- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 345
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
22.5%
|
چېچىلاڭغۇ خىياللا
بىغۇبار بالىلىقىم ئىدى،قەھرىتان سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆيىمىزگە ئوغرى كىرىپ بارلىق يىغىپ ساقلىغان«ئۈمۈد چېچەكلىرى»،«تارىم غۇنچىللىرى ژورنىلى»،«ئۆسمۈرلەر گېزىتى» ۋەباشقا كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈپتۇيۇ،باشقا ھېچ نەرسە ئالماپتۇ(ئەلۋەتتە ئۆيىمىزدە ئوغرى ئېلىۋالغۇدەكمۇ نەرسە يوق ئىدى)قارىغاندا سوغۇقتا ئىسسنىۋالغان بولسا كېرەك،ئاشۇ چاغدائوغرىنىڭ ئىنسابىغا رەھمەت ئېيتساممۇ ئەمما مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك كىتابلىرىمنى كۆيدۈرىۋەتكىنىگە بەك ئاچچىقىم كەلگەن ھەتتا نەچچە كۈن يىغلىغان ئىدىم،شۇڭا قالتىس بىر ساقچى بولۇپ ئەسكى ئادەملەرنى تۇتسام،بولۇپمۇ شۇ ئوغرىنى تۇتۇپ،ھېچ بولمىسا كىتابلىرىمنى تۆلىتىۋالسام دەپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم.
ئانام بىلەن يالتىراڭ قۇتىلاردا(سۇلياۋ تۇڭ)سۈت توشۇپ،بىچارە ئانامنىڭ پىشانىسىدىن سىرغىپ چۈشكەن تەرلىرىگە قاراپ، دادامنىڭ ئوت ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ، قوللىرى،بىلەكلىرىنىڭ كۆيۈپ كەتكىنىنى سەزمەي، تونۇردىن نانلارنى ئېلىپ كىشىلەرگە سۇنۇشلىرىغا قاراپ،چوڭ بولسام جىق پۇل تېپىپ، كاتتا بايلاردىن بولسام،شۇجاپاكەش قەدىردانلارنى راھەت بىرتۇرمۇشقا ئېرىشتۈرسەم دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم.
كۈندۈزى تارتقان جاپاسىنىڭ دەردىنى كېچىسى تارتىپ،ئۇھ تېنىپ ئىڭراشلىرىدىن كېچىلىرى ئۇخلاش ئالدىدا ئاتا-ئانامنىڭ پۇت- قوللىرىنى تۇتۇپ قوياتتىم، ئۇلارنىڭ مەندىن رازى بولۇپ «بۇقىزىمىز چوڭ بولسا چوقۇم ياراملىق بىرئادام بولىدۇ،بىزگە يانتاياق بولىدۇ»دىگەندەك ماختاشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ئۇستا بىردوختۇربولسام، ئاتا-ئانامنىڭ قەيەرلىرى ئاغرىسا شۇيەرلىرىنى داۋالىسام دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم.ئەمما ئارزۇ باشقا،رىئاللىق باشقا.تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىنساننى ھەردوقمۇشتا تېنەپ-تەمتىرەشكە مەجبۇر قىلىدىكەن،گۆدەكلىكتىكى شېرىن خىياللار ئەمدى ماڭا ھەمراھ بولالماي قالدى.چۈنكى مەن«شېرىن خىيالنىڭ قەلەندەرى بولغاندىن، رىئال تۇرمۇشنىڭ ئىجادچىسى»بولۇشنى ئۈگىنىۋالدىم.
كىشلىك ھاياتىمنىڭ 28يىلىنى بىسىپ بولدۇم،يەنە قانچىلىكمۇساپە قالدى بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.مانا ئەمدىلىكتە ئاشۇ ئۆتۈپكەتكەن ھاياتىمغا نەزەر سېلىپ ئولتۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك ھېسلارغا ۋە يەكۈنگە ئىگەبولدۇم:ئىلگىرى مەن قۇياشنىمەدھىيلىگەن ۋاقتىمدا، قولۇم بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەر ئىكەنمەن، خۇددي مەندىنباشقىلار قۇياشنىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك؛ھاماقەتنىڭ تاجىسى بولۇپيۈرگەنكەنمەن ،ئاقىللارنىڭ سۈپۈرگىسى بولۇشتىن قېچىپ؛تاماخورمۇ بولۇپتىمەنباشقىلارغا قىلغان ياردىمىمنى قەرزبېرىپ؛مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۆزۈمنى چوڭقۇرچۈشەنگىنىمدە بولسا شۇنى بىلىپ يەتتىمكى:ھازىر ئۆزۈمنى دۇنيانىڭ ئىچىدە ئەمەس بەلكى دۇنيا مىنىڭئىچىمدىكىدەك؛ئىلگىرى شارائىتتىن زارلىنارئىكەنمەن،ئەسلى بۇمىنىڭ ئەڭ چوڭيىتەرسىزلىكىم ئىكەن.ئەسلىدە قۇياش پەقەت قۇياش رەڭدە ئىكەن،دىمەك مەن تۇرمۇشۇمنىقانداق دەپ قارىسام شۇنداق بولىدىكەن،جەمىيەتمۇ ھەم……ھەممە ھەم . ……
مەنبە ئۆز قەلىمىم.
|
|