە دىدىڭىز ؟ گىپىڭىزنى چۈشۈنەلمىدىم ؟› دىدىم گاڭگىراپ ،
‹گوڭخاڭچۇ ؟مانداق چۈكىۋەنجىسى بار گوڭخاڭچۇ ؟›دىدى ئۇ يىگىت چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ ،
‹كەچۈرۈڭ يەنىلا چۈشۈنەلمىدىم .›دىدىم كاللامنى لىڭشىتىپ
‹بولمىسا نوڭخاڭ بولسىمۇ بولاتتى › دىدى ئۇ ئامالسىز .
مەن يەنىلا چۈشۈنەلمەي تۇراتتىم . ئىلاجسز قالغان يىگىت  باشقىلاردىن سوراش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى .
‹ توختاڭا قىرىندىشىم ،سىز قايسى مىللەتتىن ؟ ئۇيغۇرمۇ يا ؟› يىگىتنى تولاپ سورىدىم
‹مەن ئۇيغۇر › دەپ جاۋاپ بەردى يىگىت .
‹ مانا مەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ،ئەجەپ سىزنىڭ گىپىڭىزنى چۈشۈنەلمىدىم ھە؟›
يىگىت بۇ گىپىمنى چۈشەنمىدىمۇ ،بىز ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كەتتى دە يولىغا ماڭدى .ئازراق مىڭىپ بىر ئايالدىن ھىلىقى گوڭخاڭ دىگەن نەرسىنى سوراۋاتاتتى .
توۋا دەيمەن :بىر مىللەت، بىر تىللىق تۇرۇپ ،بىر بىرىمىزنىڭ گىپىنى چۈشۈنەلمىگىنىمگە.

                                    (2)
   رىزىۋانگۈل ئاچامنىڭ  ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالغان ئىدى .ھەممە يەرنى  ماتەم  مۇسىبەت  قاپلاپ تۇراتتى .ھويلا ئىچىدە ھازىدارلار قاتار بولۇپ تۇرغان بولۇپ ،جامائەت رەت رەت بولۇپ ھازىدارلار بىلەن كۆرۈشەتتى .سەبىر تىلەيتتى ،تەسەللى بىرەتتى .مىيىت نامىزى يىقىنلاپ قالدى .جامائەت تىخىمۇ كۆپۈيىشكە باشلىدى .ھازىدارلارنىڭ يىغىسىمۇ كۈچەيدى.
‹ئانامەي ئانام ،تاغدەك ئانام ،باغدەك ئانام›پىغانلىق ئاچچىق  يىغا كىشلەرنىڭ كۆزىنى نەمدەيتتى .دەل شۇ چاغدا ،جامائەت ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ تىلىفونى سايراپ كەتتى .ئۇنىڭ تىلىفون ئاۋازى ،خىلىلا كۈچلۈك بولۇپ ،يىغا ئاۋازىغا يىتىپ قوپاتتى .‹تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك › تىلىفون ئۈنلۇك ئاۋازدا سايراۋاتاتتى .تىلىفون ئىگىسى يا تىلىفوننى ئىتىۋىتەلمىدى يا ،سەپتىن چىقىپ كىتەلمىدى .ئۇنداق قىلسا سەپ بۇزۇلۇپ ،تىخىمۇ سەتچىلىك بولاتتى .تىلىفۇن ئۇ ھازىدارلار بىلەن كۆرۈشۇپ بولغىچە سايرىدى .
ھەي نۇرغۇن كۆزلەردە نارازىلىق ئۇچقۇنلىرى ،نۇرغۇن باشلار نىڭ ھەسرەتلىك چايقىلىشى .؟؟؟
مانا مىيىتمۇ يەرلىكىگە قويۇلۇپ بولدى ،ئىمام ئاخونۇم مۇڭلۇق قىرائەتنى باشلىدى .پۈتۈن قەبرىستانلىق ،پۈتۈن جامائەت سۈكۈناتقا چۈمگەن ئىدى .دەل شۇ چاغدا يەنە بىرسىنىڭ يان تىلىفونى سايراپ كەتتى .بۇ قىتىم تىلىفوندىن ‹ۋوتچەللى › دىگەن شوخ مۇزىكا ياڭرىدى .
    ئىمام ئاخونۇم يىرىم يۇمۇلغان كۆزىنى دەقىقە ئاچتى ،ۋە ‹ئۆھۆ›دەپ گىلىنى قىرىپ قويدى .ھەم قىرائىتىنى داۋام قىلدى .‹ۋوتچەللى›مۇزىكىسىمۇ ئازراق داۋام قىلىپ توختىدى .توۋا دەيمەن : شۇنداق ئىلغار تىخنىنكىنىڭ مەسئۇلى بولغان يان تىلىفوننى ئىشلىتىۋاتقان خەلقىمنىڭ ،مۇشۇنداق مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ،ئۇنى ئىتىۋىتىشنى ،ئاۋازنى پەس قىلىپ ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكىگە .

                               (3)
دادامىنىڭ پۇت قولى ئىششىپ ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىدىم .
دوختۇر دادامنى كۆرۇپ ‹ ئالدى بىلەن ئومۇمى يۈزلۈك تەكشۇرەپ ،ئاندىن يا دورا يىزىپ بىرىمەن ،يا بالىنىستا ياتىسز › دىدى .
‹تەكشۈرۈشكە نەچچە پۇل كىتە؟ › ئەنسرەپ سورىدى دادام .
‹ئىقتىسادىمىز تازا ياخشى ئەمەس ئىدى › قوشۇپ قويدى دادام
‹1000 كويلارچە كىتەر،ئىقتىسادىڭلار ياخشى بولمىسا ،تەكشۈرمەي قانداق دورا يازىمەن . › دىدى دوختۇر ،سەل قوپاللىق بىلەن
شۇنداق قىلىپ دادامنى تەكشۈرۈش باشلاندى . باشتا CT،ئاندىن Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى ، ئاندىن قان ،ۋە باشقا قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرنى قىلدى .
دوختۇرخانىدا ئادەم مىغ –مىغ ئىدى ،ھەممە يەر ئۆچرەت بولۇپ ،بۇ تەكشۈرۈشلەرگە 2كۈن كەتتى .
تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىدىن كىيىن دوختۇر دورا يىزىپ بەردى .
دادام دورىنى يەپ خىلى ياخشى بولغان بولسىمۇ ، ئەتىيازدا يەنە شۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلدى .
يەنە دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتىشكە ،ئىقتىسادىمىز يار بەرمەيتتى .
بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا دادام ئىغىز ئاچتى .
‹رادىئودا كىسەل كۆرۈپ دورا بىرىدىغان دوختۇرلار باركەن ،شۇلاردىن مەسىلىھەت ئىلىپ
باقايلىمىكىن ›
شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن تىلىفون يىنىغا كەلدۇق .بىر ئاز قايتا قايتا تىلىفون ئۇرۇشتىن كىيىن تىلىفون ئۇلاندى .
‹ئەسسىلامىلەيكوم ،بىز مەسلىھەت سورايلى دىگەن ئىدۇق›
‹قىنى سوراڭ ›
‹دادامنىڭ پۇت قولى ئىششىيدۇ ،ماغدۇرسىز ،ئۇيقىسى تازا ياخشى ئەمەس ›
‹قان بىسىمى نۇرمالمۇ ؟ بۇرۇن بىرەر كىسەل بولغانمۇ ؟نەچچە ياشلاردا بار دادىڭىز ؟›
ھەممە سۇئالغا لايىقىدا جاۋاپ بەردىم .
‹ دادىڭىز بوغۇم ياللۇغى بولۇپ قاپتۇ ،بىزنىڭ شىركەتنىڭ xxxxتابلىتىنى يەپ بەرسۇن ،ئۈنۈمى بەك ياخشى،ئەكىس تەسىرى يوق  ›
‹دورىنى نەدىن سىتىۋالىمىز؟ باھاسى نەچچە پۇل ؟›سورىدىم
‹ھەممە شەھەرلەردە سىتىش ئورنى بار ، ھازىر پائالىيەت ۋاقتى ،بىر باسقۇچ سىتىۋالسىڭىز ،يىرىم باسقۇچ سوۋغا قىلىمىز ›‹بولىدۇ رەخمەت دوختۇر ›.

توۋا دەيمەن : نۇرغۇن جاپا تارتىپ ،نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ،تەكشۈرتۈپ ئاران دورا ئالالىغان ئىدۇق ،

مانا ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ،كايىمايلا كسەل كۆرسۈتۈپ دورا ئالالىغىنىمغا.

                                 (4)
    4-5كۈندىن بىرى ئۈمۈدنىڭ پەقەت مىجەزى يوق ،بىردەم قىزىپ بىردەم سوۋۇپ ،پەقەتلا ماغدۇرى بولمىدى . دوختۇرخنىغا بىرىپ كۆرۈنىشكە پەقەتلا ۋاقتى چىقمىدى .خىزمەت شۇ قەدەر جىددى ئىدىكى  ،ھەتتا بەزىدە ئۆيگىمۇ قايتالمايتتى .بىر نەچچە قىتىم رۇخسەت سوراپ بىقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ،باشلىقنىڭ ئالدىنقى كۈنى يىغىندا قىلغان سۆزى ،قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ ،ئۇنى بۇ ئويدىن ۋاز كىچىشكە دەۋەت قىلىۋاتاتتى .
‹ ئشلىسەڭ ماڭا ئشلەپ بىرىشمەيسەن ،ئۆزۈڭگە ئىشلەيسەن ،ئىشلىگىڭ بولسا مانا ،بولمىسا ئانا،نوچى بولسا ئىشقا كەلمە ،لىكىن كۆڭۈل ئاغرىتما ،مەن بەلگۈلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن ،بىر كۈنلىكىڭگە ئۈچ كۈنلۈك پۇلۇڭ يوق ،بۇنىڭدىن كىيىن رۇخسەت سوراش يوق ،ئاغرىپ قالامسەن ؟ئۆلەمسەن ؟ رۇخسەت سورايمەن دەپ كەلمە .› دىگەن ئىدى .ئىدارە باشلىق ئالدىنىقى سەيشەنبە ئاچقان يىغىندا .
     بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ،ئۈمۈدنىڭ بىشى تۇيۇقسىز قاتتىق قايدى .ئۇ يىنىدىكى دەرەخكە ئاران يۆلىنىۋالدى .ئۇ ئەسلىگە كىلىپ ئۆزىدىن ئەنسىرىدى . ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ،رۇخسەت سوراپ سوراش ئۈچۈن باشلىق ئىشخانىسغا كىردى
باشلىق بىر نىمە رەتلەۋاتقان بولۇپ ،ئۈمۈدكە قارايدىغان تەلەتى يوق ئىدى .ئۈمۈد تەستە ئىغىز ئاچتى ‹پەقەت مىجەزىم يوق ،دوختۇرغا كۆرۈنىۋالاي بىر كۈنلا....................›ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەيلا باشلىق قايناپ كەتتى‹بۇنى ماڭا دىسەڭ مەن قانداق قىلىمەن؟ ساڭا رۇخسەت بەرسەم ،سىنىڭ ئورنۇڭغا كىم نۆۋەتچى بولىدۇ ؟  مەن دىگەنغۇ ،ئۆلسەڭمۇ خىزمەتكە پۇتلاشتۇرماي ئۆل.دەپ ............› باشقا گەپلەر ئۈمۈدنىڭ قۇلۇقىغا كىرمىدى .ئۇ ئاستا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى .
    ‹بولدىلا نىمە بولسا بولمامدۇ ؟ سالامەتلىكىم مۇھىم رۇخسەت بەرمىسە مەيلى ،راست باشلىقتىمۇ ئامال يوق دەرھال شەھەرگە كىرىپ تەكشۇرتىپ چىقاي .›‹ياق ياق بۇنداق قىلسام بولمايدۇ ؟ ئۇلار مىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى دەپ بىر تەرەپ قىلسا قانداق قىلىمەن ؟ئانامغا نىمە دەيمەن ؟›
خىياللار ئۇنىڭ بىشىنى چۇلغۇيتتى .ئۇ ئاخىرى نۆۋەتچىلىك ئورنىغا قايىتتى .
يوقلىما ۋاقتىدا باشلىق خىزمەتچىلەر ئىسمىنى ئاتاپ يوقلىما قىلدى .‹ئۈمۈد ئەركىن › توۋلىدى ئۇ‹ۋاي بار ئىدى ،ياتاقتا يىتىپ قالغان ئوخشايدۇ › دىدى بىرى ‹ماڭ چاقىر ھاڭۋاقتىنى › دىدى باشلىق ، بىر دەقىقىدىن كىيىن ئۇنى چاقىرغىلى كىرگەن يىگىت ھەسىرەپ ھۆمىدەپ چىقىپ كەلدى
‹ئۈمۈد ئۈمۈد ھۇشسىز ياتىدۇ ،ئويغاتسام ئويغانمىدى ›
ھەممەيلەن ياتاققا يۈگۈرەشتى .مانا جىددى قۇتقۇزۇش ماشنسى ئۈمۈدنى ئىلىپ ماڭدى .ماشىنىنىڭ ئەنسز ئاۋازى ھەممە ياققا ۋەھىمە سالاتتى .
توۋا دەيمەن : سالامەتلىكنىڭ ،ھاياتلىقنىڭ ،مۇئاش ،ھوقۇقىنىڭ ئاستىدا قالغىنىغا .

                         ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى )
                       2015-يىل 03-ئاينىڭ 17-كۈنى     ئۈستۈنئاتۇش

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

5536

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1684
توردىكى ۋاقتى: 389
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ توۋا دىدىم ، توۋا .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

5920

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1128
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . بۇ قېتىم بۇنداق خەنزۇۋانلارنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ بەك ئىچىم سىقىلغانىدى .

ئەنسار

0

تېما

0

دوست

180

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34705
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
توۋا دەپ تۇتتۇم ياقامنى ،دىىمسىمۇ يۇقارقىدەك كۈلكىلىك ئاچچىق ئىشلار كۈندە بىر  ئۇچراپ تۇرىدۇ،

0

تېما

0

دوست

131

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   43.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5445
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
توۋا دەيمەن بۇ ئىشلارغا توۋا...........

0

تېما

0

دوست

984

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ بۇزۇۋانلارنى قانداق قىلساق بولۇركىن  

0

تېما

0

دوست

231

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34212
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
توۋا دەيمەن ،راست ، بۇنداق ئاچچىق ساۋاقلار ئەتراپىمىزدا داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ ھەم ئادەمنى كەلگۈسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .  ئاشۇنداق بۇززۇۋانلارنى قانداق قىلساق بولۇركىن  

0

تېما

0

دوست

412

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34535
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
توۋا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )