- تىزىملاتقان
- 2012-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 129
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
43%
|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇرتىبابەت دوختۇر خانىسىنىڭ يىڭى داۋاللاش بىناسى پۈتۈپ بىمارلار كۈندىن كۈنگە كۆپيشىگەئەگىشىپ كىرىپ چىقىدىغان ئاپتومبىللارمۇ كۆپەيمەكتە.دوختۇرخانا ماشىناتوختۇتۇش مەيدانىنى شەخسىگەكۆتىرەگە بىرىپ باشقۇرۇشقا تازاكۆگۈل بۆلمەۋاتىدۇ. كۆتىرەگە ئالغۇچى ئۇچىغاچىققان شەخسيەتچى قىزىل كۆز نۇمۇسسىز دىۋانە بولغانلىغى ئۈچۈن ھەرخىل ۋستىلەرنى قوللۇنۇپ دوختۇرخانىنى ئالداپ،ھەرمىللەت بىمارلىرىنىڭ قان تەرىنى شوراپ ئۆزىنى سەمىرتىپ دوختۇر خاننىڭ جەمىيەتتىكى ئابرويىغا نۇخسان يەتكۇزمەكتە.
كونكىرىت مەسىللە توۋەندىكىچە:
1-ئۈرۈمچى شەھەرلىك پىلان ئسلاھات كومتىتى 2013-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى ئىلان قىلغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى([1093]2013)نۇمۇرلۇق ھۆججىتدە يەنئەن يولى3-خىل رايون قىلىپ بىكتكەن3-خىل رايوننىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچمى كۈندۈزى سائىتىگە2يۇەن ،لىكن مەزكۇر دوختۇر خانىنڭ ماشىنا توختۇتۇش ھەققىنى كۆتىرە ئالغان قىزىل كۆز ئىزچىل 2-خىل رايۇن بويىچە سائىتىگە5يۇەندىن ھەق يىغدى.
2-ئۈرۈمچى شەھەرلك پىلان ئسلاھات كومتىتى 2014-يىلى6ئاينىڭ 25-كۈنى ئىلان قىلغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى تولۇقلىما ھۆججىتىنى ئىلان قىلىپ يەنئەن يولى داۋان يولىغەچەبولغان بۆلىكىنى 2-رايۇن قىلىپ ئۆزگەرىتتى. لىكىن مەزكۇر ھۆججەتتە دوختۇرخانىغا كىسەك كۆرسىتش ئۈچۈن ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەنلەر ۋە كىسەل كۆرسەتكۈچىلەرنى ئائىلەتاۋاباتلىرى ئاپتوموبىل بىلەن ئەكەلگەنلەنىڭ شۇ بىركۈنلۈك ئاپتوموبىل توختۇتۇش ھەققى كەچۈرۇم قىلىنىدۇ،بالنىستا ياتقانلاغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر ماشىنابىمار بالنىستا ياتقان كۈندىن بالنىستن چىققىچە (بالنىستىن چىقش رەسمىيىتى ئۆتەپ بولغىچە)ھەقسىزماشىنا توختىتىدۇ دەپ بىكتتى.
ئەمما بۇقىزىل كۆزكىسەل كۆرسىتش دورا ئىلىش ئۈچۈن مەزكۇر دوختۇرخانىغاكەلگەن بىمارلاردىن سائەت بويىچە ھەق ھىساپلاپ پۇل ئىلىۋاتىدۇ.دوختۇر خانامەسۇللىرىنى ئزدىگەنلەرنى ھەقسز چىقىرۋىتدۇ،نۇرغۇن بىمار ھەق ئالمايدىغاننى بىلمەيدۇ ياكى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ.ئەمىلىيەتتە دوختۇر خانىغاپۇل تاپشۇرغان يىشل بىلەتنى كۆرسۈتۈپ پۇل تۆلەشنى رەت قىلىشى كىرەكتى .بالنىستا ياتقان بىمارلار بالنىستقايىتش ئۈچۈن تۆلىگەن زاكالەت پۇل تالوننى كۆرسەتسە ياتاقتا ياتقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ كىرىپ چىقىش كارتىسى بىجىرسە ئاندىن ھەقسز دەپ ياتاقتا ياتقان كۈنى يەنە سائەت بويىچە ھەق ھىساپلاپ پۇل ئىلىۋاتىدۇ.
ئاتالمىش كىرىش-چىقىش كارتىس ئىسم كارتىسغائوخشاش كارتا بولۇپ بىرنى بىجىرسە2يۇەن پۇل ئالىدۇ،ئۇنىڭ ۋاختى بىر ھەپتە ئەگەر بىمار2ھەپتە بالنستا ياتسا4يۈەن تاپشۇردۇ .تىرە كىسەل ۋە باشقامۇرەككەپ كىسەللەر بالنىستا ئۇزۇن ياتسا مۇشۇ بويىچەھەق تاپشۇردۇ.بۇئاتالمىش كارتا ھەققىگە ھشقانداق تالون بىرىلمەيدۇ.ئۈرۈمچى شەھەرلك پىلان ئسلاھات كومتىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە بۇنداق ھەق ئىلش ئۆلچىمى يوق. مەزكۇر كارتىدىن 1000نى ياساتساپۈتۈش ھەققى 19يۇەن باھاسى 2پۇڭغىمۇ يەتمەيدىغان كارتىنى2يۇەندىن ساتدۇ تىخى بالنىستىن چىققىچەكۈچكە ئىگە ئەمەس،ھەپتىدە بىردىن ئالماشتۇرىمز.
يىغىپ ئىيىتقاندا بۇ ئىجارىگە ئالغۇچى ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھەرخىل ئۇسۇل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ مەزكۇر دوختۇرخانىغاكەلگەن ھەرمىللەت بىمارلىرىنى خالىغانچە قاقتى-سوقتى قىلماقتا،دوختۇر خانمۇباشقۇرۇشنى كۈچىيتمەي بىر كۆزىنى يۇمىۋىلىپ قىزىل كۆزگە شارائىت يارتىپ بەرمەكتە،يۇقارقى ئىشلارنى ئۆزبىشىمدىن كۆپ قىتىم ئۆتكۇزدۈم ۋە دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنى كۆپ قىتىم ئىزدەپ ئۆزەمنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىمنى قوغدۇدۇم.لىكىن كۆپ قىسىم بىمار ۋە ئائىلەتاۋاباتىلىرى قانداق قىلىشنى بىلمەي بۇنداق ۋجدانىنى سىتىپ كىسەل داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن بىمارلارنى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقان ۋىجدانسىزغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.
دۆلەتنى شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە مەن بۇۋجدانسز پۇل ئۈچۈن بىمارلارنمۇ قاقتى- سوقتى قىلىدىغانلارنى توردا ئاشكارلاپ كەڭ بىمارلارنىڭ ئۆز ھوقوق مەنپەتىنى قانۇنلۇق قوغدىشنى ئۈمۈت قىلىمەن .ئاخپارات ۋاستىللىرىدە ئىشلەيدىغان بۇتىمىنى ئەمەلى قىممىتى بار دەپ قارىغان دوسلار بولسا كۆپىرەك ئاخپارات ۋاستىسى ئارقىلىق تەشۋىققىلىپ بۇمەسىللەرنى ھەل قىلىپ كەڭ ھەرمىللەت بمارلىرىنىڭ ئاز بولسمۇئىقتىسادى بىسىمنى يىنىكلەتسەك.
|
|