قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1193|ئىنكاس: 4

«تېلېفون بېقىندىلىرى» نېمىلەرنى يوقاتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

2

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 20:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تېلېفون بېقىندىلىرى» نېمىلەرنى يوقاتتى
ۋاڭ شىجۈن
ئايجامال ئىبراھىم تەرجىمىسى

كىشىلەر بارغانچە رېئال دۇنيادا ئۆزىنى نىقابلاپ، ئەكسىچە مەۋھۇم دۇنيادىلا ئۆزىنى ھەقىقىي ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىشتى. «تېلېفون بېقىندىلىرى»نىڭ باش كۆتۈرىشى دەل كىشىلەرنىڭ رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىنى ئەكس ئەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملىشىشى بىلەن، مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، يىغىن زالى، دەرسخانا، تاماق ئۈستىلى، ئۆچرەتتە تۇغانلار، ھەتتا ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار...ئىشقىلىپ ھەممە يەر بېشىنى تۆۋەن سالغان، بارمىقى تېلېفون ئېكرانىنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقان، ئەتراپتىكى دۇنيانى تامامەن ئۇنتۇغان ھالدا بارلىق زېھنىنى تېلېفون ئېكرانىغا مەركەزلەشتۈرگەن كىشىلەر توپىغا ئايلاندى. مانا بۇلار ئاتالمىش «تېلېفون بېقىندىلىرى»دۇر. ئىنگلىزچە Phubbing دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سۆز Phone (تېلېفون) بىلەن snub (ياتلىشىش) دېگەن سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تېلېفونغىلا بېرىلىپ كېتىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

تېلېفون كۆتۈرۈۋالغان «ئەمالار»

زور كۆپچىلىك تېلېفون بېقىندىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش شۇ كىشىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل مەقسەتسىز ھەرىكەت نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنى ئەكېلىۋاتىدۇ.
ئۆتكەن ئايدا سان-فرانسىسكودىكى مېتراودا يۈز بەرگەن بىر قاتىللىق دېلوسى تېلېفونغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان. كۈپكۈندۈزدە قاتىل مېترودا ئەزەلدىن تونۇمايدىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئېتىپ تاشلىغان. ساقچى تەرەپ ۋەقەدە يۈز بەرگەن سىنئالغۇ لېنتىسىنى تەكشۈرگەندە بايقىدىكى، ئەقلى-ھوشىنى يوقاتقان بىر ياش تۇيۇقسىز يېنىدىن قورال چىقىرىپ ئېگىز-پەس پۇلاڭشىتقىلى تۇرغان، ئەپسۇسكى ئەتراپتىكى يولۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن تېلېفون ئېكرانىغا كىرىپ كەتكەچكە، يېنىدىكى خەتەردىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر قالغان، ھەتتا قورالنىڭ تەپكىسى بېسىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار ھېچنېمىنى تۇيمىغان.
جۇڭگودىكى تېلېفون بېقىندىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرمۇ ئاز ئەمەس. تېخى يېقىندىلا 17 ياشلىق قىز ھەمراھى بىلەن دالا تامىقى يېگىلى چىققاندا، تېلېفون ئويناش بىلەن بولۇپ كېتىپ، يولغا قارىماي 15-16 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالىدۇ؛ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى نەنجىڭدىكى پويىز ئېغىزىدا بىر ئوغۇل بالا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تېلېفونغا بېرىلىپ كەچكەچكە، ھەتتا پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغان. ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان پويىز بۇ بالا بىلەن سۈركىلىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتكەن. بالا قورققىنىدىن يىقىلىپ چۈشكەن. تەلىيىگە يارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ قېتىملىق ۋەقە پويىزنىڭ مەجبۇرىي توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، پويىز نەق مەيداندا 18 مىنۇت تۇرۇپ قالغان.
ئامېرىكىنىڭ «پەن ۋە تۇرمۇش» تورىدا، تېلېفون بېقىندىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى كىشىلەرنىڭ تېلېفون، كومپيۇتېر دېگەنلەرگەن ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا سەل قاراشتەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتكۈزۈپ بەرگەن، دەپ كۆرسەتتى.
2009-يىلى غەربىي ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفېسسورى ئەيىل خەيمەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: ئۇ بىر قىززىقچىنى بىر چاقلىق ۋېلىسىپىتكە مىنىپ، مەكتەپ مەيدانىنى كېسىپ ئۆتۈشكە بۇيرۇغان. تېلېفون تۇتۇپ
ماڭغۇچىلاردىن پەقەت %25 ئادەملا بۇ قىزىقچىغا دىققەت قىلغان. ئۇ «پىسخولوگىيە ئۆگىنەيلى» دېگەن ماقالىسىدە بۇنى «دىققەت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئەمالىق» دەپ ئاتىغان.

پەن-تېخنىكا ئەكەلگەن ھۇزۇر ۋە ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى

نېمە ئۈچۈن كىشىلەر رېئال دۇنياغا سەل قاراپ، كىچىككىنە ئېكران ئىچىدىكى مەۋھۇم دۇنياغا شۇنچە بېرىلىپ كېتىدۇ؟ تېلېفون بېقىندىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئىنسانىيەت ئېھتىياجى ئورتاق رول ئوينىغانلىغىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
يەرشارىلاشقان كۆچمە تور 3G دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كۆچمە تور سۈرئىتى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 3Gلىق يانفون تېرمىنالى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن iPhoneنى نامايەندە قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىر مەيدان ئالاقە ئىنقىلابىنى قوزغاپ، يېپيېڭى ئىجتىمائىي مېدىيە ۋە كۆچمە ئەپ چەمبەرچەس باغلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى يۈزمۇيۈز پاراڭلىشىش ۋاقىت ۋە بوشلۇق جەھەتتىن قىسقاردى.
تىپىك «ئالتە كىشىلىك بوشلۇق» نەزەرىيەسى بويىچە، سىز بىلەن ھەرقانداق بىر كىشى ئارىسىدىكى ئادەم ئالتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سىز بىلەن ئوبامانىڭ ئارىلىقى پەقەتلا تىۋىتتىېر ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. كۆچمە تور ۋە تېرمىنال قاتتىق، يۇمشاق دېتالنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى مۆلچەرلىگۈسىز ئۆزگەرتىۋەتتى.
تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ۋاقتى خىزمەت، سورۇندارچىلىق، مەرىكە قاتارلىقلار بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئېشىپ قالغان پارچە-پۇرات ۋاقىتنى دەل كۆچمە تېرمىنالنىڭ كىرىستاللاشقان ئۇچۇرى تولۇقلايدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت باشقىلار بىلەن بولغا ئالاقە ئېھتىياجىنى دەل ۋاقتىدا قاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.
ئىجتىمائىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆچمە تېرمىنالنىڭ ئومۇملىشىشى پەن-تېخنىكىنىڭ جەمئىيەتنى يېتەكلەپ ئالغا ئىلگىرلەتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. شۇغىنىسى، ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۇنىڭ ئەكس تەسىرىنى قوبۇل قىلىشتەك بەدەلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

ئىنسانىيەت يانفون سەۋەبىدىن «چېكىنىپ كېتىدۇ»

ھوللىۋودنىڭ چوڭ ھەجىملىك كارتون فىلىمى «ماشىنا ئادەم» دە، مىلادىيە 2700-يىلىدىكى تېلېفون بېقىندىلىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: ئۇ ۋاقىتتىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بىراق، كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەمىرىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەر ۋاقىت ئۇلارغا يۈزلىنىپ تۇرغان ئېكرانلا مەۋجۇت. ئۇلار ئېكراندا سۆزلەشكەندىن باشقا ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولۇشنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئېكراندىن ئايرىلىپ ھاياتمۇ كەچۈرەلمەيدۇ...كېلەچەكتىكى ئىنسانلار راستلا مۇشۇنداق «چېكىنىپ» كېتەرمۇ؟ بۇنى بىز بىلمەيمىز. بىراق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئەكەلگەن ئەكس تەسىر ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.
مەركىزىي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە مەسلىھەت مەركىزىنىڭ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە: %77 كىشىنىڭ تېلېفونى ھەر كۈنى 12 سائەتتىن ئارتۇق ئوچۇق تۇرىدىكەن، %33.55 كىشىنىڭ تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدىكەن. %65 كىشى «ئەگەر تېلېفونى يېنىدا بولمىسا تىتىلداپ كېتىدىغان»لىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، توققۇز ئۈلۈش كىشى تېلېفوندىن ئايرىلالمايدىكەن.
«كۆزنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆرۈش ئىلمى» ژۇرنىلىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: كىشىلەر يانفون ئارقىلىق ئۇچۇر ئوقۇغان ياكى تورغا چىققاندا، كۆزنىڭ يانفون ئېكرانىغا مەركەزلىشىش كۈچى كىتاب كۆرگەن ياكى گېزىت كۆرگەنگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇ باش ئاغرىقى ياكى كۆزنىڭ ھەددىدىن زىيادە زورۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۇزاق ۋاقىت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكەندە، كۆزنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇپ، كۆزنىڭ سانجىلىپ ئاغرىشى، كۆزدىن ياش ئېقىش، نۇردىن قورقۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى؛ ئۇزاق مۇددەت ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ تېلېفون بىلەن ھەپلىشىش ئېغىر دەرىجىدە ئومۇرتقا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئېڭىشىپ ئولتۇرۇش ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى، سۆڭەك ئۆسۈش، قان تومۇر ياكى نېرىۋىنى بېسىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت يانفون ئويناش ئۇيقۇسىزلىق، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى، قول بارماق مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ھەددىدىن زىيادە يانفونغا بېرىلىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىيەلەر ھازىر يېڭى خەۋەر بولماي قالدى. تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، يول ماڭغاندا يانفون ئويناپ ماڭغانلارنىڭ ئوڭ-سولغا قاراش نىسبىتى %20 ئازلاپ، قاتناش ۋەقەلىرى %43 كۆپەيگەن. ئىستاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يانفونغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان يارىلىنىش زور كۆلەمدە ئاشقان. 2007-يىلى 600 نەپەر يولۇچى يانفون ئويناپ ماڭغانلىقتىن يارىلانغان. 2010-يىلى بۇ سان كۆپىيىپ 1500گە يەتكەن. تەتقىقاتلاردا ئاگاھلاندۇرۇپ:«بۇ ھالەت يەنە داۋاملاشسا، بۇنداق يارىلىنىش كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە بىر قاتلىنىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن.
بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار يول ماڭغاندا يانفون ئوينىغۇچىلارغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى تۈزگەن. ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئىشتاتى يېڭى قانۇن بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، يول ماڭغۇچىلار يانفوندا ئۇچۇر يوللىسا 85 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. تەيۋەندىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرگە جەرىمانە قويۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق

«دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق جاھاننىڭ ئۇ چېتى ئەمەس، بەلكى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا، سەن بولساڭ تېلېفون ئويناش بىلەن ئالدىراش.»  تور دۇنياسىدىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان بۇ سۆز كىشىلەرنىڭ يانفوننىڭ كىشىلىك ئالاقىدىكى رولىغا بولغان مۇرەككەپ ھېسىياتى. تور دۇنياسىغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىش ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، روھىي دۇنياسىغىمۇ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.
2012-يىلى 10-ئايدا چىڭداۋ شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئەپەندى ئۇكىلىرى بىلەن بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە كەچلىك تاماققا كېلىدۇ. تاماق ئۈستىلىدە بوۋاي كۆپ قېتىم نەۋرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەمما بالىلارنىڭ ھەممىسى يانفون بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، بوۋاي قاتتىق يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ ئاچچىقىدا چىنە-تەخسىلەرنى ئۆرۈۋېتىدۇ.
تېلېفونغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىش بىزنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر، خىزمەتداشلاردىن ياتلاشتۇرۇۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ «تۇرمۇشتىكى چوڭ پارتلاش» دېگەن فىلىمىدا كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇنداق بىر ھەجۋىي كۆرنۈش بار: راج قىز دوستى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئىككىيلەن سۆز قىلىشتىن ئۇيىلىپ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئاخىرىدا كۇتۇپخانىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، يانفوندىن پايدىلىنىپ بىر-بىرىگە ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلسا، ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغىنى تەرەققىياتمۇ ياكى چېكىنىشمۇ؟


يالغۇزلۇقنىمۇ، ئەپ ئۆتۈشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ

شەھەر مۇھىتىدا ياشاۋاتقانلار ھامان بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىدىغان يىراق سەھرا تۇرمۇشىنى سېغىنىدۇ. ھازىرقى بىنا ئۆيلەردە تەبىئىيكى، ئۇدۇل قوشنىمىزمۇ بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان ناتونۇش كىشىگە ئايلانغان.
تېلېفون بېقىندىچىلىرىنىڭ كۆپيىشى ئاددىيلا بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ قانداق قىلىپ پەن-تېخنىكا بىلەن ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش مەسىلىمىز بولۇشى مۇمكىن. گەرچە يانفون ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى كونترول قىلىنمىسا، تۇرمۇشىمىزغا ئاز بولمىغان ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر. ھەتتا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى چېكىندۈرۈپ، ھېسىيات بوھرانلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
پىسخولوگلار كىشىلەرگە يانفون ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئىمكان بار ئازايتىپ، تاشقى مۇھىتنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا، تېلېفوننى بىر ياققا قويۇپ، تىنچ مۇھىت ئىچىدە يالغۇز ياشاشنى ئۆگىنىۋالساق، تېلېفونغا زىيادە تايىنىۋېلىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
يانفون ئويۇنى ۋە تور بەتلىرى ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن بالىلىرىمىزنى ئاسانلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. بالىلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن مۇۋاپىق رەۋۋىشتە پايدىلىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، بالىلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشىغا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
تېلېفون بېقىندىچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسى بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆتكۈنچى ھادىسە بولۇشى مۇمكىن. ئىشىنىمىزكى، ئىنسانلار چوقۇم كۆچمە تېرمىنال ئىچىدىكى مەۋھۇم دۇنيا قانچىلىك ئېسىل بولۇپ كەتسۇن، يەنىلا رېئال دۇنيانىڭ گۈزەللىكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. پەن-تېخنىكا پەقەت ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى فىزىكىلىق ئارىلىقنىلا يېقىنلاشتۇرالايدۇ، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق يەنىلا رېئال دۇنيادا.

تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى


ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 22:27:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېلىغۇننى قىيامەتتە پەيدا بۇلۇدىغان ‹دەججال› مىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئۈزەمچە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

255

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34730
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 22:34:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تەرجىمە چوڭقۇر پىكىرلەركەن. ئۈندېدارلاپ تارقاتقۇدەكلا.. تەرجىمان ۋە تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا..!

0

تېما

0

دوست

235

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34818
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ماقالە ئىكەن،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.

0

تېما

0

دوست

557

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34535
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 23:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ماقالە ئىكەن،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )