- تىزىملاتقان
- 2014-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1842
- نادىر
- 0
- يازما
- 99
ئۆسۈش
84.2%
|
بىز بۇ يىل 21 – يانۋار چۈشتىن كېيىن بىر ئۆمۈر «شائىرلىق كوچىسىنىڭ ئاچچىق دەردلىرى» نى يەتكۈچە تارتقان، 75 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مۆتىۋەر ئۇستاز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغىنىمىزدا، ئۇ مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا يۆلەپ قويۇلغان كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە يانپاشلاپ يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان ئىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
قارىمامسىلەر ئۇكىلىرىم، ئادەم قېرىغاندا ھېلىدىن – ھېلىغا ساقسىز بولۇپ، دوختۇرخانىنى تولا يوقلايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ قىشلىقىم تازا ياخشى ئەمەس، قىش كىردىمۇ بولدى، ئۇ يەر، بۇ يېرىمدىن چاتاق چىققىنى چىققان. تېخى بۇلتۇر 9 – ئايدىلا ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلگەنىدىم. ناھىيەلىك دوختۇرخانىنى يەنە بىر قېتىم يوقلاپ چىقتىم، دوختۇرخانىدىن چىققىنىمغا ئۈچ كۈن بولدى، دېدى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ.
ھايات كەچمىشلىرىڭىز توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسە دەپ بېرەمدىكىن دەپ كەلدۇق.
مەن بىر ئۆمۈر شېئىر بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەم، مەندىن باشقا نەرسە ئەمەس شېئىر چىقىدۇ، سىلەر يازغۇدەك تۈزۈك بىر نەرسە چىقماي قالارمىكىن!
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا ئالدىغا ئازراق قىمدىنىپ ئولتۇرۇپ، ھايات كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى باشلىۋەتتى...
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانى:
مەن 1940 – يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسىدا تۇغۇلدۇم، 1958 – يىلى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن چېنىقىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 1959 – يىلى چاپچال ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش پونكىتىغا ئورۇنلاشتىم، كېيىنچە چاپچال ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ئىشلىدىم. 1965 – يىلى غۇلجا ناھىيەسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئونيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم، 1989 – يىلىدىن 2003 – يىلى ئارامغا چىققانغا قەدەر كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم. مەن ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئېلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانى:
مېنىڭ «ئىلى دەرياسى» ناملىق تۇنجى شېئىرىم «ئىلى گېزىتى»نىڭ 1998 – يىلى 1 – ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 2000 پارچىغا يېقىن شېئىرىي ئەسەر ۋە نۇرغۇن ھېكايە، ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدىم. بۇنىڭ ئىچىدە 500 پارچىغا يېقىن ناخشا تېكىستىنى «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق» دېگەن نامدا ئىككى توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم. 300 پارچىدىن ئارتۇق غەزەل ئېلان قىلدىم، «تېنىگەن كۆڭۈل» ناملىق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمىلەر توپلىمىدىن باشقا، خاس شېئىرلار توپلىمىم 20 پارچىغا يەتتى. بولۇپمۇ مېنىڭ «ۋاي ئېسىت، ئونبەش چۆجەم» ناملىق ساتىرالار توپلىمىم ساتىرا ئىجادىيىتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شان – شەرەپلىرى ھەققىدىكى بايانى:
مەن نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، «سەن مەندەك بولالامسەن»، «دوستلارغا» ناملىق تۆت پارچە شېئىرىم تۆت قېتىملىق «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1992 – يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىرنىڭ بىرى بولدۇم؛ 2001 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم؛ «ئانا يەر قەسىدىسى» ناملىق توپلىمىم 1999 – يىلى مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 2014 – يىلى 11 – ئايدا غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ماڭا تون كىيگۈزدى. 1998 – يىلى ئىلىدا، 2003 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىم ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىم ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، نەتىجىلىرىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھازىرغىچە يۇقىرىقىدەك ئىزچىل نەتىجىلەر بىلەن كېلىۋاتىمەن، ھازىر كىشىلەر قەدىرلەپ يوقلاپ تۇرىدىغان، ياشلار زىيارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان، قەلەمنى ھېلىغىچە تاشلىمىغان بىر شائىر بولۇپ قالغاندەك قىلىمەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا خەلق شائىرى بولۇپ قالدىم، بۇ، ئالدى بىلەن شېئىرلىرىمنىڭ خەلق قەلبىگە ياققانلىقىدىن بولدى، دەپ ئويلايمەن.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تېمىسى ئاخىرى يەنە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمىزمۇ سەزمەي قاپتۇق.
مۇھەممەتجان ئاكا، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا دەخلى قىلىۋاتامدۇ – قانداق؟
مەن ساقسىز دېگەننى باھانە قىلىپ قەلەمنى تاشلىغىنى بولامدۇ؟! مۇشۇ كۈنلەردە قەلىمىم قەغەز ئۈستىدە ئارغىماقتەك چاپىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىرمۇ شېئىر، غەزەل، ناخشا تېكىستى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇۋاتىمەن.
خەلقىمىز سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ تويمايدۇ، شېئىر تېكىستلىرىڭىزگە ئىشلەنگەن ناخشىلارنى ئاڭلاپ قانمايدۇ، قەلىمىڭىزدىن بەرىكەت ياغسۇن ئاكا!
رەھمەت، يازىدىغان نەرسىلىرىم بەك كۆپ، ئۆمرۈم بولسا قەلەمنى تاشلاش خىيالىم يوق!
(مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، خالىدە ئوبۇل، مۇساجان مۇھەممەت)
|
|