كىتاب ئوقۇمايدىغان جۇڭگولۇقلار مېڭ شامېي
مەن گېرمانىيە فىرانكفوردتىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇردۇم. مۇساپە ئۇزۇن بولغاچقا بولغاچقا، ئۇخلاش ۋاقتىدا ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى چىراغلار ئۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى، مەن ئاۋايلاپ مېڭىپ تازىلىق ئۆيىگە باردىم. ئورنۇم بىلەن تازىلىق ئۆيى يىراق بولغاچقا تەبىئىيلا نۇرغۇن ئورۇنلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، توغرىسىنى ئېيتقاندا نۇرغۇنلىغان iPad لەر رېتىدىن ئۆتتۈم. ئۇخلىماي iPad ئويناۋاتقانلار ئاساسەن جۇڭگولۇقلار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن ھەممىسى ئويۇن ئويناۋاتقان ياكى كىنو كۆرۈۋاتقان بولۇپ، كىتاب كۆرۈۋاتقانلارنى ئۇچراتمىدىم.
مۇشۇ بىر كۆرۈنۈش كاللامغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئەمەلىيەتتە فىرانكفورت ئايرودرومىدا گېرمانىيەلىك يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىر ئىستاكان قەھۋە، بىر پارچە گېزىت، بىر پارچە كىتاب، ياكى بىرەر پارچە kindle، خاتىرە كومپىيوتېر ئېلىۋېلىپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقى ياكى خىزمەت قىلىدىغانلىقى دىققىتىمنى تارتتى. جۇڭگولۇق يولۇچىلار ئارىسىدىمۇ كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە خىزمەت قىلىدىغانلار بار، ئەمما كۆپ ئەمەس. كۆپىنچە كىشىلەر رەت-رەت تۇرۇپ مال سېتىۋالىدۇ ياكى يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىپ كۈلۈشىدۇ، مال باھالىرىنى سېلىشتۇرىدۇ.
جۇڭگو دۇنيادىكى نەچچە مىڭ يىللىق كىتاب ئوقۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەت، ئەمما ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ تىنچ ئولتۇرۇپ بىر پارچە كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكۈدەك سەۋر-تاقىتى يوقتەك قىلىدۇ. بىر قېتىم مەن جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كەلگەن فىرانسىيەلىك بىر دوستۇم بىلەن خوڭچىياۋ پويىز ئىستانسىسىنىڭ پويىز كۈتۈش ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پويىز ساقلاۋاتاتتۇق، ئۇ تۇيۇقسىز مەندىن:« نېمىشقا جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى تېلېفۇن سۆزلىشىدۇ ياكى تېلېفۇن ئوينايدۇ؟ كىتاب ئوقۇيدىغانلار يوقمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى.
مەن قارىسام ھەقىقەتەن شۇنداقكەن. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا تېلېفون سۆزلىشىۋاتقان، تېلېفون سۆزلەشمىگەنلىرى باشلىرىنى تىقىشىپ ئۇچۇر يوللىشىۋاتقان، مىكروبلوگ ياكى ئويۇن ئويناش بىلەن بەند ئىدى. شاۋقۇن-سۆرەن ۋە يەككە- يېگانىلىق ئىچىدە ئالدىراش يۈرۈشەتتى، بىر خىل ھۇزۇرلۇق خاتىرجەملىك، تىنچلىق كەم ئىدى. ياۋروپادا پويىزلارنىڭ سۈرئىتى جۇڭگونىڭكىدەك تېز ئەمەس، پويىز ئىستانسىسىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىمۇ ئىلگىرىكىدەك يۇقىرى ئەمەس، بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ، تېلېفون سۆزلەشكەن تەقدىردىمۇ ئەتراپىدىكى كىتاب ئوقۇۋاتقانلارغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بەكمۇ تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىشىدۇ.
ئەلۋەتتە، مەن جۇڭگولۇقلارنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس، نۇرغۇن ياشلار ھەر 10 مىنۇت ئىچىدە بىر قېتىم مىكروبىلوگقا ياكى ئۈندىدارغا قارايدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما مىكروبىلوگ ۋە ئۈندىدارنىڭ ھەددىدىن زىيادە مودا بولۇپ كېتىشىمۇ مېنى ئەنسىرىتىپ قويدى، بۇ ۋاستىلەر پەقەتلا بىرەر ئابزاس ئۇچۇرلارنىلا ئوقۇيدىغان، تورغىلا تاينىيدىغان يېڭى بىر ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارمۇ؟
ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب ئوقۇش ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ، باشقا بىر دۇنيادا كىتاب ئاپتورى بىلەن بىللە خۇشال بولۇش، ئازابلىنىش، غەززەپلىنىش، پىنھان بولۇش دېمەكتۇر. ئۇ بىر ئابزاس-بىر ئابزاستىن ئىچكى دۇنيارىڭىزغا كىرىپ مەنىۋىيىتىڭىزنى بېيىتىدۇ، ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ، ھېلىقىدەك پارچىلانغان قىسقا ئۇچۇرلار، كۆپتۈرۈلگەن قىسقا فىلىملەر ئۇنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ ئالالمايدۇ.
شۈبھىسىزكى، توردا بىر نەرسىلەرنى ئوقۇش پەقەت جۇڭگودىكىلا ئىش ئەمەس، بەلكى دۇنياۋىلاشقان ھادىسە. ئەمما غايەت زور نوپۇسقا ئىگە جۇڭگودەك بىر دۆلەتتە ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ سانى يەنىلا بەك ئاز نىسبەتتە.
راستىنى ئېيتقاندا، ھازىرقى جۇڭگودا ئادەمنى يالغۇز قويىدىغان ئەمما زېرىكىش ھېس قىلدۇرمايدىغان، ئۆزى بىلەن ئۆزى، ئۆز روھى، ئىچكى دۇنياسى بىلەن مۇڭدىشالايدىغان بوشلۇق كەم. تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، ھەممىمىز ۋاقىتلىق «ئېتىش» كە، ئۆز- ئۆزىمىز بىلەن سىردىشىشقا، كىتاب ئوقۇشقا، خاتىرە يېزىشقا، خىيال سۈرۈشكە، ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قېلىشقا شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىمىزنى تۈزىتىپ، روھىي بېسىمىمىزنى يېنىكلىتىپ، ئەركىن-ئازادە ياشاشقا مۇھتاج. بەلكىم بىز ئىقتىسادى يەنىلا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگودەك بىر دۆلەتنى بۇنداق ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەكتۇ، دېمىسىمۇ ئارتۇقچە ئالدىراشچىلىق، دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل بېسىملار دۆلەتنىڭلا خاتالىقى ئەمەس. بىراق مېنى تەشۋىشلەندۈرىدىغىنى، ئەگەر مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆز روھىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتسەك، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو بەلكىم بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىشى مۇمكىن.
مىنىڭ ئارزۇيۇم- ئاستىراق بولسۇن، ئازادە، كەڭتاشا بولسۇن!!!
مەنبە: «لىياۋۋاڭ شەرق ھەپتىلىكى». ئوكيان تورىدىن قەلبىنۇر تەرجىمە قىلدى
|