بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BizUchun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-18 12:36
ئۇيغۇرلار ئىددىيەنى قانداق يىڭىلايدۇ
يېقىندىن بۇيان مۇنبەرلەردە ئىدىيە توغۇرلۇق كۆپلەپ تېمىلار ئېلان قىلىندى ،بۇتېمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئوتتىرغا قۇيىمەن .
ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ،دىن ،مائارىپ ، مۇھىت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئۇچۇر مەسىلىلىرى بويىچە ئوتتىرغا قۇيۇلدى .
1.دىن
ئۇيغۇرلار جەمىيتىدە دىننىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن زور ،ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر دىننى ھېسسىياتى تۈپەيلى خەلقارالق مەسىلىلەر، پەنتېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە يېڭىچە پىكىرلەرگە بولغان پوزىتسىيەدە قايمۇقۇش ۋە توقۇنۇش پىسخىكىسىدا بولۇۋاتىدۇ ،تارىخقا قارايدىغانلا بولساق ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىسىدە ،ئىلىم -پەننىڭ پارتلاش خاراكتېرلىق تەرەققىياتقا ئېرىشىشى ۋە بۇئارقىلىق بايقالغان ،ئىسپاتلانغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ۋە باشقا دەلىللەر ،ئومۇمىي جەھەتتىن بارلىق دىنلارنىڭ ۋە ئىسلام دىننىڭ تونۇش ۋە ئەقىدە ئاساسلىرىغا زەربە بولدى ، سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىسىدە كۈچەيگەن ياۋروپا يېڭى دېڭىز يوللىرىنى ئېچىپ غەرىپتە ئامېرىكا ،شەرقتە ئاسىيا تۇپراقلىرىنى مۇستەملىكە قىلىشقا باشلىدى ،يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى كونتىروللىقىدىكى يىپەك يولى خاراپلىشىشقا باشلىدى ،شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا جاھانگىرلىكى ئىسلام دۇنياسىنى قورشاپ مۇستەملىكە قىلىشقا باشلىدى .شۇنداق قىلىپ 19- ئەسىرنىڭ باشلىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى قسىملىرى غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ،ئوتتۇرا ئاسىيادى تۈركىي مۇسۇلمانلار روسلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى .شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا مەغلۇبىيەتچىلىك پىسخىكىسى باش كۆتۈردى . بۇنىڭ نەتىجىسدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبى ئىسلام دىنى دەيدىغان ئىددىيەلەر باش كۆتۈردى ، مۇستەملىكە رايونىدا غەرىپلەشتۈرۈش ۋە روسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇلدى (ئەينى ۋاقىتتىكى ئىراننىڭ تارىخى رەسىملىرىنى كۆرسىڭىز ئاياللارنىڭ باشتاق كالتە يوپكىلار بىلەن كوچىلاردا يۈرگىنىنى بايقايسىز ). مۇشۇنداق پەيتتە دىننى ئالىملار دىننى ئىسلاھاتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ ،بەزى پىرىنسىپال مەسىلىلەردىن ۋاز كىچىشنى تاللىدى . بۇ ھەرىكەت تارىختا جەددىچىلىك دەپ ئاتالدى (جەدىد ئەرەبچە سۆز بولۇپ ئۇيغۇرچە ئىسلاھات دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ ) جەددىچىلەر ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دۇنياسىدا ئەسىرلەر بۇيى ساقلىنىپ كەلگەن قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى ئۇنى تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس دېگەن قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ،قۇرئاننى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ دېگەن قاراشنى ئوتتىرغا قويدى .ئىككىنچى قەدەمدە ئايرىمىچىلىق ۋە مەزھەپۋازلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن <<ئىمان بىلەن چۈشەنچىنى ئايرىش >>يەنى <<ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقى>> ئىمان مەسىلىسى << ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنىڭ قانداق رەۋىشتە ئىكەنلىكى >> چۈشەنچە مەسىلىسى ،ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە چۈشەنچىسىنى تېڭىش ،يەنى ئۆز چۈشەنچىسىنى ئىمان دەرجىسىگە كۆتۈرۈپ ،باشقىلارنىڭمۇپ ئۆزىگە ئوخشاش قارىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققى يوق ،چۈشەنچە تۈپەيلى باشقىلارنى پاسىق دەپ ھاقارەتلەشكە، ئىمانسىز دەپ مۇسۇلمانلىق دائىرسىدىن چىقىر ۋېتىشكە تېخىمۇ ھەققى يوق دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتىرغا قويدى ، ئەڭ مۇھىمى << ئاللاھنىڭ تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ ، قىلمۇ ئاللاھنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن تەۋرەيدۇ ،ئاللاھ ھەرقانداق شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە شەخسەن ئۆزى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ >>. دىگۈچىلەرگە قارشى <<ئاللاھ پۈتۈن كائىناتقا قانۇنىيەت بەلگىلىدى ،كائىنات قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ >> دېگەن قاراشتىكىلەر كۈپەيدى .
مەن ئوتتىرغا قويماقچى بولغان دىننى ئىدىيە دەل <<ئاللاھ پۈتۈن كائىناتقا قانۇنىيەت بەلگىلىدى ،كائىنات قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ >> دېگەن ئىدىيە ،ئۇنداقتا بۇقانۇنىيەت زادى قانداق قانۇنىيەت ؟ مەن بىرقانچە مىسال ئالىمەن .
بىرىنچى :كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يېڭىدۇ ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سىڭدۈرۈش ئەڭ مۇھىم بولغان بىر قانۇنىيەت ، تارىخ بىزگە ئىمانىمز ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ،ئىبادەتلىرىمىز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ،دۇئالىرمىزدا كۆزلىرىمىزدىن ياشلار تاراملاپ تۈكۈلسىمۇ ، ئاللاھ بىزنى ئۇ دۇنيادا جەەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ، بۇ دۇنيادا <<مۇھەممەد ئەلىھسالام >> ھايات ۋاقتىدىكىدەك بىز كۈچلۈك بولماي تۇرۇپ كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالپ كىلەمەيدىغانلىقىمزىنى ئىسپاتىلىدى .
(بۇ ھەقتىكى ئۇرۇش مىسللارى ئۈچۈن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن دېگەن ماقلىسىغان قارالسۇن )
ئىكىنچى:<<ئاللاھ >>مەنى سۇيۇقلۇقىغا ئادەم تۆرىلىدىغان قانۇنىيەتنى ئاتا قىلغان ،ئالىملار ئىككى ئانا بىر دادىدىن ھامىلە تۆرەلدۈشكە ئوخشاش تېخنىكىلارنى ئوتتىرغا قۇيىۋاتىدۇ ،بەزى مۇسۇلمانلار بۇنىڭىغا ھەيران بۇلۇشۇپ توۋا خۇدا دەۋاتىدۇ ،توقۇنۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ ،ئەمەلىيەتتە پەن - تېخنىكا ھېچقاچان << ئاللاھ>> نىڭ قۇدۇرتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ ،ئالىملار پەقەت <<ئاللاھ >> نىڭ دۇنياغا ئاتا قىلغان قانۇنىيەتلىرىنى بايقاۋاتىدۇ ،تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ،ئۇستىلىق بىلەن پادىلىنىۋاتىدۇ.
كېسەل بۇلۇش ۋە دۋالىنىپ ساقىيىش ۋە باشقا نۇرغۇن ............
شۇڭا دىننى ئۇستازلىرىمىز ،ۋە ھەرقايسى مەسچىت ئىماملىرىمىزنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ھەرقايسى دىىننى سورۇنلاردا <<ئاللاھ پۈتۈن كائىناتقا قانۇنىيەت بەلگىلىدى ،كائىنات قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ >> دېگەن ئىدىيەنى ئوتتىرغا قۇيۇپ ۋە تەشۋىق قىلىپ ،خەلقىمىزگە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يىڭىدىغانلىقىنى ،بۈگۈنكى دۇنيادا كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن ئىلىم -پەنگە نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ، ھازىرقى زامان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاجىز -كۈچسىز بۇلۇپ قېلشى دەل باشقىلاردا بار تېخنىكنىڭ مۇسۇلمانلاردا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەبلىغ سورۇنلىردا ئوتتىرغا قويسا خەلقىمىزنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرسە .
2.مائارىپ
ئاتا -ئانىلارنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن قاقشىشى ،ھەم ئۈزىنىڭ قىممەت قارىشىنى بالىلارغا تېڭىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن بالىلار مائارىپ تەربىيسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيەتتە بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرۋالىدىغانلار كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولسىمۇ ، يەنىلا بالىلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسىگە توغرا پوزىتسىيە توتمايۋاتىدۇ.
.جەنۇبى شىنجاڭدىكى يىراق سەھرالارغا نەزەر سالساق ،بىر كەنتىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ياشلار 3~4 ئادەم ،قارى بولغان ياشلار 15~20 ئادەم ،بۇجايلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلغان ، بۇبالىلار ئاساسەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغان ، ئاتا -ئانىلىرى باللىردىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىدۇ ،بۇلاربىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دۇنيا قارشى ،كىشىلىك قىممەت قارشىغا نەزەر تاشلىساق ،ئىنتايىن قالاق ئىددىيەلەرنى ئۇچرىتىمىز ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىماملىق ئورنىغا ئېرىشكەن بىز بۇنداق ئىماملارنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىشىدىن گۇمانلىنىمىز .
يەن ئاتا -ئانىلارنىڭ بالىلارغا ھۈنەر كەسىپ ئۈگۈتۈپ ،بالدۇرراق ئۆزىلىرىنىڭ ئىقتىسادى يۈكلىرىنى يېنىكلىتىش ئىستىكى، ئۇچۇقراق ئېيتساق ئىزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى ئالسا دېگەن كۆز قارشىمۇ بالىلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .
شۇڭا بالىلارنى مەيلى پەندە ئۇقۇتايلى مەيلى دىندا ئۇقۇتايلى ياكى كەسىپ ئۈگۈتەيلى بالىلىرىمىز تۇلۇق ئوتتىرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆگىتىش،دەسلەپكى قەدەمدە ياشلاردا ئومۇمىي يۈزلۈك تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسى شەكىللەندۈرشىمىز كېرەك .
جەمىيتىمىزدىكى ئىقتىسادى شارئىتى ياخشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈشىنى قوللاشنى ،ئەتراپىمىزدىكى ئۇقۇشى ئالاھىدە ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش ئارزۇسى بار ئەمما ئاتا -ئانىسىنىڭ ئختىزادى شارائىتى تۈپەيلى ئۇقۇيالمىغان بالىلارنى ئۇقۇش پۇلىنى تۈلەپ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشىمىز ،باشقىلار قىلغاننى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ،ياشلارنى ئۇقۇشقا ،ئۈگۈنۈشكە قىزىقتۇرۇش ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم(بۇ جەھەتتە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئيتىمەن).
قېرىنداشلار ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك دوكتورلۇق ئۇقۇغانلار بار بىلمەيمەن ،ئەمما ناھايىتى ئازلىقى ماڭا مەلۇم ، دۇنيا سەھنىسىدە ئەڭ نوچى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كىشىلەر ئويناۋاتىدۇ ،ئۇيغۇرلار بۇسەھنىدە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك .
3.مۇھىت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت .
مەن ئالدىنقى قېتىم خوتەنگە بارغان ۋاقىتتا باشتاق ماڭغان ئاياللارغا ماشىنىلاردىن بويۇنلىرىنى چىقىرىپ تۈكۈرۈپ قويغانلارنى كۆردۈم ،بۇنداق مەدەنىيەتسىزلىكتىن ھەيران قالدىم ،ھەمدە بۇھەقتە ئويلىنىپ ئۈزۈمنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىنى ئەسكە ئالدىم ،مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇ شقا چىققاندىن كىيىن ھەرخىل كىشىلەر قاتلىمى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتدە ،ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى كەمسىتىغان كىشىلەر توپى بىلەن ئۇچراشتىم ، ھەمدە مۇنداق ئىدىيەنى ئوتتىرغا قويدۇم ،ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق كىينىشى ئۇنىڭ شەخسى ئىش ھەرىكىتى، بىز باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ،باشقىلارنىڭ كىينىشى سەۋەبلىك كەمسىتمەسلىكىمىز ۋە چەتكە قاقماسلىقمىز كېرەك ، كىيىن چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىش باشقىلارنىڭ دىننى ئىتقادىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم ، دېمەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە مۇھىت بىزنىڭ كۆز قارشىمىزغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ،تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلايدۇ ، ئۇزۇن مۇددەت ئوخشاش مۇھىت ۋە ئوخشاش ئىددىيەدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش تەپەككۇرنى چەكلەپ قۇيىدۇ ، باشقىلارنى چۈشنىشنى خالىماسلىق پىخىكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ ،ھەرخىل كىشىلەر قاتلىمى ھەرخىل مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش كېرەك.
شۇڭا كۆپرەك ساياھەتكە چىقىش باشقىلار بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ،ئۈزىمىزدە قانداق ئەۋزەللىك ۋە قانداق كەمچىللىك بارلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ،ئەۋزەللىكنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەمچىللىكنى شاللىشىمىز ،ھەمدە باشقىلاردا بىز ئۆگەنگۈدەك ئارتۇقچۇلۇقنى بايقىساق ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك .
4. ئۇچۇر
مەتبەئە، رادىيو -تېلېۋىزور دىن كىيىن ئىنتېرنېت ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرى بىزنى يېڭىچە بىر ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىردى ،بۇرۇنقى نېمىنى تارقاتسا شۇنى كۈرۈشتىن نېمىگە ئېھتىياجلىق بولساق،نېمىگە قىززىقساق شۇنى كۈرۈش ئاڭلاش دەۋرىگە قەدەم قويدۇق ،ئىنتېرنېت دەۋرىدە ئۇچۇرلار ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولسىمۇ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىددىيسىگە ،قىزىقىشىغا ياقىدىغان ئۇچۇرلارنىلا كۆرۈپ ،دائىم ئوخشاش ئىددىيەدىكى كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى تۈپەيلى ئىدىيەسى يىڭىلانماي ئەكسىچە ،ئەسلىدىكى .ئىددىيەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملاۋاتىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر دىننى كىتاب ئوقۇيدۇ ،رومان ۋە باشقى يڭىچە ئىددىيەدىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى خالىمايدۇ ، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر دىننى كىتابنى ئوقۇشنى خالىمايدۇ ، بۇكىشىلەر كاللىسىدا ئۈزىنىڭ ئۇچۇر رامكىسىنى شەكىللەندۈرۋالغان ، بىز چوقۇم بۇ رامكىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،ھەرخىل ئىدىيە ھەرخىل كۆز قاراشتىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرۇشىشىمىز كېرەك ، ئەگەر ھەرقانداق بىر ئۇچۇر سىزنىڭ كاللىڭىزدا توقۇنۇش پەيدا قىلسا ،ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يېڭى ئىددىيەشەكىللىنىشنىڭ باشلىنىشى.
|