ھىندىستان «چوڭ دۆلەتلەر ئويۇنى»غا قوشۇلدى فىلىپ ستېفېنس
دۇربۇننىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن قارىغاندا، دۇنيا قارىماققا سەل ئوخشىماي قالىدۇ. غەربلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى رۇسىيە دۆلەت قىساقچىلىقىنىڭ ياۋروپا تەرتىپىگە قارىتا تەھدىت پەيدا قىلىشىدۇر. يېقىندا مەن يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلغىنىمدا بىر خىل ئوخشىمىغان نەزەرنى بايقىدىم. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن غەربنىڭ تىركىشىشىدە پەقەت بىر ئۇتقۇچى بارلىققا كەلگەن: يەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پرېزىدېنت بولغان بىرىنچى ئېيىدىكى ئىپادىسى كىشىنى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ زامانىۋىلىشىشنىڭ قەدىمى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى مۆلچەرىگە يېتەلمىدى. ھىندىستاننىڭ سودا ماگناتلىرى شەخسەن ئاغرىنىپ، گەرچە باش مىنىستىر توغرا يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىقى بىلەن چوڭ ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇشىدەك رېئاللىق ئۇيغۇن كەلمىگەن.
نۇرغۇن كىشىلەر داغدۇغىلىق ئىسلاھاتنى كۈتمەكتە، ئەمما ھازىر ئۇلار ئېرىشكىنى بىر قاتارلىق ئەمەلىي لېكىن ھېچقانداق يېڭىلىقى يوق ئىلگىرىلەشتۇر. چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندىستان خەلق پارتىيىسى (باراتىيا جاناتا) ماھىيەتتە سودا قورۇقچىلىقىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. مودى چەتئەل كاپىتالى ۋە تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياج بىلەن مەزكۇر پارتىيە يولغا قويغان مۇداپىئە تىپىدىكى مىللەتچىلىك ئارىسىدا بىر چىقىش يولى تېپىشقا ئۇرۇندى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى بەك ئېھتىياتچان دەپ قارىدى.
دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئەكسىچە خۇشاللىق بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىرتقى جامائەتچىلىك مودىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارغا بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى، ئەمما خەلقئارا سەھنىدە مودىنىڭ ئىپادىسى ھەم ئاكتىپ ھەم ئۆزىگە ئىشەنچى بار. گەرچە مودى يېڭىلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بېشارەتلەر ھىندىستاننىڭ مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى بەرپا قىلىشنى قارار قىلغان دۆلەتتەك ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. مودى ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغان ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى كەلتۈرگەن (ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقدىشىنىڭ قارىشى) «ئۈچىنچى دۇنيالىشىش» كەلگۈسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپلا قالماستىن، يەنە ھىندىستان خەلق پارتىيىسى ئىچىدىكى تەبىئىي ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
مودى باش مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن توكيو ۋە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى، ئۇنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلمەكتە، ھەمدە ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىشى (بۇتان ۋە نېپال قاتارلىق ئۇزۇن مۇددەت ئۇنتۇلغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ھىندىستاننىڭ مەزكۇر رايوندىكى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئورنىنى سەل ياخشىلىدى. ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى يەنە ۋېيتنام بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى ھەمدە ئاۋسترالىيە بىلەن ئۇران سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم پۈتۈشتى. مودى نيۇيوركتا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ بىلەن ئىنتايىن دوستانە كۆرۈشتى، ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ يەھۇدىي دۆلىتىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
بۇ بىر قاتار دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە، بىز ئىككى ئۆز ئارا گىرەلەشكەن ئاساسىي لىنىيەنى تاپالايمىز. بىرىنچى ئاساسىي لىنىيەنىڭ مەركىزى بولسا چەتئەل مەبلىغى ۋە ئىلغار تېخنىكىنى جەلىپ قىلىشنىڭ جىددىيلىكىدۇر. ھىندىستاننىڭ ئەمەلىي كۈچى ئالدى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىشكە باغلىق. ياپونىيەدە ھىندىستان ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجلىق مەبلەغ ۋە تېخنىكا بار. ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسى لازىملىق دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بار. ئىسرائىلىيە سەزگۈر ھەربىي تېخنىكا سېتىش جەھەتتە نىسبەتەن كەڭ قورساق.
ئىككىنچى ئاساسىي لىنىيە بولسا بىخەتەرلىك ئىشلىرىدۇر. مودى تېخىمۇ ئېنىق بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. سەۋەبىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر كۈچى پاكىستان بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك چۈشىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چەكلەنمەيدىغان بولدى. جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەسىمۇ «مەرۋايىت زەنجىرى» ئىستېراتېگىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ، مەقسىتى ئۆزىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى تەسىر كۈچىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر. پات يېقىندا، جۇڭگونىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتى سىرىلانكاغا يېقىنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېجىڭ دائىرلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تېخى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان، ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلمىگەن ھىمالايا چېگراسىدا ھەربىي كۈچىنى ئۆستۈردى ھەمدە ھەربىي ئەسىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇردى.
ھىندىستان ئامالسىز ھالدا يادرو قورالى بار پاكىستان بىلەن يەنە ئۇرۇش پارتلاش خەۋىپىنىڭ باشتىن ئاخىر مەۋجۇتلۇقىنى تونۇپ يەتتى. 1962-يىلى، ھىندىستان جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ ھىندىستان ئاممىسىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربىگە ئۇچراتتى. شى جىنپىڭنىڭ قىلچە تەكەللۇپسىز رېۋىزىئونىزملىق دىپلوماتىيە سىياسىتى ھىندىستانغا يەنە بۇ ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتتى. 2014-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو ئارمىيىسى شى جىنپىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان پەيتنى تاللاپ چېگرىدىن ھالقىپ ھىندىستان زېمىنىغا كىردى. بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتى ھەرگىز مۇجمەل ئەمەس.
ھىندىستان خالىمىغان ھالدا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولدى. ھىندىستان ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. بېيجىڭ بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر ياپونىيەنىڭ مەبلىغى بار دېسەك، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
گەپ گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مودىنىڭ ھەربىر قېتىملىق دىپلوماتىيە ھەرىكىتى (بولۇپمۇ ئابې شىنزو بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى) ھىندىستاننىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈنسىېرى ئېشىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. مودىنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك ئىشەنچىسى بار، جۇڭگونىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزلىرىدا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى ئاشكارا تەنقىدلىدى ھەمدە ۋېيتنام دېڭىز ئارمىيىسىنى قوللىدى.
ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قايتىپ كەلسەك، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ھىندىستاننىڭ جۇڭگودىن مۇداپىئە كۆرۈشى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن «ھىندىستان-سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»دە ئىپادىلەنگەن ئىدى. ھازىر موسكۋا يەنىلا ھىندىستانغا ئاچقۇچلۇق دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى تەمىنلىمەكتە، ئەمما بۇ خىل مۇناسىۋەت كونىراپ كەتتى. پۇتىننىڭ كېلەركى ئايدا يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ قانداق يېڭى ئەھمىيىتى بارلىقىغا ناھايىتى ئاز ئادەم قىزىقىدۇ.
ئەكسىچە، ئۇكرائىنا كىرىزىسى پۇتىننىڭ جۇڭگونىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. غەربنىڭ ھەممىسى دۈشمەن بولغانلىقتىن، پۇتىن چوقۇم ئۆزىنىڭ شەرقتە يەنە دوستى بارلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ئادەمگە ئېھتىياجلىق پوزىتسىيەسىدىن تېزلىكتە پايدىلاندى. ھىندىستاننىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، موسكۋا ئىنتايىن تۆۋەن باھادا بېيجىڭ بىلەن تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمى پۈتۈشكەن.
يېڭى دېھلىدىكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، پۇتىن يەنە جۇڭگوغا رۇسىيەنىڭ نەچچە تۈرلۈك ئەڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارنى سېتىپ بېرىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.
جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئويلاپ يېتەلمەيدىغان نەتىجىلەرگە تولدى. بۇ قېتىم پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكى يېڭى دېھلىنى باشقا جايلاردىن ئىتتىپاقداش ئىزدىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن مەلۇم شەكىلدىكى رەسىمىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس، چۈنكى بارلىق ئىستراتېگىيە لوگىكىسى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇنىڭدا، رۇسىيە مەقسەتسىزلا ئۇلغايتىش رولىنى ئوينىدى.
ئاپتورى پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى. ئوكيان تەرجىمە قىلدى.
|