قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1523|ئىنكاس: 8

مەكتەپكە ماڭغان بالامغا نىمىلەرنى دىدىم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

1

دوست

2938

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 23:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپكەماڭغان بالامغا نىمىلەرنى دىدىم؟
يۈسۈپ نەمەنشاھ


      پەرزەنتلەرنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشى ئاتا-ئانىلارنىڭ پۈتمەس تۈگىمەس خوشاللىقى ــــ خاتىرەمدىن.
   مەن مەكتەپكەماڭغان بالامغا نىمىلەرنى دىدىم؟ ھەر بىر ئاتا- ئانا بۇ مەسەلىنى ئويلىدى ياكى ئويلىمىدى؟مەن بالامغا مۇنداق تەربىيە ۋە ئىللىقلىقلارنى يەتكۈزدۈم.بالام ئەخلاقلىق بولۇش ،سالاملىشىش خوشال ياشاشنىڭ ئەڭ مۇھىمى كاپالىتى.
    سالام بىزنىڭ ئەڭگۈزەل ئەنئەنىمىز ،زامانى ئۇدۇم ئەخلاقىمىز.بالام سىزنىڭ سالام بېرىشىڭىز ئۇچىراشقان ئادەملىرىڭىزگە بولغان ھۆرمەت . ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنىڭ بىلەن سالاملىشىشىنى، سىزنىڭ ئۆزىنىڭ تىنىچ ئامان تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.شۇڭا سىز ئۇستازلىرىڭىزغا سالام بېرىڭ ،ساۋاقداشلىرىڭىزغا سالام بېرىڭ ،تۇققانلىرىڭغا سالام بېرىڭ .
     -قاراڭ بالام !ئاپتاپپەرەسمۇ كۈنگەكۈلۈپ قارىغاچقا كۈن ئۆز چېھرىدە ئۇنىڭغا كۈنلەپ ئۆتلۇق مېھىر ئاتاقىلىدۇ.ئاپتاپپەرەسمۇ شۇ سالامدا تاكى كەچكىچە كۈننىڭ مېھرىگە باقىدۇ.مانا بۇتەبىئەت شەئىلىرىنىڭ سالاملىشىش مىسالى.
سىز مەكتەپكە بارغاندا ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىڭىزبىلەن خوشال ھالدا سالاملىشىڭ. چۈنكى ئۇ سىزگە بەك ئامراق سىزنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپپاراڭلىشىدىغان ،سىزگە بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ ئىسىل بىلىگلەردىن دۇردانىلەر بىرىپ تۇرىدىغان ئىسىل ئادەمدۇر.ئىللىق تەبەسسۇملۇق سالاملىشىش ئۇستازلاردا سىزگە بولغان ئىشەنچكە يول ئاچىدۇ.
        ساۋاقداشلىرىڭىزبىلەن قىزغىن سالاملاشسىڭىز ئۇلار سىزدىن خوش بولىدۇ .ھەمدە مۇشۇنداق ياخشى ساۋاقدىشىنىڭ بارلىقىدىن سۆيۈنىدۇ. ئۇلار بىلەن تەتىل توغۇرسىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار ،خوش بولغان ئىشلار توغۇرلۇق سۆزلىشىڭ. بۇ خىل ھالەتتە ھەممە ساۋاقداشلىرىڭىزسالاملاشسا بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ ،سىنىپ ئىتتىپاقلىقى كۈچىيىدۇ.بۇئىسىل خىسلەتتە سىنىپ كوللىكتىۋى ئىززەت تاپىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئۇستازلارمۇ ھېرىپ كەتمەيدۇ. ھەممە ئىشتا «ئۇ ئۇنداق قىلمىدى،بۇ مۇنداق قىلمىدى ئەمەس،» سىز باشقىلارقىلمىغان بولسا بۇ ئىسىللىكنى ئالدى بىلەن باشقىلارغا تارىتىڭ.ھەممە نەرسەئۈگۈنىشتىن تاكامۇللىشىدۇ.
   بەزىدە، ئاتا- ئانىلىرى بىلەن بىللەكېتىۋاتقان قىسمەن بالىلار ،ئاتا-ئانىسى باشقىلار بىلەن قىزغىن سالاملاشسا ئۇبالىلار دۇنيادىن مۇستەسنا ئۇ كىشىلەرگە سالام قىلمايدۇ . مەجبورى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورىدا سالام قىلىدۇ.بۇ ئەدەپسىزلىك باشقىلارغا ئاتا- ئانىڭىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ! چۈنكى ئۇلار ئاتا- ئانىڭىزنىڭ دوستى ياكى مۇھىم ئىجدىمائى مۇناسىۋەتتىكى كىشىلىرى. شۇڭا دەيدىغىنىم چوقۇم ئاتا- ئانىلىرىڭىز بىلەن سىرتقاچىققاندا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بىلەن سالاملاشىڭ .بولمىسا ئاتا-ئاناڭىزنىڭ ياخشى بىر بالا تەربىلىمىگىنىگە يۈزدە دىمىگەن بىلەن كېيىنرەك دەپ قېلىشى ياكى شۇنداق ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.سالاملاشماسلىق ئەنئەنىدىن ،ئىسلىل خىسلەتلەردىن ياتلىشىش.قاراپ باققىن ئاپتاپپەرەس كۈن چىقمىغاندا قانداق ھالدا تۇرىدىكىن بىچارە!
    شۇڭا باشقىلارغاسالام بەرمىسىڭىز سىزمۇ ئاشۇ ھالاغا چۈشۈپ قالىسىز قوزام !باغۋەنمۇقۇرۇت چۈشكەن ياكى داغ چۈشكەن مېۋىدىن بىزار.شۇڭا ئىسىل خۇيلۇق بولۇڭ .ئاشۇ ئاتا-ئاناڭىزنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ئىسىللىگىڭىز بىلەنياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرۇڭ.

مەكتەپ تۈزىمىگە رىئايە قىلىڭ
    قانۇننىڭ ئۆزى بىر تەرتىپ ،ياخشى قانۇن بولسا ياخشى تەرتىپ بولىدۇ.ـــ ئارىستىتوتىل
   قانۇن تۈزۈم تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈدە تۇزۇمگە رىئايە قىلىڭ.چۈنكى ياخشى تۈزۈم ئاساسىداھەممە ئۆقۇغۇچىلار ياخشى ئوقالايدۇ.تەرتىپ بۇزۇلسا ئوقۇشمۇ بۇزۇلىدۇ.شۇڭا بۇنۇقتىغا ئاڭلىق بولۇڭ.كېچىكمەڭ،ئۇرۇشماڭ،باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ . ساۋاقداشلىرىڭىزغاياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىڭ .ياردەم قىلىپ بولۇپ ئۇلاردىن تاما قىلماڭ.چۈنكى ياخشىلىق تاماسىز بولىدۇ.ياخشى ئىشنى قىلىپ بولۇپ ئۇنى تاراتقۇلاردا ئىلان قىلىشياخشىلىق جۈملىسىدىن ئەمەس.چۈنكى ئاشۇ بىچارىلەر ياردەمگە ئۇچىرىغان ئاشۇكۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشنى خالايدۇ دەپ قالماڭ .چۈنكى خەلقىمىزدىن نامرات قالغانلارھەرگىز غورورىنى يوقاتمىدى؟! ئادىمىگەرچىلىگى ئالتۇندەك پاك ھالەتتە تۇرماقتا.تىۋىشسىز ياخشىلىق ياخشىلىقنىڭ ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىسى .ئۇ قانداقتۇر ئابرويپەرەس ياخشىلىققىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.

   يېڭى دەرسلەرنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك؟
   يېڭى نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش كىشىنى خوشاللىققا باشلايدۇ.ــــ خاتىرەمدىن
    نۇرغۇن بالىلار بۇ مەسىلىگە سەل قارايدۇ بالام.يېڭى دەرس سىزنىڭ دۇنيانى تونۇشۇڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئۇ قانداقتۇ مەجبورى ئۈگىنىش يولى ئارقىلىق بولسا ھەرگىزمۇ سىزدە ئۆزلىشىش گۈللىرى چېچەك ئاچمايدۇ.شۇڭا بۇ نۇقتىنى توغرا تونۇپ ھۇجۇدىڭىزغا خوشللىق گۈللىرىنى قوندۇرۇپ ،يۈكسەك ئىشەنچىڭىز بىلەن مەن بۇنى چوقۇپ بىلەلەيمەن دەپ تۇرۇپ ئۈگەنسىڭىز، ئاندىن ھەر بىر سائەتلىك دەرس سىز ئۈچۈن «خوش!»دەپ قول باغلاپ تۇرىدۇ.شۇڭا دەرس ۋاقتىدا سىنىپ ئىنتىزامى ياخشى بولىشى كېرەك .ئىنتىزامسىزلىق كۆرۈلسە سىىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتۇن ۋاقتى قۇربانلىققا ئايلىنىدۇ .شۇڭا ئاشۇ ساۋاقداشلىرىڭىز ئۈچۈن ئىنتىزامنى قاتتىق ساقلاڭ! دىققىتىڭىز شۇ سائەتلىك دەرستە بولسۇن.بىلىش دەرۋازىلىرىڭنى كەڭ ئېچىپ ئىلىم نۇرىنى قەلبىڭىزگە باشلاڭ.بىلەلمىگەن نۇقتىلارنى دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمدىن دەرھال سوراپ ئۈگىنىڭ ھەرگىز ئۇيالماڭ خىجىل بولماڭ .ئۈگۈنىش يولى ئۇيالغان خىجىلچانلارغا ئەڭ ئۆچ.شۇڭا ئۇلۇغلىرىمىز.«سوراسورا بىلىم ئاپتۇ ،ئۇيىلا ئۇيلا كېيىن قاپتۇ دىگەن.» شۇڭا شۇ كۈنلۈك يېڭى دەرسلەرنى شۇ كۈندە ئۆزلەشتۈرۈڭ.بىلەلمەسلىك كۈن ئاتلاپ قالسا تاپشۇرۇق شىرلىڭىزغا مىنىپ سىزنى ئاتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ئۆشنىڭىزدىكى ئېغىر يۈك كۆپەيگەنسېرى سىزنى ھالسىرىتىپ كۈندە بىئارام يۈرىدىغان ،ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمايدىغان،تېرىككەك،جىدەلخور قىلىپ قويىدۇ.شۇڭا ئەڭ مۇھىمى ياخشى بولغان چۈشىنىش ، ئۈگىنىش يولىنى تېپىش بەك مۇھىم قوزام!

    تەنەپىس ۋاقتى
    دەم ئېلىشنى بىلمىگەن ئادەم ئۇقۇشنىمۇ بىلمەيدۇ.تولۇقسىزدىكى مۇشۇ ۋاقىت سىزلەر ئۈچۈن بەكمۇئەھمىيەتلىك ۋاقىت .شۇڭا بىر سائەتلىك ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئورنۇڭىزدىنتۇرۇپ  سىرتلارغا چىقىپ سىرتنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەش ئېلىڭ.ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ ،چاقچاقلىشىپ ، كۈلىشىپ....ئوقۇغۇچىلىقنىڭ ئىسىللىگىدىن سۆيۈنۈڭ. ھەرگىزمۇ بېشىڭنى ئۈستەلگە قويۇپ يېتىۋېلىپ ھورۇنلۇق قىلما.قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىغان تەن قانداقمۇ ئىككىنچى سائەتلىكدەرسكە دىققىتىنى يىغالىسۇن.ھورۇنلۇقتىن يىراق تۇرۇڭ ئۇ ئىنساننى غەپلەتكە ،يوقسۇللۇققا ،مۆھتاجلىققا ، نادانلىققاباشلايدۇ.شۇنداق ساۋاقداشلىرىڭىز بولسا ئۇلارنى ھەركەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.ئۇلار يوقارقى ئىللەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمىسۇن.

    ھەممە پەنلەرنى ياخشى ئۈگۈنۈش ئادەمنىڭبىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل
   ھازىرقى بالىلاردا قىسمەن دەرسلەرگە قىزىقماسلىق دائىملىق ئىشتەك سىنىپتايامراۋاتىدۇ.بالام سىز ھەرگىز ئۇلارنى دورىماڭ .ھەممە دەرسنى قىزىقىپ ئاڭلاش مۇھىم ئۇ ئادەم تەپەككۇرىنى ،بىلىمىنى مۇكەممەللىككە باشلايدىغان مۇھىم ئامىل .شۇڭامائارىپچىلار بىزنىڭ ھازىرقى قوللىنىۋاتقان مائارىپ ئەندىزىسىنى تۈزۈپ چىققان.بەزى ئاتا –ئانىلار قاخشايدۇ.بۇ تۈزۈلمە دۆلىتىمىزدە قوللىنىۋاتقان ئۆزگىرىشى،رىياللىققا يۈزلىنىشى ئاستا بولىۋاتقان تۈزۈم.ئۇنى قاخشاش ھەل قىلالمايدۇ.شۇڭا سىزھەم ئوقۇتقۇچى بولغان دادىڭىزغا بىرلا يول بار ئۇ بولسىمۇ تىرىشىپ ئۈگىنىش.سىز تىرىشىپ ئۈگەنمىسىڭىز سىنىپتا بالىلارنىڭ كەينىدە قالىسىز. مەن تىرىشمىسام ئوقۇغۇچىلىرىم جەمىيەتنىڭ كەينىدە قالىدۇ.ئەمدى بۇ يەردە مېنىڭ پەلسەپەيىمدە «بىلمەيدىغان بالامەۋجۈت ئەمەس بىلدۈرەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى مەۋجۇت.» ئەمدى ئاشۇ بالىنىڭ ئەقلى جايىدىلا بولسا ئوقۇتقۇچى ئاقىل بولسا بالىنىڭ پىسخكىسىغا كىرىپ دەرس سۆزلىيەلىسىلا ئىشىنىمەنكى چۈشىنەلەيدۇ.شۇڭا بالام مەن سىزگە ئىشىنىمەن .سىز چوقۇم چۈشىنەلەيسىز.بىلمىگەننى ۋاقتىدا سوراڭ.

سىزمۇ  بىرىنچى  بولالايسىز!
      ئوقۇتۇش توغۇرسىدا نۇرغۇن كاتتا لاھىيە يازمىلار ھەممە يەرنى توشقۇزىۋەتتى. لېكىن مەن ئۇلاھىيە ،پەلسەپىلەرگە ئىشىنىپ كەتمەيمەن .چۈنكى رىياللىق زىمىندىن غايىپ بولسائەتىدىكى تاڭ يېڭى ئېھتىماللىقنى تۇغىدۇ.ھەرگىزمۇ تونۈگۈنكى رىياللىقنى تۇغالمايدۇ.بىزدە يېڭىچە ئاڭ ، ئالغا ئىنتىلىش لاھىيەسى دەۋىرگە خاس ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئىسىل ئىدىيە بەكمۇ بولىشى كېرەك.مەن ئاتا بولغۇچى سېزنى ھەرگىزمۇ مەن بولسىكەن دىمەيمەن .چۈنكى سىز مەن بولۇپ چوڭ بولغاندا ئاللىقاچان مېنىڭ زامانىم ئۆتكەن بولىدۇ .شۇ مەن سىزنى قىزىم ئەسمىنەئاي بولىشىنى خاسلىققا ئالغا ئىنتىلىش روھىغاباي  بولغان ،ئىلغار ئىدىيە  قابىل پىكىرلىك ئەخلاقى كامالەتلىك، قىزلارغاخاس ئىسىل قىز بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .بولسا مەندىن ئېشىپ مېنىڭدىن قالتىس بولىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن.
     بۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولى تىرىشىش قىزىم.سىزنىڭ سىنىپىڭىزدا 48 ئوقۇغۇچى بار ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى بولۇشقا تىرىشسىلا چوقۇم ئاشۇ بىرىنچى بولۇش تىزىملىكىدە ئۇلارنىڭمۇ ئىسمى بولىدۇ.شۇڭا سىزمۇ تىرىشىپ ئاشۇ بىرىنچىلىككە گۈل قاداڭ!
   بۇنىڭغا مەن سىزنىڭ ئادەتتىكىئىپادىلىرىڭىزگە قاراپ شۇنداق خۇلاسە چىقىرالايمەنكى سىز بۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسىز!سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىز قانچىكى ئىسىل ئۈگىنىش پىلانى تۈزىسىڭىزمۇ ،ئەڭ ياخشىھەركەت بولمىسا ئۇ قۇرۇق ئىش بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا يېڭى مەۋسۈمدىن باشلاپ ئەمىلى بولغانپىلانلىق ھەركەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرسۇن.شۇندىلا سىزمۇ بىرىنچى بولالايسىز!


    تازلىقنى سۆيۈڭ
   پاكىزلىقتىن گۈللەر ئايلانسا،پاسكىنلىقتىن كۈللەر ئايلىنار.ــ خاتىرەمدىن.
   تازلىقنى سۆيۈڭ قىزىم !پاكىزلىق ئاجايىپ ياخشى ھەركەتكى پاكىز ئادەمنى گۈل ئايلانسا،پاسكىنا ئادەمنى كۈللەر ئايلىنىدۇ.مەيلى سىنىپ تازلىقى ،شەخسى تازلىق،ئائىلە تازلىقى بولسۇن قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىڭ .مەكتەپتە تازلىقنى«سېنىڭ مېنىڭ »دەپتالشماي باشقىلارغا ئۈلگە بولۇڭ .ئازادە پاكىز مۇھىتتا دەرس ئاڭلىغاندا ئاشۇ پاكىزمۇھىت ئەقلى تەپەككۇرنى ئاشۇرىدۇ.شۇڭا پاكىزلىق ياخشى ئۈگىنىشنىڭ مۇھىمئامىلى.شەخسى تازلىق ئادىتى بەكمۇ مۇھىم شۇڭا بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماڭ.ئۆيدەخاس ئۆيىڭىزنى رەتلىك پاكىزە تۇتۇڭ بۇ سىزنىڭ ئادەم بولۇش يولىڭىزدىكى كىچىككارتىنىدۇر .چۈنكى ئاشۇ ئۆي سىزنىڭ رىياللىقتىكى جەننىتىڭىز.

   باشقىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ
   ساۋاقداشلىرىڭىز ئىچىدە باشقىلارغا تاللاپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم.چۈنكى بىرنەچچە قېتىملىق ئاتا –ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشىپ شۇنداق تەسىراتقا كېلىپقالدىم.بىر سىنىپتا تەڭ ئىلىم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ تەبىقە ئايرىممۇ ئامىلىدارچىلىق قىلىشى ياخشى ئىش ئەمەس.ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ياخشى- يامان بولسۇن،ئەمەلدار-پۇقرانىڭ بالىسى بولسۇن چوقۇم ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ . ئۇلارنىڭئايرىمىسى كەلگۈسىدە ھامان ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەركىتىگە تىرىشچانلىقىغا قارىتا ئۆزئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ.بۇ خىل ئايرىمىچىلىق ناچار ئىللەتتۇر! شۇڭا سىزئايرىمىچىلىق قىلماي ھەممىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.شۇندىلا ھەممە سىزگە ئىللىقباقىدۇ.

    سىزدە ئىجاتچانلىق روھى بولسۇن
    ئوقۇغۇچلارنىڭ دەرستىن سىرتقى بىرەر قىزىقىشى بۇلىشى ئۇنى تېخىمۇ زور خوشاللىقلارغائېرىشتۈرىدۇ.شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئەدەبىيات ،رەسىم سىزىشتىكى تالانتىڭىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇڭ.ئىجادىيەت كۈچىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇڭ.قىزىققان نەرسىدىن تېزئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .ئىجادىيەت روھىنى كىچىگىدىن يېتىلدۈرۈش بەكمۇياخشى.ئادەم بولغان ئىكەن دۇنياغا بىرەر نەمونە قالدۇرۇپ ياشاش ئەڭ ئەھمىيەتلىك شۇڭا ئاقىلار«ئىچىڭدىن كۆمۈر چىقسىمۇ تۆكۈپ كەت »دىگەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز قىزىقىشى بويىچە تېرىشىش بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش.شۇڭا سىزدە قوشۇمچە قىزىقىشنىڭ بولىشى ياخشى ئىش لېكىن ئۇنى چوقۇم قېزىپ مېڭىڭ!
     مانابۇ مېنىڭ بالامنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە ماڭغاندا دىگەنلىرىم.سىزچۇ بالىلىرىڭىزغا نىمىلەرنى دىدىڭىز؟دىمىگەن بولسىڭىز ئۇلارغا نىمىلەرنى دىمەكچى بولىۋاتىسىز؟چۈنكى بالىنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە  ئاتا-ئانىنىڭ مېھىرلىك تىلەكلىرىدە كۆكلىگۈسى!


                                                                                    2015-يىل 7-مارت قومۇل

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2073
توردىكى ۋاقتى: 823
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 02:07:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

454

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34750
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 23:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى

0

تېما

0

دوست

308

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 13:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ    مەنمۇ شۇنداق قىلىشقا  تىرىشىمەن

1

تېما

1

دوست

2164

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 21:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھەقىقى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، ھەم مەدەنىي ئاتا-ئانا ئىكەنسىز سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزمۇ كەلگۈسىدە سىزگە ئوخشاش  ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىدۇ

0

تېما

1

دوست

159

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34854
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 09:29:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ    مەنمۇ شۇنداق قىلىشقا  تىرىشىمەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4857
توردىكى ۋاقتى: 1410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 10:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ سانلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرى مەكتەپكە ماڭغانداق مۇشۇنداق ئىلمىي تەربىيە بېرەلىگەن بولسا، بەكلا خۇشاللىنارلىق ئىش بۇلاتتى. ھازىرىدىن باشلاپ  ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن بالىلىرىمىزغا ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ،ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ بۇلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى.

0

تېما

2

دوست

353

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   26.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34827
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 18:33:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئېغز-تىل بىلەن  قىلغان نەسىھەتكە قارىغادا    ئەھۋال-تىل  بىلەن  قىلغان  نەسىھەتنىڭ  ئۇنۇمى تىخىمۇ چوڭ بولىدۇ  .          شۇڭاباللىرىمىزدىن  نىمىنى  كۇتسەك ئالدى بىلەن ئۆزىمىز شۇنداق ياشاپ كۆرسىتىشىمىز كىرەك     .                                                               . ئۆزىمىز قىلمىغاننى بالىمىزغا ھەر-قانچە قورلىساقمۇ  قىلمايدۇ......،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )