- تىزىملاتقان
- 2012-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 966
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
93.2%
|
ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» كىتاپ نامى:ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى ئاپتور:زۇلپىقار بارات ئۆزباش. نەشىر قىلىنغان ۋاقتى:2011-يىلى4-ئاي كىتاپ نۇمۇرى: ISBN978-7-5631-2464-0 چىرايىمدا نۇر بولمىسا ھېچ گەپ يوق،ئەمما قەلبىمدە ئىمان ۋىجدان بولسا،ماڭا بىردەملىك مەنپەئەت ئاتا قىلغان رىئاللىقىمغا ئالدانمىسام،ھاياتنىڭ مىنى ھالسىراتقان تۈگۈنچەكلىرىنى ماھىيتىدىن چۈشىنىشكە تىرىشسام،ماڭا تۇز بەرگەن تۇپرىقىمغا،سۈيۈش سۈيۈلۈش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان سۈيۈملۈك خەلقىمگە ئاسىيلىق قىلمىسام،روھىي دۇنيايىمنىڭ ھامان نۇر بىلەن تۇلىدىغانلىقى ئېنىق. ـــ زۇلپىقار بارات ئۆزباش يېڭى يىل كىرىشى بىلەن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە››ناملىق كىتابىنى ئوقۇشنى باشلىدىم،كىچىكىمدىن تارىخى رومانلارنى ياقتۇرۇپ،ئۇقۇشقا ئاددەتلەنگەن مەندەك بىر كىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بۇنداق كىتاپنى ئوقۇش ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى،كىتاپ ئوقىغاندا قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ ياخشى مەزمۇنلارغا سىزىپ ماڭىدىغان ئادىتىم بولغاچقا بۇ كىتاپنى ئوقىغاندىمۇ قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ سىزىپ خاتىرە قالدۇردۇم،بۇكىتاپ ئۆزىنى ئىزدەش،ئۆزىنى تۇنۇش توغرىسىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىلغان كىتاپ بۇلۇپ.كىتاپتا زۇلپىقار باراتنىڭ ئۆزىنىڭ مەمۇرى ئورگاندىكى يۇقىرى تەمىناتلىق خزمىتىدىن ۋاز كىچىپ ،توختىماستىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئامىركىنىڭ‹‹فورىد ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئىرىشىپ ئامرىكىنىڭ ھاۋاي ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىگە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىغا بارغانلىقى ۋە ئامرىكىغا بارغاندىن كىيىنكى تۇرمۇشى،ئۆگىنىشىنى ئەڭ ئاددىي تىل بىلەن سۆزلەنگەن. ئۇيغۇر جەمىيتى بىلەن ئامىركا جەمىيتىنى ئاددىي بولغان مىساللار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ خىل مەدىنىيەتنىڭ پەرقىنى روشەن ئىپادىلىگەن،ئۆزىنى ئىزدەش،ئۆزىنى تۇنۇش توغىرسىدىكى ئىزدىنىشلىرى،مۇلاھىزىلىرى،ئۆز مەدەنىيتىنى تۇنۇش توغىرسىدىكى كۆزقاراشلىرى مىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالدى،بۇندىن بۇرۇن ئۆزۈمنى ۋە جەمىيەتنى بەكلا چۈشىندىغاندەك ھېس قىلاتتىم،لىكىن بۇنىڭ ھەممىسى بىر قۇرۇق خام خىيال ئىكەن،بۇ خام خىيال كۆپىنچە بىزدە بۇلىدىغان‹‹ئۆزىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كىتىش كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن،بۇرۇن‹‹ئۆزلۈك››تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپتىمەن،ئۆزەمنىڭ كىملىكى توغىرسىدىمۇ ئويلىنىپ باقماپتىمەن،مەدەنىيەت دېيىلسە مىللىتىمىزنىڭ دۇتتار تامبۇر بىلەن ئورۇنلانغان ناخشىسىنى،خانىم قىزلىرىمىزنىڭ كىيىدىغان ئەتلىسى بىلەن يىگىتلىرىمىزنىڭ بېشىغا كىيىدىغان بادام دوپپىسىنى ئىسىمگە ئاللاتتىم،كىتاپنى ئوقۇغاندىن كىيىن‹‹ئۆزلۈك››كە بولغان تۇنۇشۇم ئاشتى،نۇرغۇن مەسىللەر توغىرسىدا ئويلاندىم،ئۆزلۈك،مەدەنىيەتگە بولغان چۈشەنچەم ھەسىلەپ ئاشتى ،شۇنى چۈشەندىمكى مىنىڭ‹‹ئۆزلۈك››توغىرسىدا ئويلىغانلىرىم تۇلىمۇ ئاددى تار مەزمۇندىكى ئۇقۇم ئىكەن،ھەتتا قىزىمنىڭ ئاغزىدا دىيىلىۋاتقان‹‹دادا››دىگەن بۇ سۆزمۇ تىگىدىن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدىم،چۈنكى بۇ ‹‹دادا››دىگەن سۆز بىزنىڭ ئانا تىللىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ بىر تەركىبى ئەمەسمۇ؟باشقىلارنىڭ مەدەنىيتىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى تۇلۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ.ئادەم ئۆزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزگىنمۇ چۈشىنىش،ھەرۋاقىت ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك،مانا بۇ ئۆزلىكنى ئىزدەشنىڭ جەريانى.بۇنىڭدىن كىيىن كىتاپ ئوقىغاندا كۆپ يۆنىلىشتە ئىزدىنىپ،پەقەت تارىخى كىتاپلارغىلا باغلىنىۋالماي جەمىيەتشۇناسلىق،تىلشۇناسلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ ئونىۋىرسال بىلىمىمنى ئاشۇرۇشنى،ئۆزۈمنى ئىچكىرلەپ چۈشىنىشنى لايىق كۆردۈم. كىتاپتىكى تاللانغان ئۈزۈندىلەر: 1. ئادەم بۇ دۇنيادا ئاخىرقى ھېساپتا نىمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟دىگەن سۇئالغا‹‹سۆيۈش سۈيۈلۈش ئۈچۈن››دەپ جاۋاپ بىرىلگەنلىكى ئوقۇغانمەن. 2. ھەرقانداق مىللەت چۈشكۈنلىشىش جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ،ئەمما چۈشكۈنلىككە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر مىللەتنىڭ پىشقان پىشمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم. 3. ئامرىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى،ئىلىم پەن مائارىپ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئىككى نۇقتىدىن ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن كۈچلۈك ۋاقىت ئېڭىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 4. تاگور:‹‹ئۆز تىللىمىز بىلەن دىيىلگەن سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دىيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ››. 5. ماڭا تۇز بەرگەن تۇپراقنىڭ مەندە قەرزى بار. 6. ئۆزۈڭنى تۇنۇ،ئۆزۈڭگە ئىشەن. 7. ‹‹بالا-قەلبىڭنى پاكىزلايدىغان سۇپۇن؛بالا-بىر خىل مەسئۇلىيەت›› 8. سەن ئۆتمۈشكە تاپانچىدىن ئوق ئاتساڭ،كىلەچەك سىنى زەمبىرەك بىلەن ئاتىدۇ. 9. يەر شارىنى خۇشخۇي ئادەملەر چۆرگىلىتىدۇ. 10. ‹‹بىزنىڭ بىلىشىمىز بىز باشتىن كەچۈرگەن تارىخ ۋە ياشاۋاتقان مەدەنىيەت مۇھىت تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ››كىنىسئاللان .
مۇكاپاتلىق تەسىراتلار ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرىمىزدە ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:«......» دىگەن تىمىدا كۈندە بىر سان ئېلان قىلىنىدۇ.ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە داۋاملىق قاتناشماقچى بولسىڭىز تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ مەنبە:ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى(www.uykitab.cn)
|
|